باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى (6)

2013.04.10 16:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-باب خىزمەت ئىنتىزامى

  46.گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن سىياسەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، پەرماننى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، چەكلەنگەن ئىشلارنى قەتئىي توختىتىشى كېرەك.

  47. گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر گوۋۇيۈەننىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، ئوخشىمىغان پىكرى بولسا گوۋۇيۈەننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى، قايتا قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ قارارىغا يات سۆز-ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك. گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ياكى ماقالە ئېلان قىلغاندا، گوۋۇيۈەن قارار قىلمىغان مۇھىم مەسىلە ۋە تۈرلەرگە چېتىلىدىغان سۆز ياكى ماقالە ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

  48.گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر رۇخسەت سوراش-دەم ئېلىشتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك. مۇئاۋىن باش مىنىستىرلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، باش كاتىپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ زىيارەتكە، كاماندىروپكىغا چىقسا ياكى دەم ئالسا، ئىشتىن ئاۋۋال باش مىنىستىرغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەندىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلارغا ئۇقتۇرىدۇ. ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بېيجىڭدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقسا، ئىشتىن ئاۋۋال گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەن باش مىنىستىرسى ۋە باشقا مەسئۇل رەھبىرىي يولداشلارغا مەلۇم قىلىدۇ.

  49.گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندا، قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، زور ئەھۋال بولسا گوۋۇيۈەنگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  50. گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر مەخپىيەتلىك ساقلاش ئىنتىزامى ۋە تاشقى ئىشلار ئىنتىزامىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەك، دۆلەت مەخپىيەتلىكى، خىزمەت مەخپىيەتلىكى ياكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلىش سەۋەبلىك ئىگىلىگەن سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش چەكلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتى قەتئىي قوغدىلىدۇ.

  11-باب پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشى

  51. گوۋۇيۈەن ھەم ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا پاك بولۇشقا ئالاقىدار تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  52. گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار ھۆكۈمەتنى قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك. خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلارنى تەرتىپ ۋە مۆھلەت بويىچە پائال، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بېجىرىشى، بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەرنى پىرىنسىپ بويىچە قەتئىي بېجىرمەسلىكى؛ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، كەينىگە سۈرۈش قاتارلىق بىيۇروكراتلىق ئىستىلى ۋە خىزمەتتە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ تەسىر پەيدا قىلغان ۋە زىيان سالغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى؛ ھوقۇقتىن ھالقىپ ئىش بېجىرىش، ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتەك بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  53.گوۋۇيۈەن ھەم ھەر قايسى تارماقلار مالىيە ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، جاپالىق كۈرەش قىلىش، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇش، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىقنى قەتئىي توسۇش، تۇرالغۇ، ئىشخانا، ئاپتوموبىل سەپلەش جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، كاماندىروپكا ساياھىتى، يىغىن خىراجىتى قاتارلىق ئادەتتىكى چىقىملارنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مەمۇرىي تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، تېجەشلىك ئورگان بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەل(چېگرا سىرتى)گە چىقىش ئۆمىكى تەشكىللەش سانى ۋە كۆلىمى تىزگىنلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش خىزمىتى ئىسلاھ قىلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات ۋە زىياپەت بېرىشكە بولمايدۇ، يەرلىكنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە زىياپىتىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ. خەلقئارالىق يىغىن، مۇنبەر، تەبرىكلەش مۇراسىمى، ھېيت-بايرام قاتارلىق پائالىيەتلەر قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. تۈرلۈك يىغىن خىراجىتىنىڭ ھەممىسى خامچوتقا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدۇ.

  54.گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇشى، رەھبىرىي يولداشلار زور ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ھوقۇق تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ۋە ئالاھىدە مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا مەنپەئىتىنى كۆزلىشىگە بولمايدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بازار ئىگىلىكى ھەرىكىتىگە ئارىلىشىشى ۋە قول تىقىشىغا بولمايدۇ؛ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك.

  55. گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەر ئۆگىنىشتىن ئۈلگە بولۇشى، گوۋۇيۈەن ۋە ھەرقايسى تارماقلىرى ئۆگىنىشچان ئورگان قۇرۇشى كېرەك. 56. گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى، تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سەپەر تەييارلىقىنى ئاددىي قىلىپ، ھەمراھلارنى ئازايتىپ، كۈتۈۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشى كېرەك؛ يەرلىكنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئايروپورت، ۋوگزال، پىرىستان ۋە تەۋەلىك چېگراسىغا كېلىپ كۈتۈۋېلىشى ۋە ئۇزىتىپ قويۇشىغا بولمايدۇ. خىزمەت ئېھتىياجىدىن سىرت، مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەر، مەنزىرىگاھلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا بولمايدۇ.

  57.گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تارماقلار ۋە يەرلىك يىغىنلارغا تەبرىك خېتى ۋە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىگە، بېغىشلىما يېزىپ بېرىشىگە بولمايدۇ، ئالاھىدە سەۋەب بىلەن تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتسە ۋە بېغىشلىما يېزىپ بەرسە، ئادەتتە ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدۇ. گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار يىغىن، پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا، ئاساسىي قاتلامغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا، خەۋەر قىلىش ۋە تاشقى ئىشلار پائالىيىتى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  58. گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئورگان، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان، ئىش بېجىرىش ئورگىنى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارغا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە