باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا مۇھىت ئاسراش نىزامى

2014.10.10 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  (7 – نومۇرلۇق)

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا مۇھىت ئاسراش نىزامى›› 2014 – يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2015 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  2014 – يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

  1 – ماددا بۇ نىزام كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا ئېكولوگىيەنى بۇزۇشنىڭ، مۇھىتنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدىكى مۇھىت ئاسراش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازنى چارلاش، ئېچىش، ساقلاش، توشۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  3 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئېكولوگىيەنى ئاسراش بىلەن بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، كىم ئاچسا شۇ ئاسراش، كىم پايدىلانسا شۇ تولۇقلىما بېرىش، كىم بۇزسا شۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كىم بۇلغىسا شۇ تۈزەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

  4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇپ، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا مۇھىت ئاسراشنى مۇھىت ئاسراش خىزمەت نىشانى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  5 – ماددا ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيەنى ئاسراش تولۇقلىما تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

  ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيەنى ئاسراش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئېكولوگىيە ئاسراش تولۇقلىمىسى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئېكولوگىيەنى ئاسراش تولۇقلىما پۇلىنى تاپشۇرغان ئاچقۇچى ئورۇنلارنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

  6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، زېمىن بايلىقى، مالىيە – ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، قاتناش – تىرانسپورت، كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدىكى مۇھىت ئاسراشقا دائىر خىزمەتلەرگە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  7 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدىكى مۇھىت ئاسراشقا دائىر تەشۋىقات ۋە تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدا مۇھىتنى بۇلغاش ئەھۋالىنى بايقىسا، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماققا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدىكى مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىدا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

  8 – ماددا سۇ مەنبەسى رايونى، يەر ئاستى سۇ مەنبەسى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ئورمان باغچىسى، مۇھىم سۇلۇق يەر شۇنىڭدەك ئادەم كۆپ رايون قاتارلىق ئېكولوگىيەسى نازۇك رايوندا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  9 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش قۇرۇلۇشلىرىنى يېڭىدىن قىلىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشتە، ئاچقۇچى ئورۇن مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىشى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتى تەييارلاپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاتمىغانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيىتىنى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، زېمىن بايلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆتەپ بەرمەيدۇ، ئاچقۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى باشلىسا بولمايدۇ.

  كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى داۋامىدا، ئاچقۇچى ئورۇن مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدە ۋە تەستىقلىغۇچى تارماقنىڭ تەستىق پىكرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى تەڭ قوللىنىشى؛ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇنى ئىشلىتىش داۋامىدا مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاچقۇچى ئورۇن مۇھىت تەسىرىنى يەنە باھالىتىشى ھەمدە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

  10 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش قۇرۇلۇشىدا مۇھىتنى نازارەت قىلىش، ئۇنىڭ ئاتموسفېرا، سۇ، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەسىنى ئاساسىي قۇرۇلۇش بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ پۈتتۈرۈش كېرەك.

  11 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە يولغا قويۇشى كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  12 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى تەستىقلانغان مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتمەسلىكى ياكى توختىتىپ قويماسلىقى كېرەك؛ چۇۋۇۋېتىشكە ياكى توختىتىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

  ئاچقۇچى ئورۇنلارنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەسىنى باشقۇرۇش ساپاسىغا ئىگە ئورۇننىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بايقالسا، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى ھەمدە زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

  14 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىلغان رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارماقلىرى كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەپ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىلغان نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇھىت سۈپىتى، گېئولوگىيەلىك ئەھۋالىنى مەخسۇس كۆزىتىشى ھەمدە كۆزىتىش ئەھۋالىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  ئاچقۇچى ئورۇنلار بۇلغىما قويۇپ بېرىشنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى ئۆلچىشى، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە كۆزىتىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  15 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلاردىن بۇلغىما چىقىرىدىغانلىرى چىقىرىدىغان بۇلغىمىنىڭ تۈرى، قويۇقلۇقى ۋە مىقدارىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى، قانۇن بويىچە تەكشۈرتۈپ ‹‹بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى›› ئېلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  16 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇشى كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ھۈنەر، تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  17 – ماددا كۆمۈر ئاچقۇچى ئورۇنلار مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تولۇق يېپىق ھالەتتىكى كۆمۈر يەتكۈزۈش، كۆمۈر يۇيۇش، كۆمۈر تاللاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. كۆمۈر دۆۋىلەش مەيدانى يېپىق ياكى يېرىم يېپىق ھالەتتە بولۇشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، كۆمۈرنىڭ ئوت ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك؛ كۆمۈر دۆۋىلەش مەيدانىدىن باشقا جايغا كۆمۈر دۆۋىلەپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  كان يولى، زاۋۇت رايونىدىكى يوللارنى قاتۇرۇش ھەمدە سۇ چېچىش، كۆكەرتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، چاڭ – توزاننىڭ بۇلغىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  18 – ماددا ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ ئېچىش لايىھەسىنى گېئولوگىيەسى، كىلىماتى، ئېچىش كۆلىمىگە قاراپ مۇۋاپىق تۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇھىت بۇلغانسا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزەش كېرەك.

  19 – ماددا ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنى ئېچىش جەريانىدا يەر يۈزى بۇزۇلۇپ كەتسە، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بىر تەرەپتىن ئېچىش، بىر تەرەپتىن تۈزەش كېرەك. ئاچقۇچى ئورۇنلاردىن ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، كاننى تاقايدىغان ياكى قانۇن بويىچە كۆمۈر كاننى تاقايدىغانلىرى كۆمۈر قېزىلىپ بولغان رايوننى تىندۇرۇپ يەر يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلاردىكى كۆمۈر قېزىش، توپا ئېلىش، توپا چىقىرىش رايونلىرىدىكى يوللار ۋە قوشۇمچە يوللارغا قەرەللىك سۇ چېچىش ياكى باشقا تەدبىر قوللىنىپ، چاڭ – توزاننى بېسىقتۇرۇش كېرەك.

  20 – ماددا كۆمۈر قاچىلاش پونكىتى (سۇپىسى)نى شەھەر، بازار ۋە ئاھالە ئولتۇراق رايونىدىن يىراق جايغا سېلىش، كۆمۈر دۆۋىلەش مەيدانى تولۇق يېپىق ھالەتتە بولۇش ياكى باشقا ئۈنۈملۈك شامال توسۇش، چاڭ – توزان بېسىقتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  كۆمۈر توشۇش، قاچىلاش ۋە چۈشۈرۈشتە تۆكۈلۈپ كېتىش، چېچىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  21 – ماددا كۆمۈر ئاچقۇچى ئورۇنلار كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن تەكرار پايدىلىنىشى كېرەك؛ چىقىرىۋېتىش زۆرۈر بولسا دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

  22 – ماددا نېفىت ئاچقۇچى ئورۇنلار پاكىز قۇدۇق مەيدانى ياساپ، مەيداننى رەتلىك، پاكىز تۇتۇشى، قۇدۇق مەيدانىدا پاكىز مەشغۇلات قىلىشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ قۇدۇق مەيدانى ئەتراپىغا بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇ توسۇش تېمى، يامغۇر چىقىرىش ئېغىزى ۋە كەلكۈن مۇداپىئە ئۆستىڭى قويۇشى كېرەك.

  ئېقىپ كەتكەن ماي ۋە ماي – سۇ ئارىلاشمىسى قاتارلىق مايلىق بۇلغىمىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش، كۆمۈۋەتمەسلىك كېرەك.

  23 – ماددا نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار نېفىت، گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ۋە نېفىت، گاز ساقلاش ئەسلىھەسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، ئۆلچىشى، مۇھاپىزەت قىلىشى، ماي، گاز تۇرۇبىسى ياكى ماي، گاز ساقلاش ئەسلىھەسى يېرىلىپ كېتىش، تېشىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن سىڭىپ كېتىپ، سىرغىپ چىقىپ، ئېقىپ چىقىپ مۇھىتنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  24 – ماددا نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار بۇرغىلاش ۋە قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتى قىلىشتا، زەھەرسىز، زەھىرى ئاز بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشى كېرەك. ئىشلەتكەن زەھەرلىك بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىدىن يىغىپ پايدىلىنىشى ھەمدە ئۇنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  بۇرغىلاشتىن پەيدا بولغان پاسكىنا سۇنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، قايتا قۇيۇش كېرەك. ئۆلچەمگە يەتكۈزمىگەن پاسكىنا سۇنى قايتا قۇيۇشقا ياكى چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

  بۇرغىلاش مەشغۇلاتىدا پەيدا بولغان پاسكىنا ماي، مايلىق بۇلغىمىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  25 – ماددا نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىپ، نېفىت قۇدۇقى، نېفىت قۇدۇقى قاپلىما تۇرۇبىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشى، گازنىڭ ئېقىپ چىقىشى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  26 – ماددا نېفىت، تەبىئىي گاز شۇنىڭدەك كىسلاتا، ئىشقار سۇيۇقلۇقى، بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقى ۋە باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق بۇيۇملارنى توشۇشتا مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇنىڭ سىڭىپ چىقىشى، سىرغىپ چىقىشى، ئېقىپ چىقىشى ۋە چېچىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  27 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار خەتەرلىك تاشلاندۇقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش شەرت؛ بىر تەرەپ قىلىش، پايدىلىنىش شارائىتى يوقلار ساپاسى بار بىر تەرەپ قىلىش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار شاخار، تەركىبىدە ماي بولغان قاتتىق تاشلاندۇق ۋە باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق بۇيۇمنى دۆۋىلەپ قويۇش ۋە ساقلاشتا، مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، ئاتموسفېرا، تۇپراق ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  28 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش جەريانىدا پەيدا بولغان يانداش گاز، زەھەرلىك، زىيانلىق گاز ياكى ئوت ئالىدىغان گازدىن يىغىپ پايدىلىنىش كېرەك؛ يىغىپ پايدىلىنىش شارائىتى ھازىرلىمىغانلار تولۇق كۆيدۈرۈش ياكى باشقا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، چىقىرىۋېتىشى كېرەك.

  29 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار ئېچىش دائىرىسىدە شارائىتىغا قاراپ دەل – دەرەخ، ئوت – چۆپ تېرىپ، قۇم – بوران يالاپ كېتىدىغان جايلاردا قۇم توساق ياكى تورسىمان ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك.

  30 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار مەشغۇلات رايونىنىڭ گېئو مۇھىتىنى ھەرىكەت ھالەتتە كۆزىتىشنى كۈچەيتىشى، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە يېرىلىپ كېتىشتەك گېئو ئاپەتتىن ساقلىنىشى كېرەك:

  (1) چارلاش، قېزىش نەتىجىسىدە قېپقالغان چارلاش ئوقۇرى، چارلاش قۇدۇقى، بۇرغىلاش تۆشۈكى، خاڭ يولىنى پۇختا ئېتىۋېتىش ۋە تىندۇرۇۋېتىش؛

  (2) ئۈستى ئوچۇق قېزىش مەيدانى، توپا تۆكۈش مەيدانىنىڭ يانتۇلۇقى ۋە باشقا خەتەرلىك تاش جىنىسلىرىنى يانتۇلاش، تۈزەش ھەمدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

  قۇدۇقلۇق كۆمۈر كاننىڭ قېزىلىپ بولغان يېرىنىڭ ئۈستىگە كۆزىتىش بەلگىسى ۋە ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.

  31 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغانلىرى يەر يۈزى شەكلىنى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك:

  (1) قۇرۇلۇش قىلغاندا يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ، چىرىندى قاتلامنى بۇزغان، توپا – تاش ئالغانلار؛

  (2) تەۋرىتىش ۋە چىڭداش قاتارلىق مەشغۇلات جەريانىدا يەرنى بۇزۇۋەتكەنلەر؛

  (3) يەرنى ئىگىلەپ، ۋاقىتلىق يول ياسىغانلار؛

  (4) ماي، گاز قۇدۇقى، پونكىتى، تىرانزىت پونكىتى، بىرلەشمە پونكىتى قاتارلىق يەر يۈزى قۇرۇلما ئەسلىھەلىرىنى تاقىۋەتكەن ياكى تاشلىۋەتكەنلەر.

  32 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار كان قۇدۇقى، نېفىت قۇدۇقى، گاز قۇدۇقىنى تاقاشتىن بۇرۇن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرۇشى ھەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  33 – ماددا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئاچقۇچى ئورۇنلار تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. تاسادىپىي مۇھىت ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىپ مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  34 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 12 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن ياكى ئىشلىتىشتىن توختىتىپ قويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى بولسا، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى بولسا، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىما چىقىرىش ھەق سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى بولسا، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  35 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

  (1) كۆمۈر دۆۋىلەش مەيدانىدىن باشقا جايغا كۆمۈر دۆۋىلەپ قويغانلار؛

  (2) بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش مەشغۇلاتى قىلمىغانلار ياكى چېچىلىپ كەتكەن ماي ۋە ماي، سۇ ئارىلاشمىسىنى كۆمۈۋەتكەنلەر؛

  (3) كۆمۈر داشقىلى، مايلىق قاتتىق تاشلاندۇق ۋە باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق نەرسىلەرنى دۆۋىلەش ۋە ساقلاشتا، ئاتموسفېرا، تۇپراق ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغانلار.

  36 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 18 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەبچى بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  بەلگىلەنگەن تۈزەش مەزگىلىدە مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشقا، چىقىرىۋېتىشكە چەك قويۇشقا ياكى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ. بەلگىلەنگەن تۈزەش مۆھلىتى ئۇزاق بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ مۆھلەت توشسىمۇ تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغانلارنى تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن تاقاشقا بۇيرۇيدۇ.

  37 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 19 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان ئېچىشتا يەر يۈزىنى بۇزۇۋەتكەن، يەر يۈزى شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلەرنى زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە جازالايدۇ.

  38 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 20 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەشغۇلات رايونىدا كۆمۈر توشۇش، قاچىلاش، چۈشۈرۈشتە چېچىلىپ كېتىش، تۆكۈلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  39 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

  (1) كۆمۈر ساقلاش مەيدانىنى پۈتۈن يېپىق ھالەتتە باشقۇرماي ياكى باشقا ئۈنۈملۈك شامال توسۇش ۋە چاڭ – توزان بېسىقتۇرۇش تەدبىرىنى قوللانماي مۇھىتنى بۇلغىغانلار؛

  (2) ئىشلىتىپ بولغان زەھەرلىك بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىنى زىيانسىزلاندۇرمىغانلار؛

  (3) كېرەكسىز سۇ ۋە پاسكىنا سۇنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان ياكى ئۆلچەمگە يەتمىگەن سۇنى قايتا قۇيغانلار؛

  (4) بۇرغىلاش جەريانىدا پەيدا بولغان پاسكىنا ماي، كېرەكسىز مىنېرال ماينى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

  40 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 33 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ زور مۇھىت بۇلغاش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  41 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىق مەسئۇلى گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ ئىستېپا بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش شەرتىگە توشمايدىغانلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەنلەر؛

  (2) كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغان ياكى پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان تۇرۇپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

  (3) كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش رايونىنى كۆزىتىشتە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلار ياكى كۆزىتىش مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلغانلار؛

  (4) يىغىلغان بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنى قىسىپ قالغان، ئىگىلىۋالغان ياكى ئىشلىتىۋالغانلار؛

  (5) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

  42 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  43 – ماددا قېزىلما بايلىق ئېچىشتىكى مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىدا مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

  44 – ماددا بۇ نىزام 2015 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

  (2014 – يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر