باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى (3)

2013.04.10 16:04        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-باب ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى يولغا قويۇش

  21. گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپچىلىك قاتنىشىش، مۇتەخەسسىسلەر ئىسپاتلاش، خەۋپنى باھالاش، قانۇنلۇق تەكشۈرۈش ۋە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بەلگىلەشنى مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشنىڭ زۆرۈر تەرتىپى قىلىپ، جامائەت سىياسىتىنى بەلگىلەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى كۈچەيتىدۇ. 22. خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، دۆلەت خامچوتى، مۇھىم يىرىك پىلان، ماكرولۇق تەڭشەش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلىرى، دۆلەت ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئىشلار، قانۇن تەكلىپى ۋە مەمۇرىي نىزام قاتارلىقلار گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى ياكى گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە قارار قىلىنىدۇ.

  23.گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنغان مۇھىم ئىشلار چوقۇم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان بولۇشى شۇنداقلا تەتقىقات، مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى قاتارلىقلارنىڭ قانۇنلۇق، زۆرۈر، ئىلمىي، يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بار، تىزگىنلەشكە بولىدىغان باھالاش ئىسپاتىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلارغا چېتىلىدىغانلىرىنى تولۇق ماسلاشتۇرۇشى؛ يەرلىككە چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئالدىن پىكىر ئېلىشى؛ مۇھىم جامائەت مەنپەئىتى ۋە كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىشلاردا ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەۋپ باھالىشىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.

  مۇھىم تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، مەنپەئىتى چېتىشلىق ئالاقىدار تەرەپلەر، جەمئىيەت ۋە جامائەتنىڭ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئىگىلەپ، تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  24.گوۋۇيۈەن مۇھىم تەدبىر چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئېھتىياجغا ئاساسەن كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مۇتەخەسسىس-ئالىملار، جامائەتنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلايدۇ.

  25.گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ قارارىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى ۋە ئىنكاس قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  6-باب ھۆكۈمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  26. گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار ئاشكارا، ئېنىق بولۇشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تۈزۈمى قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى، جەريانى، نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  27.گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىنغان ئىشلار، گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار بېكىتكەن سىياسەتلەردىن قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇش زۆرۈر بولغانلىرىدىن باشقىلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

  28.جامائەت مەنپەئىتى، ئامما مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، كەڭ دائىرىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، قانۇن ۋە گوۋۇيۈەن ئاشكارىلاش زۆرۈر دەپ بەلگىلىگەن ئىشلارنى جەمئىيەتكە ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ھۆكۈمەت گېزىتى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىقلار ئارقىلىق قانۇنلۇق، ۋاقتىدا، ئومۇميۈزلۈك، توغرا، كونكرېت ئاشكارىلايدۇ.

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە