خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مۇقان سەنئەت ئۆمىكى» 25-سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەيدان سەرخىل ئويۇن قويۇپ، مەيداندىكى مىڭغا يېقىن تاماشىبىننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مۇقان سەنئەت ئۆمىكى» بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ مۇقام مۇزىكا ئەترىتى ۋە ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، 2013-يىلى قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇقام مۇزىكا ئۆمىكى قۇرۇلغاندىن بۇيان باشتىن ئاخىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مۇزىكىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى ئاساسىي مەقسەت ، تېخىمۇ كۆپرەك مۇنەۋۋەر مۇزىكا ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى نىشان قىلىپ، كۈنسىرى تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە يەرلىك ئەنئەنىۋىي مۇزىكا ئۆمىكى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇزىكا ئۆمىكى «ناۋا مۇقامى مەخسۇس مۇزىكا كېچىلىكى»، «چەبىيات مۇقامى مۇزىكا كېچىلىكى»، «ئۆزھال مۇقامى مۇزىكا كېچىلىكى» قاتارلىق كۆپلىگەن مۇزىكا كېچىلىكلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىم، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇقام مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ ئارتېسلىرى بېيجىڭغا كېلىپ، مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى، بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتى ۋە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكى قۇيۇق ئۇسسۇل، مۇزىكا، ئايالچە يالغۇز كىشىلىك ناخشا ۋە مۇقام نومۇرلار كۆپچىلىكنى سىرلىق، بىپايان، گۈزەل دۇنياغا باشلاپ كېرىپ، غەربىي يۇرت ئۇسلۇبىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئويۇن «جۇلا مۇقامىدىن ئارىيە»دىن باشلاندى، ئارتېسلارنىڭ گۈزەل ئۇسسۇلى نەق مەيداندىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن ئۇيغۇرچە چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان «ناۋا مۇقامىدىن ئارىيە»، «تاشۋاي»، ئايالچە يالغۇز كىشىلىك ناخشا «يېپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى»، قازاقچە ئۇسسۇل «قارا يورغا»، دولان مۇقامىدىن «باشباياۋان» قاتارلىق سەرخىل نومۇرلار تاماشىبىنلارغا شىنجاڭدىكى ئۆزگىچە بولغان غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. ئەڭ ئاخىرىدا 25 مىنۇتلۇق «پەنجىگاھ مۇقامىدىن ئارىيە» ۋە مەشرەپ سورۇننى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇردى.
مەنبە: خەلق تورى