ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

2020.07.02 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

  ـــ 2020-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا بېرىلگەن

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن

  ۋەكىللەر:

  ھازىر مەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  بۇلتۇردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-،3-،4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارارىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا ئۇرغۇپ چىققان قايناق ھېسسىياتنى ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشتىكى پۇختا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمەتلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭىدە تەپتىشلىك

  مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئەھۋالى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنى يېتەكلەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇمىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جىڭىدە ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇردى، بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى. 2020-يىل 2-ئايدىن 4-ئايغىچە، يۇقۇمغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار جىنايىتى بىلەن 3751 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدۇق، 2521 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، ماسكا قاتارلىق يۇقۇم مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىشلىق جامائەتچىللىك دەۋاسىدىن 2829نى بېجىردۇق. بىرىنچى، دېلو بېجىرىش قائىدىسىنى تېز چىقاردۇق. يۇقۇم ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتكە خېلى زور تەسىر كۆرسەتتى، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. دېلو بېجىرىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى مەخسۇس قائىدە چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك سىياسىي-قانۇن تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالىدۇق؛ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش، دوختۇرخانىدا قالايمىقانچىلىق تېرىش جىنايەتلىرىنى بىردەك قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق؛ تاموژنا باش مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى جازالاشنى ئورتاق قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەۋپىدىن قاتتىق مۇداپىئەلەندۇق؛ ئالاقىدار رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە سىياسىي-قانۇن تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلىپ، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەملىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئىككىنچى، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈشتە يېڭىلىق ياراتتۇق. تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئېغىر، زور ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇشتا بىر قېلىپتا ئىشلىگىلى بولمايدۇ. 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇنجى قېتىم بېجىرىلىۋاتقان قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، ئەيىبلەش دېلولىرى ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈردى، تۇنجى قېتىم جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى؛ تۇنجى قېتىم ھەر ھەپتىدە بىر تۈركۈمنى ئېلان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن 10 تۈركۈمدە 55 تىپىك دېلو مىسالىنى مەخسۇس تېما بويىچە ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن داۋالاش تەرتىپى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپى، بازار تەرتىپى، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش گەۋدىلەندى، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، جىنايەتتىن ئىبرەت ئېلىش، جەمئىيەتتىكىلەرنى تەربىيەلەش ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئۈچىنچى، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. باشلىنىشتىلا قانۇن، سىياسەتلەرنى توغرا ئىگىلەشكە دىققەت قىلىپ، قانۇننى بۇزىدىغان «ئېغىرلىتىپ جازالاش»، «قاتتىق جازالاش»، «تېز جازالاش» ئەھۋاللىرىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئالدۇق. جىنايەت گۇماندارى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ياكى گۇمانىي بىمار بولسا، ئالدى بىلەن ئۇنى داۋالاپ ساقايتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەدلىيەلىك ئىنسانىي غەمخورلۇقنى نامايان قىلدۇق. يۇقۇمغا چېتىشلىق قىلمىشى يېنىك جىنايەتكە كەڭچىلىك قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە 576 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىدۇق، 117 كىشىنى ئەيىبلىمىدۇق. بۇ بىر مەيدان يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىشتىن ئىبارەت كەسكىن كۈرەشتە، جايلار بولۇپمۇ خۇبېيدىكى تەپتىش ئورگانلىرى بىر بۇيرۇق بىلەن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر قولدا ئۆز ساھەسىدىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى، يەنە بىر قولدا قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى تۇتۇپ، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ بىرىنچى سەپتىكى بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلەشمە تىزگىنلەشكە قاتنىشىپ، جۇڭگو يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ھېكايىسىنىڭ قانۇن ۋە ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان تەپتىش سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.بۇ قېتىملىق چوڭ سىناقتىن كېيىن، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، قانۇنچىللىقنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

  2019-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

  2019-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلدى. پۈتۈن بىر يىلدا بېجىرىلگەن تۈرلۈك دېلو جەمئىي 3 مىليون 146 مىڭ 292 گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈش دېلوسى 935 مىڭ 432، ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش دېلوسى 1 مىليون 413 مىڭ 742، جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي دەۋا دېلوسى 258 مىڭ 520، جامائەتچىللىك دەۋاسى دېلوسى 126 مىڭ 912، دەۋا پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ نازارەتچىلىك دېلوسى 411 مىڭ 686 بولدى.

  1. دۆلەت ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق.

  تىنچ جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئالدۇق. تۈرلۈك جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 1 مىليون 88 مىڭ 490 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدۇق، 1 مىليون 818 مىڭ 808 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %3 ۋە %7.4 ئاشتى.

  دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش، جاسۇسلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدۇق. شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش دائىملىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللىدۇق. «فالۇن گۇمپىسى» قاتارلىق بىدئەت تەشكىلاتلار جىنايىتىنى قەتئىي جازالىدۇق. ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، 60 مىڭ 654 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 ئاشتى. ئوغرىلىق قاتارلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان مال-مۈلۈككە چېقىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالىدۇق، 393 مىڭ 587 ئادەمنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى. زور جاۋابكارلىق ھادىسىسى قاتارلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى جىنايەتلەرنى جازالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 3543 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشتى. تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى ۋە توردىن پايدىلىنىپ قىمار ئويناش، شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 71 مىڭ 765 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.3 ئاشتى، جىنايەتچىلەرنىڭ تور بوشلۇقىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشىغا يول قويمايمىز.

  قارا-رەزىل كۈچلەرنى قاتتىق تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈردۇق. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 8 يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت تۈزۈپ، 107 زور دېلونى بېجىرىشكە بىۋاسىتە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلدۇق، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ سۈن شياۋگو دېلوسى، دۇ شاۋپىڭنىڭ جەسەتنى مەيدانغا كۆمۈش دېلوسى، خۇاڭ خۇڭفا جەمەتىگە چېتىشلىق دېلو قاتارلىق زور دېلولارنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. 30 مىڭ 547 كىشىنى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت بىلەن، 67 مىڭ 689 كىشىنى رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت بىلەن ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %194.8 ۋە %33.2 ئاشتى. «قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەتتە بىرىنىمۇ قويۇۋەتمەسلىك، قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىلمايدىغان جىنايەتتە بىرىدىمۇ سان توشقۇزماسلىق»تا چىڭ تۇردۇق، ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولار ۋە رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق زور دېلولاردا ئۆتكەلنى بىرتۇتاش ئىگىلىدى. تەپتىش ئورگانلىرى تەھقىقلەش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 9007 دېلونى قانۇن بويىچە بېكىتمىدى؛ قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق بولسىمۇ يوللانمىغان 2148 دېلونى قانۇن بويىچە بېكىتتى، چوڭقۇر قېزىش، تۈپتىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولغان 1385 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %295.7 ئاشتى.

  ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا پۇختا مۇلازىمەت قىلدۇق. پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. 40 مىڭ 178 كىشىنى پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.3 ئاشتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا 3-نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشكە تۈرتكە بولدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ چىقاردۇق. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى «ئاچكۆز چىۋىن»لەردىن 877نى ئەيىبلەپ، نامراتلارنى يۆلەش پۇل-مېلىغا قول ئۇزاتقانلارنى قاتتىق جازالىدۇق. دېلو سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن، زىيانغا ئۇچرىغان 6000 ئائىلىگە 75 مىليون 890 مىڭ يۈەن ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش پۇلى تارقىتىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %42.4 ۋە %54.7 ئاشتى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يامان نىيەتتە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش جىنايىتى بىلەن 902 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 10 مىڭ 322 دەۋاسىنى قوللىدۇق. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇق. مۇھىت بۇلغاش، چەت ئەل ئەخلىتى ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز كان ئېچىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، 50 مىڭ 800 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4 ئاشتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى جامائەتچىللىك دەۋاسىغا دائىر دېلودىن 69 مىڭ 236نى بېجىردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.7 ئاشتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سەنشى خۇنيۈەندە كان ئاچىدىغان 32 كارخانىنىڭ خالىغانچە كولاپ، قالايمىقان قېزىش دېلوسىنى بېجىرىشكە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلدى، ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەھمىيەت بېرىپ، قوللىدى، ئۈچ دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، 40 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى جامائەتچىللىك دەۋاسى بويىچە ئېكولوگىيەلىك تۈزەشكە تۈرتكە بولدى.

  كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي قوللىدۇق. قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتىدۇر. كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋە تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلدۇق ۋە ئۇلارنى باراۋەر قوغدىدۇق. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللاپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدىدۇق. پۇقراۋى ئىگىلىككە مۇلازىمەت قىلىدىغان 11 تۈرلۈك تەپتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قولغا ئېلىش، ئەيىبلەشتە ئېھتىياتچان بولۇشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇردۇق ھەم تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتۇق؛ قانۇن بويىچە داۋاملىق قاماقتا تۇرمىسىمۇ بولىدىغان 1971 نەپەر پۇقراۋى كارخانا مەسئۇلىنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىش توغرىسىدا دېلو بېجىرىش ئورگانلىرىغا تەكلىپ بەردۇق؛ ھەم دېلونى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان، ھەم تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن، ئۇزاق مۇددەت تاشلاپ قويۇلغان «ئاسما دېلولار»نى مەخسۇس ئېنىقلاپ چىقىشقا تەشكىللەپ، 2687 پارچە دېلونى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، 1181 دېلونى ئاياغلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. خۇنەن شياڭتەندە 57 پۇقراۋى كارخانا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش جىنايىتىگە چېتىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەنگەن، پاكىت ئېنىق بولماسلىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن 6 يىل ئىچىدە دېلو ئاياغلاشتۇرۇلمىغان، دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە، تىجارەتتە قىينىلىپ قالغان. تەپتىش ئورگىنى نازارەت قىلىش پىكرى چىقارغاندىن كېيىن، 57 دېلونىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەم تۇتۇپ تۇرۇلغان مال-مۈلۈك قايتۇرۇپ بېرىلدى.شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش مەمۇرىي ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە سىياسەت چىقىرىپ، مەھەللىدە ئوڭشاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان كارخانا خادىملىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلدى.

  ئاكتىپ ئىشلەپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدۇق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى ۋە تېخنىكا ئۇچۇرى، تىجارەت ئۇچۇرىغا چېقىلىش جىنايىتى بىلەن 11 مىڭ 3 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.2 ئاشتى. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلولىرىدا، ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بەزى كارخانىلار دېلو ئۇچۇرىنى بىلمەسلىك، قۇتقۇزۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، شاڭخەي تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ، ئالتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلغاندا ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان كارخانىلارغا دەۋا ھوقۇقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇپ، جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈش بىلەن ھەق تەلەپكە دائىر ھوقۇقىنى قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بەردى. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىشلىق دېلولارنى مۇۋاپىق بېجىردۇق. جېجياڭدىكى بىر كارخانا يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «تەكشى تاختىلىق ماڭدۇرغۇ»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىغاچقا، خاتا ھالدا ساختا-ناچار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى بىلەن دېلو ئېچىلغان. تەپتىش ئورگانلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماڭدۇرغۇنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتتى. بۇ دېلو قانۇن بويىچە ئەيىبلەنمىدى، كەسىپنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. رېۋىزىيە-تەپتىش دېلو بېجىرىشتە ئۆزئارا ماسلىشىش، ئۆزئارا چەكلەش، ھەم سىياسىي تەلەپ، شۇنداقلا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت. ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 24 مىڭ 234 كىشىگە چېتىشلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلوسىنى قوبۇل قىلدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.6 ئاشتى؛ 18 مىڭ 585 كىشى ئەيىبلەندى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89.6 ئاشتى؛ 704 ئادەم ئەيىبلەنمىدى، 7806 ئادەم قېتىم تولۇقلاپ تەكشۈرۈشكە قايتۇرۇلدى، ئەيىبلىمەسلىك نىسبىتى، تولۇقلاپ تەكشۈرۈشكە قايتۇرۇش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 1.1 ۋە 16.3 پىرسەنت پوئىنتى كۆپەيدى. چىن گۇاڭرۇڭ، چېن گاڭ قاتارلىق سابىق ئۆلكە باشلىقى-مىنىستىر دەرىجىلىك 16 كادىرنى ئەيىبلىدۇق. خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا چېتىشلىق 13 دېلودىكى قېچىپ كەتكەن، يوشۇرۇنۇۋالغان، ئۆلۈپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىشنى ئىلتىماس قىلدۇق. قانۇن يۈرگۈزگۈچى خادىملاردىن پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن 871 كىشىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىدۇق، قانۇن يۈرگۈزۈش قوشۇنىدىكى ھەممىنى بۇلغايدىغان مەرەزلەرنى قەتئىي تازىلىدۇق.

  «بىرىنچى نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2018-يىلى مەكتەپلەردىكى جىنسىي زىيانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدا 1-نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى بەرگەندىن كېيىن، بۇلتۇر يەنە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىللە سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە بېرىپ خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، خېبېي، خېنەن، شەنشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئۆلكە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كېچىدە تەكشۈردى؛ يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن مائارىپ تارماقلىرى بىرلىكتە 38 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسىنى تەكشۈرۈپ، تىنچ مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. شاڭخەي، خۇبېي، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتكە كىرىشتىن بۇرۇنقى قانۇنغا خىلاپ ئالاقىدار خاتىرىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلدۇق؛ مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 8 مىنىستىرلىق كومىتېت بىلەن بىرلىكتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئەھۋالنى مەجبۇرىي دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق، بالىلارنى قوغداشقا دائىر تەپتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلىدۇق. جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش، ئالداپ سېتىش، خورلاش قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن 62 مىڭ 948 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.1 ئاشتى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئازدۇرۇپ تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتناشتۇرغانلارنى بىردەك قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئېغىرلىتىپ جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىشكە دائىر مەخسۇس تەپتىش سىياسىتى ئېلان قىلىندى. قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، سۇبيېكتىپ يامان غەرىزى ئېغىر، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى قەبىھ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ھەرگىز يول قويۇلمىدى؛ جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشماي سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلار قانۇن بويىچە يىغىۋېلىنىپ تەربىيەلەشكە تاپشۇرۇلدى ياكى مەخسۇس مەكتەپلەردە قاتتىق تۈزەلدى. 30 مىڭدىن ئارتۇق پىروكۇرور ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانۇنچىللىق بويىچە مۇئاۋىن مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئالدى، قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  ئاممىدىن كەلگەن خەت-چەكلەرنىڭ ھەممىسىگە ھەقىقىي ئەھۋال بويىچە جاۋاب قايتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئادەم ھەرقانچە يېتىشمىسىمۇ، خىزمەت ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەندىشىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشنى ياخشى ئىشلىدۇق. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى يېڭىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان 491 مىڭ 829 پارچە ئاممىدىن كەلگەن خەتكە، يەتتە كۈن ئىچىدە «تاپشۇرۇۋالدۇق، پالانى بېجىرىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب قايتۇردى؛ ئۈچ ئاي ئىچىدە بېجىرىش جەريانىنى ئۇقتۇرۇش ياكى نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇش نىسبىتى %99.2كە يەتتى. ھەممە خەتكە جاۋاب قايتۇرۇش مۇھىم ئەمەس، دېلونى ئاياغلاشتۇرۇپ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىش ھەممىدىن مۇھىم. 4 دەرىجىلىك باش تەپتىشلەر ئاممىدىن كەلگەن ئەرزىيەتتىن 16مىڭ 135 قېتىم قوبۇل قىلدى. ئەرز قىلىنغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان 1244 پارچە چىگىش دېلو ئۈستىدە ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش، پاكىت كۆرسىتىش، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش، قانۇن قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈشكە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، خەلق نازارەتچىلىرى، مەھەللە ۋەكىللىرىنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇردۇق. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا يەنە خەت-چەكلەرنى توردا بېجىرىش، توردا يوللاش، سۈرۈشتۈرۈش، ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىق سۈرئىتىنى ئاشۇردۇق.

  دېلو بېجىرىشنى ئاساس قىلىپ جەمئىيەتنى قانۇنچىللىق قارىشى بىلەن يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇردۇق. يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ لەييۈەندىكى قاتىللىققا قارشى تۇرۇش دېلوسى، شىڭتەيدىكى دۇڭ مىنگاڭ دېلوسى، خاڭجوۋدىكى شېڭ چۈنپىڭ دېلوسى، لىجياڭدىكى تاڭ شۆ دېلوسى قاتارلىق تەسىرچان قوغدىنىش دېلو پاكىتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە يوللۇق قوغدىنىش دەپ بېكىتتۇق، يوللۇق قوغدىنىش ئىدىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق ۋە ئۇنى قايتا تىكلىدۇق، «قانۇننىڭ قانۇنسىزلىققا يول قويمايدىغانلىقى» كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جياڭشى، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى فاڭ جىمىن، لېي فېڭ قاتارلىق قەھرىمان-قۇربانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشىغا دائىر ھەق تەلەپ جامائەتچىللىك دەۋاسىدىن 48نى بېجىردى؛ سەنشى، شەنشى قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى ھەربىي تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەھرىمان-قۇربانلار خاتىرە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش توغرىسىدا 1047 پارچە تەپتىش تەكلىپى بەردى. يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىگە تېگىشكە بولمايدۇ، يېمەكلىك-دورا ساھەسىگە دائىر جامائەتچىللىك دەۋاسىدىن 35 مىڭ 778نى بېجىردۇق؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە دائىر ھەق تەلەپ جامائەتچىللىك دەۋاسىدا جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۆلەتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدەندۇق، جازانى قاتتىقلىقىدىن قايتا جىنايەت سادىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە بېرىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى جازالاشقا دائىر يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلدۇق، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىق دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق.

  دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدۇق ۋە كاپالەتلىك قىلدۇق. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش سىياسىتى تۈزدۇق. تەپتىشلىك بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي، جياڭشى-فۇجيەن-گۇاڭدۇڭ سابىق مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى تەپتىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭ تەپتىش ئورگانلىرى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ مۇلازىمەت قىلدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي تەپتىش ئورگانلىرى ھەمتۈرتكىلىشىپ پۇقراۋى ئىگىلىككە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆزئارا چېتىشلىق دېلولارنى ھەمكارلىشىپ بېجىرىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ رايون ھالقىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى 11 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر تەپتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت تۈزەشتىكى «يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنلار بىر قەدەمدە ماڭماسلىق، ئوڭ-سول قىرغاقلار تەڭ ھەرىكەتلەنمەسلىك»تەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش-ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى، تيەنجىن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەركىن سودىغا دائىر تەپتىش ئاقىللار ئامبىرى بەرپا قىلىشنى قوللىدۇق.

  2. دەۋر تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى پۇختا ئادا قىلدۇق

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارارىدىكى «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ ئىشلىرى، مەمۇرىي ئىشلار، جامائەتچىللىك دەۋالىرىدىكى تۈرلۈك تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى يېڭى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، دېلو بېجىرىش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئالدۇق.

  جىنايى ئىشلار تەپتىشلىكىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىدۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۆجىزە ياراتتى، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلىدى. 1999-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، تەپتىش ئورگانلىرى ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلەر 162 مىڭدىن 60 مىڭغا چۈشۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.8 تۆۋەنلىدى؛ جىنايى جازادا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %45.4تىن %21.3كە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى تىپتىكى جىنايەتلەر كۆپىيىپ، «مەست ھەيدەش» ئوغرىلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىپ جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدىغان 1-جىنايەتكە ئايلاندى، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى 19.4 ھەسسە، ساختا-ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش جىنايىتى 34.6 ھەسسە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى 56.6 ھەسسە ئاشتى. ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى ۋە ئېغىر جازا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلانغانلىقىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلىقىنى ئەكس ئەتكۈزدى؛ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان يېڭىچە جىنايەتنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مەزمۇنىدىن يېڭى ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جىنايى ئىشلار جىنايىتىدە قانۇن چىقىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكىچە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، جىنايى ئىشلار تەپتىش ئىدىيەسى ۋە سىياسىتى بۇ ئۆزگىرىشكە ئومۇميۈزلۈك ئۇيغۇنلىشىشى، تىرىشىپ يېتىشىۋېلىشى شەرت. ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇردۇق. پىروكۇرورلار قانۇن بويىچە جىنايەتنى ئەيىبلەش ۋە ئىسپاتلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار ھەم جىنايەتنى سۈرۈشتۈرگۈچى، ھەم گۇناھسىزلارنى قوغدىغۇچىدۇر. 2019-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن ياكى دەلىل-ئىسپات تولۇق بولمىغان 191 مىڭ 290 ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىقنى، 41 مىڭ 409 ئادەمنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق، بۇ بەش يىل ئىلگىرىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %62.8 ۋە %74.6 ئاشتى. تەھقىقلەش، سوت قىلىش جەريانىدا داۋاملىق قاماپ تۇرۇش ھاجەتسىز 75 مىڭ 457 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىش تەكلىپى بەردۇق، بۇ بەش يىل ئىلگىرىكىدىن %279 ئاشتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ھەيئىتى «جاڭ جىچاۋنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى»نى مۇزاكىرە قىلغاندا، دەسلەپكى ئەيىبلەش، ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىش دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولمىغان دەپ قاراپ، گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش پىرىنسىپى بويىچە شەندۇڭ تەپتىش ئورگىنى ئوتتۇرىغا قويغان گۇناھسىز دەپ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش پىكرىنى قوللىدى. كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بېكىتىلگەن جىنايىتىنى بوينىغا ئالغان ۋە جازاغا قايىل بولغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىدە تەپتىش ئورگانلىرىدىن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بوينىغا ئېلىپ، جازا ئۆلچەش تەكلىپىنى ئېتىراپ قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادۋوكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئىنچىكىلىك بىلەن خىزمەت ئىشلەش تەلەپ قىلىنغاچقا، دېلو بېجىرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ھەسسىلەپ ئاشتى، تەپتىش مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر 12-ئايدا تەتبىقلاش نىسبىتى %83.1كە يەتتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %79.8كە يەتتى؛ 1-سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولۇش نىسبىتى %96.2كە يېتىپ، باشقا جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن 10.9 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولدى، زىددىيەت كۈچەپ ھەل قىلىندى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. جىنايى ئىشلار دەۋاسىنى نازارەت قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. بېيجىڭ، سەنشى، گۇاڭدۇڭ تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىشنى باشقۇرۇش مەركەزلىرى، قانۇنچىلىق تارمىقى ياكى ساقچىخانىدا تەپتىش ۋاكالەت ئىشخانىسى قۇرۇپ، دېلو ئېچىش ۋە تەھقىقلەش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتۇق. ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارىغان 8302 جىنايى ئىشلار ھۆكۈم-كېسىمىگە ئېتىراز بىلدۈردۇق، سوت مەھكىمىسى 4364 دېلودا ھۆكۈمنى ئۆزگەرتتى، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇردى. ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان دېلولارنى ئېنىقلاشنى دائىملاشتۇرۇپ، تەھقىقلەش، سوت قىلىش ھالقىلىرىدا بەش يىلدىن ئارتۇق قاماپ تۇرۇلۇپ دېلوسى ئاياغلاشتۇرۇلمىغان 367 ئادەمنىڭ دېلوسىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە 189 كىشىنىڭ دېلوسىنى تۈزەتتۇق. جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋال 38 مىڭ 35 ئادەم قېتىم تۈزىتىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قارارىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە كەچۈرۈمنى يولغا قويۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماس قەدەمدە نازارەت قىلىپ، ئىجرا قىلىشنىڭ جايىدا، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

  ھەق تەلەپ تەپتىشلىكىنى تىرىشىپ كۈچەيتتۇق. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ئەرزلىرىنى قوبۇل قىلىشى سىجىل يۇقىرى ھالەتتە تۇردى، بۇلتۇر 142 مىڭ 203 پارچە ئەرز قوبۇل قىلىندى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.9 ئاشتى. دەل جايىدا نازارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش قىممىتى بار تىپىك دېلولارنى تىرىشىپ ياخشى بېجىرىپ، ئۇنىڭ ئوخشاش تۈردىكى دېلولارغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇردۇق. ھەق تەلەپ ئېتىرازنامىسىدىن 5103ى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.8 ئاشتى؛ سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنى ئۆزگەرتكەن، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇلغان، مۇرەسسە قىلىنغان، ياراشتۇرۇلۇپ ئەرز قايتۇرۇۋېلىنغان دېلو 3172 بولۇپ، ئۆزگىرىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئىنتى ئاشتى. يېڭىباشتىن سوت قىلىش ھەققىدىكى تەپتىش تەكلىپىدىن 7972سى بېرىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %95.1 ئاشتى؛ سوت مەھكىمىسى 4583 دېلونى يېڭىباشتىن سوت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقاردى، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.3 پىرسەنت پوئىنتى ئاشتى. ساختا دەۋانى زور كۈچ بىلەن تۈزىدۇق. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس نازارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ساختا دەۋادىن 3300نى تۈزەتتى، جىنايەتكە چېتىشلىق 1270 كىشىنى ئەيىبلىدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %122.4 ۋە %154 ئاشتى. جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ تەپتىش ئورگىنى بىر دەۋالاشقۇچىنىڭ كۆپ قېتىم ئەرز قىلغانلىقىنى، بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچكە ئىگە 50 پارچە ھۆكۈم-كېسىم چىقارغانلىقىنى بايقىغان. دېلوغا چېتىشلىق قەرز ھۆججىتىگە قەرز بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى يېزىلمىغان، ئۆسۈم پۈتۈمىمۇ، چىقىم ھۆججىتىمۇ يوق، جاۋابكارمۇ سوتقا قاتناشمىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە «قىلتاق قەرز» شايكىسى قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان ساختا دەۋا ئىكەن. تەرتىپ بويىچە ئەسلىي ھۆكۈمنى بىكار قىلىشنى نازارەت قىلدۇق ھەمدە قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق، بۇ شايكىدىكى 14 ئادەم قانۇن تورىغا چۈشتى. ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئورتاق ھەل قىلدۇق. ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالغا قارىتا 23 مىڭ 437 تەپتىش تەكلىپى بەردۇق، ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان 2318 ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %1.6 ۋە %2.4 ئازايدى.

  مەمۇرىي تەپتىشلىكنى تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلىدۇق. ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارىغان 156 مەمۇرىي ھۆكۈم-كېسىمگە ئېتىراز بىلدۈردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.3 ئاشتى. 83 دېلونى يېڭىباشتىن سوت قىلىش توغرىسىدا تەپتىش تەكلىپى بەردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئازايدى. بەزى مەمۇرىي دەۋاغا دائىر دېلولاردا ئەرز قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ رەت قىلىنغان، دەۋادىكى تالاش-تارتىش مەسىلىسى ھەل بولمىغان، دېلو ئاياغلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ ئىش ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلتۇر 10-ئايدىن باشلاپ مەخسۇس نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، يارىشىپ قېلىشقا تۈرتكە بولۇش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 378 مەمۇرىي تالاش-تارتىش ھەل قىلىندى، دېلومۇ-ئىشمۇ ئاخىرلاشتۇرۇلدى، مەمۇرىي ئىناقلىقمۇ تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بىر دەۋالاشقۇچى ئۆزىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ تەستىقلاپ تارقىتىشىدا خاتالىق بار دەپ قاراپ، پېنسىيەگە چىققاندىن باشلاپ تولۇقلاپ تارقىتىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ تەلەپ دەۋا مۆھلىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن رەت قىلىنغان. تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېلو دەۋالاشقۇچىنىڭ زور ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېتىلىدىكەن، دەۋا مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەمۇرىي ھەرىكەت ھەقىقەتەن مۇۋاپىق بولمىغان دەپ قاراپ، تولۇقلاپ تارقىتىش تەكلىپىنى بەرگەن، مەسىلە ئاخىر ھەل قىلىنغان.

  جامائەتچىللىك دەۋاسىغا دائىر تەپتىشلىكىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىدۇق. پىروكۇرورلۇق ئاممىۋى مەنپەئەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇقەددەس بۇرچ دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قوش پايدا ئېلىش، كۆپ پايدا ئېلىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپكە دائىر جامائەتچىللىك دەۋاسىدىن 7125نى، مەمۇرىي ئىشلارغا دائىر جامائەتچىللىك دەۋاسىدىن 119 مىڭ 787نى بېجىردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %62.2 ۋە %10.1 ئاشتى. ئاممىۋى مەنپەئەتنى دەۋادىن بۇرۇن قوغداش مەقسىتىگە يېتىشنى ئەڭ ياخشى ئەدلىيە ھالىتى قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇنچىللىقنى ئىستەش نىشانى بىردەك، شۇڭا جامائەتچىللىك دەۋاسى «نۆل يىغىندىلىق تاقابىللىق» ئەمەس. فۇجيەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ۋە ئاشكارا يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى كېڭەيتىپ، تۈزەشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 2018-يىلى بېجىرىلگەن 100 مىڭدىن ئارتۇق دەۋادىن ئىلگىرىكى تەپتىش تەكلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرسەك، قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىغان، ئەمەلىي تۈزەتمىگەن، ئۈزۈل-كېسىل تۈزەتمىگەن 8751 تەكلىپنى بايقىدۇق، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا كەينىگە كىرىۋېلىپ ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. 2019-يىلى بېرىلگەن دەۋادىن ئىلگىرىكى تەپتىش تەكلىپى 103 مىڭ 76 پارچە بولۇپ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشتى؛ جاۋاب قايتۇرۇش ۋە ئۇنى تۈزىتىش نىسبىتى %87.5كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.5 پىرسەنت پوئىنتى ئاشتى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەسىلىلەر دەۋادىن ئىلگىرى ھەل قىلىندى، قانۇن يۈرگۈزۈش كۈچىنى ئەڭ ئاز ئىشلىتىپ ئەڭ ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2-قېتىملىق سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە تەپتىش تەكلىپى بەرگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ۋە تەپتىش تەكلىپى بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ھەل قىلىنماي، ئاممىۋى پاراۋانلىق زىيانغا ئۇچراپ جامائەتچىللىك دەۋاسى قىلىنغان دېلو 4778 بولۇپ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48 كۆپەيدى. سوت مەھكىمىسى 3238 دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، 3225 پارچە ئەيىبلەش پىكرىنى قوللىدى. دېلو بېجىرىش دائىرىسىنى پائال، پۇختا كېڭەيتتۇق. ھوقۇق بېرىلگەنلىكى قانۇندا ئېنىق بېكىتىلگەن ساھەلەردىن باشقا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئاممىۋى مەنپەئەت زىيانغا ئۇچراش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ 7950 دېلو ئاچتۇق. بېيجىڭ خەيديەن، خۇبېي جىڭمېن قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكاندارلارنىڭ بالىلارغا تاماكا سېتىش مەسىلىسى توغرىسىدا تەپتىش تەكلىپى بېرىپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى؛ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق سەككىز مىنىستىرلىق، كومىتېت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جامائەتچىللىك دەۋاسىغا دائىر تەپتىش خىزمىتى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەخسۇس دوكلات ئاڭلىدى، قاراپ چىقتى ھەمدە مەخسۇس سۈرۈشتۈردى، 435 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى؛ 15 ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەخسۇس دوكلات ئاڭلىدى، 11 ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەخسۇس قارار چىقىرىپ، كۈچلۈك نازارەت قىلىپ قوللىدى.

  3. ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆت پولاتتەك» بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىروكۇرورلار قانۇنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ماھارەت بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئالدۇق.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق. مەركەزنىڭ كۆزىتىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تۈزىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىزنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» جاڭ بياۋ، فاڭ گۇڭدىن ئۆگەندۇق، پەن جىرۇڭ، شى جىڭلەن، ۋاڭ يۇڭ قاتارلىق يېڭى دەۋردىكى پىروكۇرورلارنىڭ ئوبرازى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. 12 نەپەر تەپتىش خادىمى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، گۇاڭشىلىق يى يەنپىڭ ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان خىزمەت ئورنىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى، خۇبېيلىق شيۇڭ چېڭۋېي، فۇجيەنلىك لى ۋاڭشيا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولدى، خەينەنلىك ۋاڭ سەيدۇڭ نامراتلارنى يۆلەشنىڭ 1-سېپىدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىش ئۇلارنى ئەڭ ياخشى ئەسلەشتۇر.

  قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى مۇستەھكەملەش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇردۇق. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرىنى قايتا تەشكىللەش ئىسلاھاتىنى تولۇق تاماملاپ، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە دائىر ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىروكۇرورلار ئىشتاتىنى چېكىندۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ، ئىشتاتنى ئۆلكە بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق. رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان پىروكۇرورلار باشلامچىلىق بىلەن زور، چىگىش، مۇرەككەپ دېلولارنى بېجىردى، تۆت دەرىجىلىك باش تەپتىشلەر 57 مىڭ 636 دېلونى بېجىردى، سوت ھەيئىتى يىغىنىغا 5682 قېتىم سىرتتىن قاتناشتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %57.2 ۋە %56.4 ئاشتى. پىروكۇرورلارنىڭ دېلو بېجىرىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش تەپتىشلەر، كەسپىي تارماق مەسئۇللىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ماس قەدەمدە كۈچەيتتۇق.

  «دېلو-ھۆججەت نىسبىتى»نىڭ سۈپەت-ئۈنۈمىنى باھالاش ئۆلچىمىنى بەرپا قىلدۇق. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بىرلا دېلوسى، دېلو بېجىرگۈچى ئورگاننىڭ بىرقانچە تەرتىپ ھالقىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىرقانچە «دېلو» دەپ ئىستاتىستىكا قىلىنىدۇ، لېكىن دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ يەنىلا بىر «دېلو» ھېسابلىنىدۇ. «دېلو» ئۆتىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپى قانچە كۆپ بولسا، ئىستاتىستىكا قىلىنغان «دېلو»مۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، قانۇن يۈرگۈزۈش بايلىقىنىڭ سەرپىياتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا يۈكىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئەڭ ياخشى «دېلو-ھۆججەت نىسبىتى» 1:1 بولىدۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بىر «دېلو»سى تەپتىش تەرتىپىگە كىرگەندىن كېيىن بىر قېتىمدىلا سۈپەتلىك بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلسا، قانۇن يۈرگۈزۈش بايلىقى سېلىنمىسى ئەڭ ئاز بولىدۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تەسىراتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بۇ باھالاش ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىشتا پىروكۇرورلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىنچىكە ئىشلەپ، تەرتىپنىڭ زۆرۈرىيەتسىز قۇرۇق ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق. 2019-يىلى جىنايى ئىشلار تەپتىشلىكىدىكى «دېلو-ھۆججەت نىسبىتى» 1:1.87 بولدى، «ھۆججەت» ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.02 تۆۋەنلىدى، تەخمىنەن 30 مىڭ زۆرۈرىيەتسىز دېلو بېجىرىش ھالقىسى ئازايدى.

  تەپتىشلىك كەسپىي قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق ياراتتۇق. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە 10 قارار مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىپ، سودىيە، پىروكۇرورلارنى بىر سىنىپتا تەربىيەلەپ، ئورتاق قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش-ئالماشتۇرۇشقا كادىر ئەۋەتتۇق. ئىچكى موڭغۇل، خەينەن ۋە باشقا ئۆلكىلەردىكى ئاساسىي قاتلام پىروكۇرورلىرىنى ئۆزئارا ئەۋەتىش ۋە ئۆزئارا تولۇقلاشنى ماسلاشتۇردۇق. «جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئەمەلىيىتى دەرسخانىسى»غا ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەپتىش ئەمەلىيىتىنى قانۇنشۇناسلىق تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بەردۇق.

  پىروكۇرورلارنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش، دېلو بېجىرىش قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىش، قول تىقىشنى چوقۇم خاتىرىلەش، دوكلات قىلىش توغرىسىدا مەركەز ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاللىبۇرۇن «ئۈچ بەلگىلىمە» چىقارغان. «سۈرۈشتە قىلىش» ئاساسلىقى ئەھۋالنى بايان قىلىش، ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەش بولۇپ، كۆپىنچە قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى نازارەت قىلىدۇ؛ «خاتىرىلەش، دوكلات قىلىش» پىروكۇرورلارغا چەكلىمە قويۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئادەمگەرچىلىك دېلوسى، مۇناسىۋەت دېلوسى، پۇل دېلوسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆپ ساندىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان «نۆل دوكلات»لارغا قارىتا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، «سۈرۈشتۈرۈشنى چوقۇم خاتىرىلەش»نى تەلەپ قىلىپ، «نۆل دوكلات»نىڭ ياخشى بەلگىلىمىنى قۇرۇق جازىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشىغا يول قويمىدى. تۆت دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ بارلىق خادىملىرى قاپلاندى، ئايمۇئاي دوكلات قىلىنىپ، 2018-يىلىدىن بۇيانقى جەمئىي 18 مىڭ 751 ئالاقىدار ئىش خاتىرىلىنىپ دوكلات قىلىندى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ھەمدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ۋاكالەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى ھەيدەش جاسارىتى بىلەن ساقلانمىنى ئازايتىپ، كۆپەيمىنى توستۇق، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى ئالتە كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1290 نەپەر تەپتىش خادىمى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.7 ئاشتى، 54 كىشىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى. پىچاق بىسىنى ئۆزىمىزگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارا-رەزىل كۈچلەرگە مەدەت بېرىپ يانتاياق بولغان 42 تەپتىش خادىمىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تۇتقان، قاتتىق باشقۇرغان، تېخىمۇ كۆپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بالدۇر تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە تۇتۇشقا ئىلھام بېرىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

  4. خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەپتىش ھوقۇقىنى ئاشكارا يۈرگۈزدۇق.

  تۆمۈر سوقۇش ئۈچۈن بازغانچى كۈچلۈك بولۇشى شەرت دېگەننى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ نازارىتىدە ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئالدۇق.

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. تۆت دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ روھىنى ماس قەدەمدە يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قاراپ چىقىش دوكلاتى، كۆزدىن كەچۈرۈپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەندە ئوتتۇرىغا قويغان 5836 پىكىر-تەكلىپنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، كۈندىلىك خىزمەتلەردە تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بەرگەن 150 پارچە يازما تەكلىپنى ئەستايىدىل بېجىردۇق، يېڭىدىن ئىلگىرىلەش بولغان ئۆتكەنكى يىللاردىكى 36 تەكلىپنى ئەگىشىپ قايتما ئىنكاس قىلدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 376نى تەپتىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە، دېلونى ئاشكارا تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، نازارەت قىلدۇردۇق، قوللاشقا ئېرىشتۇق.

  دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، جامائەتچىللىك دەۋاسىغا دائىر تەپتىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى دوكلات قىلدۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بەرگەن 56 تەكلىپنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىغا نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق تۈردە يۈزتۇرانە ئۇقتۇرۇپ، پىكىرلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن چىن كۆڭلىمىزدىن ئاڭلىدۇق. مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئورناتقان پىكىر ئالماشتۇرۇش-ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆلكە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ شۇ جايدىكى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى غەمدىن بىرلىكتە خالاس قىلدۇق.

  مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش چەكلىمىسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. رېۋىزىيە ئورگانلىرى قايتا قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئەيىبلىمەسلىك دېلولىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قايتا قاراپ چىقىش، قايتا تەكشۈرۈشكە سۇنغان قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق، ئەيىبلىمەسلىك دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قايتىدىن قاتتىق تەكشۈرۈپ، 740 كىشى ئۈستىدىكى ئەسلىي قارارنى ئۆزگەرتتۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 تۆۋەنلىدى. سوت مەھكىمىسى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان دېلولارنى بىر-بىرلەپ باھالاپ تەكشۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشمە يىغىن مېخانىزمى ئورنىتىپ، جىنايى جازانى قاتتىق، ئادىل ئىجرا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردۇق.

  جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. تەپتىشلىكنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر ساھە زاتلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلدۇق. 12309 جۇڭگو تەپتىش تورى، تەپتىش مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى ۋە تەپتىش مۇلازىمىتى مەركىزىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇردۇق، تۆت دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى بىرلىككە كەلگەن كۆزنەك، بىر سۇپىدا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى. خەلق نازارەتچىلىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق تەپتىش كەسپىنى نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. ئاكتىپلىق بىلەن تاراتقۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاممىۋى پىكىر نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەپتىش قىلىش، دېلو بېجىرىشنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.

  ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكارلىق ھوقۇقىغا سەمىمىي ھۆرمەت قىلدۇق ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە قوغدىدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى ئادۋوكاتلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان 734 دېلونى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تۈزەتتۇق. ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش ئورگىنى بىلەن ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئادۋوكاتلار ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئايرىم يول، ئايرىم سۆھبەت ئىشخانىسى تەسىس قىلدۇق؛ دېلو بېجىرىش داۋامىدا ئادۋوكاتلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلىشىنى ئورتاق قوغدىدۇق. 29 مىڭدىن ئارتۇق ئادۋوكاتنى تەپتىش مەھكىمىلىرىدە تۇرۇپ زىيارەت قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق. تەپتىش ئورگانلىرى خەلق ئادۋوكاتلىرىنى چىن كۆڭلىدىن قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلارغا سەمىمىي ئىشىنىدۇ.

  بىر يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدۇق. فۇجيەننىڭ شيامېن قاتارلىق جايلاردا تەيۋەنگە چېتىشلىق تەپتىش ئالاقىسى ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئالاقىچىلىككە تەكلىپ قىلدۇق. بىز باشتىن-ئاخىر ئالاھىدە توپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردۇق. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئائىلە زۇلۇمى، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزىدۇق. جياڭسۇ، سىچۈەننىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 مىنىستىرلىق، كومىتېت بىلەن بىرلىكتە جازا ئۆتەۋاتقان ۋە قاماقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى يۆلەش-پاناھلاندۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. مېيىپلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن 5928 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشتى. ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن 46 مىڭ 610 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئاشتى. ئوقۇتقۇچىلارنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، ھەق-ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى ئايرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەنئەنىنى جارى قىلدۇردۇق. تىنچ-ئامان دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق. دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش، توپلىشىپ دوختۇرخانىدا قالايمىقانچىلىق تېرىش قاتارلىق دوختۇرخانىغا چېتىشلىق جىنايەت بىلەن 1637 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.9 تۆۋەنلىدى. دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش، دوختۇرخانىدا قالايمىقانچىلىق تېرىش جىنايىتىگە قىلچە يول قويماسلىقىمىز شەرت، بېيجىڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرى سۈن ۋېنبىننىڭ دوختۇرنى ئۆلتۈرۈۋېتىش دېلوسىدا جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە تېز قولغا ئالدى، تېز ئەيىبلىدى، جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتى ۋە ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەربىيلەرنىڭ ئۆيىنى بۇزۇش قاتارلىق ھەربىيگە چېتىشلىق جىنايەت سادىر قىلغان 510 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.3 ئاشتى. قانۇنسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن 126 كىشىنى ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.5 ئاشتى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي-قانۇن كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ تەپتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق. سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىغا «يېشىل يول» ئېچىپ، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە چىن دىلىمىز بىلەن كۆڭۈل قويۇپ قانۇن ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلدۇق. سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇپ، 190 ئايرىم دېلونى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈپ ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە ھەمكارلىشىپ بېجىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدۇق. گەنسۇ قاتارلىق غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تەپتىش ئورگانلىرى ھەمكارلىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى. گۇاڭشى تەپتىش ئورگىنى چېگرا ھالقىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى پىروكۇرورلار، سودىيەلەر كۇرسىدىن 3 قارار ئاچتۇق.

  ۋەكىللەر، بىر يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەلىپىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەپتىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بۇنىڭ تۈپ نېگىزىدۇر؛ بۇ نەتىجىلەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكى، گوۋۇيۈەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ماسلىشىشى ۋە چەكلىمىسىدىن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن !

  بىز سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، يېڭى دەۋردىكى تەپتىش خىزمىتىدە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر بار. بىرىنچى، تەپتىشلىك ئىدىيەسىنى يېڭىلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە خېلى پەرق بار. ئىككىنچى، قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش جايىدا بولمايۋاتىدۇ، ماسلىشىش، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەت قىلىش، چەك قويۇشقا سەل قارىلىۋاتىدۇ. ئۈچىنچى، تەپتىشلىك كەسپىدىكى ئاجىز ھالقىلار تېخى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىلمىدى، مەمۇرىي تەپتىشلىك، ھەق تەلەپ تەپتىشلىكى ھېلىھەم روشەن كەمكتۈكلىكىمىز ھېسابلىنىدۇ. تۆتىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش يېتەرسىز، يانداش تەدبىرلەر مۇكەممەللەشمىدى. بەشىنچى، پىروكۇرورلارنىڭ كەسپىي ساپاسى يېڭى دەۋرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىگە ماسلىشالمايۋاتىدۇ، ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى، پۇل مۇئامىلە، تور قاتارلىقلارغا دائىر دېلولارنى بېجىرىش ئىقتىدارىمىز ناھايىتى ئاجىز. ئالتىنچى، تەپتىش ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش، چەك قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دېلونى بەلگىلىمىگە خىلاپ بېجىرىش، دېلو ئارقىلىق نەپسانىيەتچىلىك قىلىش پات-پات يۈز بېرىۋاتىدۇ، ياڭ كېچىن قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنىڭ تەسىرى يامان، ساۋاقلىرى چوڭقۇر بولدى. يەتتىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى يەنىلا زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، بەزى ئورۇنلاشتۇرمىلار جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى. يېڭى مەسىلىلەرنى ئىزچىل ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىزدىكى چوڭ سىناق.

  كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا قىلغان يېڭى خىرىس ئالدىدا، تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز شەرت. پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈمىز؛ «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش»تا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى غەم قىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز؛ «مۇقىم ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش»تە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقى، تەپتىش ئاڭلىقلىقى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  بىرىنچى، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم بۇرچ قىلىمىز. دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان-ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەقـقىياتقا يەتكۈزگەن تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىنى قەتئىي جازالايمىز. يۇقىرى پەللىگە يەتكەن قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولار ئۈستىدىكى ئەيىبلەشنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېجىرىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىش، دائىم تۈزەشكە تۈرتكە بولىمىز. نامراتلارنى يۆلەش پۇل-مېلىغا خىيانەت قىلغان ۋە ئۇنى ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى سادىر قىلغانلارنى قاتتىق جازالاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى تېز قايتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە يېمەكلىك-دورا ساھەسىدىكى جامائەتچىللىك دېلولىرىنى گەۋدىلىك ياخشى بېجىرىمىز؛ پۇل مۇئامىلە جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالايمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغان جىنايەتلەرنى قەتئىي جازالايمىز. پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. رېۋىزىيە-تەپتىشنىڭ جىپسىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالايمىز. يۇقۇم مۇداپىئەسىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە ياۋايى ھايۋانلار سودىسى قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالايمىز. يېڭى دەۋردىكى «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى»نى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر دائىرىسىدە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى ئاكتىپ ئالغا سىلجىتىمىز؛ «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش» دېگەن مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىروكۇرورلارنىڭ قانۇننى دېلو ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، قانۇنچىللىقنى مەكتەپلەردە، مەھەللىلەردە، يېزا-كەنتلەردە، كارخانىلاردا تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىمىز؛ يۇقۇمغا چېتىشلىق زىددىيەت، ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشقا قاتنىشىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز. ئارمىيەگە چېتىشلىق جىنايەتلەرنى قەتئىي جازالاپ، دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئىتى ۋە ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  ئىككىنچى، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئادا قىلىمىز. جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىپ جازاغا قايىل بولغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، بىز پۈتۈن خادىملارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش-تەربىيەلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، تەپتىشلىكنىڭ تۈرلۈك كەسپىي خىزمەتلىرىدە ياخشى تۇتۇپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئىجرا قىلىمىز. دېلودىكى ئالاقىدار دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھەق-تەلەپكە چېتىشلىق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايمىز. مەمۇرىي تالاش-تارتىشلارنى ماھىيەتلىك پەسەيتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلۈشىنى قوغداپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جامائەتچىللىك دەۋاسىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېلو بېجىرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاممىۋى ساغلاملىق، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، ئاياللار ۋە بالىلار، مېيىپلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، توردا زىيانكەشلىك قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش، مەدەنىي يادىكارلىق ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاممىۋى پاراۋانلىققا زىيان سېلىش دېلولىرىنى پائال، پۇختا بېجىرىمىز. ئاممىدىن كەلگەن خەت-چەكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەلىي جاۋاب قايتۇرۇپ، دېلونى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىشنى تۈگىتىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئەپلىشىپ قېلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، «1-نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، يەنە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز. پىروكۇرورلارنىڭ مەكتەپلەردە قانۇنچىللىق بويىچە مۇئاۋىن مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىي ئىشلەيمىز.

  ئۈچىنچى، «ئۆستۈرۈش»نى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپى بويىچە يېڭى دەۋردىكى تەپتىشلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ سۈپەت-ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. تەپتىشلىكنى ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىل تەپتىشلىك قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلام تەپتىش خىزمىتىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىز ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاسى ۋە پىكرى بويىچە تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمى بىلەن پۈتۈن سىستېمىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي تۇتىمىز؛ تەپتىش قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، پولاتتەك تەپتىش قوشۇنى بەرپا قىلىمىز.

  ۋەكىللەر، 70 يىلدىن بۇيان، جۇمھۇرىيەتنىڭ قاينام-تاشقىنلىق تارىخىي مۇساپىسىگە ئەگىشىپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى «ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت بويىچە ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز !

  جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلدى، خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى تارقاتتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ