باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قارىقاش ناھىيەسىدىكى دوختۇر ئەبەيدۇللا نەستۇللا: كوئىنلۇنغا بولغان سۆيگۈ

2015.08.04 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى) گۈزەل كوئىنلۇن تاغلىرى ئەلۋەك قار سۇلىرى بىلەن خوتەن دىيارىنى سۇغۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ سۇنىڭ شاپائىتىدە خوتەندىكى بوستانلىق بەرپا بولۇپ، كوئىنلۇن تېغى «تاغلارنىڭ ئاتىسى»دەپ نام ئالدى.

  كوئىنلۇن تېغى ئاستىدىكى قارىقاش ناھىيەسىدە بىر داڭلىق دوختۇر بار، ئۇ دوختۇر ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىگە تايىنىپ ھاياتى خەۋپ ئىچىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشتەك ئېغىر ئىجتىمائىي مەسئولىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، ئۇ ھېچقانداق نام ـ شەرەپ ۋە ئابروي قوغلاشماي ئۆزىنىڭ سۆيگۈ بابىنى يېزىپ چىقتى.

  ئۇ كىشى دەل ـ ئەبەيدۇللا نەستۇللا زىكرۇللا بولۇپ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى داۋالاش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى. داڭلىق ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە ئۇۋىلاش ئۇستىسى. ئۇ ئۆزگىچە بولغان ئۇۋىلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق سانسىزلىغان پالەچ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى چاچقان.

  ئەگەر سىز ئەبەيدۇللا ئۇستازدىن دۇختۇر بولغاندىن بۇيان قانچىلىك كىشىلەرنىڭ قەلبىگە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ئاتا قىلدىڭىز دەپ سورىسىڭىز، ئۇ ئېنىق بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ داۋالىغان كىشىلەر قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ تاشلىرىدەك كۆپ؛ ئەگەر سىز ئەبەيدۇللادىن قانچىلىك بىمارنى ھەقسىز داۋالىدىڭىز، ــ دەپ سورىسىڭىز، ئۇ تېخىمۇ ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىشى پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىمارنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىش.

  قەتئىيلىك بىلەن ئۆز ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىشزىكرۇللا ئۇيغۇر تىبابىتى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش مەركىزى قارىقاش ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، يول بويىدىكى كۆلمى 50 كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان بىر كىچىك ئۆي. بۇ ئۆينى ئەبەيدۇللا ئۆزى ئىجارىگە ئالغان. سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە كىرسىڭىز، تۆت ئەتراپى تام ئىشكابى بىلەن تولغان، ئىچىگە تۈرلۈك ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى تىزىلغان، بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسىنى زىكرۇللا ئۆزى تەييارلىغان، بۇ رىتسىپلارنىڭ بىر قىسمى ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن قالغان بولۇپ، بىر قىسمىنى ئۇ تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ چىققان. بۇ دورىلار ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇۋىلاش ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ياردەمچى دورىلىرى بولۇپ، قول ئارقىلىق ئۇۋىلاپ داۋالاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلسە ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ. تام ئىشكابىنىڭ كەينىدە، تۆت پارچە ئۇۋىلاپ داۋالاش ئۈستىلى قۇيۇلغان بولۇپ، پاكىزە، ئاپئاق كىرلىكلەر قۇيۇلغان بولۇپ، كىرگەن كىشىگە خۇددى مېھمانخانىغا كىرىپ قالغاندەك تەسىرات بېرىدۇ.

  ئەبەيدۇللا سۆڭەك كېسىلى ۋە مېڭە پارالىچ كېسىلىنى داۋالاشقا ئەڭ ماھىر، ئوكۇل ئۇرمايدۇ، ناركوز دورىسى ئىشلەتمەيدۇ، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق. بۇ يەرگە داۋالانغىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نامىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان بولۇپ، ئەڭ يىراق يەردىن كەلگەن بىمار غۇلجىلىق بىمار ئىكەن.

  بىمارنىڭ ساقلاپ ئازاب چېكىشى ۋە كېسىلىنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، بىمار قانچە كەچتە كەلسىمۇ ئەبەيدۇللا ئامال بار داۋالاشقا ئورۇنلاشۇرىدۇ، ئۇ كۈندە 12 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدۇ. بىر كۈن ئىشلەپ ئەبەيدۇللانىڭ پۈتۈن بەدىنى سىقىراپ ئاغراپ كېتىدۇ ھەتتا بىلەكلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ، بىراق بىمارنىڭ ئازابىنىڭ يېنىكلىگەنلىكىنى كۆرگەن ئەبەيدۇللانىڭ چېھرى نۇرلىنىپ چەكسىز شادلىققا چۆمىدۇ.

  چۈنكى بىمارنى داۋالاش ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىلا قارار قىلغان ئارزۇسى شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى.

  قاناتلانغان ئارزۇ

  ئەبەيدۇللا قارىقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسىدا تۇغۇلغان، بۇ جاي ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنى تېزىپ ئۆستۈرۈشتە ئۇزۇن تارىخى بولغان جاي. ئۇنىڭ بوۋىسى، دادىسى ئەل ئىچىدىكى دوختۇر بولغان، ئەبەيدۇللا كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر تىبابىتى ساھەسىدە تاۋلىنىشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتىگە چوڭقۇر قىزىقىش شەكىللەنگەن، بەش ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ قوشنىسىنىڭ بۇغۇم ياللۇغى سەۋەبلىك ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق ئازابلانغان ۋە دوختۇر بولۇپ بىمارلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

  2002-يىلى، ئەبەيدۇللا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئاكىسىنىڭ ياردىمىدە خوتەندىكى داڭلىق ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە ئۇۋىلاش ئۇستىسى ئابدۇللا مەخمۇتنى ئۇستاز تۇتۇپ، قېتىرقىنىپ ئۈگەنگەن. ئەبەيدۇللا تەبىئىي ئەقىللىق، ھەم تىرىشچان بولغاچقا، ئۇستازى ئابدۇللا ئۇنى ناھايىتى ياقتۇرغان ۋە بىلىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەبەيدۇللاغا ئۆگۈتۈپ قويغان. شۇ ئۆگەنگەنچە 10 يىل ئۈگەنگەن ئابدۇللا ئۆسمۈر بالىدىن ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە ئۇۋۇلايدىغان ئۇستا بىر ئۇۋىلىغۇچىغا ئايلانغان.ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەبەيدۇللا ئۇۋىلاش تېخنىكىسىنى ئەجدادلىرىدىن قالغان دورا رىتسپلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان زىكرۇللا ئۇۋىلاپ داۋالاش تېخنىكىسنى ئىجاد قىلغان.

  خوتەنلىك بېلى تۇتماس بولۇپ قالغان بالىنى بىر ئاي داۋالىغاندىن كىيىن ياخشى بولۇپ قالغان؛ يەكەندىن كەلگەن بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ كېسىلى ساقايغان؛ قارىقاش ناھىيەسى قارىقاش يېزىسىدىن كەلگەن 4 ياشلىق مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنى بىر ئاي داۋالىغاندىن كېيىن ئولتۇرالايدىغان بولغان. سانسزلىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان داۋالاش زېكرۇللا ئۇۋىلاش تېخنىكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى، ئەبەيدۇللانىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر