باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قەلبىڭىزدە 2014-يىلدىكى ھەقىقىي چولپان كىم؟

2015.01.12 13:55   مەنبە: خەلق تورى

قەلبىڭىزدە 2014-يىلدىكى ھەقىقىي چولپان كىم؟

  2014-يىلى قىزغىنلىققا تولغان بىر يىل بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيدى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يەنىمۇ تېزلىتىلدى. يېڭى يىپەك يولى تەسەۋۋۇرى دۆلەت مۇھىم ئىستىراتىگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى، يادرولۇق ئورۇندىكى شىنجاڭ شۈبھىسىز ھالدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ كۆز تىكىدىغان نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئادەمنى دېسەك، ئەڭ مۇھىمى 200 مىڭ كادىرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، خەلقنىڭ ھالىغا يېتىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئۇل سالدى؛ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى دېسەك، شىنجاڭ خەلقىمۇ تېز پويىزغا ئولتۇرالايدىغان بولدى، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ۋىلايەت-شەھەرلەردىن ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيە ئېچىلدى، مەسىلەن پېقىر تەھرىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېيجىڭدىكى ئاقسۇ خەلقى ئەمدى ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالماشمايمۇ بىۋاسىتە ئۆيىگە قايتالايدىغان بولدى.

  بۇ بىر يىلدا، تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە پەزىلىتىنى نامايان قىلدى. مەسىلەن ساھىبجامال ئانا گۈلمىرە «جۇڭگو نەپىس ئۇسسۇلى»نىڭ چېمپىيونلۇق تاجىنى كىيدى؛ چەتئەلدە تالانتىنى راسا نامايان قىلىۋاتقان پەرھاد خالىق «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ ئىككىنچىلىكىنى ئالدى، بىراق ھەممە ئۇنىڭغا ھەقىقىي چېمپىيون دەپ باھا بەردى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ فوتوگرافى قۇربانجان سەمەت «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابىنى نەشىردىن چىقىرىپ، پۇل تاپتى، تېخىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئۇنى قوبۇل قىلدى سوقماق شاھى ئادىلجاننى بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى دېسەك ئارتۇق كەتمەس، بىر تەرەپتىن سوقماق سېتىپ راسا پۇل تاپتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنىمۇ قولدىن بەرمىدى، ئاپەت رايونىغا سوقماق تارقىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك پەزىلىتىنى نامايان قىلدى ۋە جۇڭگو تور ئىشلىرى 2014-يىللىق تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. تەكلىماكاندىن كەلگەن ئاق خالاتلىق پەرىشتە مەلىكە مۇھەممەت سەئىدى ئىتالىيەدە ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە بولغاچ، ئىتالىيەدىكى جۇڭگولۇقلارغا داۋالىنىشتا قولايلىق يارىتىپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇقلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى تونۇلغان رىياسەتچىمىز نىغمەت راخمان كەسپىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى، يېقىندىكى خەۋەرگە قارىغاندا، نىغمەت بەلكىم بۇ يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى «بىرىنچى ئەر رىياسەتچى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن؛ ئامېرىكىدا ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياش ئابدۇلخەبىر گېزىت-ژۇرنال، رادىئو-تېلېۋىزىيە، تور دېگەننىڭ ھەممىسىدە نامايان بولدى؛ قىزچاقلارنىڭ قەلبىدىكى مەبۇد نۇرئەلى ئابلىز بىر تەرەپتىن دەرس سۆزلەپ پۇل تاپسا، يەنە بىر تەرەپتىن تور-تېلېۋىزىيەلەردە نامايان بولۇپ، قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى، بەزىدە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىسە بەزىدە ساياھەت قىلىپ كۆپچىلىكنى ھەۋەس قىلدۇرۇپ، يىگىتلەرنىڭ ھەسىتىنى قوزغىدى.

  قابىل تەڭرىتاغ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە بىر-بىرلەپ دەپ بولالمايمىز، ھازىرچە دۆلەت ئىچىدىكى سەھنىلەردە ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان بىر قانچە تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىنى تىزىپ باقايلى، ھەممىسى ئۆز ساھەسىدىكى يەڭگۈچىلەردۇر، بىراق قايسىسى كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى؟

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى يېقىندا ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق نامسىز بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە، «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»دا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن پەرھات خالىق ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي يەڭگۈچى بولۇپ قالدى. سوقماق شاھى ئادىلجان ۋە ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئابدۇلخەبىرنىڭ بېلەت سانى ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى بولدى. ھەممەيلەن ئۆز ساھەسىدىكى يەڭگۈچىدۇر، خۇددىي «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»دىكى يېتەكچى ۋاڭ فېڭ ئېيتقاندەك، ھەقىقىي يەڭگۈچى قەلبىمىزدىدۇر.

  مەنبە: خەلق تورى



ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…
      ·سايلام غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەردوئان نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
      ·شىنجاڭدىكى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر…
      ·تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى
      ·قوش تىل مائارىپى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى
      ·مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى نەدە؟
      ·ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان تاجىكىستان شاخرىنا تىرانسف…
      ·قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى
      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن