2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات

2020-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا بېرىلگەن

2020.06.19 13:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات

  2020-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا بېرىلگەن

  مالىيە مىنىستىرلىقى

  ۋەكىللەر :

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ھازىر 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىمىز ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمىز.

  1. 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى

  2019-يىلى ئىچكى-تاشقى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۈچىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان خامچوتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلـەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ئوبدان ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سالدى. مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولدى.

  (1) 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالى.

  1. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 19 تىرىليون 38 مىليارد 223 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %98.9 ىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ 2018-يىلدىكىدىن %3.8 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، باج كىرىمى 15 تىرىليون 799 مىليارد 221 مىليون يۈەن بولۇپ، %1 ئاشتى؛ باجدىن باشقا كىرىم 3 تىرىليون 239 مىليارد 2 مىليون يۈەن بولۇپ، %20.2 ئاشتى، ئاساسلىقى مەركەز مالىيەسى ئالاھىدە دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسىنى كۆپەيتكەنلىكتىن، يەرلىك مالىيەنىڭ دۆلەت بايلىقى مۈلكىنى جانلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىدىن بولدى. بۇنىڭغا يۆتكەپ كىرگەن مەبلەغ ۋە ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ، قالدۇق مەبلەغدىن ئىشلەتكەن 2 تىرىليون 216 مىليارد 95 مىليون يۈەن (مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ خامچوتنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندى، ھۆكۈمەت فوندى خامچوتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن يۆتكەپ كىرگەن مەبلەغنى ۋە يەرلىك مالىيە ئىشلەتكەن ھېساب ئاغدۇرغان مەبلەغ بىلەن قالدۇق مەبلەغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 21 تىرىليون 254 مىليارد 318 مىليون يۈەن بولدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 23 تىرىليون 887 مىليارد 402 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %101.5 ئورۇنلىنىپ، %8.1 ئاشتى، بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىنى تولۇقلىغان 126 مىليارد 916 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىم ئومۇمىي مىقدارى 24 تىرىليون 14 مىليارد 318 مىليون يۈەن بولدى. كىرىم-چىقىم ئومۇمىي مىقدارىنى بالانس قىلغاندا، 2 تىرىليون 760 مىليارد يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، خامچوت بىلەن تەڭلەشتى.

  2. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.

  مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 8 تىرىليون 930 مىليارد 541 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %99.4ىگە توغرا كېلىپ، %4.5 ئاشتى. بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىدىن يۆتكەپ كىرگەن 280 مىليارد يۈەننى، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوتى، مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن يۆتكەپ كىرگەن 39 مىليارد 400 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 9 تىرىليون 249 مىليارد 941 مىليون يۈەن بولدى. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 10 تىرىليون 953 مىليارد 25 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %98.4 ئورۇنلىنىپ، %7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 3 تىرىليون 511 مىليارد 515 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %99.2 ئورۇنلىنىپ، %6 ئاشتى؛ جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىم 7 تىرىليون 441 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %98.7 ئورۇنلىنىپ، %7.5 ئاشتى، بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا تولۇقلاپ بەرگەن 126 مىليارد 916 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىم ئومۇمىي مىقدارى 11 تىرىليون 79 مىليارد 941 مىليون يۈەن بولدى. كىرىم-چىقىم ئومۇمىي مىقدارىنى بالانس قىلغاندا، مەركەز مالىيەسىدە 1 تىرىليون 830 مىليارد يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، خامچوتتىكى بىلەن تەڭلەشتى.

  مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىنىڭ ئاساسلىق كىرىم تۈرلىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى مۇنداق: ئىچكى قوشۇلما قىممەت بېجىدىن 3 تىرىليون 116 مىليارد 101 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %103.7ىگە توغرا كەلدى. ئىچكى ئىستېمال بېجىدىن 1 تىرىليون 256 مىليارد 152 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %108.5ىگە توغرا كەلدى. ئىمپورت ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىدىن 1 تىرىليون 581 مىليارد 230 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %93.1ىگە توغرا كەلدى. تاموژنا بېجىدىن 288 مىليارد 911 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %105.1ىگە توغرا كەلدى. كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن 2 تىرىليون 378 مىليارد 600 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %97.4ىگە توغرا كەلدى. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن 623 مىليارد 414 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %80.5ىگە توغرا كەلدى، بۇ ئاساسلىقى ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلىكىمىزدىن ۋە مەخسۇس قوشۇمچە خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويغاندا باجنى كېمەيتىش كۆلىمىنىڭ كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. ئېكسپورت قىلىنغان مالدىن قايتۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجىدىن 1 تىرىليون 650 مىليارد 320 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %103.5ىگە توغرا كەلدى.

  مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىنىڭ ئاساسلىق ئۆز چىقىم تۈرلىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى مۇنداق: ئادەتتىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمى 198 مىليارد 516 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %99.7 ئورۇنلىدۇق. دىپلوماتىيە چىقىمى 61 مىليارد 539 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %98.1 ئورۇنلىدۇق. دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى 1 تىرىليون 189 مىليارد 656 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %100 ئورۇنلىدۇق. جامائەت خەۋپسىزلىكى چىقىمى 183 مىليارد 945 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %102.3 ئورۇنلىدۇق. مائارىپ چىقىمى 183 مىليارد 588 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %100 ئورۇنلىدۇق. پەن-تېخنىكا چىقىمى 351 مىليارد 618 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %99.2 ئورۇنلىدۇق. ئاشلىق-ياغ، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش چىقىمى 120 مىليارد 404 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %102.3 ئورۇنلىدۇق. قەرز ئۆسۈمى چىقىمى 456 مىليارد 662 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %91.4 ئورۇنلىدۇق.

  مەركەزنىڭ جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىمىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى مۇنداق: ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم 6 تىرىليون 684 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %98.7 ئورۇنلىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە، ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى يۆتكىمە چىقىمى 3 تىرىليون 190 مىليارد 325 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %100.2 ئورۇنلىدۇق؛ مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم 756 مىليارد 570 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %99.1 ئورۇنلىدۇق.

  2019-يىللىق مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت قالدۇقى 126 مىليارد 916 مىليون يۈەن (بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ زاپاس خىراجىتى شۇ يىلى چىقىم قىلىنماي، 50 مىليارد يۈەن ئېشىنچا شەكىللەندى) نىڭ ھەممىسىنى مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا يۆتكەپ بەردۇق. مەركەز مالىيەسىدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق 300 مىليارد يۈەن تولۇقلىما بەردۇق. 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندى قالدۇقى 527 مىليارد 249 مىليون يۈەن بولدى.

  3. جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.

  جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 17 تىرىليون 549 مىليارد 192 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، جايلارنىڭ ئۆز كىرىمى 10 تىرىليون 107 مىليارد 682 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.2 ئاشتى؛ مەركەزنىڭ جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىم كىرىمى 7 تىرىليون 441 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭغا يەرلىك مالىيەنىڭ يەرلىك مالىيە خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندى، ھۆكۈمەت فوندى خامچوتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن يۆتكەپ كىرگەن مەبلەغ ۋە ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ، قالدۇق مەبلەغدىن ئىشلەتكەن 1 تىرىليون 896 مىليارد 695 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 19 تىرىليون 445 مىليارد 887 مىليون يۈەن بولدى. جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 20 تىرىليون 375 مىليارد 887 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.5 ئاشتى. كىرىم-چىقىم ئومۇمىي مىقدارىنى بالانس قىلغاندا، يەرلىك مالىيەدە 930 مىليارد يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، خامچوتتىكى بىلەن تەڭلەشتى.

  (2) 2019-يىللىق ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالى.

  يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قەرز كىرىم-چىقىمى ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇلدى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت كىرىمى 8 تىرىليون 451 مىليارد 575 مىليون يۈەن بولۇپ، %12 ئاشتى. بۇنىڭغا 2018-يىلدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان 36 مىليارد 40 مىليون يۈەن كىرىمنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايوم تارقىتىپ توپلىغان 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىمى ئومۇمىي مىقدارى 10 تىرىليون 637 مىليارد 615 مىليون يۈەن بولدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت چىقىمى 9 تىرىليون 136 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇپ، %13.4 ئاشتى.

  مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت كىرىمى 403 مىليارد 962 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %96.3ىگە توغرا كېلىپ، %0.1 ئاشتى. بۇنىڭغا 2018-يىلدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان 36 مىليارد 40 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىمى ئومۇمىي مىقدارى 440 مىليارد 2 مىليون يۈەن بولدى. مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت چىقىمى 417 مىليارد 886 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %91.9 ئورۇنلىنىپ، %3.9 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 311 مىليارد 341 مىليون يۈەن، جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىمى 106 مىليارد 545 مىليون يۈەن بولدى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 423 مىليون يۈەن يۆتكەپ بەردۇق. مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت كىرىمى چىقىمدىن 21 مىليارد 693 مىليون يۈەن ئارتۇق بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، كېلەر يىلى داۋاملىق ئىشلىتىش ئۈچۈن 18 مىليارد 4 مىليون يۈەن ھېساب ئاغدۇردۇق؛ يەككە ھۆكۈمەت فوندى تۈرىدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان شۇ يىللىق كىرىمنىڭ ٪30دىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى جەمئىي 3 مىليارد 689 مىليون يۈەن بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا تولۇقلاپ بەردۇق.

  جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت ئۆز كىرىمى 8 تىرىليون 47 مىليارد 613 مىليون يۈەن بولۇپ، %12.6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە: دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش كىرىمى 7 تىرىليون 258 مىليارد 442 مىليون يۈەن بولۇپ، %11.4 ئاشتى. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىدىن جايلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىنغان 106 مىليارد 545 مىليون يۈەن كىرىمنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس زايوم تارقىتىپ توپلىغان 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 10 تىرىليون 304 مىليارد 158 مىليون يۈەن بولدى. جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت چىقىمى 8 تىرىليون 825 مىليارد 139 مىليون يۈەن بولۇپ، %13.9 ئاشتى.

  (3) 2019-يىللىق دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى 396 مىليارد 42 مىليون يۈەن بولۇپ، %36.3 ئاشتى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 228 مىليارد 743 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.2 ئاشتى.

  مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى 163 مىليارد 593 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %99.9ىگە توغرا كېلىپ، %23.3 ئاشتى، بۇنىڭغا 2018-يىلدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان 670 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 164 مىليارد 263 مىليون يۈەن بولدى. مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 110 مىليارد 880 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %88.4 ئورۇنلىنىپ، %0.3 تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 98 مىليارد 655 مىليون يۈەن بولدى، جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىم 12 مىليارد 225 مىليون يۈەن بولدى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 38 مىليارد 977 مىليون يۈەن يۆتكەپ بەردۇق، يۆتكەپ بېرىش نىسبىتىنى %28كە ئۆستۈردۇق. كېيىنكى يىللىق چىقىم ئۈچۈن 14 مىليارد 406 مىليون يۈەن ھېساب ئاغدۇرۇپ بەردۇق.

  جايلارنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنىڭ ئۆز كىرىمى 232 مىليارد 449 مىليون يۈەن بولۇپ، %47.2 ئاشتى. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن جايلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىنغان 12 مىليارد 225 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 244 مىليارد 674 مىليون يۈەن بولدى. جايلارنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 130 مىليارد 88 مىليون يۈەن بولۇپ، %15.3 ئاشتى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا يۆتكەپ بېرىلىدىغان مەبلەغنى 94 مىليارد 319 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىپ بەردۇق. كېيىنكى يىللىق چىقىم ئۈچۈن 20 مىليارد 267 مىليون يۈەن ھېساب ئاغدۇرۇپ بەردۇق.

  (4) 2019-يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتىنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 8 تىرىليون 84 مىليارد 409 مىليون يۈەن بولۇپ، %2.3 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 5 تىرىليون 784 مىليارد 905 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىمىسى كىرىمى 1 تىرىليون 939 مىليارد 261 مىليون يۈەن بولدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 7 تىرىليون 498 مىليارد 923 مىليون يۈەن بولۇپ، %11.3 ئاشتى. شۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 585 مىليارد 486 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 9 تىرىليون 402 مىليارد 697 مىليون يۈەن بولدى.

  مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 68 مىليارد 861 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 35 مىليارد 444 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىمىسى كىرىمى 31 مىليارد 936 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭغا جايلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەركەز تەڭشەش فوندىغا تاپشۇرغان 628 مىليارد يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 696 مىليارد 861 مىليون يۈەن بولدى. مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 66 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭغا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەركەز تەڭشەش فوندىدىن جايلارغا ئورۇنلاشتۇرغان 627 مىليارد 380 مىليون يۈەن چىقىمنى قوشقاندا، چىقىم ئومۇمىي مىقدارى 693 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولدى. شۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 3 مىليارد 161 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 35 مىليارد 875 مىليون يۈەن بولدى.

  جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 8 تىرىليون 15 مىليارد 548 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 5 تىرىليون 749 مىليارد 461 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىمىسى كىرىمى 1 تىرىليون 907 مىليارد 325 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭغا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەركەز تەڭشەش فوندى كىرىمى 627 مىليارد 380 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 8 تىرىليون 642 مىليارد 928 مىليون يۈەن بولدى. جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 7 تىرىليون 432 مىليارد 603 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭغا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەركەز تەڭشەش فوندى چىقىمى 628 مىليارد يۈەننى قوشقاندا، چىقىم ئومۇمىي مىقدارى 8 تىرىليون 60 مىليارد 603 مىليون يۈەن بولدى. شۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 582 مىليارد 325 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 9 تىرىليون 366 مىليارد 822 مىليون يۈەن بولدى.

  مەركەز مالىيەسىنىڭ 2019-يىل ئاخىرىدىكى زايوم قالدۇقى 16 تىرىليون 803 مىليارد 804 مىليون يۈەن بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان 17 تىرىليون 520 مىليارد 835 مىليون يۈەنلىك قەرز قالدۇقى چېكى ئىچىدە تىزگىنلەندى؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قالدۇقى 21 تىرىليون 307 مىليارد 226 مىليون يۈەن بولدى، بۇ 11 تىرىليون 869 مىليارد 414 مىليون يۈەن ئادەتتىكى قەرز قالدۇقى بىلەن 9 تىرىليون 437 مىليارد 812 مىليون يۈەن مەخسۇس قەرز قالدۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇمۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان 24 تىرىليون 77 مىليارد 430 مىليون يۈەنلىك قەرز قالدۇقى چېكى ئىچىدە تىزگىنلەندى.

  يۇقىرىقى خامچوت ئىجراسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2019-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت خامچوتى (لايىھە)»دىن كۆرۈۋېلىڭ.

  (5) 2019-يىللىق ئاساسلىق مالىيە-باج سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋە نۇقتىلىق مالىيە خىزمىتى ئەھۋالى.

  2019-يىلى، مالىيە تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خامچوت قانۇنى ۋە «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسەتكە كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت قارارى ۋە خامچوتنى قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مالىيە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويدۇق. باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش كارخانىلارغا، خەلققە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئادىل، ئۈنۈملۈك بولغان، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر. ھەر دەرىجىلىك مالىيە-باج تارماقلىرى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشنى 2019-يىلى ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە ھەقىقىي چىڭ ۋە ياخشى تۇتتى. 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كىچىك-مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس قوشۇمچە خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش تەدبىرىنى قوللاندى، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى، ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى %16تىن %13كە، قاتناش-تىرانسپورت، بىناكارلىق قاتارلىق كەسىپلەردە %10تىن %9كە چۈشۈردى، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى، مەمۇرىي-كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە ھۆكۈمەت فوندىنى داۋاملىق ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇردى.

  باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سىياسىتى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئاھالە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى. 2019-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا كېمەيتىلگەن باج-ئازايتىلغان ھەق 2 تىرىليون 360 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن كېمەيتىلگەن باج 1 تىرىليون 930 مىليارد يۈەن بولدى. ياسىمىچىلىق ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلاردىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى 592 مىليارد 800 مىليون يۈەن كېمەيتتۇق، باج كېمەيتىش نىسبىتى %24.1 بولدى؛ بىناكارلىق ۋە قاتناش-تىرانسپورت كەسپىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25 مىليارد 700 مىليون يۈەن، 4 مىليارد 400 مىليون يۈەن كېمەيتتۇق، باج كېمەيتىش نىسبىتى %5.2، %6.7 بولدى؛ زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ۋە تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق باشقا كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى يۈكىنىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يەڭگىللەتتۇق. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەمئىي 1 تىرىليون 260 مىليارد يۈەن بېجىنى كېمەيتتۇق، بۇنىڭ كېمەيتىلگەن بارلىق باج سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %65.5كە يەتتى. كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ 283 مىليارد 200 مىليون يۈەن بېجىنى كېمەيتتۇق، كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان باج تاپشۇرغۇچىلار 6 مىليون 260 مىڭغا يەتتى، قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچى يېڭىدىن 4 مىليون 560 مىڭ كۆپەيدى. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس قوشۇمچە خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2018-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدىغان ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن ۋە باج نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىغان ئۆرلىمە ئامىل سەۋەبىدىن جەمئىي 460 مىليارد 400 مىليون يۈەن باج كېمەيتىپ، 250 مىليون باج تاپشۇرغۇچىنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈردۇق، ئوتتۇرىچە كىشى بېشىغا تەخمىنەن 1842 يۈەن باج كېمەيتتۇق.

  باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئادەتتىكى چىقىملارنى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىپ، كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەغ توپلاپ، ئازىيىپ كەتكەن كىرىمنى تولۇقلاپ، كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇردى. مەركەز مالىيەسى جايلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى ھەمدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك يۆتكىمە چىقىم ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بويىچە بېرىلىدىغان مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى تەقسىم قىلغاندا، ئاساسىي قاتلام مالىيەسىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مالىيە كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. ناھىيە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ مائاش كاپالىتىنى كۆزىتىپ سىگنال بېرىش ۋە خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، مالىيە كىرىم-چىقىمى ۋە خەزىنە پۇلىنى باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاۋۋال چىقىم قىلىش تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» (ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش) تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدۇق.

  ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئوبدان قىلىشقا داۋاملىق مەدەت بەردۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەردۇق. نامراتـلارنـى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سېلىنما كاپالىتىنى كۈچەيتتۇق. مەركەز مالىيەسى جايلارغا نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىدىن 126 مىليارد 100 مىليون يۈەن ياردەم بېرىپ، %18.9 ئاشۇرۇپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا يەنىمۇ مايىللاشتۇردى. تېرىلغۇ يەرنى ئۆلكە ھالقىپ تولۇقلاشتىن قىلغان كىرىم ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئازىيىشىنى چېتىپ ئېشىنغان كۆرسەتكۈچنى تەڭشەشتىن قىلغان كىرىمدىن پايدىلىنىپ 81 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ئىشلەتتۇق. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە يەرلىك ھۆكۈمەت ئادەتتىكى زايومىدىن 129 مىليارد 400 مىليون يۈەن تارقىتىپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى بىر يىل بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنلاشقا مەدەت بەردۇق. كارخانىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن ھەدىيە قىلغان چىقىمىنى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى ئەينەن چىقىرىۋېتىش، نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن ھەدىيە قىلغان ماللارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەدەت بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈش سىنىقىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى پۈتۈن جەريانلىق ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. پۈتۈن بىر يىلدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 11 مىليون 90 مىڭنى ئازايتتۇق، 344 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتۇق. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە پائال مەدەت بەردۇق. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى نۇقتىلىق كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ئاۋۋال چىقىم قىلىدىغان ساھە قىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم جەڭلەرنى ياخشى قىلىشقا مەدەت بەردۇق. شىمالدىكى رايونلاردا قىشتا پاكىز ئىسسىنىش سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 40 شەھەرنى قارا-سېسىق سۇنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. «كۆك دېڭىز قولتۇقى»نى تۈزەش ھەرىكىتى ۋە بوخەي دېڭىزىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويۇپ، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەدەت بەردۇق. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 3-تەرەپ كارخانىلىرىدىن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى %15لىك باج نىسبىتى بويىچە كېمەيتىپ ئالدۇق. دۆلەت يېشىل تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىشقا پائال تۈرتكە بولدۇق. مالىيە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق ۋە ئۇنى تۈگەتتۇق. «ئالدى ئىشىكنى ئېچىش، ئارقا ئىشىكنى توسۇش» پىكىر يولىغا ئاساسەن، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى تارقىتىش، ئىشلىتىش ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدۇق. جايلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى خامچوتقا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئېلىش، ئىشلىتىش، قايتۇرۇشىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدۇق. كىم ئىشلەتسە شۇ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، مەخسۇس زايوم تۈر ئورۇنلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس زايوم خەۋپ-خەتىرىدىن قاتتىق ساقلاندۇق. دائىملىق كۆزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىپ تۈگىتىشكە ھەمكارلىشىپ، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ مالىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ بوغالتىرلىق ئۇچۇر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق.

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەدەت بەردۇق. تۇنجى (يۈرۈش) زور تېخنىكىلىق جابدۇق سۇغۇرتا تۆلىمى سىنىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. تۇراقلىق مۈلۈكنى ئامورتىزاتسىيە قىلىشنى تېزلىتىشكە ئېتىبار بېرىشنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى پۈتكۈل ياسىمىچىلىق ساھەسىگە كېڭەيتتۇق. بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدۇق. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، 2 مىليارد يۈەن مەخسۇس مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىشىغا مەدەت بەردۇق. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىنىڭ شۇ دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا چىقىمى 351 مىليارد 618 مىليون يۈەن بولۇپ، % 12.5 ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ۋە زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىدە ئۆتكەلگە تېز ھۇجۇم قىلىشقا مەدەت بەردۇق. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يېڭى تىپتىكى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. 58 تەرەققىيات رايونىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى بازارلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېڭىدىن مەدەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىلىرىنى بەرپا قىلدۇق. دۆلەت گۈللەنمە كەسىپ ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى يېتەكلەش فوندىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىي 5100 دىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىنى قوللىدۇق. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللىدۇق. ئالدىنقى يىلدا كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ھەققى نىسبىتى % 2 تىن ئېشىپ كەتمىگەن جايلارغا مۇكاپات-تولۇقلىما بەردۇق. 59 شەھەر (ئوبلاست، رايون)نىڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بەردۇق. پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابات پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق.

  سېلىنما ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. پۈتۈن يىلدا مەركەز خامچوتچى ئىچىدىكى سېلىنما مەبلىغىدىن 577 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار قۇرۇلۇشى، چوڭ-چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە جەمئىيەتنى تۈزەش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە نۇقتىلىق مەدەت بەردۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنى يېڭىدىن 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن كۆپەيتتۇق، بۇ 2018-يىلدىكىدىن 800 مىليارد يۈەن كۆپ بولدى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىپ غەملىگەن مەبلىغىنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ-چوڭ تۈرلەرنىڭ كاپىتالى قىلىشىغا يول قويۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەر ۋە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ مەبلەغ كاپالىتىنى كۈچەيتتۇق. ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى بېقىش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق مەھەللە ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىگە باج-ھەقتە ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت-ئىستىراھەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە تولۇقلىما بەردۇق، جايلارنىڭ زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشىنى مۇكاپاتلىدۇق. ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم پۇلى بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن تاۋارلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق مەدەت بەردۇق.

  شەھەر-يېزا ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىغا 67 مىليارد 100 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى چۈشۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردۇق. تىرىك چوشقا يۆتكەپ چىقىرىدىغان ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە ئافرىقا چوشقا ۋاباسى تارقالغان چوشقىلارنى مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈش ياردەم مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، تىرىك چوشقىنى مۇقىم كۆپەيتىپ تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بەردۇق. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش خىراجىتىنى مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا نۇقتىلىق ياردەم پۇلى بەردۇق. يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. مالىيە-باج جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، زور رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولدۇق. مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى خېلى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ ھەمدە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارغا ۋە قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇپ، رايونلار ئارا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەردۇق.

  ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بەردۇق، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى چىقىمى 53 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، % 14.9 ئاشتى. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ئېشىنچىسىدىن 100 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، تۈرلۈك تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى تېزلەتتۇق. كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش، ئىش ئورنى ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش بويىچە 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلىدۇق. ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر ۋە نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش باج سوممىسىدىن تۇتۇپ قىلىش، كېمەيتىش نورمىسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كارخانىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. مالىيەنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى ئىزچىل كۆپەيتتۇق. شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن، مۇھىم نۇقتىسى يېزىلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، يەسلى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى تەخمىنەن 150 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلدۇق ۋە ئۇلارغا دەرسلىك كىتابلارنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردۇق، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 19 مىليون ئوقۇغۇچىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردۇق، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن 14 مىليون پەرزەنتىنىڭ ئالاقىدار مائارىپ خىراجىتىنى بىللە يۆتكىدۇق، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 37 مىليون ئوقۇغۇچىنى قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلدۇق. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق ۋە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى كېڭەيتىپ قوبۇل قىلىش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا مەدەت بەردۇق. كۈتۈنۈش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئومۇمىي لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكىلەر بىرتۇتاش غەملەشنى قېلىپلاشتۇردۇق. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش نىسبىتىنى %3.5كە ئۆستۈردۇق، بۇنىڭدىن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە كونا سانائەت بازىلىرىدىكى 22 ئۆلكە پۈتۈن بىر يىلدا 151 مىليارد 200 مىليون يۈەن نەپكە ئېرىشتى. بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى تەخمىنەن %5 بولدى. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاھالىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدۇق، ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 30 يۈەن كۆپەيتتۇق. ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلىتىدىغان دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە، 300 مىليوندىن ئارتۇق بىمارنى قاپلاشقا مەدەت بەردۇق. خەلق تۇرمۇشىنى سىياسەتتە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سەۋىيەسى ۋە نەپىقە ئوبيېكتى قاتارلىق كىشىلەر توپىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈردۇق، ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدۇق. ئاساسىي تۇرالغۇ كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇردۇق. كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىپ 3 مىليون 160 مىڭ يۈرۈش ئۆي سالدۇق، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارلىق تۆت تۈردىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتنىڭ يېزىلاردىكى 1 مىليون 355 مىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتتۇق، 27 رايون 3 مىليون 520 مىڭ ئائىلىنىڭ 320 مىليون كىۋادرات مېتىر كونا ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتتى. مەركەز مالىيەسىنىڭ تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىنىقىنى قانات يايدۇردۇق. مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. مەركەزنىڭ جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن قىلغان چىقىمى 14 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، %14 ئاشۇردۇق. جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق.

  مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مالىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇردۇق. مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ ئىش ھوقۇقىنى ساھەلەرگە ئايرىش ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتتۇق، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ كىرىم ئايرىمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، قوشۇلما قىممەت بېجىدىن «تەڭ بەھرىلىنىش» نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق، قوشۇلما قىممەت بېجىنى قالدۇرۇپ توغرىلاپ باج قايتۇرۇشنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئىستېمال بېجى ئېلىش ھالقىسىنى ئارقىغا سۈرۈشنى ھەمدە پۇختا قەدەم بىلەن جايلارغا بۆلۈپ بېرىشنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ھۆكۈمەت فوندى خامچوتى بىلەن ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتۇق. خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ئۈنۈم باھالاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، باھالاش نەتىجىسىنى تەتبىقلاشنى كۈچەيتتۇق. زايوم باشقۇرۇشنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، زايوم تۈرلىرىنىڭ قەرەل قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردۇق. ھۆكۈمەت مالىيە دوكلاتى تۈزۈش سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى 40 مەركەز تارمىقى ۋە 36 يەرلىككىچە كېڭەيتتۇق. ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇردۇق ۋە كۈچەيتتۇق. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتۇق. قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بايلىق بېجى قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، شەھەر ئاسراش-قۇرۇش بېجى قانۇنى ۋە يەر خېتى بېجى قانۇنىنىڭ لايىھەسىنى تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق. مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تەدرىجىي ئورناتتۇق. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا پائال تۈرتكە بولدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئومۇمىي ئەھۋالىنى دوكلات قىلدۇق. دۆلەت كاپىتال سېلىنمىسى، تىجارىتى شىركىتى قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولدۇق، جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى شىركەت تۈزۈمى بويىچە ئۆزگەرتىشنى تاماملاشقا تۈرتكە بولدۇق. دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇردۇق.

  مالىيە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. خامچوت ئىجراسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتتۇق. يىل بېشىدىكى خامچوتنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، يۆتكىمە چىقىم خامچوتىنى چۈشۈرۈشنى تېزلىتىپ، جايلارنىڭ مەبلەغنى تېزدىن كونكرېت تۈرلەرگە بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغنىڭ ئۈنۈمى ۋە سىياسەتنىڭ رولىنى بالدۇرراق جارى قىلدۇردۇق. خامچوت ئىجراسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، خامچوت ئىجراسىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېجەپ قالغىلى بولسىلا تېجەپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ بولىدىغان چىقىمنى تېجەپ، يىل ئاخىرىدا «زەربىدارلىق بىلەن پۇل خەجلەش»تىن قەتئىي ساقلاندۇق. جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ خامچوتنى تەڭشەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق. مالىيە باشقۇرۇشتىكى ئۇل خىزمەتنى كۈچەيتتۇق. خامچوت باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن خامچوت باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق. دۆلەت خەزىنىسى بىرتۇتاش چىقىم قىلىدىغان مەبلەغنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيەنى قاپلىغان خامچوت ئىجراسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى نازارەت قىلىشىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوتقا ئالاقىدار قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال مەدەت بەردۇق ۋە ماسلاشتۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە خامچوت تۈزۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى پائال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، خامچوت تۈزۈش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى تولۇق ئاڭلاپ، كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردۇق.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2019-يىللىق خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، مالىيە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ نازارەت قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، خامچوت ئىجراسىدا ۋە مالىيە خىزمىتىدە يەنە بەزى مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدۇق. ئاساسلىقى: قىسمەن جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام مالىيە كىرىم-چىقىم زىددىيىتى كەسكىنلەشتى، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» بېسىمى زورايدى. بەزى ساھەلەردە چىقىم قاتماللىشىپ قېلىش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت، بەزى مەبلەغلەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس. خامچوت ئۈنۈمىنىڭ نىشانىنى بېكىتىش تېخى ئىلمىي ئەمەس، ئۈنۈمى جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى باھالاش دېگەندەك توغرا ئەمەس، تېخى قېلىپلىشىپ بولالمىدى، ئۈنۈم نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز يۈكى ئېغىرراق، يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پائال تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىمىز.

  ۋەكىللەر :

  يىل بېشىدا، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مىسلىسىز زەربە ئېلىپ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا ئاكتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  مالىيە تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەبلەغ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىمارلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىراجىتى يۈكىنى يەڭگىللىتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىقاتىنى تېزلىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىر قاتار مالىيە-باج جەھەتتە قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر دەرىجىلىك مالىيە جەمئىي 149 مىليارد 900 مىليون يۈەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى خىراجەتتىن ئەنسىرەپ داۋالىنىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، جايلاردا مەبلەغ مەسىلىسى سەۋەبىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە تەسىر يېتىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئوبدان تۇتۇش بىلەن بىللە، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم باسقۇچلۇق مالىيە-باج سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى ۋە راۋاجلىنىشىنى قوللاپ، ئىشنىڭ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردۇق. ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ 558 مىليارد يۈەن ئادەتتىكى قەرز نورمىسى ۋە 2 تىرىليون 290 مىليارد يۈەن مەخسۇس قەرز نورمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2020-يىللىق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 2 تىرىليون 848 مىليارد يۈەن قەرز نورمىسىنى ئالدىن چۈشۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈر كۆپ، خەۋپ-خەتەر سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ تۈرتكىلىك رولى چوڭ رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، مۇھىم تۈر ۋە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، تېزدىن ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يەرلىك مالىيە مەبلىغىنىڭ قالدۇرۇپ ئىشلىتىش نىسبىتىنى 5 پىرسەنت پوئېنت باسقۇچلۇق ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن تەخمىنەن 110 مىليارد قالدۇرۇپ ئىشلىتىش مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى ناھىيەلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام مالىيەسىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدۇق.

  2. 2020-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى

  2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، خامچوت تۈزۈش ۋە مالىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مالىيە ۋەزىيىتىگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، مالىيە خامچوتىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز.

  (1) 2020-يىللىق مالىيە كىرىم-چىقىم ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەھلىل.

  نۆۋەتتە، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر چېكىندى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، خەلقئارا سودا سېلىنمىسىنىڭ كۆلىمى تارىيىپ، كۆپلىگەن تاۋار بازارلىرىدا داۋالغۇش بولدى. ئىچكى ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورت تۆۋەنلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، كارخانىلار، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى كۆرۈنەرلىك گەۋدىلىنىپ، مالىيە كىرىم-چىقىم زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ، مالىيەنىڭ يۈرۈشۈش بېسىمى ئاشتى.

  مالىيە كىرىمىدىن قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە مالىيە كىرىمى %14.5 تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 1-ئايدا %3.9 تۆۋەنلىدى، 2-ئايدا %21.4 تۆۋەنلىدى، 3-ئايدا %26.1 تۆۋەنلىدى، 4-ئايدا %15 تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى بىرىنچى پەسىلدە ئايمۇئاي ئاشقاندىن كېيىن تارىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى بىرنەچچە ئېيىدا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، مالىيە كىرىمى مۇقىم قايتا ئۆرلەشكە باشلايدۇ، لېكىن يەنىلا بىر قەدەر چوڭ ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 2-پەسىلدە مەنپىي ئېشىشنى ساقلاپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئەسلىگە كېلىپ ئېشىشى ھەمدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا كېمەيگەن قىسمەن كىرىمنى تولۇقلىشى مۇمكىن.

  مالىيە چىقىمىدىن قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، مالىيە چىقىمىدا يەنىلا بەلگىلىك سىجىللىقنى ساقلايمىز، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سالدى، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشمۇ مالىيە تىرىكىگە موھتاج، بەزى رايونلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتكەنلىكى، كەچۈرۈم قىلغانلىقى ئۈچۈن، فوندقا مالىيە ياردىمى بېرىش زۆرۈر بولىدۇ.

  نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى خەۋپ-خەتەر ۋە مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن بىز ئۆزگىچە سىياسىي ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، مول ئىقتىسادىي ئاساسقا، غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، يۈز مىليونلىغان خەلق ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك. خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىزنى ئاشۇرساقلا، نۆۋەتتىكى ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتەلەيمىز، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جەزمەن ئۈمىدكە تولىدۇ. بۇ بىزنىڭ مالىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىزنىڭ پۇختا ئاساسى ۋە كۈچلۈك ئارقا تىرىكى.

  (2) 2020-يىللىق خامچوتنى تۈزۈشنىڭ ۋە مالىيە خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپى. بۇ يىللىق خامچوتنى تۈزۈش ۋە مالىيە خىزمىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان-ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، تېخىمۇ چوڭ ماكرولۇق سىياسەت سالمىقى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىپ، قىزىل رەقەم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە دۆلەت زايومى تارقىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنى كۆپەيتىپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىش، پۇلنى زۆرۈر جايغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يۇقىرىقى يېتەكچى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلەيمىز: بىرىنچىدىن، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچىل بولۇش. ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرىم مەنبەسىنى كۆپەيتىپ چىقىمنى ئازايتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، ئاددىي-ساددا بولۇپ، ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىپ، ھەممە ئىشتا قەتئىي تېجەشلىك بولىمىز. ئىككىنچىدىن، كىرىمگە ئاساسەن چىقىمنى بېكىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش. كىرىم خامچوتىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تۈزۈپ، مالىيە كىرىمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، بەزىلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش، بەزىلىرىنى قىسىش، قىسقىلى بولسا تولۇق قىسىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈپ سان ئۇقۇمى ۋە چىقىم قاتمال بولۇش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلايمىز. ئۈچىنچىدىن، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش. ئاۋۋال خامچوت تۈزۈش، ئاندىن چىقىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خامچوتنى كۆپەيتىشنى قاتتىق كونترول قىلىمىز. مالىيە-ئىقتىسادقا ئائىت قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈم-بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىمىز. تۆتىنچىدىن، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، تەڭ كۈچ چىقىرىش. پۈتۈن مەملىكەت «بىر تاختا شاھمات» دېگەن ئىدىيەنى كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش، مالىيە-باج ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مالىيە كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرىمىز.

  (3) 2020-يىللىق مالىيە سىياسىتى ۋە مالىيە خىزمىتى.

  2020-يىللىق ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ زور سىياسەت سالمىقى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز. 2020-يىللىق مالىيە سىياسىتى نۇقتىلىق تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  بىرىنچىدىن، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. باسقۇچلۇق سىياسەتنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ باج-ھەق يۈكىنى نۇقتىلىق يەڭگىللىتىمىز. ئالدىنقى باسقۇچتا چىقىرىلغان 6-ئايدىن بۇرۇن مۇددىتى توشىدىغان ئاساسلىق باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئۇزارتىمىز. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ راۋاجلىنىشىغا مەدەت بېرىپ، تىرىشىپ كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. پۈتۈن بىر يىلدا بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىدىن يېنىكلىتىلىدىغان يۈكى 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، مەبلەغ غەملەش يوللىرىنى كۆپەيتىمىز. ئالاھىدە مەزگىلدە ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، قىزىل رەقەم نىسبىتىنى %2.8تىن %3.6تىن كۆپرەككە ئۆستۈرۈپ، مالىيە قىزىل رەقەم كۆلىمىنى بۇلتۇرقىدىن 1 تىرىليون يۈەن ئاشۇرۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىمنىڭ ئازىيىپ، چىقىمنىڭ كۆپىيىش تەسىرىنى پائال تۈگىتىپ، بازار ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە ئاشۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 1 تىرىليون يۈەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومى تارقىتىمىز. ھېساب ئاغدۇرۇلغان تۈرلۈك قالدۇق مەبلەغنى جانلاندۇرۇپ ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان مالىيە كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، مالىيەنىڭ كىرىم ئاز چىقىم كۆپ بولۇش يوچۇقىنى تولدۇرىمىز.

  ئۈچىنچىدىن، چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرىمىز. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنى ئاشۇرۇشقىلا بولىدۇكى ئازايتىشقا بولمايدۇ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىقىملارغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەتتىكى چىقىملارنى قەتئىي ئازايتىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى يېڭىدىن سېلىشنى، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىقنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك. مەركەزدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمىنى %0.2 تۆۋەنلىتىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىغان، مۇتلەق بولمىغان چىقىملارنى %50تىن ئارتۇق ئازايتىمىز. يەرلىك مالىيەمۇ ئادەتتىكى چىقىملارنى زور كۈچ بىلەن ئازايتىپ، «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى داۋاملىق ئازايتىپ، يىغىن، كاماندىروپكا، مەسلىھەت بېرىش، تەربىيەلەش، مۇنبەر، كۆرگەزمە قاتارلىق خىراجەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىمىز، تۈرلۈك قالدۇق، چۆكمە مەبلەغنىڭ يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى يىغىۋېلىپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مالىيە مەبلىغىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، يەرلىكنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى تۈگىتىمىز. يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومىنىڭ ھەممىسىنى يەرلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە تولۇق ئىشلىتىمىز. ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مەبلەغنى شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغىچە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، كارخانا ۋە خەلقنى بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا ۋە بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، ئىستېمال ۋە سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، ئاممىۋى مالىيەنىڭ خاسلىقىنى كۈچەيتىمىز، ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  بەشىنچىدىن، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومىنى ئاساسلىقى جايلارنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار چىقىملارغا ئىشلىتىمىز، ھەمدە بىر قىسىم مەبلەغنى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدىن قالدۇرۇپ قويىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مەخسۇس زايومىدىن 3 تىرىليون 750 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلتۇرقىدىن 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك مەدەت بېرىمىز.

  2020-يىللىق ئاساسلىق كىرىم-چىقىم سىياسىتى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىلىق مالىيە خىزمىتى:

  1. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا مەدەت بېرىمىز.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز. مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ يەرلىككە ياردەم بېرىدىغان مەخسۇس تۈردىكى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 146 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇدا بەش يىل ھەر يىلى 20 مىليارد يۈەندىن كۆپەيتىمىز، ھەمدە ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغنى يەنە بىر قېتىمدىلا 30 مىليارد يۈەن كۆپەيتىش ئارقىلىق، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلار، ۋېۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغان رايونلار ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان رايونلارغا مايىللاشتۇرىمىز. نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغلىرىنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى داۋاملاشما يۆلەشنى كۈچەيتىمىز. ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش سۇپىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى پۈتكۈل جەريانلىق ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن ناھىيەلەرنى ئاساسلىق قوللاش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەدەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدىغان قوللاش سىياسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باسقۇچلۇق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەش، ئىلمىي تۈزەش، دەل جايىدا تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق تەرەپلەردىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەبلىغىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25 مىليارد يۈەن، 31 مىليارد 700 مىليون يۈەن ۋە 4 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرىمىز. شەھەرلەردىكى پاسكىنا سۇلارنى تۈزەش، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى شەھەر-بازارلارنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ۋە خۇاڭخې دەريا ۋادىسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا بۇلغىنىشنى تۈزەش، كونا دېزىل موتورلۇق يۈك ئاپتوموبىللىرىنى بىراك قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى سىنىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، «كۆك دېڭىز قولتۇقى»نى تۈزەش ھەرىكىتى ۋە بوخەي دېڭىزىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى قوغداش سىستېمىسى ئورنىتىشقا مەدەت بېرىمىز، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، ئورمان، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. دۆلەت يېشىل تەرەققىيات فوندىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلارغا بولغان ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز.

  خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز. يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى دائىملاشقان كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆلچەمنى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى ۋاقتىدا بايقايمىز ۋە بىر تەرەپ قىلىمىز. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ساقلانما يوشۇرۇن قەرزنى مۇۋاپىق تۈگىتىمىز، قەرزنى ساختا، يالغان تۈگىتىشنى قەتئىي مەنئى قىلىمىز، قىسقا مۇددەتلىك مەسىلىنى ھەل قىلىمىز دەپ كېسەل ئاسارىتى قالدۇرىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمىز. نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆمۈرلۈك جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى تەتۈر تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يەرلىكتىكى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىمىز، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىقلاپ، خەۋپ-خەتەر زىيىنىنى قانۇن بويىچە يۈكلەيمىز. دۆلەت ئىچىدىكى خەۋپ-خەتەر بىلەن سىرتتىن كىرگەن خەۋپ-خەتەرنىڭ گىرەلىشىپ تەڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن كۈچەپ ساقلىنىمىز. سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز.

  2. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىمىز.

  ئىستېمالنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۈرلۈك سودا-ساراي، بازارلارنىڭ سودىنى، بازارنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە، تۇرمۇش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ دائىملىق تىجارىتىگە مەدەت بېرىمىز. تور ئىستېمالى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، يېشىل، ساغلام ئىستېمالنى كېڭەيتىمىز. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىش مالىيە تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتىنى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىپ، تولۇقلىمىنىڭ چېكىنىش سالمىقى ۋە رېتىمىنى سىلىق ئاستىلىتىمىز، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردە ئاپتوموبىلنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، توكلىغۇ، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا داۋاملىق مەدەت بېرىمىز. ئېلېكترونلۇق سودا، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ يېزىلارغا كىرىشىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايمىز. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز قۇرۇپ، داۋالاش-كۈتۈنۈش بىلەن ساغلاملىق-كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى سىنىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

  ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال ئاشۇرىمىز. مەركەز مالىيەسى 1 تىرىليون يۈەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومى تارقىتىپ، ھەممىسىنى ئاساسلىقى جايلارنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار چىقىمىغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن يۆتكەپ بېرىمىز. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومى بىلەن باشقا مالىيە مەبلەغلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ مەبلەغنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس زايومىنى زور مىقداردا ئاشۇرىمىز، «مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرى سەۋىيەسى ۋە تۈرگە ھازىرلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن نۇقتىلىق ساھە، زور ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرگە ئىشلىتىپ، ئەلئارا سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك قوللايمىز. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدىن 600 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلتۇرقىدىن 22 مىليارد 400 مىليون يۈەن كۆپەيتىمىز. مەركەز مالىيەسى جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىغا 50 مىليارد يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، 50 مىليارد يۈەنلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى زايومى تارقىتىشنىڭ دەسمايىسى قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز، دېڭىز بويى غول لىنىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول ۋە چاڭجياڭ دەرياسى بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز.

  3. ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بېرىمىز.

  تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى بىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغىدىن 53 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قالدۇقىدىن ئاجرىتىلغان 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى مەخسۇس ئىسچوت مەبلىغى، شۇنداقلا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلما تەڭشەش مەخسۇس مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جايلارنىڭ تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۆرۈنەرلىك قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ۋە ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق مەدەت بېرىمىز، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 35 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەيمىز، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە 2 مىليون ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىمىز. يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى بەلگىلىمە بويىچە بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز.

  ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل يولغا قويۇلغان چوڭ ياشلىق ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى باسقۇچلۇق يولغا قويۇش، باھا ۋاقىتلىق تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى كاپالىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز.

  4. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بېرىمىز.

  ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مائارىپ خىراجىتىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىمىز، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى داۋاملىق قوللاپ، شەھەر-يېزىلار، رايونلار، مەكتەپلەر ئارا پەرقنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىمىز. جايلارنىڭ مائارىپ ساھەسىگە قارىتىلغان يۆتكىمە چىقىمىنى زورايتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ياردەم خىراجىتىنى %8.3 ئۆستۈرىمىز، يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش فوندىنى %11.8 ئۆستۈرىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇل خىراجىتىنى %9.6 ئۆستۈرىمىز، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ياردەم پۇلىنى %9.2 ئۆستۈرىمىز. شەھەر-يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، 2020-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئاممىۋى خىراجەت ئاساسىي نورمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرىمىز. يېزا-بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر، يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەر ۋە ناھىيەلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلى مائارىپى بايلىقى تەمىناتىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارغا داۋاملىق مايىللاشتۇرىمىز. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلالىرىنى تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

  ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىمىز. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى كىشى بېشىغا 30 يۈەن ئۆستۈرۈپ، كىشى بېشىغا يىلىغا 550 يۈەنگە يەتكۈزىمىز، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق ئۆلچىمىنىمۇ ماس قەدەمدە ئۆستۈرىمىز. ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتىنىڭ مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى كىشى بېشىغا 5 يۈەن ئۆستۈرۈپ، كىشى بېشىغا يىلىغا 74 يۈەنگە يەتكۈزىمىز، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى مالىيە ياردەم پۇل خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللىلەرگە ئىشلىتىپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن بالنېستتا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى باشقا جايدا داۋالانغاندا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى بىرتۇتاش غەملەش قاتلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرىمىز، شەھەرلەر بىرتۇتاش غەملەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. دۆلەتنىڭ دورا مەھسۇلاتلىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى تەشكىللەش ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش تۈرلىرىنىڭ دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى باھالىق ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى تەشكىللەش سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز. داۋالاش-ساقلىق ساقلاش بايلىقىنىڭ سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا داۋاملىق مەدەت بېرىمىز. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاممىۋى سەھىيە سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، ئېغىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋە جىددىي ئەشيا زاپىسى كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايونلار داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. سەھىيە-ساغلاملىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەدەت بېرىمىز.

  كۈتۈنۈش كاپالىتى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرىمىز. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى %5 نىسبەتتە ئۆستۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىمىز. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكىلەر بىرتۇتاش غەملەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 2020-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن فوندنى ئۆلكىلەر بىرتۇتاش يىغىش، بىرتۇتاش چىقىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش نىسبىتىنى %4كە ئۆستۈرىمىز، قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مەھەللىگە يۈزلەنگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتى ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز.

  خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىملىرىنى ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز، مەركەز مالىيەسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 148 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالىدىغان، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش، بېقىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش، يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىمىز. مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ كاپالەتلەندۈرشكە تېگىشلىكلىرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى شەرتكە توشىدىغان ئىشسىزلار ۋە يۇرتىغا قايتقانلارنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزىمىز. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە باغلايدىغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ۋاقتىدا قوزغىتىپ، باھا ۋاقىتلىق تولۇقلىمىسى سالمىقىنى باسقۇچلۇق ئاشۇرۇپ، مال باھا ئۆرلىشىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى مەبلىغىدىن 28 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە ئىشلىتىپ، داۋالاش كاپالىتى تىرىكىنى ياخشى قىلىمىز.

  ئاساسىي تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ شەھەر-بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغىدىن 70 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىجارە ئۆيلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىشكە داۋامىق مەدەت بېرىمىز. مەركەز مالىيەسىدىن يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردەم مەبلىغىدىن 18 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزا ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز.

  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتمىز. مەركەزنىڭ جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش ياردەم پۇلى مەبلىغىدىن 15 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش كۆلىمى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىسمەن مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، راۋاجلىنىشىغا پائال ياردەم بېرىمىز ۋە ئۇنى يۆلەيمىز. جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەدەت بېرىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشىغا مالىيە كۈچى جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

  5. بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بېرىمىز.

  باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل 2019-يىللىق قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتى ۋە كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، تەخمىنەن 500 مىليارد يۈەن ئۆرلىمە باجنى كېمەيتىمىز، ھەقنى ئازايتىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدا ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەقنى كەچۈرۈم قىلىپ، كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، ئاممىۋى قاتناش-تىرانسىپورت، يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىقلارنىڭ مۇلازىمەت قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، خەلق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە تەرەققىيات فوندى، پورت قۇرۇلۇشى خىراجىتى قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچتا چىقىرىلغان قىسمەن باسقۇچلۇق باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئۇزارتىمىز. كىچىك-مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تاپاۋەت بېجىنى كېلەر يىلى تاپشۇرۇشقا ئۇزارتىمىز. باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىمىز.

  كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز. پۇل، كەسپ سىياسىتىنى ماس راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان ساھەدىكى كارخانىلارنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا مەدەت بەردۇق. دۆلەت ئۆيلىرىنىڭ ئىجارىسىنى كېمەيتىپ ۋە كەچۈرۈم قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈك ئىگىلىرىنى ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ياكى مۇددىتىنى ئۇزارتىپ ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى ساھەسىدە ھەقنى يېرىم كېمەيتىپ ئالىمىز، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ھەققى نىسبىتىنى %1تىن تۆۋەنگە چۈشۈرىمىز. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندىنىڭ 2020-يىلى يېڭىدىن كۆپىيىدىغان تەكرار كېپىللىك كەسىپ كۆلىمى 400 مىليارد يۈەندىن كەم بولمايدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىمىز، قوللايدىغان توپنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، تاكسى شوپۇرلىرى قاتارلىقلارنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز.

  بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قوزغىتىمىز. «مەمۇرىيەتنى ئىخاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يىڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك، كەسىپلەشكەن ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىمىز، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايونلار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلىرى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يىڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان باج ئېتىبار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ساھەسىدە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىمىز. پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابات پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز.

  6. ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بېرىمىز.

  ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تاماق قاچىمىزنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتىمىز. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن 80 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىمىز، شەرقىي شىمالدىكى قارا تۇپراقنى قوغداش خاراكتېرلىك 40 مىليون مو تېرىقچىلىقنى يولغا قويىمىز. دادۇرچىلىقنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شال، بۇغداي سېتىۋېلىش ئەڭ تۆۋەن باھا سىياسىتى ۋە كۆممىقوناق، دادۇرنى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت ئىچى ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بازارنى مۇقىملاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. تىرىك چوشقا باقمچىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى چوشقا گۆشى بازىرىنىڭ تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كاپالەتلەندۈرىمىز. ئافرىقا چوشقا ۋاباسى، تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى قاتارلىق ئېغىر ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز، چارۋا مال، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىمىز. سالنېتس گازى، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق پەۋقۇلئاددە تەبىئىي گازنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. كارخانىلارنىڭ توك، گاز ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرىلىرىدىن باشقا يىرىك سانائەت ۋە ئادەتتىكى سودا-سانائەت توك باھاسىنى داۋاملىق %5 تۆۋەنلىتىمىز؛ قوللاش خاراكتېرلىك ئىككى خىل تۈزۈمدىكى توك باھاسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىككى خىل تۈزۈمدىكى توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توك خىراجىتى يۈكىنى نۇقتىلىق كىمەيتىمىز ۋە كەچۈرۈم قىلىمىز، يېڭىدىن قۇرۇلغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ يۇقىرى ئىشەنچلىك توك بىلەن تەمىنلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىمىز؛ ئاھالىدىن باشقىلار ئىشلىتىدىغان گازنىڭ باھاسىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىمىز، كاسات مەزگىلدىكى تەبىئىي گاز باھا سىياسىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا قويۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا چېتىلىدىغان ھەم يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە چوڭ ئۇچرىغان ساھەلەرگە گاز باھاسىدا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىمىز.

  7. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بېرىمىز.

  ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. جابدۇق يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسنى زورايتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، ئىستراتېگىيەلىك ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ ئېنژىنىرىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىمىز. سانائەت ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئاقىل ياسىمىچىلىقنى ئالغا سىلجىتىمىز. تۇنجى (يۈرۈش) مۇھىم تېخنىكىلق جابدۇق سۇغۇرتىسى تۆلىمى سىنىقى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىشتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك تەمىنات زەنجىرى قۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ۋە يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇيغۇنلاشقان ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سودا تۈزۈمى، تەننەرخ باشقۇرۇش ۋە خەۋپ-خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە قوللاشنى تەتقىق قىلىمىز. ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت سەرخىل ماركىسىنى يارىتىمىز.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى، دورىسى ۋە تېز تەكشۈرۈش تېخنىكىسى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇل تەتقىقات، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەشنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىمىز. پەن-تېخنىكا زور تۈرلىرىنى پەلەمپەيسىمان داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش 2030 ─ چوڭ تۈرلىرىنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز. نۇقتىلىق تۈرلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا «قوماندان بەلگىلەپ ئىش باشلاش»قا مەدەت بېرىمىز. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش سىنىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.

  تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، تاشقى سودا يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرىمىز. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلغار جابدۇق ۋە تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق زاپچاس قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشقا مەدەت بېرىمىز. مۇلازىمەت سودىسىنى يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇش سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش كەسپىنى قوبۇل قىلىش، تېخنىكا ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئېكسپورت قىلىش قاتارلىقلارغا ئىلھام بېرىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاشقى سېلىنما ھەمكارلىقىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

  8. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بېرىمىز.

  مەركەز مالىيەسى بىرتۇتاش غەملىگەن يېڭىدىن كۆپەيگەن قىزىل رەقەم، ئالدىنقى يىللىق ھېساباتتىن يۆتكەلگەن مەبلەغ، ئۆز چىقىمىنى قىسقارتىپ ھازىرلىغان مالىيە كۈچى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق جايلارنىڭ مالىيە كۈچىنى قوللاش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، جايلارنىڭ كىرىمنىڭ ئېشىشى ئاستىلاشتىن كېلىپ چىققان مالىيە چىقىمى بېسىمىنى يەڭگىللىتىمىز. مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىمىنى %12.8 ئاشۇرىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم (ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى يۆتكىمە چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نى %7.5 ئاشۇرىمىز، بۇ مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمىدىن 7.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار ھەمدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە مەدەت بېرىمىز. ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم ئىچىدە، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك يۆتكىمە چىقىمدىن 1 تىرىليون 719 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %10 ئاشۇرىمىز؛ ناھىيەلەرنىڭ ئاساسىي مالىيە كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بويىچە بېرىلىدىغان مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىدىن 297 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %10 ئاشۇرىمىز؛ كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىمىدىن 279 مىليارد 610 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %12.4 ئاشۇرىمىز. ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىمدىن 605 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش، ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى ئېنىقسىز ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مالىيە مەبلىغىنى تەقسىملەش ئۇسۇلىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، مالىيە كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مەبلەغنىڭ بىۋاسىتە شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغىچە بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانا ۋە خەلقنى بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندۈرىمىز.

  9. شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز.

  يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزىلارنىڭ «ھاجەتخانا ئىسلاھاتى»نى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتى ۋە پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز. يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا پائال مەدەت بېرىمىز ھەم نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرىمىز، سۇ سىستېمىلىرىنى تۇتاشتۇرۇش ھەم يېزا سۇ سىستېمىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىنىقىنى يولغا قويىمىز. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قاتارلىق يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز. يېزا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىناق نۇقتىسىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ يۈرۈشۈش خىراجىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز، يېزا-كەنتلەرنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز.

  دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۆپ خىل شەكىلدىكى، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، كىچىك كۆلەمدىكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىمىز. يېزىلارنىڭ 1-،2-،3-كەسىپلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى بەرپا قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىمىز، ئەۋزەل خاس كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتىلغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ۋە تولۇقلىما مەدىتىنى كۈچەيتىمىز.

  يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. شەھەر ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتال سېلىنمىسىنى پائال جەلپ قىلىمىز. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشىگە مەدەت بېرىدىغان مالىيە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىش مۇكاپات مەبلىغىدىن 35 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنى بولۇپمۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى ئاكتىپ نوپۇسقا ئېلىشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. مالىيە كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، كاپالەتلىك تۇرالغۇ، بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايمىز.

  دۆلەت زور رايون ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ھالەت شەكىللەندۈرۈش، شەرقىي شىمال رايونىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىنى قەد كۆتۈرگۈزۈش، شەرقىي قىسىم رايونلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. مالىيە-باج سىياسىتىنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى قاتارلىق دۆلەتنىڭ زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشنى داۋاملىق قوللايمىز، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق تۇتۇپ چوڭ قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونىنىڭ ئىككى شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا تۈرتكە بولىمىز. بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە شىزاڭ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان مالىيە-باج سىياسىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىمىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان تۈرلۈك مالىيە-باج سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچەپ مەدەت بېرىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، بازارنى، تىجارەتنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشى، مالىيەنىڭ سىلىق-مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  10. دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە خىزمىتىگە مەدەت بېرىمىز. پارتىيە ۋە دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى چىقىمىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىمىز. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما چوڭقۇر تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، يانداش سىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ تەمىناتىغا ھەقىقىي ياخشى كاپالەتلىك قىلىمىز. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىگە مەدەت بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ئىسلاھاتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىمىز.

  (4) 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى توغرىسىدىكى مۆلچەر ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  1. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.

  مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 8 تىرىليون 277 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2019-يىللىق ئىجرا سانىدىن %7.3 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىدىن يۆتكەپ كىرىدىغان 530 مىليارد يۈەننى (نەق چوتنى رەتلەش مەزگىلىدە مۆلچەر بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىپ تولۇقلىغان قىسمەن مەبلەغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىدىن، مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن يۆتكەپ كىرىدىغان 358 مىليارد يۈەننى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 9 تىرىليون 165 مىليارد يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 11 تىرىليون 945 مىليارد يۈەن بولۇپ، %9.1 ئاشۇرىمىز. كىرىم-چىقىم ئومۇمىي مىقدارىنى بالانس قىلغاندا، مەركەز مالىيەسىدە 2 تىرىليون 780 مىليارد يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، 2019-يىلدىكىدىن 950 مىليارد يۈەن كۆپىيىدۇ.

  مەركەزنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنى مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى، جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىم ۋە مەركەزنىڭ زاپاس راسخوتىغا ئايرىپ ئەكس ئەتتۈرىمىز.

  (1) مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 3 تىرىليون 503 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %0.2 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەتتىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمى 172 مىليارد 176 مىليون يۈەن بولۇپ، %13.3 تۆۋەنلىتىمىز؛ دىپلوماتىيە چىقىمى 54 مىليارد 305 مىليون يۈەن بولۇپ، %11.8 تۆۋەنلىتىمىز؛ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى 1 تىرىليون 268 مىليارد 5 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.6 ئاشۇرىمىز؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى چىقىمى 183 مىليارد 272 مىليون يۈەن بولۇپ، %0.7 ئاشۇرىمىز؛ مائارىپ چىقىمى 169 مىليارد 909 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.5 تۆۋەنلىتىمىز (جايلارنىڭ چىقىمىنى قوشقاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ چىقىمى %5.4 ئاشىدۇ) ؛ پەن-تېخنىكا چىقىمى 319 مىليارد 651 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.1 تۆۋەنلىتىمىز (جايلارنىڭ چىقىمىنى قوشقاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پەن-تېخنىكا چىقىمى %3.1 ئاشىدۇ)؛ ئاشلىق، ياغ، ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش چىقىمى 121 مىليارد 618 مىليون يۈەن بولۇپ، %1 ئاشۇرىمىز؛ قەرز ئۆسۈمى چىقىمى 539 مىليارد 943 مىليون يۈەن بولۇپ، %18.2 ئاشۇرىمىز.

  (2) جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىم 8 تىرىليون 391 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %12.8 ئاشۇرىمىز. ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم 7 تىرىليون 10 مىليارد 762 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.9 ئاشۇرىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە، ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى يۆتكىمە چىقىمى 3 تىرىليون 262 مىليارد 1 مىليون يۈەن بولۇپ، %2 ئاشۇرىمىز، ئاساسلىقى جايلارنىڭ مائارىپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ باشقا ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم 3 تىرىليون 748 مىليارد 761 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.5 ئاشۇرىمىز، بۇ مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمىنىڭ ئىشىش نىسبىتىدىن 7.7 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ جايلارنىڭ مالىيە كۈچىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى، قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ مالىيە كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش سىياسەت يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى. مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم (مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 775 مىليارد 738 مىليون يۈەن بولۇپ، %2.5 ئاشۇرىمىز، مەبلەغنى مەركەزلەشتۈرۈپ جايلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ-چوڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بۇلغىنىشنى تۈزەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرنى قوللايمىز.

  بۇنىڭدىن باشقا مەركەزنىڭ جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىمىدا يېڭىدىن ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم تەسىس قىلدۇق، ئۇنى بىر قېتىملىق مالىيە كۈچى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللاشقا ئىشلىتىمىز، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەشيا كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە كېيىنكى يېرىم يىلدىكى ئېنىقسىز ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق ئىشلىتىمىز. 2020-يىلى 605 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىش جەريانىدا يۇقىرىقى ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن تەپسىلىيلەشتۈرىمىز.

  (3) مەركەزنىڭ زاپاس خىراجىتى 50 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2019-يىلدىكى خامچوت بىلەن تەڭلىشىدۇ. زاپاس خىراجەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىگە قاراپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى ۋە جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىمغا كىرگۈزىمىز.

  2. جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.

  جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت ئۆز كىرىمى 9 تىرىليون 750 مىليارد يۈەن بولۇپ، %3.5 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىم كىرىمى 8 تىرىليون 391 مىليارد 500 مىليون يۈەننى، يەرلىك مالىيە يۆتكەپ كىرگەن مەبلەغ، ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ ۋە قالدۇق مەبلەغدىن ئىشلەتكەن 2 تىرىليون 110 مىليارد يۈەننى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 20 تىرىليون 251 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولىدۇ، جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 21 تىرىليون 231 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.2 ئاشۇرىمىز. يەرلىك مالىيە قىزىل رەقىمى 980 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2019-يىلدىكىدىن 50 مىليارد يۈەن كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ ئورنىنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى زايومىنى تارقىتىش ئارقىلىق تولدۇرىمىز.

  3. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.

  مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 18 تىرىليون 27 مىليارد يۈەن بولۇپ، %5.3 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭغا يۆتكەپ كىرىدىغان مەبلەغ ۋە ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ، قالدۇق مەبلەغدىن ئىشلەتكەن 2 تىرىليون 998 مىليارد يۈەننى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 21 تىرىليون 25 مىليارد يۈەن بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 24 تىرىليون 785 مىليارد يۈەن (مەركەزنىڭ زاپاس خىراجىتى 50 مىليارد يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، %3.8 ئاشۇرىمىز. قىزىل رەقەم 3 تىرىليون 760 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2019-يىلدىكىدىن 1 تىرىليون يۈەن كۆپىيىدۇ.

  (5) 2020-يىللىق ھۆكۈمەت فوندى خامچوت كىرىمى توغرىسىدىكى مۆلچەر ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت كىرىمى 361 مىليارد 141 مىليون يۈەن بولۇپ، %10.6 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭغا ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 18 مىليارد 4 مىليون يۈەن كىرىمنى ۋە 1 تىرىليون يۈەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايوم كىرىمىنى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 379 مىليارد 145 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت چىقىمى 1 تىرىليون 78 مىليارد 895 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە: مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 278 مىليارد 132 مىليون يۈەن بولۇپ، %10.7 تۆۋەنلىتىمىز؛ جايلارغا 800 مىليارد 763 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم قىلىمىز، ئاساسلىقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومىنى ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمىنى كۆپەيتىمىز. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 300 مىليارد 250 مىليون يۈەن يۆتكەيمىز.

  جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت ئۆز كىرىمى 7 تىرىليون 783 مىليارد 464 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.3 تۆۋەنلىتىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىشتىن قىلىدىغان كىرىم 7 تىرىليون 40 مىليارد 689 مىليون يۈەن بولۇپ، %3 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىدىن جايلارغا قىلىدىغان 800 مىليارد 763 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم كىرىمىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 3 تىرىليون 750 مىليارد يۈەن مەخسۇس قەرز كىرىمىنى قوشقاندا، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 12 تىرىليون 334 مىليارد 227 مىليون يۈەن بولىدۇ. جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت چىقىمى 12 تىرىليون 334 مىليارد 227 مىليون يۈەن بولۇپ، %39.8 ئاشۇرىمىز.

  مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت كىرىمى 8 تىرىليون 144 مىليارد 605 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.6 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭغا ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 18 مىليارد 4 مىليون يۈەن كىرىمنى، 1 تىرىليون يۈەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايوم كىرىمى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 3 تىرىليون 750 مىليارد يۈەن مەخسۇس قەرز كىرىمىنى قوشقاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 12 تىرىليون 912 مىليارد 609 مىليون يۈەن بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوت چىقىمى 12 تىرىليون 612 مىليارد 359 مىليون يۈەن بولۇپ، %38 ئاشۇرىمىز. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 300 مىليارد 250 مىليون يۈەن يۆتكەيمىز.

  (6) 2020-يىللىق دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى توغرىسىدىكى مۆلچەر ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى 169 مىليارد 165 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.4 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 14 مىليارد 406 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 183 مىليارد 571 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 125 مىليارد 821 مىليون يۈەن بولۇپ، %13.5 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 119 مىليارد 760 مىليون يۈەن بولۇپ، %21.4 ئاشۇرىمىز. جايلارغا 6 مىليارد 61 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم قىلىمىز. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 57 مىليارد 750 مىليون يۈەن يۆتكەيمىز، يۆتكەش نىسبىتىنى تەخمىنەن %35كە يەتكۈزىمىز. بۇنىڭدا ئاساسلىقى باجنى كىمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق.

  جايلارنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت ئۆز كىرىمى 194 مىليارد 661 مىليون يۈەن بولۇپ، %16.3 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن جايلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىدىغان 6 مىليارد 61 مىليون يۈەن كىرىمنى، ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 20 مىليارد 267 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 220 مىليارد 989 مىليون يۈەن بولىدۇ. جايلارنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 141 مىليارد 732 مىليون يۈەن بولۇپ، %9 ئاشۇرىمىز. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 79 مىليارد 257 مىليون يۈەن يۆتكەپ بېرىمىز.

  مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى 363 مىليارد 826 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.1 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭغا ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 34 مىليارد 673 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 398 مىليارد 499 مىليون يۈەن بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 261 مىليارد 492 مىليون يۈەن بولۇپ، %14.3 ئاشۇرىمىز. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 137 مىليارد 7 مىليون يۈەن يۆتكەپ بېرىمىز.

  (7) 2020-يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوت كىرىمى توغرىسىدىكى مۆلچەر ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 138 مىليارد 444 مىليون يۈەن بولۇپ، %101 ئاشۇرىمىز، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەركەز ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ئالدىنقى يىللىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى مەركەزلىك تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 74 مىليارد 161 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىمىسى كىرىمى 63 مىليارد 92 مىليون يۈەن بولىدۇ. بۇنىڭغا جايلار يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەركەز تەڭشەش فوندى كىرىمى 737 مىليارد 955 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 876 مىليارد 399 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 140 مىليارد 782 مىليون يۈەن بولۇپ، %112.3 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەركەز تەڭشەش فوندى چىقىمى 737 مىليارد 5 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىم ئومۇمىي مىقدارى 877 مىليارد 787 مىليون يۈەن بولىدۇ. بۇ يىللىق كىرىم-چىقىم يوچۇقى 1 مىليارد 388 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 34 مىليارد 487 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 7 تىرىليون 590 مىليارد 294 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.3 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 5 تىرىليون 167 مىليارد 628 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىمىسى كىرىمى 2 تىرىليون 99 مىليارد 804 مىليون يۈەن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەركەز تەڭشەش فوندى كىرىمى 737 مىليارد 5 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىم ئومۇمىي مىقدارى 8 تىرىليون 327 مىليارد 299 مىليون يۈەن بولىدۇ. جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 8 تىرىليون 87 مىليارد 629 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.8 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەركەز تەڭشەش فوندى چىقىمى 737 مىليارد 955 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىم ئومۇمىي مىقدارى 8 تىرىليون 825 مىليارد 584 مىليون يۈەن بولىدۇ. بۇ يىللىق كىرىم-چىقىم يوچۇقى 498 مىليارد 285 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 8 تىرىليون 868 مىليارد 537 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 7 تىرىليون 728 مىليارد 738 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.4 تۆۋەنلىتىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 5 تىرىليون 241 مىليارد 789 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىمىسى كىرىمى 2 تىرىليون 162 مىليارد 896 مىليون يۈەن بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 8 تىرىليون 228 مىليارد 411 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.7 ئاشۇرىمىز. بۇ يىللىق كىرىم-چىقىم يوچۇقى 499 مىليارد 673 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 8 تىرىليون 903 مىليارد 24 مىليون يۈەن بولىدۇ. چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت بويىچە تۈزۈلىدۇ، ۋاقتىنچە تەتقىق قىلىپ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈۋاتقان، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئورۇنلارغا تاپشۇرىدىغان ھەقنى ئۇزارتىش، باسقۇچلۇق كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

  2020-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ زايوم قالدۇق نورمىسى 21 تىرىليون 300 مىليارد 835 مىليون يۈەن بولىدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى قەرز قالدۇق نورمىسى 14 تىرىليون 288 مىليارد 922 مىليون يۈەن، مەخسۇس قەرز قالدۇق نورمىسى 14 تىرىليون 518 مىليارد 508 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، يەرلىك خامچوتنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزۈپ چىقىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللاپ تەستىقلىتىدۇ، ھازىر خامچوت جەملىنىۋاتىدۇ، بۇ دوكلاتتىكى جايلارنىڭ كىرىم مۆلچەرى ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىردەك مەركەز مالىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە جەملەپ چىققان.

  خامچوتنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئالاقىدار ئىزاھاتلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2019-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2020-يىللىق خامچوتى(لايىھە)» دىن تەپسىلىي كۆرۈۋېلىڭ.

  خامچوت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خامچوت يىلى باشلانغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇ خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى، تۆۋەندىكى چىقىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ: ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان چىقىم؛ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى خامچوت چىقىم سوممىسىدىن پايدىلىنىپ، تارماقلارنىڭ بۇ يىللىق زۆرۈر ئاساسىي چىقىمى، تۈر چىقىمى شۇنىڭدەك تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىم؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن چىقىم مەجبۇرىيىتىنى جەزمەن ئادا قىلىش شەرت بولغان چىقىم، شۇنىڭدەك تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان چىقىم. يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2020-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 7 تىرىليون 359 مىليارد 589 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 207 مىليارد 132 مىليون يۈەن ئازىيىپ، %2.7 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت ئۆز چىقىمى 1 تىرىليون 31 مىليارد 455 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئاشتى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى، قەرز ئۆسۈمى چىقىمىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 تۆۋەنلىدى. جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 6 تىرىليون 328 مىليارد 134 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 تۆۋەنلىدى. جايلارنىڭ مالىيە چىقىمىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىن بولدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمىدىن سىرت، قىسمەن تۈرلەرنىڭ چىقىم سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاستىلاپ قالدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خامچوتنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، تەستىقلانغان خامچوت بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  3. 2020-يىللىق مالىيە ئىسلاھاتى ۋە خامچوت باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز

  (1) خامچوت قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويىمىز.

  خامچوت قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خامچوت چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىم-چىقىم ھەرىكىتىنى قىلىپلاشتۇرىمىز. خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۆللۈك خامچوت ئىدىيەسىنى تەتبىقلاپ، چىقىمدىكى قاتما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، خامچوت تۈزۈشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇرىمىز. مالىيە كىرىمىنى قانۇن-نىزام بويىچە تەشكىللەپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان خامچوتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خامچوتنى تەڭشەپ كۆپەيتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز. خامچوت مەبلىغىنى تېز چۈشۈرىمىز، خامچوت ئىجراسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، دۆلەت خەزىنىسى بىرتۇتاش چىقىم قىلىدىغان مەبلەغ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىي مەبلىغى قاتارلىق مەبلەغلەرنى كۆزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خامچوت ئىجراسى ۋە مالىيە مەبلىغىنى بىخەتەر باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ئۇزۇن مەزگىللىك تىنما مەبلەغنى ۋاقتىدا قايتۇرۇۋېلىپ، مەبلەغ جەھەتتىن جىددىي قوللاشقا ئېھتىياجلىق باشقا ساھەلەرگە ئىشلىتىمىز. خامچوتنى ئاشكارىلاش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خامچوتنى ئاشكارىلاشنىڭ مۇنتىزملىشىشى، دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مالىيەنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز.

  (2) «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي پۇختىلايمىز.

  ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلىشى ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى جايلارنى مالىيە كۈچى جەھەتتىن قوللاشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، جايلارنىڭ مالىيە يۈرۈشۈشىنى ئىزلىما ئانالىز قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش، ئىش داۋامىدا كۆزىتىش، ئىشتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىشتىكى «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» خامچوتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەزىنە پۇلىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، «مەركەزدىن ئۆلكىگىچە، ئۆلكىدىن شەھەر، ناھىيەلەرگىچە» بولغان كۆزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى، ناھىيەلەرنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيەلەرنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» خامچوتىنى قايتىدىن رەتلەپ تەكشۈرۈپ، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» خامچوتىنى تولۇق سوممىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ، خەۋپ-خەتىرى بار رايونلارغا قارىتىلغان تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى بالدۇرراق تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمىنىڭ مالىيە چىقىمىدىكى ئالدىنقى رەت تەرتىپىدە، دۆلەت ئۆلچىمىدىكى «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمىنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمىدىكى ئالدىنقى رەت تەرتىپىدە چىڭ تۇرۇپ، خامچوتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەزىنە پۇلىنى تەڭشەشنى ياخشى قىلىپ، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تا مەسىلە كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  (3) يەرلىك ھۆكۈمەت زايوم مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرىمىز، ياخشى ئىشلىتىمىز. ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىغا بولغان قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئادا قىلىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلىشى كېرەك. مەخسۇس زايومنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىنما يۆنىلىشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەخسۇس زايومنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىم تۈر مەبلىغى قىلىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى سېلىنمىنى زورايتىشقا يېتەكلەيمىز. تارماقلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، زايومنىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى بالدۇرراق شەكىللەندۈرىمىز. مەخسۇس زايوم تۈرلىرىنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش ھەم خەۋپ-خەتىرىنى ئىگىلەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس زايومنى بەلگىلىك پايدا يارىتىدىغان چوڭ-چوڭ تۈرلەرگە ئىشلىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىدە تۈر پايدىسى بىلەن ئۆزئارا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايمىز. يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى قانۇنغا ئاساسەن، ئومۇمىي مەنپەئەت خاراكتېرلىك كاپىتال چىقىمىغىلا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرىمىز، ئۇنى دائىملىق چىقىمغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، زايوم مەبلىغىنى مائاش تارقىتىش، ئورۇنلارنىڭ يۈرۈشۈش خىراجىتى، كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى قەرەلى توشقاندا قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىدا ھېچقانداق خەۋپ-خەتەر كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  (4) مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز.

  دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ كىرىم ئايرىمىسىنى تەڭشەش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشقان، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار تەڭپۇڭلاشقان ھۆكۈمەتلەر ئارا مالىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يۆتكىمە چىقىمنى باشقۇرۇشنىڭ قىلىپلىق، ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۆستۈرىمىز. ئۆلچىمى ئىلمىي، قائىدىسى ئىنىق، چەكلىمىسى كۈچلۈك خامچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خامچوت چىقىمى ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىقىم ئۆلچىمىنى تەدبىقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت مالىيە دوكلاتىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىمىز. يەرلىك باج سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، باج-ھەق مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەرلىك مالىيەنى تېخىمۇ كۆپ مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلىمىز. باجنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى، تاموژنا بېجى قاتارلىق باج تۈرلىرى بويىچە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاموژنا بېجى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتىنى پەيدىنپەي پۇختىلايمىز. قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى يۆتكەپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايمىز.

  (5) خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز.

  ھەر تەرەپلىك، پۈتۈن جەريانلىق، تولۇق قاپلىغان خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، خامچوت باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. ھوقۇق-مەسئۇلىيەت باراۋەر بولغان، رىغبەتلەندۈرۈش بىرىكتۈرۈلگەن خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۈنۈم باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، تەننەرخ-ئۈنۈم تەھلىلىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، خامچوت تۈزۈشنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيمىز. تارماقلارنىڭ پۈتكۈل چىقىم ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن چوڭ-چوڭ سىياسەت، چىقىم تۈرلىرىگە قارىتا ئىشتىن ئاۋۋال ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈنۈم نىشانىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈم نىشانىنىڭ چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنىڭ يۈرۈشۈشىنى ياخشى كۆزىتىمىز. نۇقتىلىق ئۈنۈم باھالاش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۈنۈم باھالاشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، باھالاشنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى ئاشۇرىمىز. نەتىجىنى تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، باھالاش نەتىجىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى خامچوتنى تەڭشەش، باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن باغلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، خەجلىگەن پۇلنىڭ جەزمەن ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈنۈمى بولمىسا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈنۈمى تۆۋەن بولسا كۆپرەك قىسقارتىپ، ئۈنۈمى بولسا كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرىمىز.ئۈنۈم ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتلىرىنى ئۈنۈمنى باھالاشقا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز ۋە ئۇنى قىلىپلاشتۇرىمىز.

  (6) خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز.

  «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىگىچە كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خامچوت دوكلاتى ۋە لايىھە تەييارلاش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوت ۋە نەق چوت توغرىسىدىكى قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. خامچوتنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا پائال ماسلىشىمىز. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال دوكلات قىلىش ۋە ئالاقىدار مەخسۇس تۈرلەرنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ۋەكىللەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

  ۋەكىللەر، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان خىرىس مىسلىسىز بولىدۇ، 2020-يىللىق مالىيە خامچوت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يېڭى دەۋر مالىيە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلدى، خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى تارقاتتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ