باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش ـ ئىزلىرى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالدى

2015.09.21 13:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش ـ ئىزلىرى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالدى

  ھەر مىللەت كادىر ئاممىلىرى مامكاپقا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئۇرۇقىنى چىچىشىمىز كېرەك دەپ بىلدۈردى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى13-تۇەنى 11-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى يۇ لياڭيىڭ ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى بىيىش يولىغا باشلاشتەك ئىش ئىزلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈرۈشتى، شىنجاڭدا ھەر بىر ئادەم يۇ لياڭيىڭغا ئوخشاش، كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قوغدىغاندەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى، مامكاپقا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىشى كېرەك، دىيىشتى.بۇ يىل 7-ئايدا «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەم» بولۇپ باھالانغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇبۇقسار شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى نۇرمەمەت نىياز مۇنداق دېدى: «يۇ لياڭيىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم بەكلا ئاز. بۇنىڭدىن كېيىن مەن يۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىپ، قوشنىلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ياشايمەن.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قەشقەر قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق يىتىمئۇزا يېزىلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاۋ گۇاڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى، يۇ لياڭيىڭنى ئۈگىنىش ئۈلگىمىز قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەر بىر ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەقىقىي مىھىر ـ مۇھەببىتىمىز بىلەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىمىز، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ياخشى قېرىنداش، دوست بولۇپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇ مۇنداق دېدى: « يۇ لياڭيىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ھەقىقىي مېھىر ـ مۇھەببىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۇنىڭ بۇ خىل روھىنى ياخشى ئۆگىنىشىم كېرەك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيىتىمىزدە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز لازىم، ھەقىقىي قەلب، ھەقىقىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىىشىمىز كېرەك. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر