باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بىلەن بىرلىشىپ «جۇڭگو ئارزۇسى» تېمىسىدىكى ماقالە توپلاش ئۇقتۇرۇشى

2013.06.08 10:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئارزۇسى بىر غايە، بىر نىشان، شۇنداقلا بىر رىياللىق. ئۇ ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆز ئەكسىنى تېپىپ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر.»

  بۈگۈندىن باشلاپ 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بىلەن بىرلىشىپ «جۇڭگو ئارزۇسى» تېمىسىدا ماقالە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى. بىز كەڭ تورداشلارنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى، قەلبىدە بىخلىنىۋاتقان غايە ۋە بەختكە ئېرىشىش يولىدىكى جاپالىق كۈرەشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. جۇڭگو ئارزۇسى ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ شان ـ شەرىپى ۋە تىرىشىشىدىن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە تەۋرەنمەس روھىدىن ئايرىلالمايدۇ. تورداش دوستلار ماقالىدە ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان ياكى مۇھاكىمە شەكلىدە ئىپادىلەپ بەرسىمۇ ۋە ياكى رەسىم، شېئىر، نەسىر، مىكرو فىلىم شەكلىدە ئىپادىلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. تاللانغان ماقالىلەر خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى ۋە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئەسەر ئاپتورلىرىغا نەپىس خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلىنىدۇ.

  ئەسەر قوبۇل قىلىش ئادرىسى: بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى جىنتەي يولى 2-نومۇر خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
ئېلخەت ئادرېسى: Uyghur@people.cn
پوچتا نومۇرى: 100733
ئالاقىلاشقۇچى: خەلق تورى مۇھەررىرلىرى: قەدرىيە، ھەبىبە
تېلېفون: 010-65368365، 010-65368367
فاكىس: 653639690-010

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە