خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 8- مارت تېلگىراممىسى( مۇخبىر مەلىكەم خەۋىرى): بۈگۈن خەلقئارا ئاياللار بايرىمى، ھەم يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىكىكى يىغىن مەزگىلىدىكى بىر كۈن. نۇرغۇن ئايال ئەزالار ھەر يىلنىڭ مۇشۇ كۈنىدە ئالدىراش خىزمەت ئىچىدە بايرام ئۆتكۈزۈدۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىدۇ.
بۈگۈن ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى فاتىمە ماخمۇتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئۇ خۇشخۇي ھالدا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى. ئۇ زىيارەت تېمىسى باشلانغاندا 2008-يىلدىن باشلاپ ئۇدا سەككىز يىل ئىككى يىغىن مەزگىلىدە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى پەخرلىنىپ سۆزلىدى. «ھەر يىلى 56 مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ ناھەيىتى خۇشاللىق ھېس قىلدىم» دېدى ئۇ.
فاتىمە ماخمۇت مۇنداق دېدى:«ھازىر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئاياللار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلدى».فاتىمە ماخمۇت دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئۆزبېك ئايال ئادۋۇكات، ئاياللارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، بولۇپمۇ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تەربىيەلىنىشى قاتارلىق مەسلىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاياللارغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىغا بولغان مائارىپنى كۈچەيتىش كېرەك، مائارىپ ئارقىلىق ھەر بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ». مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىدە ئۇ ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلار خىزمىتى قاتارلىق مەسلىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ جەھەتتىمۇ تەكلىپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى