باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى (2)

2013.04.10 16:04        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-باپ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىش

  11.گوۋۇيۈەن ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىپ، ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق، خىزمەت تەقسىماتى مۇۋاپىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت بىردەك، مەشغۇلات ئۈنۈملۈك بولغان، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئورگان فۇنكسىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاپ، ئاساسىي جەھەتتىن باراۋەر بولغان جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ.

  12.ماكرولۇق تەڭشەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەڭشەش نىشانى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشىنى ئىلمىي بەلگىلەپ، ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى ئاساسلىق قوللىنىپ، زۆرۈر مەمۇرىي ۋاسىتىلەرنى قوشۇمچە ئىشلىتىپ، ئىقتىسادىي مەشغۇلاتنى يېتەكلەپ ۋە تەڭشەپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  13. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە چىڭىتىپ، ئادىل ئىجازەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بازىرىنى بىر تۇتاش ئېچىش، ئادىل-سەمىمىي بولۇش ۋە تەرتىپلىك رىقابەتلىشىشنى قوغدايدۇ.

  14. جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەش، ھەرىكەت ھالەتتە باشقۇرۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدۇ.

  15.جامائەت مۇلازىمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  4-باپ مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش

  16.گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرىدۇ. مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى مۇۋاپىق يۈرگۈزۈش، تەرتىپ ئورۇنلۇق بولۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  17. گوۋۇيۈەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ۋاقتى-ۋاقتىدا قانۇن لايىھەسى سۇنىدۇ، مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، قارار ۋە پەرمانلارنى ئېلان قىلىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلىدىغان قانۇن لايىھەسى ۋە قاراپ چىقىلىدىغان مەمۇرىي نىزام لايىھەسىنى گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئورگىنى تەكشۈرىدۇ ياكى لايىھەلەشكە تەشكىللەيدۇ، مەمۇرىي نىزامنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئورگىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  18. گوۋۇيۈەن ۋە تارماقلار قانۇننى ئىلمىي، دېموكراتىك چىقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈش، مەمۇرىي نىزام ۋە تارماقلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى بېكىتىشتە، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بەلگىلىگەن تۈزۈمنىڭ مەسىلىلەرنى ھەقىقەتەن ھەل قىلالايدىغانلىقىغا، ئاددىي، يولغا قويۇشقا ئاسان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇش زۆرۈر بولغانلاردىن باشقا بارلىق مەمۇرىي نىزام ۋە تارماقلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈشتە ئاشكارا پىكىر ئالىدۇ. قانۇن چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ پىكىر بىردەكلىكىگە كېلەلمىگەن مەسىلىلەردە گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئورگىنى تەرەپلەرنىڭ ئىسپاتلىرىنى رەتلەپ، مايىللىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ قارار قىلىشىغا ۋاقتىدا سۇنىدۇ.

  مەمۇرىي نىزام ۋە تارماقلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كېيىنكى باھالاشنى يولغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  19.گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى بېكىتكەن قائىدە-تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئاساسىي قانۇن، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار قارار، پەرمانلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپىگە قەتئىي رىئايە قىلىنغان بولۇشى كېرەك.

  ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ تارماقنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن مەمۇرىي نىزام بېكىتىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇق ئېلان قىلىدۇ ياكى ئالاقىدار تارماقلار قائىدە-تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بىرلىشىپ تۈزىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى جامائەتنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ۋە چەت ئەلگە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا گوۋۇيۈەندىن ئالدىن يوليورۇق سوراش؛ تارماقلار بىرلىشىپ تۈزگەن مۇھىم قائىدە-تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. قانۇنلۇق تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مەمۇرىي ئىجازەت، مەمۇرىي جازا، مەمۇرىي مەجبۇرلاش قاتارلىق ئىشلارنى بەلگىلىمەسلىك، پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قانۇنغا خىلاپ كۆپەيتمەسلىك كېرەك. تارماقلارنىڭ قائىدە-تۈزۈمى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا گوۋۇيۈەنگە سۇنۇلۇپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئورگىنى مۇندەرىجىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. ئاساسىي قانۇن، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ياكى گوۋۇيۈەننىڭ قارار، بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ ياكى تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىسى مۇۋاپىق بولمىغان قائىدە-تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىگە قارىتا، شۇلارنى بەلگىلىگەن تارماقلار تۈزىتىشكە قانۇن بويىچە بۇيرۇلىدۇ ياكى گوۋۇيۈەن ئۆزگەرتىدۇ، بىكار قىلىدۇ.

  20.گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بار قانۇنغا چوقۇم تايىنىش، قانۇننى چوقۇم قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، جامائەت مەنپەئىتى، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە