باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي: ئون ئىككى مۇقامنى قېزىپ راۋاجلاندۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتېرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

2014.05.13 16:40   مەنبە: خەلق تورى

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي: ئون ئىككى مۇقامنى قېزىپ راۋاجلاندۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

  خەلق تورىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 9-ماي كەچتە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى يىغىن زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  

  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىسى، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي مۇئەللىم خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق سۆزلەپ: «بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىككى قاناتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ بىرى يازما ئەدەبىيات بولۇپ، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۈر شائىرى ئەلشىر نەۋائىي ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ پىر ئۇستازى؛ ئاماننىساخان بولسا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ پىر ئۇستازىدۇر. ئىگىلىشىمىزچە، بىز بۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىزنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنى تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى تېخىمۇ قېزىپ تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۇقىرى بالداققا كۆتىرىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشتە تولىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
      ·يەسلى مائارىپىغا 5يىلدا 400مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بول…
      ·مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېر…
      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ