باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى

2013.12.02 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماخمۇت بىلەن كېرەم ياخشى ئاغىنىلەردىن بولۇپ، بىر كۈنى ئىككەيلەن كوچىدا كېتىۋېتىپ، بىر كونىۋېرتنى تېپىۋالدى. ئېغىزى پىچەتلەنمىگەن كونىۋېرتنى ئېچىپ كۆرۈپ ئىچىدە 3 پارچە پىچىتى بۇزۇلمىغان لاتارىيە بېلىتى ۋە ئىككى پارچە لاتارىيە پائالىيىتىنىڭ تەشۋىقات چۈشەندۈرۈشى ۋە مۇكاپات بويۇملىرى تىزىملىكى دىگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى. ئىككىسى مەنپەئەتنىڭ ئازدۇرۇشى ئارقىسىدا، يولدىن تېپىۋالغان لاتارىيە بېلىتىنى ئاچتى. ئاچتىيۇ، كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. بۇ 3 پارچە لاتارىيە بېلىتىنىڭ 2 پارچىسىغا ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىغان بولسىمۇ، بىراق 3-پارچىسى 1-دەرىجىلىك «مۇكاپات»قا ئېرىشكەن ئىدى.

  ئۇلار بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي، لاتارىيە بېلىتى ئۈستىدىكى تېلېفونغا تېلېفون قىلدى. بۇ قېتىمقى «لاتارىيە» پائالىيىتىنى ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە ئۈستىدىكى نومۇرلار بېيجىڭنىڭ ئىدى. ئۇلار تېلېفون قىلىپ، بۇ قېتىملىق لاتارىيە پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نومۇرنى سۈرۈشتۈردى. تېلېفوندا دېيىلگەن نومۇر بىلەن ئۇلارنىڭ قولىدىكى نومۇر ئوخشاش ئىدى. ئۇلار ھاياجان ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەم مۇكاپاتلارنى قانداق تاپشۇرۇۋېلىشنى سورىدى. قارشى تەرەپ ئۇلارنىڭ ئادرېسى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولۇق خاتىرىلىۋالدى ھەم ئۇلارنىڭ مۇكاپاتنى چوقۇم ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشكەندىن كېيىن، 300 يۈەن رەسمىيەت ھەققى ۋە باجنى ئەۋەتىشنى ئېيتتى. ئىككىسى بىر ئاز ئىككىلەنگەن بولسىمۇ بىراق 230 نەچچە مىڭ يۈەن «مۇكاپات» ئۇلارنى ئەقىلدىن ئازدۇردى. ئۇلار مۇكاپاتنى قانداق بۆلۈشۈشنى دېيىشىۋالغاندىن كېيىن، يېنىدىن 300 يۈەن چىقىرىپ دېيىلگەن نومۇرغا بانكىدىن ئېۋەتىۋەتتى ۋە تېلېفوندا دېيىلگىنى بويىچە خەۋەر كۈتتى.

  بىراق ئەتىسى ھېلىقى نومۇردىن تېلېفون كېلىپ، ئۇلار ئېۋەتكەن 300 يۈەن رەسمىيەت پۇلىنىڭ پەقەتلا تىزىملىتىش ھەققى ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە مۇكاپات سوممىسىنىڭ مەلۇم پىرسەنتى بويىچە باج تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا مۇكاپاتنىڭ بىكار قىلىنىپ، ساخاۋەت تەشكىلاتىغا ئىئانە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ماخمۇت بۇ جەھەتتە بىرئاز ھوشيار بولۇپ، كېرەمگە بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىق بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، سەگەك بولۇشنى ئېيتتى. بىراق ئىككىسى لاتارىيە بېلىتىدىكى تور ئادرىسى بويىچە لاتارىيە ئويۇشتۇرغۇچى شىركەتنىڭ تورىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ «مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى»نى جەزملەشتۈرگەن بولغاچقا، كېرەم جاھىللىق قىلىپ قالدى، ھەمدە ئەگەر ماخمۇتقا لازىم بولمىسا، ئۆزى ھەممە پۇلنى چىقىرىپ، مۇكاپاتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭ بىلەن ماخمۇت تەۋرىنىپ قالدى ھەمدە ئىككىسى بىرلىشىپ 7 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى تەقلەپ، دېيىلگەن نومۇرغا ئېۋەتىپ خەۋەر كۈتتى. بۇ جەرياندا بېيجىڭدىكى نومۇر ئۇدا تېلېفون قىلىپ، بۇنىڭ دۆلەت تەستىقلىغان چوڭ تىپتىكى بىر پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ لاتارىيە بېلىتى پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ غەربىي رايوندىكى نامرات يېزا مائارىپىغا زور ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر خالىسا ئۇ ئىككىسىنى تېلېۋىزىيە زىيارىتىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىككىسى زىيارەت قىلىنىشنىڭ چۈشىنى كۆرۈۋاتقاندا، ھېلىقى نومۇردى يەنە تېلېفون كېلىپ، دۆلەتنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا ئاساسەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ دۆلەتكە تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ باجنىڭ بىر قىسىمىنى ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، كېرەم بىلەن ماخمۇتنىىڭ يەنە 12 مىڭ يۈەن ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  ماخمۇت بىرەر شۇملۇقنى سەزگەندەك قىلدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىم دىيىلگىنى بويىچە پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئەۋەتكەنلىكىنى، دېيىلگىنى بويىچە، بۇ ۋاقىتتا مۇكاپات پۇلىنىڭ ئىككىسىنىڭ كارتىسىغا كىرىشى كېرەكلىكىنى، نىمە دەپ يەنە پۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى سورىدى. قارشى تەرەپ ئالدىنقى قېتىم ئەۋەتكەن پۇلنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن لاتارىيە پائالىيىتى ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇندىن ئېلىنىدىغان پۇل ئىكەنلىكىنى، بۇ پۇلنى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شەخسلەر تۆلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ لاتارىيە تەشۋىقات بەلگىلىمىسىدە ئېنىق بارلىقىنى ئېيتتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئارخىپى ئېلان قىلىنغان تور بېكەت ئادرىسىنى تەمىلەپ، سىستېمىغا لاتارىيە رەت نومۇرى ۋە كىملىك نومۇرى ئارقىلىك كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ماخمۇت بىلەن كېرەم كونىۋېرتنىڭ ئىچىدىكى قەغەزدە راستىنلا شۇنداق دېيىلگەنلىكىنى كۆردى، ھەمدە تورغا كىرىپ ئۆزىنىڭ راستىنلا «مۇكاپات»قا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. بىراق ماخمۇت يەنىلا ئىشەنمىدى. ماخمۇت كېرەمگە بۇنىڭ ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كېرەم 230 نەچچە مىڭ يۈەن بىلەن ئۆزى ئەۋەتىدىغان 10 نەچچە مىڭ يۈەننى سېلىشتۇرغاندىن كېىيىن، يەنىلا جاھىللىق قىلدى. ئۇ يەنە باشقا ئاغىنىلىرىدىن قەرز ئېلىپ دېگەندەك، 12 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تەقلەپ، ھېلىقى نومۇرغا سېلىۋەتتى.

  ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ھېلىقى نومۇردىن يەنە تېلېفون كېلىپ، كېرەم ئەۋەتكەن پۇللارنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى، يەنە 10 مىڭ يۈەن ئەۋەتىشىنى ئېيتتى. بۇ قېتىم كېرەم تېلېفوندا ئەمدى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، مۇكاپات پۇلىنىڭ قانداق قىلىپ بولمىسۇن، بۈگۈن ئۆزىنىڭ كارتىسىغا كىرىشىنى، بولمىسا ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قارشى تەرەپمۇ ئەينى چاغدا كېرەم ئىككىسىنىڭ مۇكاپاتنى چوقۇم ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئېيتقانلىقى، ئەگەر ھازىر يېنىۋالسا، بەلگىلىمە بويىچە كېلىپ چىققان بارلىق ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئېنىق ئادرىسىنى ئېيتىپ بېرىپ، كېرەمنىڭ ئۆزى كېلىپ بىر كۆرۈشىنى، ئەگەر كېرەم ئۆزى كەلسە ئالدىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كېرەم بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان بىر تونۇشىنى دېيىلگەن ئادرىسقا بېرىپ، ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ مۇكاپاتنى ئېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. تونۇشى دېيىلگەن ئادرىسقا بېرىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۇ يەردە يىغىلىپ «مۇكاپات» ئېلىش ئۈچۈن تۇرغانلىقىنى، بىراق لاتارىيە ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى، دېيىلگەن ئادرىستىكىسى بولسا سۇلياۋ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەيدىغان بىر زاۋۇت ئىكەنلىكىنى، زاۋۇتنىڭ ئۇلار دېگەن لاتارىيەنىڭ ئىشىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاز كەم 20 مىڭ يۈەن زىيان تارتقان كېرەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۈرۈمچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇ: لاتارىيە قاتارلىق پائالىيەتلەر دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىدۇ، مۇنتىزىم ئورۇنلار ئويۇشتۇرىدۇ، نەق مەيداندا ئېچىپ، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ دۆلەت ئورگانلىرى تېلېفوندا ئىش بىجىرمەيدۇ، تېلېفوندا ئىش بىجىرگەننىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق، ئىشىنىشكە بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر