باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى ئومۇرتقا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر دوختۇر ئىلشات مۇھەممەد

2015.10.30 15:26   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى ئومۇرتقا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر دوختۇر ئىلشات مۇھەممەد

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلشات مۇھەممەد، كۆپ يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى ئومۇرتقا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇش جەريانىدا ئۆگىنىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بۇنىڭلىق بىلەن دوختۇر بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان. ھازىر ئىلشات بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىنىمۇ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

  ئىلشات خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ دوختۇرخانا مەملىكەت بويىچە سۆڭەك بۆلۈم سەۋىيەسى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا. ئۇ ئەينى چاغدا شىنجاڭغا قايتماي بېيجىڭدا قېلىشنى ناھايىتى ئاقىلانە تاللاش دەپ قارىغان چۈنكى بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە تەرەققىيات بوشلۇقى بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى : بېيجىڭدەك چوڭ دوختۇرخانىلاردا دوختۇر بولغاندا خىزمەت بېسىمى بەك ئېغىر، كەسىپداشلار ئارىسىدىكى رىقابەتمۇ كەسكىن شۇڭا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي بولمايدۇ، بىر داڭلىق دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر كۈنى ئون سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىمەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا ئۆگىنىمەن. ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغانغا كۆپ ۋاقىتىم يوق. دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان كۆپ يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم. بىزدەك سىرتتىن بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى بىر قەدەر چوڭ، شەھەر رايونىدا ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ، شەھەر رايوندىن يىراق جايلاردا ئۆي سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىش ئۈچۈن، بىز تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.

  ئىلشات بىزگە يەنە مۇنۇلارنى دېدى: بويۇن بەل ئومۇرتقىسى كېسىلى بارغانسېرى ياشلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، بويۇن بەل ئومۇرتقىسىنى ياخشى ئاسراش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن ئەلا. شەھەرلىكلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر بۇنىڭغا ئەگىشىپ بويۇن بەل ئومۇرتقىمۇ بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، بۇرۇن ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياشلاردا پەيدا بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بويۇن بەل ئومۇرتقا كېسەلگە گىرىپتار بولۇۋاتىدۇ. بويۇن بەل ئومۇرتقىسى كېسىلىنى كۆپ ھاللاردا داۋالاش تەس، تەننەرخى يۇقىرى، داۋالاپ ساقايتىش قىيىن بولىدۇ. شۇڭا، مەن كۆپچىلىكنىڭ بويۇن بەل ئومۇرتقىسىنى ياخشى ئاسرىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …