باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«يېتىم بالىلار» ئارقىلىق ئىئانە توپلاش ئەل ئارىسى ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى يوچۇقنى ئاشكارىلىدى

2015.07.06 12:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئىيۇننىڭ باشلىرىدا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك داخۇتيەن گۇروھىنىڭ مەسئۇلى خېبىي جىڭشەن ناھىيەسىدىكى دارىلئېتام ــ جۇڭخۇا لەنتيەن بالىلار كەنتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ ئۇلارغا ياردەم بەرمەكچى بولغان. شۇ ئاينىڭ باشلىرىدا مەسئۇل خادىم دارىلئېتامدا تەكشۈرۈششتە بولغان ھەمدە 500 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن قەلىبداشلار فوندى قۇرماقچى بولغان. 25-ئىيۇن، شىركەت قەلبداشلار فوندى قۇرغان، بىراق كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى پائالىيەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، جىڭشيەن ناھىيەسىدىكى 21 يېتىم بالىنىڭ پەقەت بىرىنىڭلا ھەقىقىي يېتىم بالا ئىكەنلىكى بايقالغان. قالغان بالىلارنىڭ ھەممىسى دارىلئېتام ھەر بىر بالىغا 500 يۈەن بېرىپ ياللاپ ئىلىپ كەلگەن ساختا يېتىم بالىلار ئىكەن. (2-ئىيۇل «يېڭى ئۇچۇرلار گېزىتى»نىڭ 20-بېتى)

  ئىش چىققانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن بالىلار كەنتى چاقماق تېزلىكىدە غايىپ بولغان. كىشىلەر ئۇ يەرگە بارغاندا بىنا قۇپقۇرۇق، ھەتتا ۋېۋىسكىلىرىنىڭمۇ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان. جۇڭخۇا لەنتيەن بالىلار كەنتىنىڭ تورى، مىكروبلوگى، ئۈندىدارىدا يەنىلا نومۇسسىزلارچە: جۇڭخۇا لەنتيەن ئۆسمۈرلەر كەنتى 2002-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يېتىم بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئوبيكتى قىلغان پاراۋانلىق ئاپپاراتى. خېبېي ئۆلكىسىدىكى قېيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، قوغداش ئورنىنىڭ نازارەت قىلىشى، يېتەكلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا قاراشلىق دېگەن خەتلەر تۇرغان.

  جۇڭخۇا لەنتيەن ئۆسمۈرلەر كەنتى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئەل ئارىسىدىكى ئاپپارات. بىراق بۇ ئاپپارات ئۆزىنى پەردازلاشقا ئىنتايىن ئۇستا، ئۇلار توختاۋسىز ھەممە يەرگە ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ «خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى»نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى جار سالغان ۋە بىز خېبېي ئۆلكىلىك قىيىنچىلىقتا قالغان ئۆسمۈرلەرنى قۇتقۇزۇش، قوغداش بىرلەشمىسىنىڭ نازارىتى، يېتەكلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا تەۋە دېگەن. ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى دەل ئۇلارنىڭ يوغان تۇغ ئاستىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىراق بۇ يەردە يەنە بىر قانچە گۇمانلىق نۇقتىلار بىزنى ئويلاندۇرىدۇ.

  ئالدى بىلەن، خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان ئىكەن، نېمىشقا نازارەت قىلمايدۇ؟ جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاش ئۈچۈن، ئۇلار نومۇسسىزلارچە ئاممىنى رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى، بىر رول ئالغان بالىغا 500 يۈەن «رول ئېلىش»پۇلى بەردى. بۇ پەقەت مۇشۇ قېتىمدا ئاشكارىلانغان ئىش. بۇ ئاپپارات قۇرۇلغىلى نۇرغۇن يىللار بولغان، بۇنداق ئويۇن زادى قانچە قېتىملاپ قۇيۇلغان؟ ئەپسۇسلىنارلىقى، ساختا يېتىم بالىلار قويغان ئۇيۇندا، خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرى پىدائىي تاماشىبىن بولغان. بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان خەلق ئىشلىرى بۆلۈمى تەستىقلىغان تۈرلۈك بىرلەشمە جەمئىيەتلىرى نۇرغۇن بولۇپ مەسىلە كۆرۈلگەنلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز، جەمئىيەت ئاپپاراتلىنى تەستىقلاشتا كۆپرەك ئېھتىيات قىلىش كېرەك، شۇنداقلا كىم تەستىقلىسا شۇ باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ھۆكۈمەت ئورگىنى زادى نېمىشقا يەنە تاماشىبىن بولۇپ بېرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن جەمئىيەت ئاپپاراتلىرى، خەلق ئارىسىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئارقىسىدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئىبارەت سايىسىغا ئالىدىغان بىر سايىۋىنى بولىدۇ. بىزنىڭ ئىچكىرىلەپ سورايدىغىنىمىز، بۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى قول ئاستىدىكى تەشكىلاتلار نېمىشقا ئىجتىمائىي ئاپپاراتلار ۋە خەلق ئارىسىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆىدۇ؟ بۇ ئېنىقلا پايدا ـ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بىلەن باغلىنىشلىق، قانچىلىك جەمئىيەت ئاپپاراتى، خەلق ئارىسدىكى تەشكىلاتلار بۇ خىل ئىمتىيازدىن بەھىرلىنىۋاتىدۇ؟ خۇددى لەنتيەن ئۆسمۈرلەر كەنتىگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى بۇ سايىدايدىغان چوڭ دەرەخ خېبىي ئۆلكىلىك قىيىنچىلىقتا قالغان ئۆسمۈرلەرنى قۇتقۇزۇش، قوغداش بىرلەشمىسى، بۇ بىرلەشمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى دەل ھۆكۈمەت تەرەپ.

  ئەڭ ئاخىرىدا، پاراۋانلىق قۇتقۇزۇشى زادى نېمىشقا جايىنى تاپالمايدۇ؟ ئېنىقكى، مالىيە كۈچى چەكلىك، ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ بولغان مالىيە كۈچى ئاجرىتىپ تېخىمۇ ياخشى بولغان قۇتقۇزۇش ياردەم ئىلىپ بېرىشقا ئامالسىز بولغانلىقتىن جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەرگە تايىنىپ بۇ قىيىنچىلىقنى يەڭمەكچى بولغان. ساخاۋەتچى ئانا، ساخاۋەتچى دادىلار چۈشۈپ كەتكەندە بىر پاراۋانلىق قۇتقۇزۇش ياردەملىرىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ باقساق تۇغرا بولاتتى، ئاممىغا تايىنىپ قۇتقۇزۇش ئىلىپ بارغان تەقدىردىمۇ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك ئىدى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، يېتىم بالىلارنى بېقىشتا يەنىلا ھۆكۈمەتكە تايانغان ئەۋزەل. ھۆكۈمىتىمىز يەنە ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشىپ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ياخشى قىلىدۇ. مالىيە كۈچى يەتمىسا ھۆكۈمىتىمىز ئامما ئارىسىدىكى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا باش بولۇشى، ياۋا ئاتنىڭ باغلىقىنى يېشىۋەتمەسلىكى كېرەك.

  شياڭگاڭدا، بارلىق ئىئانە پائالىيەتلىرى ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ، تەستىقلىنىشى كېرەك، ئىئانە قىلىشنى ئويلىسىلا ئىئانە قىلسا بولمايدۇ، تەستىقلانغاندىن كېيىنكى ئىئانە يەنە ئادەم ئەۋەتىلىپ نازارەت قىلىنىدۇ. بىراق، ئىچكىرىدە بولسا تامامەن باشقىچە: يەر تەۋرىسە كوچىنىڭ ھەممە يېرىدا ئىئانە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كىشىلەر يۈگرۈپ يۈرۈشىدۇ. نامراتلاشسا، كوچىنىڭ ھەممە يېرىدە خەير ـ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ماشىنا ساتىدۇ. ئەمما، كىم بۇلارنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئايرىپ چىقالايدۇ؟ ئاممىنىڭ شۇنداق ئۆتكۈز كۆزى بارمۇ؟

  «ساختا يېتىم بالىلارغا ئىئانە توپلاش» ئامما ئارىسىدىكى ئىئانە پائالىيەتلىرىدىكى يوچۇقنى ئاشكارىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر