باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى (1)

2013.04.10 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2013–يىل3–ئاينىڭ 20–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 1–ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  1-باپ ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنى»غا ئاساسەن مەزكۇر پىرىنسىپنى تۈزدى.

  2 . گوۋۇيۈەن خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىپ، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، قۇرۇلمىسى سەرخىل، پاك-دىيانەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تىرىشىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت.

  3 . گوۋۇيۈەن خىزمەت قائىدىسى خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دېموكراتىك-ئاشكارا، ئەمەلىي-پاك بولۇشتىن ئىبارەت.

   2-باپ گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى

  4 .گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى خادىملار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، تىرىشچان-پاك بولۇشى كېرەك.

  5.گوۋۇيۈەندە باش مىنىستىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، باش مىنىستىر گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن باش مىنىستىرلار، دۆلەت كومىسسارلىرى باش مىنىستىرنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

  6. باش مىنىستىر گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنلىرىنى چاقىرىدۇ ۋە ئۇلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. گوۋۇيۈەن خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىشلار گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن قارار قىلىنىدۇ.

  7. مۇئاۋىن باش مىنىستىرلار، دۆلەت كومىسسارلىرى خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ باش مىنىستىرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە باشقا جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە ياكى مەخسۇس ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل بولىدۇ ھەم گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.

  8.باش كاتىپ باش مىنىستىرنىڭ رەھبەرلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  9. باش مىنىستىر چەت ئەلگە زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، دائىمىي خىزمەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر باش مىنىستىرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدۇ.

  10. مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىدە مىنىستىر، كومىتېت باشلىقى، بانكا باشلىقى، باش مۇپەتتىش مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئۇلار ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارار، پەرمانىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە نىزام بەلگىلەپ، پەرمان ئېلان قىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى باش مىنىستىرنىڭ رەھبەرلىكىدە قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىمايدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، ماسلىشىپ-ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىق-بىردەكلىكنى قوغداپ، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە