uyghur.people.com.cn ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر توغرىسىدا
ئەخمەتجان ھوشۇر 1968-يلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كورلا شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. ھازىر كورلا شەھەر يېڭشەر يېزا مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئەخمەتجان ھوشۇر بىر تەرەپتىن دەرسخانا ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بولغان ئۇچۇر، مائارىپ تەشۋىقات خىزمىتىگە چەكسىز ئىشتىياق باغلاپ كەلدى. 1995-يىلدىن ھازىرغا قەدەر "شىنجاڭ گېزىتى"، "شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى"، "ئىقتىساد گېزىتى"، "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"، "ئاسىيا كىندىكى گېزىتى" قاتارلىق گېزىتلار، "شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى"، "مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسى"، "بايىنغولىن خەلق رادىيو ئىستانىسى" قاتارلىق رادىئو ئىستانسىسىلىرى، شۇنداقلا «تەڭرىتاغ تورى»، «جۇڭگو رادىيو تورى»، «خەلق تورى» قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى گېزىت-ژورنال، رادىيو-تېلىۋىزىيە، تور قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر -ماقالە، فوتو-سۆرەت ۋە ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىدا "ئۇلۇغ ئىنسان"، "سەبىينىڭ خىيالى"، "سىرداشلار"، "مەڭگۈلۈك ھەمراھ"، "سەھرا"، "بوستان چاچ"، "كۈتۈش"، "دىدار غەنىمەت"، «دادا....مەن بۇ يەردە»، «ساڭا بىر گېپىم بار» قاتارلىق بەدىلىكى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان فوتو-سۆرەت ئەسەرلىرى بايىنغولىن ئوبلاست، ئاپتونوم رايون، بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-2،ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
بىز ئەخمەتجان ھوشۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمىز
تۆۋەندە ئەخمەتجان ھوشۇر تەمىنلىگەن بىر قىسىم خەۋەر ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنايلى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى: كورلا شەھىرى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى، ماتېماتىكا، ۋە ئانا تىلدا 2-قېتىملىق «مەرىپەت لوڭقىسىنى تالىشىش» تېمىسىدىكى «قوش تىل» دا مۇكاپاتلىق ئوچۇق دەرس ئۆتۈش پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە كورلا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ ۋە 6-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلدى، 31 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى)

ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پىسخىك ساغلاملىق ۋە ئائىلە تەربىيە تەتقىقاتچىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى، خوتەن شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى سالامەت ئىمىن تەكلىپكە بىنائەن كورلا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتىپىدە «دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن» تېمىسىدا مىننەتدارلىق تەربىيەسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ مىننەتدارلىق تەربىيىسى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانا ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يۈرەك پارىنى ئەزدى. ئارقىدىن پەرزەنتلەرنىڭ ۋەتەنگە، ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقى بىلدۈرۈلدى.   پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلار، ۋە دېھقان-چارۋىچىلاردىن بولۇپ، 1500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مىننەتدارلىق تەربىيە پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 21-كۈنىگە قەدەر كورلا شەھىرى قوشئېرىق يېزا مەركىزى مەكتەپ، شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، لەڭگەر مەركىزى مەكتەپ ۋە شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلدى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى: 23-ئاپرېل «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورلا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تۈرلۈك شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى)

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: كورلا شەھىرىدە بۈگۈن يەنى 23 -ئاپرېل سەھەردىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ھاۋا تۇتۇلۇپ، شەھەر-يېزىلارنى توپا-چاڭ قاپلاپ، قاتناشنىڭ راۋان بولۇشىغا زور دەرىجىدە توسقۇنلۇقلارنى ئېلىپ كەلدى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئەنئەنىۋى نەۋرۇز بايرىمى كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانىدا «مەرىپەت بۆشۈكىدە نەۋرۇز مەشرىپى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە كورلا شەھىرىنىڭ پېشقەدەم شەھەر باشلىقى مىجىت ھەسەن ئاكا، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخىي مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كروران ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن (كروران)، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇللىرى، كورلا شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلىرىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، يېڭىشەھەر يېزىلىق ساقچىخانا ۋەكىللىرى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا يېڭىشەھەر كەنت 1-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى مۇھەممەد تۇرسۇن، يېڭىشەھەر كەنت 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات مەخسۇم روزى، مائارىپنى قوللىغۇچى ئىلغار شەخسلەر، ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ھەمدە ئۇلار مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارغا نەۋرۇز سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، نەۋرۇزغا ئاتاپ يازغان «نەۋرۇزنامە» لىرىنى ئوقۇپ بەردى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن نەۋرۇز شاتلىقىغا چۆمۈپ خۇشال-خۇرام ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىغاچ نەۋرۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى.

3-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكلىپلىك بوكس مۇسابىقىسى كورلا شەھەر يېڭىشەر يېزا مەركىزى مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى
 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورلا شەھەر يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكلىپلىك بوكس مۇسابىقە پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى
  ئالدى بىلەن يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن بۇ مەكتەپنىڭ بوكس كاماندىسىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ھەمدە بوكس كاماندىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەن يېڭىشەھەر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تىرېنېرلارغا، قوشنا كۇلۇبلارغا، ۋە پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئاتا-ئانىلارغا، ۋەتەنپەرۋەر تىجارەتچىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پائالىيەتكە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۈچتۈڭگۈرلەر بوكس چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى پەرھاتجان، كورلا شەھەرلىك ئەركىن چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئەركىنجان نامان، كورلا شەھەر باھادىرلار چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئابلەتجانلار، ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، ھەمدە بۇ كۇلۇبتا تەربىيەلىنىۋاتقان كىچىك بوكس ماھىرلىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىدە تەربىيەلىنىۋاتقان بوكس ھەۋەسكارلىرى، ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلىرىدىن كەلگەن 53 نەپەر بوكس ھەۋەسكارلىرى نەق مەيداندا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتتى، كورلا شەھەرلىك ئەركىن چېنىقىش كۇلۇبى، ۋە باھادىرلار چېنىقىش كۇلۇبىدىكى بوكس ھەۋەسكارلىرى بىر قانچە مەيدان بوكس ماھارىتى، ۋە ئەركىن مۇشتلاش ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئاخىرىدا تىرېنېرلارنىڭ ئادىل باھالاپ چىقىشى نەتىجىسىدە، 40 نەپەر بوكس ماھىرىنى ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىدى. ھەمدە كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا يېڭىشەھەر كەنت 1-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى مۇھەممەد تۇرسۇن، يېڭىشەھەر كەنت 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات مەخسۇم روزىلار بوكس ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى بوكسچىلىق ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئەنۋەرجان ياسىن مۇخبىرغا: بۇندىن كېيىن دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ساپاسى، ۋە ئەقلىي ساپاسىنى ياخشىلاپ، مەكتىپىمىزنىڭ بوكس كوماندىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ بوكس ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كورلا شەھەر يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىدىن: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى

بەت لايىھەلىگۈچى، مەسئۇل مۇھەررىر: ئالىم راخمان

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ

eamil: uyghur@people.cn 010- 6536 8367/ 65
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved
چوققىغا قايتىش