ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

2020.07.02 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

  ‐‐ 2020-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا بېرىلگەن

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ

  ۋەكىللەر:

  مەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قازىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمىمىزنىڭ زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامان قىلىپ، جۇڭگو كۈچ-قۇدرىتى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىنى دۇنياغا نامايان قىلدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇستەقىل ياكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاش، دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىنى جازالاش، خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارغا دائىر پىكىرنى تۈزدى، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىغا كاپالەتلىك قىلىش»قا مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق جىنايەتنى جازالاش، خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر 57 تىپىك دېلونى ئېلان قىلىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنى ھىمايە قىلىپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق تۈرلۈك دېلودىن 2736نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق زىددىيەت-ماجىرالارنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈردى؛ تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ئىززىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئىلگىرىلەۋاتقان «ئەڭ گۈزەل ئېقىمغا قارشى ئىلگىرىلىگۈچىلەر»نى قوغدىدى؛ قانۇننى ئېھتىياتچان، ياخشى نىيەتلىك، مەدەنىي يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى پائال ھەل قىلدى؛ يىراقتىن دېلو ئېچىش، توردا سوت قىلىش، ئاقىل ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق زىددىيەت-ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. ئاقىل سوت مەھكىمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى توردا 1 مىليون 360 مىڭ دېلو ئېچىپ، 250 مىڭ قېتىم سوت ئاچتى، 590 مىڭ قېتىم مۇرەسسە قىلدى، 4 مىليون 460 مىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆججىتىنى توردا يەتكۈزدى، 2 مىليون 660 مىڭ دېلونى توردا تەكشۈرۈپ تىزگىنلىدى، توردا پۈتۈشۈلگەن ئەدلىيەلىك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سوممىسى 63 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە، نەقلەشكەن ئىجرا سوممىسى 204 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى. سوت مەھكىمىسى كادىر-ساقچىلىرى بولۇپمۇ خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى سوت مەھكىمىسى كادىر-ساقچىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، جايلارنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە، قانۇنغا سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

  2019-يىلى ئىشلىگەن ئاساسلىق خىزمەتلىرىمىز

  2019-يىلى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارارىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئۈنۈم يارىتىپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 38 مىڭ 498 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 34 مىڭ 481 دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %10.7 ۋە %8.2 ئاشتى، 20 ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، 33 يېتەكچى دېلو ئۆرنىكى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتى؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى 31 مىليون 567 مىڭ دېلونى قوبۇل قىلىپ، 29 مىليون 22 مىڭ دېلونىڭ سوتى ۋە ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇردى، ئاياغلاشتۇرۇلغان دېلولارنىڭ نىشان سوممىسى 6 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.7، %15.3 ۋە %20.3 ئاشتى.

  1. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمىن جۇڭگو بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق. 1 مىليون 297 مىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، 1 مىليون 660 مىڭ جىنايەتچىگە جازا ھۆكۈم قىلدۇق. تۈرلۈك سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك قاتارلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىگە قارىتا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى دېلوسىدىن 49 مىڭنى، كۆپ يۈز بېرىدىغان مال-مۈلۈككە چېقىلىش جىنايىتى دېلوسىدىن 272 مىڭنى، قورال، پارتلىتىش، قىمار، شەھۋانىيلىققا چېتىشلىق جىنايەت دېلوسىدىن 65 مىڭنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى دېلولىرى ئۇدا ئون يىل ئازىيىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇقىم ۋە تەرتىپلىك بولدى. زەھەر چەكلەش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زەھەر جىنايىتى دېلوسىدىن 86 مىڭنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. جىددىي ئەھۋالنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىنى جازالاشقا دائىر پىكىر چىقىرىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغدىدۇق. كوچا ئاپتوبۇسىنى بۇلاپ ئادەم سوقۇش، مەكتەپ ئالدىدا بىگۇناھلارنى چاناپ ئۆلتۈرۈش، ئوخشاش يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىلغا چىقىۋالغان يولۇچىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم زور قەبىھ دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، جىنايى قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، جىنايى جازانىڭ چۆچۈتۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.

  قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق. قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردۇق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 83 مىڭ 912 ئادەمگە چېتىلىدىغان قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 12 مىڭ 639 دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى. سۈن شياۋگو دېلوسى، دۇ شاۋپىڭنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا جەسەت كۆمۈش دېلوسىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، باش جىنايەتچى سۈن شياۋگو، دۇ شاۋپىڭلارغا قەتئىيلىك بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ھەققانىيەتنى ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبىگە ئېرىشتۈردۇق. ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە رەزىل كۈچلەر، «قىلتاق قەرز»، قانۇنسىز قەرز بېرىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش ھەققىدە پىكىر چىقىرىپ، سىياسەت بىلەن قانۇننىڭ چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش، توغرا زەربە بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ۋە مۇناسىۋەت تورىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالىدۇق. قانۇنسىز مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، كىرىم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، مال-مۈلۈك جازاسى بېرىش، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى تاپشۇرغۇزۇش، مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ھەر تەرەپلىمە قوللىنىپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت قىلدۇق. مەخسۇس كۈرەشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر تۈركۈم «قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زومىگىرى»، «يول زومىگىرى»، «كۆكتات زومىگىرى»، «كەنت زومىگىرى»نى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ساپلاشتۇردۇق.

  چىرىكلىك جىنايىتىنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلىدۇق. 29 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىغان 25 مىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، جاۋابكارلار ئىچىدە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 27 سابىق كادىر بار. كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى توغرا گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەي ۋېنلى قاتارلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلدۇق، شىڭ يۈن قاتارلىق ئېغىر چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەردۇق. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت رېۋىزىيەسى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. چېگرا سىرتىغا قاچقانلارنى تۇتۇپ كېلىش، زاڭ پۇل-مالنى قايتۇرغۇزۇش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، چېگرا سىرتىغا قاچقان چىرىك ئۇنسۇرلارنى دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىپ سوت قىلىشقا دائىر 321 دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، پېڭ شۈفېڭ قاتارلىقلارنىڭ چېگرا سىرتىغا يۆتكىۋالغان قانۇنسىز تاپاۋىتىنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇن سىرتىدا ئەركىن يايراپ يۈرۈشى، جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈشىگە قەتئىي يول قويمىدۇق.

  خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي قوغدىدۇق. يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، چاڭشېڭ ۋاكسىنا دېلوسى، شياۋ پىڭخۈينىڭ سۇ ئۇرۇلغان كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى قاتارلىق زور دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، يۇندى ياغ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دورا-يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. خېبېي، شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى تەقلىد دورىنى تەستىقسىز ئىمپورت قىلىشقا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، جىنايەت ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىش چېكىنى توغرا ئىگىلەپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ قەھرىنىمۇ، مېھرىنىمۇ ساقلىدى. مىللىي كاپىتالنى بوشىتىش تۈرىدىكى تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالغا قارىتا، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېتەكچى پىكىر چىقىرىپ، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. «مەكتەپ قەرز پۇلى» جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق. زوراۋانلىق بىلەن دوختۇرنى زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، بېيجىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرىنى ئۆلتۈرگەن سۈن ۋېنبىن قاتارلىق بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، نورمال داۋالىنىش تەرتىپىنى ساقلىدۇق. ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش-چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت يېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، قانۇن يۈرگۈزۈش سىياسىتى چىقىرىپ، قانۇن بويىچە جازالاش ۋە مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئېگىزدىن نەرسە تاشلاپ ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈشكە دائىر بىر تۈركۈم دېلونى ئوچۇق سوت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «بوشلۇق» بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق.

  ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە كېسىم چىقاردۇق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قارارىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، 23 مىڭ 593 جىنايەتچىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە قانۇن بويىچە كېسىم چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئەلنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ئەخلاق ئارقىلىق كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىكىنى نامايان قىلدۇق.

  كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، خاتالىق بولسا جەزمەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇردۇق، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوت نازارەتچىلىك تەرتىپى بويىچە 1774 جىنايى ئىشلار دېلوسىنى يېڭىباشتىن سوت قىلىپ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتتى، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى جاڭ جىچاۋ دېلوسى قاتارلىق زور ناھەق، خاتا دېلولارنى قانۇن بويىچە تۈزەتتى. 18 مىڭ دۆلەت تۆلىمى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. جىنايەت بىلەن جازانى قانۇندا بەلگىلەش، گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش، دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسەن ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەيىبلەنگەن دېلودىكى 637 جاۋابكار ۋە بىۋاسىتە دەۋا دېلوسىدىكى 751 جاۋابكارنى قانۇن بويىچە گۇناھسىز دەپ جاكارلىدۇق. شەنشى سوت مەھكىمىسى فەن تەييىڭنى قانۇن بويىچە گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ، زور ناھەق، خاتا دېلو كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق جازالاشقا تېگىشلىكلىرىنى قاتتىق جازالاپ، كەڭچىلىك قىلىشقا تېگىشلىكلىرىگە كەڭچىلىك قىلىپ، جىنايەتكە لايىق جازا بەردۇق. سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جىنايىتىنى بوينىغا ئالغان، جازاغا قايىل بولغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا تەتبىقلىدۇق. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

  2. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق

  قانۇنچىل سودا مۇھىتى بەرپا قىلدۇق. قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتى. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 4 مىليون 537 مىڭ سودا ئىشلىرى دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا پىكىر تۈزۈپ، شىركەت قانۇنى، ۋەيرانچىلىق قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلىرىنى چىقىرىپ، ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى سوت خىزمىتى يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىپ، قانۇننى تەتبىقلاش ۋە ھۆكۈم-كېسىم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە كۆزلىمىلىكىنى كۈچەيتتۇق. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي دەۋا دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللىدۇق ۋە نازارەت قىلدۇق، 284 مىڭ مەمۇرىي دەۋا دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات يۇمشاق مۇھىتىنى ياخشىلىدۇق. دۇنيا بانكىسىنىڭ 2020-يىللىق سودا مۇھىتى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ سودا مۇھىتىنىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپى زور دەرىجىدە ئۆسكەن، «ئىجرا توختامى»، «ۋەيرانچىلىق»، «ئوتتۇرا-كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش» قاتارلىق قانۇن يۈرگۈزۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن، بۇنىڭ ئىچىدە «ئەدلىيە تەرتىپى سۈپىتى» ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، بۇ ساھەدىكى «دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى» دەپ باھالانغان.

  تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدىدۇق. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ دەۋا ئورنى، قانۇننى تەتبىقلاش، قانۇن جاۋابكارلىقى بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىسى، پۇقراۋى كارخانا، ئىچكى مەبلەغ، چەت ئەل مەبلىغى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە ئوخشاش نەزەردە قاراپ، قانۇن بويىچە قوغدىدۇق. پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئىلگىرىكى تىجارەت داۋامىدىكى قېلىپلاشمىغان قىلمىشلىرىغا تەرەققىيات نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىختا شەكىللەنگەن مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان ناھەق، خاتا دېلولارنى قانۇن بويىچە تەكشۈردۇق ۋە تۈزەتتۇق، سۇجوۋ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى نى جۈباۋ دېلوسىنى يېڭىباشتىن سوت قىلىپ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ، پۈتۈنلەي خاتا بولسا پۈتۈنلەي تۈزىتىش، قىسمەن خاتا بولسا قىسمەن تۈزىتىش، قەيەرگىچە خاتا بولسا شۇ يەرگىچە تۈزىتىشتە چىڭ تۇردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بارلىق ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى رەتلەپ، 103 نى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، پۇقراۋى كارخانىلارغا تەڭسىز بارلىق بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلدۇق. مال-مۈلۈكنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، «جانلىق پېچەتلەش، جانلىق تۇتۇپ قېلىش» قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئىجادىي تەتبىقلاپ، كارخانىلارنىڭ تىجارىتىگە بولغان تەسىرنى ئىمكانقەدەر ئازايتتۇق. ئىقتىسادىي ماجىرا بىلەن ئىقتىسادىي جىنايەتنى، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقنى، قانۇنلۇق مال-مۈلۈك بىلەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى، شىركەت مال-مۈلكى بىلەن شەخسىي مال-مۈلۈكنى، يوللۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنى قاتتىق پەرقلەندۈردۇق، پاكىتى ئېنىقسىز، دەلىل-ئىسپاتى يېتەرسىز دېلولاردىكى جاۋابكارلارنى قەتئىي گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىپ، كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتتۇق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يېڭىلىق يارىتىش مەنبەلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئاساسىي كاپالىتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. 418 مىڭ پاتېنت، تاۋار ماركىسى، ئەسەر ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدۇق. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت كوللېگىيەسى كەشپىيات، قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنت قاتارلىقلارغا دائىر دەۋا دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ئادىل، ئۈنۈملۈك قاراپ چىقىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈردى. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، ناتوغرا رىقابەتلىشىش قاتارلىق دېلولارنى ئادىل قاراپ چىقىپ، بازارنىڭ ئادىل رىقابەت تەرتىپىنى قوغدىدۇق. جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى پائال تەتبىقلاپ، ھوقۇققا چېقىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى ئاشۇردۇق. فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ سوت مەھكىمىلىرى كۇئالكوم بىلەن ئالما، خۇاۋېي بىلەن سامسۇڭنىڭ بىر قاتار پاتېنت ماجىراسى دېلولىرىنى ئوبدان قاراپ چىقىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دۇنياۋى مۇرەسسە ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلو ئۆرنەكلىرىنى مەخسۇس نەشر قىلدى. دۆلىتىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىنى، بولۇپمۇ پاتېنت دېلولىرىنى ئەڭ كۆپ قاراپ چىققان دۆلەتكە، شۇنداقلا قاراپ چىقىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە مۇلازىمەت قىلدۇق. ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، ئاكسىيە زاكاز مال بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش، يەڭ سودىسى قىلىش جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالىدۇق. خەلق بانكىسى، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە پۇل مۇئامىلە ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرى قاتارلىق ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدۇق. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىرى تەسىس قىلىش ۋە سىناق قىلىپ رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر پىكىر تۈزۈپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئۇللۇق تۈزۈم ئىسلاھاتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. بېيجىڭ، شاڭخەي سوت مەھكىمىلىرى «e زۇباۋ» قاتارلىق ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىگە چېتىشلىق دېلولاردىكى تۆلەمنى ئۈزۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىگە چېتىلىدىغان زور دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قانۇن بويىچە قاتناشتى. يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى «پان ئاسىيا رەڭلىك مېتال بېرژىسى» قاتارلىق قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى پائال قايتۇرۇۋېلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ زىياننى قايتۇرۇۋېلىشىغا تىرىشىپ ياردەم بەردى. شاڭخەي پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى ئاكسىيە ماجىراسىغا ئۈلگىلىك ھۆكۈم چىقىرىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا-كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە مۇلازىمەت قىلدۇق. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تولۇقلىما ئالدامچىلىقى، سۇغۇرتا پۇلى ئالدامچىلىقى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىغا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدۇق. سەنشى، خۇنەن، سىچۈەن، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى يېزا يەر ئوبوروتى، ئورمان ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پاي ھەمكارلىقى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق دېلولارنى ئوبدان قاراپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، نامرات رايونلارنىڭ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ياردەم بەردى. گۈيجوۋ، شىزاڭ ۋە نۇجياڭ، لىنشيا قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ماجىرالىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا مۇلازىمەت قىلدۇق. 268 مىڭ مۇھىت بايلىقى دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سۇنغان 1953 مۇھىت جامائەتچىللىك دەۋا دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، سەنچىڭ تېغى جۈماڭ چوققىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق. ئەنخۈي سوت مەھكىمىسى يوشۇرۇن تۇرۇبا ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىغا قانۇنغا خىلاپ زەھەرلىك ماددا قويۇپ بېرىپ مۇھىتنى بۇلغاش دېلوسىنى قاراپ چىقىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش بىلەن بىرگە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدۇردى. جياڭسۇ نەنجىڭ، گەنسۇ لەنجوۋ قاتارلىق جايلار يېڭىدىن مۇھىت بايلىقى سوتى تەسىس قىلىپ، ئۆلكە دائىرىسىدىكى مۇھىت بايلىقى دېلولىرىنى مەركەزلىك باشقۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. چاڭجياڭ، خۇاڭخې ۋادىلىرىدىكى ئالاقىدار سوت مەھكىمىلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دەريا-ئېقىنلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈردى.

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا مۇلازىمەت قىلدۇق. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بازار سۇبيېكتىنى چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىسلاھات لايىھەسى چىقىرىپ، بازاردىن چېكىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ۋەيرانچىلىق تۈزۈمىنىڭ بازار سۇبيېكتىنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاش، جايلارنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى پەسەيتىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەيرانچىلىقتا قايتا تەرتىپكە سېلىش قاتارلىقلارغا دائىر دېلودىن 4626نى مۇۋاپىق قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، بۇنىڭغا چېتىشلىق ھەقدارلىق 678 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولدى، «مۇردا كارخانا»لارنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك تازىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق، تەرەققىيات ئىستىقبالى بار 482 كارخانىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 108 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەردۇق. تيەنجىن سوت مەھكىمىسى دۆلەت كارخانىلىرىنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە قوللاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى پەسەيتىشىنى ئىلگىرى سۈردى. توڭخۇا سوت مەھكىمىسى ۋەيرانچىلىقتا قايتا تەرتىپكە سېلىش تەرتىپى ئارقىلىق توڭخۇا پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ «ھەقدارلىقنى پايدارلىققا ئايلاندۇرۇش»نى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىپ، زور سوممىلىق قەرز كىرىزىسىنى ھەل قىلىپ، ئاز سوممىلىق ھەقدارلار ۋە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. خۈەيبېي سوت مەھكىمىلىرى ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىقتا كېلىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  رايونلار ماس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. مەخسۇس پىكىر چىقىرىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش ۋە ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلدۇق. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي سوت مەھكىمىلىرى زور تۈر ماجىرالىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشكە مۇلازىمەت قىلدى. شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي سوت مەھكىمىلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلدى. لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ سوت مەھكىمىلىرى سودا قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ياخشىلاشنى نىشانلاپ، يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلدى. گۇاڭدۇڭ سوت مەھكىمىسى ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇنچىللىق مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە شېنجېن باشلامچى ئۈلگە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوغدىدى.

  رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. سانلىق مەلۇمات ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىش بۈيۈك مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىش، رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، پۇقرالارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداشقا پايدىلىق. قانۇن يۈرگۈزۈشتە رەقەملىك ئىقتىسادقا رىقابەتتە نېيترال، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى يېڭى سودا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىگە چېتىشلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق قاراپ چىقىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېڭى قۇۋۋەتكە ئىگە قىلدى. سۈنئىي ئەقىل، تور ئويۇنى ئەسەر ھوقۇقى دېلوسى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭىچە دېلولارنى قاراپ چىقىپ، رەقەملىك نەشر ھوقۇقى، رەقەملىك مەزمۇن مەھسۇلاتلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق. سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسلەرنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا چېقىلىش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، يانفون ئەپلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېلېفون دەپتىرى ئۇچۇرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئوقۇۋېلىشى، تور ئىناۋەت سۇپىلىرىنىڭ شەخسىي ئىناۋەت سانلىق مەلۇماتىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىۋېلىشى قاتارلىقلارغا دائىر دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتۇق؛ «ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى ئۇقتۇرۇش» قائىدىسىنى توغرا تەتبىقلاپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن باشقىلارغا تۆھمەت چاپلايدىغان گەپ-سۆزلەرنى تارقاتقان تور سۇپىلىرىنى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرىدۇق.

  تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق. 17 مىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى دېلوسىنى، 16 مىڭ دېڭىز ئىشلىرى، دېڭىز سودىسى دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىنى تۈزۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدىدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش پىكرى، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش پىكرىنى چىقاردۇق. تيەنجىن، خۇبېي، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئەركىن سودا سىناق رايونىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى پائال مۇكەممەللەشتۈردى. خەينەن سوت مەھكىمىسى ئەركىن سودا پورتى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمەت سۇپىسى ئېچىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھەقسىز قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. نەنجىڭ دېڭىز ئىشلىرى سوت مەھكىمىسى رايون ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلدى. چىڭداۋ دېڭىز ئىشلىرى سوت مەھكىمىسى «نېرىسسا» ناملىق پاراخوتنى تۇتۇپ قېلىش دېلوسىنى ئوبدان ھەل قىلىپ، ۋەقەگە ئالاقىدار تەرەپلەرنى زور زىياندىن ساقلاپ قالغاچقا، چەت ئەللىك دەۋالاشقۇچى پاراخوتنىڭ نامىنى «ھۆرمەت»كە ئۆزگەرتىپ، جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىقىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

  3. قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىدۇق

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇردۇق. ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، دۆلەت شېئىرىنى ھاقارەتلەش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، دۆلەت سىمۋولىنىڭ مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزلىكىنى جاكارلىدۇق. 22 قەھرىمانلار-قۇربانلارنى قوغداش جامائەتچىللىك دەۋا دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، فاڭ جىمىن، دۇڭ سۈنرۈي، خۇاڭ جىگۇاڭ، مۇلىدىكى ئوت ئۆچۈرۈشتە قۇربان بولغان قەھرىمانلار قاتارلىق قەھرىمانلار-قۇربانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قەھرىمانلار-قۇربانلارنىڭ شان-شەرىپىنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا قوغدىدۇق. «يېڭى دەۋردىكى پۇقرالارنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە يېتەكلىدۇق. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنى بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغان، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق. توردا ئاۋام غەملەشتىكى پۇل قايتۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر دېلولارنى قاراپ چىقىپ، تور جامائەتچىللىك ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقتا ۋە خەتەردە قالغانلارغا ياردەم بېرىش، سەمىمىي، دوستانە بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى قوغدىدۇق.

  ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغدىدۇق. 9 مىليون 393 مىڭ ھەق تەلەپ دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 مىليون 440 دېلو مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئىستېمال، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىلىدۇ. مېيىپلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، مېيىپلارنىڭ دەۋا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. «ئىش ھەققىنى قوغداش» ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنى سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك ھەققى بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 10 مىليارد 660 مىليون يۈەن نېسى ئىش ھەققىنى قايتۇرۇپ ئېلىشىغا ياردەم بەردۇق. 1 مىليارد 120 مىليون يۈەن قانۇن يۈرگۈزۈش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، دەۋا قىلىشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردۇق. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت ئېلان قىلىپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈم مۇھىتى ياراتتۇق. ھامىلىدار ئايال ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشىتىش، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى خىزمەت ئىزدىگەندە رايون كەمسىتىشىگە ئۇچراش قاتارلىقلارغا دائىر دېلولارنى ئوبدان قاراپ چىقتۇق، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش سىنىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇق ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى، قائىدە ئادىللىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدۇق.

  ئىناق ئائىلە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئائىلە ئىشلىرى سوتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، بىخەتەرلىكى، ھېسسىياتىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردۇق. 1 مىليون 850 مىڭ ئۆيلىنىش، ئائىلە دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىدىن 2004نى ۋاقتىدا تارقاتتۇق. خېنەن شىنشياڭ، خۇبېي شياۋگەن، گۇاڭشى يۈلىن قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئۆيلىنىش-ئائىلە ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھەببىتى بۇزۇلمىغان ئەر-خوتۇنلارنى ئىمكانقەدەر ياراشتۇرۇپ، بالىلارنى مۇكەممەل ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىمەن قىلدۇق؛ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ، ئائىلە تىراگېدىيەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلاندۇق. ياشانغانلارنى خورلاش، تاشلىۋېتىش، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، 26 مىڭ كۈتۈش دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق، ئائىلە ئىشلىرى سوتى ئائىلە ئىشلىرىغا ماھىرلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىپ، كۈتۈش، بېقىش ماجىرالىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان گۈزەل ئەخلاقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش ئەنئەنىسىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغدىدۇق. ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇمىلاق ئۈستەل شەكلىدە سوت قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. گۇاڭجوۋ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى سودىيە چېن خەييى ئانىلارچە غەمخورلۇقى بىلەن ئازغان ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويۇشىغا ياردەم بەردى. ئۆسمۈرلەر سوتىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئۆسمۈرلەرگە ئەدلىيە بىلەن ئۇچرىشىپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردۇق. ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، بالىلارغا جىنسىي زىيانكەشلىك قىلغان جاۋ جىيۇڭ، خې لۇڭ قاتارلىق جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە قەتئىي ئۆلۈم جازاسى بەردۇق. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە پىكىر چىقىرىپ، ھەقىقەتەن باققۇچىسى يوق بالىلارنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق، گۈيجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى مەخسۇس يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا ھۆججەت چىقىرىپ، ھەر بىر بالىنى قانۇنچىللىقنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمدۈردى. مەكتەپ زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، 4192 ئالاقىدار دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپلەردىكى بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مەكتەپتە جېدەل چىقىرىش»قا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالىدۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداش بىلەن مەمۇرىيەت، ئائىلە، مەكتەپ، مەھەللىلەر قوغداش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى سىنىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغدىدۇق.

  دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئىتى ۋە ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق. ئارمىيەگە چېتىشلىق ھەقلىق مۇلازىمەتنى توختىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىدىكى بەش ئىلغار ئورۇن، 15 ئىلغار شەخس ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى تەرىپىدىن بىرلىكتە تەقدىرلەندى. 15 ماددىلىق تەدبىرنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، يېشىل يولنى يولغا قويۇپ، ئارمىيەگە چېتىشلىق ھەقلىق مۇلازىمەتنى توختىتىشنىڭ كېيىنكى قەدەملىك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن پائال تەمىنلىدۇق. ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەربىي قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، 484 ئالاقىدار دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. ھەربىي سوت مەھكىمىلىرى ھەربىي مەمۇرىي سوت قىلىش سىنىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى. خۇنەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئارمىيە سوت مەھكىمىلىرى بىلەن يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، شەندۇڭ لىنيى، خېنەن شىنياڭ قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ياخشى ئەنئەنە، ياخشى تەجرىبىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيەگە چېتىشلىق ھوقۇق قوغداش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىشلىق 27 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى دېلوسىدىن 9648نى بېجىردۇق، چياۋمىنلارغا چېتىشلىق 2475 دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرىغا دائىر قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئومۇملاشتۇردۇق، ئىچكى جايلار بىلەن ئاۋمېننىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى تور سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزىدىغان 36 ماددىلىق تەدبىر چىقىرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغدىدۇق. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قانۇن كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىشىغا پائال شارائىت يارىتىپ بېرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ ۋەتەننىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى ئاشۇردۇق.

  جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئاممىۋى ئاڭ، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدۇق. ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەر خىزمەت، تۇرمۇشتا ئورتاق بوشلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ، قېلىپلاشقان ئورتاق بوشلۇق ھەرىكىتى — جەمئىيەتنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇش، ئىناق، تەرتىپلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. ئورتاق بوشلۇقتا كۆرۈلگەن دېلولارنى قاراپ چىقىشتا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن، قائىدە ۋە ھېسسىياتقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، رەزىللىكنى جازالاپ، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ بىردەكلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. «بالىنى سوقۇۋەتكەن بوۋاي نەقمەيداندىن ئايرىلىدىغان چاغدا توسۇۋالغۇچىغا ئۇچراپ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىش دېلوسى»نى قاراپ چىقىشتا، توسۇۋالغۇچىدا جاۋابكارلىق يوق، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ئىلھام بەردۇق. «بىماردىن تېپىك يېگەن دوختۇر بەتنامغا قېلىش دېلوسى»نى قاراپ چىقىشتا، ھۆكۈمنى دوختۇر يوللۇق قوغدانغان، دەپ ئۆزگەرتىپ، «سالاچىلىق»قا قەتئىي قارشى تۇردۇق. «ئۈندىدار توپ بېشىنىڭ توپ ئەزاسىنى توپتىن چىقىرىۋېتىش 1-دېلوسى»نى قاراپ چىقىشتا، توپ ئىچىدىكى يوللۇق باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاپ، تور بوشلۇقىنىڭ قانۇندىن مۇستەسنا دۇنياغا ئايلىنىپ قېلىشىنى چەكلىدۇق. «مېۋە ئۈزىمەن دەپ تاغدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈش دېلوسى»نى قاراپ چىقىشتا، كەنت كومىتېتىنىڭ بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى بېكىتىپ، قانۇنغا رىئايە قىلغۇچىنى باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ كېتىشتىن ساقلىدۇق. «مۇز ئۈستىدە ئىت ئوينىتىمەن دەپ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىش دېلوسى»نى قاراپ چىقىشتا، جاۋابكارلىقنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە يۈكلىدۇق. «يانچۇقچىنىڭ قاچىمەن دەپ دەرياغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىش دېلوسى»نى قاراپ چىقىشتا، قوغلىغۇچى ئاممىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىغا قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ زىيادە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدۇق. بىر قاتار دېلولارغا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇزاقتىن بۇيان ئاممىنى تەڭلىكتە قويۇپ كېلىۋاتقان «يۆلەپ قويۇش كېرەكمۇ-يوق»، «نەسىھەت قىلىپ قويۇش كېرەكمۇ-يوق»، «قوغلاش كېرەكمۇ-يوق»، «قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ-يوق»، «قىلىش كېرەكمۇ-يوق»، «ئوتتۇرىغا چىقىش كېرەكمۇ-يوق» دېگەندەك قانۇن ۋە ئەخلاق ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، «غەلۋىخورنىڭ يوللۇق بولۇپ كېتىش»، «كۆرەڭنىڭ يوللۇق بولۇپ كېتىش»، «يارىلانغۇچىنىڭ يوللۇق بولۇپ قېلىش»تەك «سالاچىلىق» ئۇسۇلىنى قەتئىي توسۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنى كۈچ-قۇدرەتكە، ھەق-ناھەقنى ئايرىش ئىمكانىيىتىگە، مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە قىلدۇق؛ ئاممىنى ئىللىقلىق، قائىدىچانلىق ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، قانۇنچىل جۇڭگونىڭ ياخشى پۇقرالىرىدىن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردۇق.

  تۆتىنچى، خەلققە قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زىددىيەت-ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا پائال قاتناشتۇق

  زىددىيەت-ماجىرالارنى ھەل قىلىش — جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. خەلق سوت مەھكىمىسى زىددىيەت-ماجىرانى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ھەل قىلىدىغان سوت ئورگىنى. زىددىيەت-ماجىرالارنى ئادىل ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش — خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى مۇھىم بۇرچى، شۇنداقلا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

  ئاممىنىڭ ماجىرا ھەل قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردۇق. دېلو ئېچىشنى تىزىملاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دېلو نەق مەيدانىدا دېلو ئېچىش، ئۆز ئالدىغا دېلو ئېچىش، توردا ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلو ئېچىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىدىن قەتئىي ساقلاندۇق. سوت مەھكىمىسى ئىشىكىنى داغدام ئېچىۋېتىشى، يەككە-يېگانە ئىش قىلماسلىقى، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا يۇغۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تايىنىپ، زىددىيەت-ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشى شەرت. جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى غەيرىي دەۋا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە ۋە ئەدلىيەلىك مۇرەسسەنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىنى كۈچەيتىپ، غەيرى دەۋا بىلەن دەۋانى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە سۇپىسىنىڭ ماجىرالارنى توردا ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. يۈننەن، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەن سوت مەھكىمىلىرى مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇرەسسە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جېجياڭ سوت مەھكىمىسى پۇتو، ئەنجى ناھىيەلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، زىددىيەتلەرنى ھەقىقىي يوسۇندا بىخ ھالىتىدە ۋە ئاساسىي قاتلامدا تۈگەتتى.

  ماجىرانى بىر ئورۇندا كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش ۋە دەۋا مۇلازىمىتى قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلدۇق. دېلولارنى مۇرەككەپ-ئاددىيلىقى، ئېغىر-يېنىكلىكى، تېز-ئاستا بېجىرىلىشى بويىچە تۈرگە ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋا مۇلازىمەت مەركىزىدە مۇرەسسە قىلىش، تېز كېسم چىقىرىش، تېز قاراپ چىقىش بويىچە ماجىرانى بىر ئورۇندا ھەل قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى تېزلەتتۇق. مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىدىكى دەۋا مۇلازىمەت مەركەزلىرى 8 مىليون 497 مىڭ ماجىرانى ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تېز كېسىم چىقىرىلغان، تېز قاراپ چىقىلغان دېلولارنى قاراپ چىقىشقا كەتكەن ئوتتۇرىچە ۋاقىت 1-سوتتا قاراپ چىقىلغان ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى دېلولىرىنىڭكىدىن %49.2 قىسقاردى. دەۋا مۇلازىمەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ئەرز قىلىدىغان جاي تاپالماسلىق ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىگە پىسەنت قىلماسلىققا قەتئىي يول قويمىدۇق. دەۋا مۇلازىمەت مەركەزلىرى ھەممىنى بىر ئورۇندا، بىر توردا، بىر نومۇردا بېجىرىشتەك دەۋا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. جياڭشى، خۇنەن قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى يېزا-كەنت، مەھەللىلەردە خادىمسىز دەۋا مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  رايون ھالقىپ دېلو ئېچىش دەۋا مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇردۇق. مەملىكەت بويىچە رايون ھالقىپ دېلو ئېچىش دەۋا مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، دەۋالاشقۇچىنىڭ يېقىندىكى سوت مەھكىمىسىگە دەۋا ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىقتا قاتراش ئاۋارىچىلىكىنى ئازايتتۇق. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونى رايون ھالقىپ دېلو ئېچىپ رايون تەۋەسىدە بىمالال بېجىرىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرى ۋە دېڭىز ئىشلىرى سوت مەھكىمىسى رايون ھالقىپ دېلو ئېچىش مۇلازىمىتىنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇپ، «ئىشىك ئالدىدىلا ئەرز قىلىش» يېڭى ئەندىزىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ باشقا جايدا دەۋا قىلىشى قولايسىز بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنى مەۋقە قىلىپ، ماجىرانى ھەل قىلدۇق. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 10 مىڭ 759 خەلق سوتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، جەمئىي 4 مىليون 731 مىڭ دېلونى مۇرەسسە قىلدۇق، قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. يەنئەن، شۈنۋۇ، لياڭداڭ قاتارلىق جايلاردىكى خەلق سوتلىرى ئامما ئەھۋالنى بايان قىلىش، ھەق تەلەپنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇش، سودىيە قانۇننى چۈشەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلدى. «ئاتلىق سوت»، «يۈدمە سېۋەتلىك سوتچى» تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، ئېتىز قىرلىرى ۋە ئامما ئارىسىغا بېرىپ، قەيەر قانۇن يۈرگۈزۈشكە موھتاج بولسا، خەلق سوتىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

  5. «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش»تا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشىنى ساقلىدۇق

  «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش» نىشانى ئۆز ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش»تا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. 2019-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 10 مىليون 414 مىڭ ئىجرا دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ، 9 مىليون 547 مىڭ دېلونىڭ ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇردى، ئىجراسى نەقلەشكەن سومما 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %17.4، %22.4 ۋە %10.8 ئاشتى؛ تۈرلۈك ئىجرا كۆرسەتكۈچلىرى مۇقىم ئېشىپ، جۇڭگوچە ئىجرا تۈزۈمى، مېخانىزمى ۋە ئەندىزىسىنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى.

  ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەسىدىن تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2019-يىللىق «1-نومۇرلۇق ھۆججىتى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارماق ھالقىغان سىستېمىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئەندىزىسىنى مۇستەھكەملەپ كېڭەيتتۇق. خېبېي، جياڭشى، خېنەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردىكى ئۆلكىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتلىرى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى چىقاردى، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىنى قوللىدى. ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات پىروگراممىسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىن كېيىنكى ئۆلچەمنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى، سالماقنىڭ ئاجىزلاپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئادۋوكاتلارنى ئىجراغا قاتناشتۇرۇش پىكرىنى تۈزۈپ، كەسپىي كۈچلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ھەق تەلەپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش قانۇنى تۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىپ، جۇڭگوچە ئىجرا قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

  ياخشى نىيەتلىك، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتۇق. قانۇن بويىچە قاتتىق، ئادىل ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجرادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئىجرانى رەت قىلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، دەۋادا ئۇتقان دەۋالاشقۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. ياخشى نىيەتلىك، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، پېچەتلەش، باھاغا سۇندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە بولغان تەسىرنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتتۇق. مەبلەغ زەنجىرى ۋاقىتلىق ئۈزۈلۈپ قالغان، ئەمما تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى، قۇتۇلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بار كارخانىلارنى مۇرەسسە ئارقىلىق مۇددەتكە بۆلۈپ ئادا قىلىش، قوشۇۋېتىش-قايتا تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىشقا يېتەكلىدۇق. ئىناۋەت جازاسىنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە چۈشكەن ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملارنى تۇرغۇزۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش تەرتىپى ۋە شەرتىنى چىڭىتىپ، ئىناۋەت جازاسىنى دەل جايىدا يولغا قويدۇق. قانۇن بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىدىن ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلانغانلار 2 مىليون 83 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئاشتى. ئىجرا خىزمىتى ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرىكى جازالاشنى ئاساس قىلىشتىن جازالاش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆتتۇق. جېجياڭ نىڭبو، فۇجيەن نىڭدې قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلىشنى ئىجابىي رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لەۋزىدە تۇرۇش تەرىپلىنىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات ياراتتى.

  ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سالمىقىنى زورايتتۇق. خەلق تۇرمۇشى، پۇل مۇئامىلە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھېسابىدىكى پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان دېلولارغا قارىتا، مەخسۇس ئىجرا ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردۇق. مەركەزلىك ئىجرا قىلدۇرۇش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق 210 مىڭ دېلونىڭ ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇردى، ئىجراسى نەقلەشكەن سومما 9 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى. پۇل مۇئامىلىگە چېتىشلىق 470 مىڭ دېلونىڭ ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇردۇق، ئىجراسى نەقلەشكەن سومما 200 مىليارد يۈەنگە يەتتى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھېسابىدىكى پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشقا چېتىشلىق 5870 دېلونىڭ ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇردۇق، ئىجراسى نەقلەشكەن سومما 12 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدۇق.

  6. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق

  ئادىللىق ۋە ئۈنۈم — خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك قىممەت ئىستىكى. يەر شارى مىقياسىدا دېلولار بولۇپمۇ ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى دېلولىرى بىرقەدەر تېز كۆپىيىپ بېرىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، جۇڭگو سوت مەھكىمىلىرى ئۆزىنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. بىز ئىشتاتنى كېڭەيتىپ خادىملارنى كۆپەيتىش يولىغا ماڭمايمىز، دېلو ئېچىشقا چەك قويۇش، دېلونى تاللاپ ئېچىش، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش يولىغا تېخىمۇ ماڭمايمىز، چوقۇم قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاقىل سوت مەھكىمىسى بەرپا قىلىشقا تايىنىپ، سوت سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

  قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر يولغا قويۇش پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 5-بەش يىللىق ئىسلاھات پىروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشى، ماس ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە سودىيەلەر قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يانداش مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. خەلق زاسېداتېللىرى قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوت قىلىشقا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق زاسېداتېللىرىنى 3 مىليون 407 مىڭ دېلونى سوت قىلىشقا قاتناشتۇردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، 15 ئۆلكىدىكى 20 شەھەردە ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپىنى مۇرەككەپ-ئاددىيلىقى بويىچە تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي ھەل قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق.

  قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ھوقۇقنى تەرتىپلىك بېرىش، ئېلمىي سەپلەش، قېلىپلىق ئىشلىتىش، ھوقۇققا قاتتىق چەك قويۇش ئاساسىدىكى سوت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوت قىلىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى تىزىملىكى تۈزۈپ، مەھكىمە باشلىقى، كوللېگىيە باشلىقى، سوت تەشكىلاتى، سودىيەلەرنىڭ ھوقۇق چېكى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بېكىتىپ، مەھكىمە باشلىقى، كوللېگىيە باشلىقلىرىنىڭ سوت قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ جاۋابكارلىقى بولۇش، ھوقۇق يۈرگۈزگەنلەر جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئەدلىيەلىك ئىزاھات، يېتەكچى دېلو ئۆرنەكلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش دېلو ۋە مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى مەجبۇرىي ئىزدەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، سوت ھەيئىتىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈم-كېسىم ئۆلچىمىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. سودىيە سانى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودىيە تاللاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سودىيە سانىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش، جانلىق تەڭشەش، ئالماشتۇرۇش ۋە چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرگۈزۈشكىمۇ، چېكىندۈرۈشكىمۇ بولىدىغان، ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلار مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىيەلەرنى دېلونى ئادىل بېجىرىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ئالاقە تورىدا قانۇن يۈرگۈزۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. بېيجىڭ، خاڭجوۋ، گۇاڭجوۋ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «توردىكى دېلونى توردا قاراپ چىقىش»نى ئومۇملاشتۇرۇپ، توردا دەۋا قىلىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى توردا دەۋا قىلىش قولايلىقىدىن بەھرىمەن قىلدۇق. «جۇڭگو كۆچمە ئۈندىدار سوت مەھكىمىسى»نى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق دەۋا مۇلازىمىتىنى كۆچمە تېرمىناللارغا ئېلىپ كىرىپ، دۇنيادا كۆچمە ئېلېكتىرونلۇق دەۋانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە باشلامچى بولدۇق. «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش» قاتارلىقلارغا چېتىشلىق دېلولارنى قاراپ چىقىپ، تور بوشلۇقىدىكى ھەرىكەت قائىدىسى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردۇق؛ «ساختا ئېقىم مىقدارى كۆپەيتىش» قاتارلىق ئالاقە تورىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى قاراپ چىقىپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ۋۇجېندا دۇنيا ئالاقە تورى قانۇنچىللىق مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقە تورىدا قانۇن يۈرگۈزۈش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق.

  بۈيۈك مەلۇمات، بۆلەكلەر زەنجىرى قاتارلىق تېخنىكىلارنى چوڭقۇر قوللىنىشقا تۈرتكە بولدۇق. قانۇن يۈرگۈزۈشتە بۈيۈك مەلۇماتتىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 806 پارچە مەخسۇس دوكلاتنى تاماملىدۇق، ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش-چۈشۈپ كېتىشنى تۈزەش، ئاياللار-بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىقلارنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدۇق. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن قانۇن يۈرگۈزۈش بۆلەكلەر زەنجىرى سۇپىسىنى قۇرۇپ، توردا دەلىل-ئىسپات ساقلاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېلىش، ساقلاش، دەلىللەش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. ئىجرادا بۆلەكلەر زەنجىرى ئاقىل پۈتۈم تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئىجرانىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. سوتتا قاراپ چىقىشتا ئاۋازلىق پەرقلەندۈرۈش، ھۆججەتتىكى خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش، «فاشىن»دا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يوللاش قاتارلىق ئەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سودىيەلەرنىڭ دېلو بېجىرىشى، ئاممىنىڭ دەۋا قىلىشىنى ئاقىل ياردەمچى بىلەن تەمىنلىدۇق.

  قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. بۇ يىل 4-ئايغىچە، جۇڭگو كېسىم-ھۆكۈم ھۆججەتلىرى تورىدا 91 مىليون 950 مىڭ پارچە ھۆججەتنى ئېلان قىلدۇق، جۇڭگو سوت تەرتىپى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تورىدا دەۋالاشقۇچىلارغا 29 مىليون دېلوغا مۇناسىۋەتلىك 1 مىليارد 500 مىليون ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئاممىنىڭ نازارىتىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلدۇق. جۇڭگو سوتتا قاراپ چىقىشنى ئاشكارىلاش تورىدا 6 مىليون 960 مىڭ دېلونى بىۋاسىتە كۆرسەتتۇق، توردا كۆرۈلۈشى 23 مىليارد 700 مىليون قېتىمغا يېتىپ، سوت قىلىش ئەھۋالىنى توردا سىرتتىن ئاڭلاش ئاممىنىڭ قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا بويسۇنۇش ۋە قانۇندىن پايدىلىنىشىدىكى يېڭى سۇپىغا ئايلاندى. كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ئوچۇق، جانلىق، ئاشكارا ۋە قولاي بولغان قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈش مېخانىزمى تېخىمۇ پىشىپ ۋە قېلىپلىشىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.

  قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلاشقان «چاقى ۋە قانىتى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، سوت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. 2019-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سودىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بېجىرگەن دېلوسى 228گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئاشتى؛ تۈرلۈك دېلولاردا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ 1-سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولۇپ دەۋانى توختىتىش نىسبىتى %89.2كە؛ 2-سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولۇپ دەۋانى توختىتىش نىسبىتى %98.2كە يەتتى؛ دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت مىقدارى، دەۋا سەۋەبىدىن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13.3 ۋە %40 تۆۋەنلىدى؛ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىدە دېلونى قاراپ چىقىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 42 كۈن بولۇپ، ئەنئەنىۋى شەكىلنىڭكىگە قارىغاندا %57.1 قىسقاردى.

  7. ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتۇق

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشتىن-ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇ ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇردۇق. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تېمىسىدىكى تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە-سىياسىي جەھەتتە چوڭقۇر پاكلىنىشنى قوبۇل قىلىپ، كەڭ كادىر-ساقچىلارنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن دادىل ئۈستىگە ئېلىشقا يېتەكلىدۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇردۇق. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق قوشۇن قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە سوت خىزمتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئۈلگىلىك ئورگاننى تىرىشىپ بەرپا قىلدۇق. مەركەزنىڭ كۆزىتىشىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، مەسىلە تۈزىتىشنى چىڭ تۇتتۇق. زوۋ بىخۇادىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىدە لى چىڭجۈن قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى دەۋردە قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئادىل يۈرگۈزىدىغان ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. 532 كوللېكتىپ، 661 شەخس مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن تەقدىرلەندى، بېيجىڭ سوت مەھكىمىسىدىن سوڭ يۈشۈي، لياۋنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن تەن يەن، خېيلۇڭجياڭ سوت مەھكىمىسىدىن سۈن بو، شاڭخەي سوت مەھكىمىسىدىن زوۋ بىخۇا، فۇجيەن سوت مەھكىمىسىدىن خۇاڭ جىلىلار «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئۇلار سادىقلىقى، ھەتتاكى ھاياتى بەدىلىگە خەلق سودىيەلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى شەرھلەپ بەردى.

  قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. كادىر-ساقچىلارنى 615 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىدۇق، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئەمەلىي دەرسخانىسى مەخسۇس لېكسىيەسىگە پائال قاتنىشىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتى بىلەن ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق. 851 نەپەر سودىيەنى چەت ئەلگە چېتىشلىق تەربىيەلەش-ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، مەخسۇسلاشقان چەتكە چېتىشلىق ئەدلىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردۇق. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلقلارنى يېتىشتۈرۈشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، 1345 قوش تىللىق سودىيە تەربىيەلىدۇق، ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى «قوش تىللىق قانۇن مەدەنىيىتى نەشر قۇرۇلۇشى»غا پائال قاتنىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

  ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئىزچىل بوشاشماي چىڭ تۇردۇق. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدۇق. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدۇق. «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇردۇق. تىغ ئۇچىنى ئۆزىمىزگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە چىرىكلىكىنى قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قاتتىق جازالاپ، سېپىمىزدىكى زىيانداشلارنى قەتئىي يوقاتتۇق. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 11 كادىر-ساقچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوت-ئىجرا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 1374 كادىر-ساقچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 115 كىشى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدى. دېلونى ئىنتىزامغا خىلاپ سۈرۈشتۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە چەتلىتىش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىش، دەۋا دەللالى بولۇش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە مۇناسىۋىتىنى يوشۇرۇپ دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇپ بېرىش قاتارلىق قانۇننى پاك يۈرگۈزۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل-كېسىل تۈزىدۇق. ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى سەلبىي ماتېرىيال قىلىپ، ئۇلاردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى كۆپكە تەتبىقلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان قانۇن يۈرگۈزۈش مۇھىتى بەرپا قىلدۇق.

  8. نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتتۇق ۋە ياخشىلىدۇق

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارارى ۋە ۋەكىللەر بەرگەن پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئىش تەقسىماتىنى بىرمۇبىر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىجرا تەس بولۇشنى ھەل قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىدىن مەخسۇس دوكلات بەردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا جىنايى ئىشلارنى سوت قىلىش خىزمەت ئەھۋالىدىن مەخسۇس تېمىلىق دوكلات بەردۇق، قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، يېڭى دەۋردىكى جىنايى ئىشلارنى سوت قىلىش خىزمىتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ۋەكىللەرنىڭ 355 تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. كۈندىلىك تەكلىپتىن 395 نى بېجىرىپ، پۈتۈن جەرياندا زىچ ئالاقىلىشىپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى تولۇق قوبۇل قىلدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سوت مەھكىمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، يىغىنغا قاتنىشىش، سوتنى سىرتتىن ئاڭلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە 1492 ئادەم قېتىم تەكلىپ قىلدۇق، ۋەكىللەرنى چاڭجياڭ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداش بويىچە تەكشۈرۈش-تەتقىق قىلىشنى ئورتاق قانات يايدۇرۇشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلدۇق. دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ 173 تەكلىپىنى بېجىردۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى 180 ئادەم قېتىم زىيارەت قىلدۇق، كۈتۈۋالدۇق؛ دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدۇق. رېۋىزىيە قانۇنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمەتچىلىرىنى نازارەت قىلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دەۋا نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، ئېتىراز دېلولىرىنى ئادىل قاراپ چىقىپ، تەپتىش تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، تەكلىپلىك نازارەتچى، تەكلىپلىك مەسلىھەتچى، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش، سوت ھەيئىتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە پائال ئۇيۇشتۇردۇق. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي تاراتقۇلاردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدۇق.

  ۋەكىللەر، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ئارقىسىدا تەرەققىي قىلدى ۋە ئىلگىرىلىدى. خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر — مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەت قىلغانلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلغانلىقى، دۆلەت رىۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نازارەت قىلغانلىقى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلغانلىقى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى، ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

  بىز سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە يەنە خېلى كۆپ مەسىلىلەر ساقلانماقتا: بىرىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى بىلەن يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىسىدا يەنىلا بىر قەدەر زور پەرق مەۋجۇت، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، بىر قىسىم دېلولاردا ھۆكۈم-كېسىم ئۆلچىمى بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە. ئۈچىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت، سوت قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش-چەكلەش مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس. تۆتىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئالاقە تورى، چەتكە چېتىشلىق دېلو قاتارلىق ساھەلەردىكى يۇقىرى ساپالىق مەخسۇسلاشقان سوت ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەشىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىستىلى توغرا بولماسلىق، قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرى پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىر قىسىم كادىر-ساقچىلار دېلو بېجىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا قارا-رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ بېرىۋاتىدۇ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر. ئالتىنچى، بىر قىسىم سوت مەھكىمىلىرىدە خادىم-دېلو زىددىيىتى گەۋدىلىك، دېلو بېجىرىش بېسىمى ئېغىر، بىر قىسىم چەت-ياقا رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىدە ئادەم قوبۇل قىلىش ۋە تۇتۇپ قېلىش تەس بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك. بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز.

  كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئورۇنلاشنىڭ ئاخىرقى يىلى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان يىل. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مىسلىسىز زەربىگە ئۇچراتتى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە مىسلىسىز زور تەسىر كۆرسەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسمۇ مىسلىسىز، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل ھەم ئېغىر بولماقتا. خەلق سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك 2-،3-،4-ئومۇمىي يىغىنلىرى ۋە مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتنى ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پارتىيەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  بىرىنچى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىمىز. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش داۋامىدا قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىمىز. غەيرىي دەۋا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، ئىجرادا كېلىشىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قانۇنچىللىق يولى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال قائىدىسىنى قانۇن بويىچە توغرا تەتبىقلاپ، ئالاقىدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى خەۋپ-خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشكە يېتەكلەيمىز. ياخشى نىيەتلىك، مەدەنىي ئىجرا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ پېچەتلەش، قالايمىقان پېچەتلەشنى قەتئىي چەكلەپ، «جانلىق پېچەتلەش» تەدبىرىنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، كارخانا مال-مۈلكىنىڭ تىجارەت قىممىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلايمىز. ۋەيرانچىلىقتا قايتا تەرتىپكە سېلىش، مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ كىرىزىسنى پەسەيتىشىگە، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ جانلىنىشىغا ياردەم بېرىمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش ئۇسۇللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ساقلاپ قېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىمىز. سېلىنما ئىستېمال، يېڭىچە ئۇل قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ماجىرالارنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. قەرزدىن غەرەزلىك قېچىش ۋە يوققا چىقىرىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىمىز. چەت ئەلگە چېتىشلىق تۈرلۈك دېلولارغا قانۇن بويىچە ئادىل، ئۈنۈملۈك قاراپ چىقىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. خەلقئارا ئەدلىيە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانلار تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىمىز. جۇڭگو سوت مەھكىمىلىرى خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  ئىككىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەمىن جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىمىز. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىمىز. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، بىيو خەۋپسىزلىك، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى ساغلاملىق خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش فۇنكسىيەسىنى مەۋقە قىلىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى ساغلاملىق قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىندۇرمايدىغان، چىرىكلەشتۈرمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى خىيال قىلدۇرمايدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىشقا مۇلازىمەت قىلىمىز. ئاممىۋى خەۋپسىزلىك، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، يېڭىچە جىنايەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكارلىق ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىمىز. قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ئادىل، ئۈنۈملۈك قاراپ چىقىپ، ھەربىر دېلونى قانۇن ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرىمىز.

  ئۈچىنچى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان-ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» ساھەسىدىكى تۈرلۈك جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، نامراتلارنى قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى ئىستېمال ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش، نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشكە بولغان قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت-بايلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. بېيجىڭ-شاڭخەي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، كۆزلىمىلىك قانۇنچىل سودا مۇھىتىنى پائال يارىتىمىز. مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىپ، سودا مەخپىيىتىنى قوغدايمىز. سانلىق مەلۇمات ھوقۇقى ۋە شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش-سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا مۇلازىمەت قىلىمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىگە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، شەرقىي شىمال رايونىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايوننى يۈكسەلدۈرۈش، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشنى تىرىشىپ كۈچەيتىمىز. قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ھەق تەلەپكە دائىر ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، يېڭى يانداش ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قوغدايمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلەپلىرىنى قانۇن يۈرگۈزۈش، سوت قىلىشقا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا كەيپىيات، توغرا ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرىمىز. ئىجرا خىزمىتى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادىل، قېلىپلاشقان، مەدەنىي ئىجرانى كۈچەيتىمىز. شەھەر رايونىدىكى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلق سوتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. خەلقنىڭ ساداسىنى بىرىنچى سىگنال قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا، ئازابلىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىمىز. ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلار قاتارلىقلارنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى رايون، جىنس قاتارلىق تەرەپلەردىكى كەمسىتىشنى قانۇن بويىچە قەتئىي تۈزىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن بولغان ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بىكار قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي تۈزىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى قوغدايمىز.

  بەشىنچى، سوت سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىمىز. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئەدلىيەنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. «كېيىنكى تەكشۈرۈش»نى ئىسلاھ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەنگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپىنى مۇرەككەپ-ئاددىيلىقى بويىچە تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. مەمۇرىي دەۋانى سوتتا قاراپ چىقىش تەرتىپىنى ياخشىلايمىز. ماجىرانى بىر جايدا كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش ۋە دەۋا مۇلازىمىتى قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھۆكۈم-كېسىم ئۆلچىمىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئالاقە تورى قانۇن يۈرگۈزۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

  ئالتىنچى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان سوت مەھكىمىسى قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە قوشۇننى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا، كەسىپتە، مەسئۇلىيەتتە، ئىنتىزامدا، ئىستىلدا قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق قوشۇن قۇرۇپ چىقىمىز. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلاردىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز. كۆزىتىش، تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتىمىز. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىچكى-تاشقى خادىملارنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئارىلىشىش، سۈرۈشتۈرۈشىنى توسۇشقا دائىر «ئۈچ بەلگىلىمە» قاتارلىق مەنئىي قىلىش بۇيرۇقلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يەڭ سودىسى ۋە ئەدلىيە چىرىكلىكىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمايمىز، «دېلو ئارقىلىق ئەخلاقنى چۈشەندۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى چۈشەندۈرۈش، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش» ئىبرەت تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەدلىيە چىرىكلىكىنى قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قاتتىق جازالاپ، «قاتتىق بولۇش» ئاساسىي روھىدا ئۇزاققىچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى پاك يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قانۇننى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۈرگۈزۈپ زىددىيەت-ماجىرالارنى ھەل قىلىمىز، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ۋەكىللەر، بۇ يىللىق خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

  جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلدى، خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى تارقاتتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ