باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈندىداردا پۇل يۆتكەشتىن ھەق ئېلىش غۇلغۇلا قوزغىدى

2015.10.23 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 20 مىڭ يۈەندىن ئاشقاندا %0.1 رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ، ئۈندىدار بۇنىڭ بانكا رەسمىيىتىنى بىجىرىشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، كىچىك سوممىدىكى پۇل يۆتكەش ۋە قىزىل بولاقتىن ھەق ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

  ئۈندىداردا «پۈتۈن ھەقسىز» پۇل يۆتكەش دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئۈندىدار ئالدىنقى كۈنى ئۈندىداردا پۇل تۆلەشتە تەدرىجىي ھالدا پۇل يۆتكەش يېڭى رەسمىيىتى قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھازىر ھەربىر ئادەم ھەر ئايدا 20 مىڭ يۈەنلىك ھەقسىز پۇل يۆتكەش سوممىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولۇپ، ئېشىپ كەتكەن قىسمىدىن %0.1لىك رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدىكەن. تورداشلار بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئەمدى ئۈندىداردا پۇل يۆتكىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  %80 تورداشلار پۇل يۆتكەشتىن ھەق ئېلىنىشىغا قارشى تۇردى

  «ئۈندىداردا پۇل يۆتكەشتىن ھەق ئېلىنىش يېڭى بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار كەڭ مۇلاھىزە قىلىشتى.

  ئالدىنقى كۈنى سىنا تورىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %83.6 تورداش ئۈندىداردا پۇل يۆتكەشتىن ھەق ئېلىنىشىغا قارشى ئىكەن، پەقەت %8.4 تورداش ھەق ئېلىنىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن.

  بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئۈندىدار تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈندىداردا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىر پۇل يۆتكەش ئۈچۈن، سوممىسى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئىزچىل بانكىغا مۇئامىلە رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىم سوممىدىن ئاشقان قىسمى ئۈچۈن ھەق يىغىش ھەرگىزمۇ ئۈندىدارنىڭ تىجارەت كىرىمى تېپىش ئۈچۈن قىلغان ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۈندىدارنىڭ بانكا رەسمىيەت ھەققىنى تۆلىشى ئۈچۈن.

  ئۈندىدار تەرەپ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۈندىداردا پۇل تۆلەش سىستېمىسى ئۈندىداردىكى پۇل يۆتكەشنىڭ بالدۇرراق پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇشى ئۈچۈن بانكا تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىدۇ». ئىگىلىنىشىچە، ئۈندىداردىكى تۆۋەن سوممىلىق پۇل يۆتكەش ۋە قىزىل بولاقتىن ئاۋالقىدكلا ھەق ئېلىنمايدىكەن، ھەم بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن.

  ئەلى چىقىمدانىدا كۆچمە بۇيۇمدا پۇل يۆتكىگەندە داۋاملىق ھەقسىز ئىكەن.

  ئالدىنقى كۈنى، ئەلى چىقىمدانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئەلى چىقىمدانىنى ئىشلىتىپ پۇل يۆتكىگەندە ھەقسىز ئىكەن، بانكىنىڭ رەسمىيەت ھەققىنى ئەلى چىقىمدانى تولۇقلاپ تۆلەيدىكەن.

  ھازىرغىچە، ئابونتلار ئۈندىداردا بىر قېتىمدا بىر كۈندە 50 مىڭ يۈەن پۇل يۆتكىيەلەيدىكەن، ئايلىق چەكلىمە يوق ئىكەن. ئەلى چىقىمدانىدا پۇل يۆتكەش چەكلىمىسى بىر قېتىمدا 50 مىڭ يۈەن بولۇپ، بىر كۈندە 200 مىڭ يۈەن ئىكەن، تېلېفون ۋە كومپىيوتېردا ئوخشاش ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر