باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى (5)

2013.04.10 16:04        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   9 -باب ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى تەستىقلاش

  42.جايلار، تارماقلار گوۋۇيۈەنگە سۇنىدىغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئىشلار ۋە جەزمەن بىۋاسىتە سۇنۇشقا تېگىشلىك مەخپىي ئىشلاردىن سىرت، ئادەتتە گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارغا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى بىۋاسىتە سۇنۇلمايدۇ. تارماقلار گوۋۇيۈەنگە سۇنىدىغان يوليۇرۇق سوراش خاراكتېرلىك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى باشقا تارماقلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا چېتىلسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ، تەشكىللىگۈچى تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىلەن ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى بىللە ئىمزا قويىدۇ ياكى بىرلىكتە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ. تارماقلار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسا، تەشكىللىگۈچى تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭىشىدۇ؛ كېڭەشكەندىن كېيىن بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىنسا، تەشكىللىگۈچى تارماق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسپاتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى بىلەن بىللە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنىدۇ.

  43.جايلار، تارماقلار گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ ھەم ئېھتىياجغا ئاساسەن گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداش گوۋۇيۈەندىكى باشقا رەھبىرىي يولداشنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، مۇھىم ئىشلارنى باش مىنىستىرنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

  44.گوۋۇيۈەن تۈزگەن مەمۇرىي قانۇن-نىزام، ئېلان قىلغان پەرمان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا سۇنغان لايىھەگە باش مىنىستىر ئىمزا قويىدۇ.

  45.گوۋۇيۈەن نامىدا تارقىتىلغان ھۆججەتلەرنى گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل رەھبىرىي يولداش تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر تارقىتىشقا ئىمزا قويىدۇ.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ نامىدا ھۆججەت تارقىتىلسا، گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ئىمزا قويىدۇ. زۆرۈر بولسا، گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل رەھبىرىي يولداش تارقىتىشقا ئىمزا قويىدۇ ياكى باش مىنىستىرنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنىدۇ.

  تارماقلار ئۆز خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا ھۆججەت ياكى بىرلەشمە ھۆججەت تارقاتقان بولسا، گوۋۇيۈەن قايتىدىن تەستىقلاپ ئەۋەتمەيدۇ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىمۇ تەستىقلاپ تارقاتمايدۇ.

  قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان ئىشلارغا يەنە ھۆججەت چۈشۈرۈلمەيدۇ. ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولمىغان، تارقاتسىمۇ-تارقاتمىسىمۇ بولىدىغان ھۆججەت، قىسقىچە مەلۇماتلار بىردەك تارقىتىلمايدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە