باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«قۇرۇق قول چىقىپ كېتىش كاپالەتنامىسى» كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

2015.11.05 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سوت مەھكىمىسى : كېلىشىم بىلەن ئاجراشمىغان بولسا، «كاپالەتنامە» كۈچكە ئىگە بولمايدۇ

  شىخەنزە شەھىرى ئاھالىسى لۈەن × ۋە ۋۇ × ئەسلىدە بىر جۈپ ئەر – ئايال بولۇپ، بىر بالىسى بارئىدى. تويدىن كېيىن لۈەن × ۋە ۋە ئايالى ئارىسىدا داۋاملىق ئۇرۇش-تالاش يۈز بېرىدۇ. بىر قېتىملىق تالاش تارتىشتا، ئىككى ئادەم ئاچچىقىدا، ئەر - خوتۇن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تويلۇق مۇناسىۋەتتىن ئاجرىشىدىغانلىقى، ئەر - خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى يوقلىقى ۋە ئەر - خوتۇننىڭ ئورتاق مال - مۈلكىگە ئايال ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنى يازىدۇ.

  ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككەيلەننىڭ ئاچچىقى يېنىپ، تويلۇق مۇناسىۋەتتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەيدۇ. ئويلىمىغان يەردىن شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئايالىنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارلىقى ئېرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدۇ. تويلۇق مۇناسىۋىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، ۋۇ × بىر پارچە «ئايالى يولدىن چىقىپ، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەر - خوتۇننىڭ ئورتاق مال - مۈلكىگە ئەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقى» مەزمۇن قىلىنغان «كاپالەتنامە» يازىدۇ. كىيىن ئەر - خوتۇن ئىككىسى يەنىلا تويلۇق مۇناسىۋەتتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي، بەلكى داۋاملىق بىلەن بىللە تۇرىدۇ.

  يېرىم يىلدىن كېيىن ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلالمىغانلىقتىن، ئايالى ۋۇ × شىخەنزە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە كىلىپ ، لۈەن × بىلەن بولغان توي مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى، ئەر - خوتۇننىڭ ئورتاق مال - مۈلۈكىنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  سوت نەق مەيدانىدا لۈەن × ئاجرىشىشقا قوشۇلىدۇ. ئەمما مال - مۈلۈكنى تەڭ تەقسىم قىلىشقا قارىتا، سوتتا لۈەن × ئايالى يازغان «كاپالەتنامە»نى چىقىرىپ، «كاپالەتنامە»دە پۈتۈشكەن مەزمۇن بويىچە مال - مۈلىكىنى تەقسىم قىلىشنى ھەمدە بېقىش ھوقۇقىنى ئۆزىگە تەۋە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ۋۇ × كاپالەتنامىنى ئەر - ئايالنىڭ مال - مۈلكى ھەققىدىكى كىلىشىم دەپ قاراشقا بولمايدۇ، گەرچە توي تۇرمۇشىدا ئۆزى خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەر - خوتۇننىڭ ئورتاق مال - مۈلۈكى پۈتۈنلەي ئەر تەرەپنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولمايدۇ دەپ قارىغان.

  «قۇرۇق قول چىقىپ كېتىش كاپالەتنامىسى» كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

  سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، «كاپالەتنامە»دىكى ئەر - خوتۇننىڭ مال - مۈلكى ھەققىدىكى كىلىشىم كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ۋۇ × نىڭ تويلىشىشقا نىسپەتەن ھەقىقەتەن خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق، ۋۇ × ئۆزىنىڭ يولدىن چىققان قىلمىشىنىڭ يولدىشىنىڭ ھېسسىياتىنى ئېغىر زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئىككى يۈرۈش ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئورنى ياخشى، يەر كۆلىمى چوڭ بىر يۈرۈش ئۆينى ئەرگە بېرىشكە، ئۆزى يەنە بىر يۈرۈش كۆلىمى كىچىك ئۆينى ئېلىشقا، شۇنداقلا ئوغلىنىڭ بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، ھەر ئايدا بېقىش ھەققى بېرىشكە قوشۇلدى.

  دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش

  شىخەنزە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سودىيەسى بەي تىڭ: دۆلىتىمىزنىڭ « تويلىشىش قانۇنى»دىكى ئەر خوتۇننىڭ مال - مۈلكى ھەققىدىكى كىلىشىم بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پەقەت ئىككى تەرەپ ئاخىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ھەمدە خەلق ئىشلىرى تارمىقى ياكى سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ تويدىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى ئىختىيارىي بېجىرگەندە، كىلىشىم ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن دەۋالاشقۇچى ، كېلىشىم بىلەن ئاجراشمىغان بولسا،تويدىن ئاجرىشىشتىن بۇرۇنقى ئىمزالىغان مال - مۈلۈكنى بۆلۈشۈش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ دېلودىكى «كاپالەتنامە»دىكى ئەر - خوتۇننىڭ مال - مۈلكى ھەققىدىكى كىلىشىم قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.(مەرھابا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر