باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيغۇر بوكىسچى ئادىلجان ئابلىمىت

2014.01.28 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى مۇخبىرى ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى: بوكسچىلىق شىنجاڭدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن، چوڭ ـ كىچىك ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان شۇنداقلا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، بۇ مۇسابىقە كىشىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە روھىنى تاۋلاپ كىشىنىڭ ئومۇمىي بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئۇيغۇر بوكسىچى ئادىلجان ئابلىمىت شىنجاڭدا ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى بولۇپ، ئۇ 2009-يىلى خەلقئارا بوكس تەكلىپلىك مۇسابىقىسى ۋە 2010-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسيا بوكس چېمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان.

  2002-يىلى ، بېيجىڭ بوكس ئەترىتى شىنجاڭغا ئادەم ئالغىلى بارغانلىقىنىڭ تۇنجى يىلى ئادىلجان ئىلى ئوبلاستلىق قورغاس ناھىيەسىدە تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ مەكتەپنىڭ بوكسچىلىق كۇرسىدا تەربىيەلىنىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، مەشق جەريانىدا ئۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن ئىدى. بېيجىڭ بوكس ئەترىتىدىكىلەر ئادىلجاننىڭ مەيلى بەدەن ساپاسى بولسۇن ياكى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى ئەتراپلىق يېتىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئادىلجاننىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئىنتايىن چوڭ بىر بۇرۇلۇش بولۇپ قالدى.

  2002-يىلى ئادىلجان بېيجىڭغا تاللىنىپ كەلگەندىن كىيىن، پايتەخت تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىدا جاپالىق مەشق قىلىش ئارقىلىق 2006-يىلى مەملىكەتلىك تاللانما مۇسابىقىدە چېمپىيۇنلۇققا، 2008-يىلى 4-ئايدا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇنلۇققا، 2010-يىلى 10-ئايدا ئاسىيا بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىشتەك كاتتا شەرەپلەرگە نائىل بولدى. (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر