باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتى ساھىبى» پاتىگۈلنى زىيارەت(1)

2015.01.30 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى مۇخبىرى ھەبىبە ئىسمائىلنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى؛ ئۇيغۇر يازغۇچى پاتىگۈل ھەدىمىزنىڭ «يۈز يىللىق قانداشلىق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2014-يىللىق «خەلق ئەدەبىياتى»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن گەرچە كېچىكىپ ۋاقىپ بولغان بولساممۇ، لېكىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم. مەن پاتىگۈل ھەدىمىزنى 2012-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىداتونۇغان ۋە ئۇنىڭ تىل ۋە تەپەككۇردىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبى مېنى جەلپ قىلغان ئىدى. يىغىن ئاخىرلىشىپ پاتىگۈل ھەدىنىڭ ياتىقىغا كىرگەچ پاراڭلىشىپ پاتىگۈل ھەدىنىڭ ئارغۇن ئائىلىدە تۇغۇلۇپ(دادىسى ئۇيغۇر، ئاپىسى خۇيزۇ)چوڭ بولۇپ، يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياشىغاندىن كېيىن ئۆزى ھېس قىلغان مەدەنىيەت پەرقى، مەدەنىيەت توقۇنۇشى، پىسخىكىلىق داۋالغۇشلار، مەدەنىيەت گىرەلىشىشلىرى شۇنداقلا يۇرتىغا بولغان سېغىنىشلىرىنى قەغەز يۈزىگە پۈتۈش ئارقىلىق ئۆزىگە روھىي ئۇزۇق ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدىم. پاتىگۈل ھەدىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى مەن شۇڭا ئاددىي بولسىمۇ، كېچىكىپ بولسىمۇ بۇنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەجبۇرىيىتىم ۋە بۇرچۇم دەپ قاراپ ئىلخەت ئارقىلىق قىلغان قىسقىچە زىيارىتىمىنى دوستلارغا سۇندۇم.

  يازغۇچىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ئۇيغۇر يازغۇچى پاتىگۈل 1965-يىلى شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى كونا ساۋەن بازىرى دالياڭپو كەنتىدە تۇغۇلغان. «يۈياۋ گېزىتى» مۇخبىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياۋ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، يۈياۋ شەھەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، يۈياۋ شەھەرلىك پارتىيەسىز زاتلار جەمئىيىتى پەنلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش ئەدەبىيات» مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. جۇڭگو يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

  ئەدەبىي ئەسەرلىرىدن يېقىندا نەشىردىن چىققان رومانى «يۈز يىللىق قانداشلىق»، نەسىرلەر توپلىمى «يوقالغان ئانا»، «سىرلىق يۇرت»، «قوزىچاق بىلەن ئورتاقلاشقان مەخپىيەتلىكلەر»، «شالغۇت كەنت» قاتارلىقلار بار. نەسىر قىلىنغان ئەدەبىي ئاخبارات توپلىمىدىن « ياۋجياڭ خاتىرىلىرى » (نىڭبو نەشرىياتى نەشىر قىلغان)، نەسىرلەر توپلىمىدىن «قوزىچاق بىلەن ئورتاقلاشقان مەخپىيەتلىك» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان) قاتارلىقلار بار. ئۇ «خەلق ئەدەبىياتى»، «ئامما»، «دۇنيانىڭ چېتى»قاتارلىق ژۇرناللاردا 400 مىڭ خەتتىن ئارتۇق، نەچچە ئون پارچە نەسىرى تۈرلۈك تاللانما نەسىرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇنىڭ «تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق نەسىرى 2012-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «نەسىرلەردىن تاللانما»2012-يىللىق ئەڭ ئالىي مۇكاپات خۇاۋېن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2012-يىللىق 4-نۆۋەتلىك نەسىرلەر مۇكاپاتى شىنرۇي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نەسىرى «سېغىنىش مىقدارى» 2013-يىللىق مەملىكەتلىك نەسىرلەر مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. نەسىرى «تىل تارتىۋالغان تىل» 2014-يىللىق خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «بىز ئاقلانمىغان گۈرۈچ ئۈستىدە بىر قىش ئۇخلىدۇق» ناملىق نەسىرى 2012-يىللىق تاللانغان نادىر ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.

  ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى «دۇنيانىڭ چېتى»، «شىنخۇا تەرمىلىرى»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «نەسىرلەردىن تاللانما»، «نەسىرلەر ‹چەت ئەل نۇسخىسى›»، «قىزىل پۇرچاق»، «شاڭخەي ئەدەبىياتى»، «خۇاڭخې ئەدەبىياتى»، «غەربىي يۇرت»، «غەربىي جەنۇب ھەربىي ئىشلار ئەدەبىياتى،»، «جېجياڭلىق يازغۇچىلار»، «ئەنخۇي ئەدەبىياتى»، «گۇاڭشى ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىيات ۋە كىشىلىك تۇرمۇش» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. «تەقلىدچىىنىڭ تۇرمۇشى» تۇنجى«شىنجاڭنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش ئەدەبىيات» مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2010-يىلى نەشىر قىلىنغان نەسىرلەر توپلىمى «قوزىچاق بىلەن ئورتاقلاشقان مەخپىيەتلىكلەر». 2012-يىلى نەشىر قىلىنغان نەسىرلەر توپلىمى «شالغۇتلاشقان كەنت»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى كىتاب تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر