باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر توغرىسىدا

ئەخمەتجان ھوشۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

2014.04.30 09:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەخمەتجان ھوشۇر 1968-يلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كورلا شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. ھازىر كورلا شەھەر يېڭشەر يېزا مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

  ئەخمەتجان ھوشۇر بىر تەرەپتىن دەرسخانا ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بولغان ئۇچۇر، مائارىپ تەشۋىقات خىزمىتىگە چەكسىز ئىشتىياق باغلاپ كەلدى. 1995-يىلدىن ھازىرغا قەدەر "شىنجاڭ گېزىتى"، "شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى"، "ئىقتىساد گېزىتى"، "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"، "ئاسىيا كىندىكى گېزىتى" قاتارلىق گېزىتلار، "شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى"، "مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسى"، "بايىنغولىن خەلق رادىيو ئىستانىسى" قاتارلىق رادىئو ئىستانسىسىلىرى، شۇنداقلا «تەڭرىتاغ تورى»، «جۇڭگو رادىيو تورى»، «خەلق تورى» قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى گېزىت-ژورنال، رادىيو-تېلىۋىزىيە، تور قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر -ماقالە، فوتو-سۆرەت ۋە ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىدا "ئۇلۇغ ئىنسان"، "سەبىينىڭ خىيالى"، "سىرداشلار"، "مەڭگۈلۈك ھەمراھ"، "سەھرا"، "بوستان چاچ"، "كۈتۈش"، "دىدار غەنىمەت"، «دادا....مەن بۇ يەردە»، «ساڭا بىر گېپىم بار» قاتارلىق بەدىلىكى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان فوتو-سۆرەت ئەسەرلىرى بايىنغولىن ئوبلاست، ئاپتونوم رايون، بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-2،ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

  بىز ئەخمەتجان ھوشۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر