باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«ياخشى ئادەم» ئابدۇھېلىم خەلق گېزىتىغا چىقتى

2014.09.29 10:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 4-بېتىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام كادىرى» سەھىپىسىگە ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان بىرىنىڭ سۆرىتى بېسىلدى، بۇ كىشى دەل قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر، قۇمۇل شەھىرى خۇيكاڭ باغچا مەھەللىسىنىڭ قانۇن مەجبۇرىيەت تەشۋىقاتچىسى، جامائەت پاراۋانلىقىغا ئۆزىنى ئاتىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئامراق «ياخشى ئادەم» ئابدۇھېلىم ئابلىز.

  46 يىلنىڭ ئالدىدا، 17 ياشلىق ئابدۇھېلىم بىلەن 5 ساۋاقدىشى بىرلىكچە تۈمەن كېلومېتىر يولنى بېسىپ لەنكاۋ ناھىيەسىگە كېلىپ، ياسىلىۋاتقان جياۋ يۈلۇ قەبرىستانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن ئىدى. ھەر قېتىم جياۋيۈلۇ خىزمەت قىلغان جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، جياۋ يۈلۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە خاتېرە سۆرەتكە چۈشكەنلىرىنى ئەسلىگىنىدە 64 ياشلىق ئابدۇھېلىم ناھايىتى ھاياجانلىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «46 يىلدىن بۇيان مەن جياۋ يۈلۇ ئىش-ئىزلىرىنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، جياۋ يۈلۇ روھى ئىزچىل مېنى ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ياخشى ئادەم بولۇشقا ئۈندىدى».

  46 يىلدىن بۇيان ئۇ جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ ۋە جاراڭلىتىپ، تىرىشىپ جياۋ يۈلۇ روھىنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى ۋە ئىز باسارى بولۇپ كەلدى. 2014-يىلى 16-ئىيۇن، قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە ئىلغار نەمۇنىچى بولۇپ، خېنەننىڭ لەنكاۋ ناھىيەسگە بېرىپ ئۆگىنىپ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولغان ئابدۇھېلىم ئابلىز جېڭجوۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇردى. ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم قەلبىدىكى ماياك ـــ جياۋيۈلۇ قەبرىستانلىقىغا بارالايدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا ئۇ قاتتىق ھاياجانلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر