باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2013.03.25 10:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىش ئورگىنى، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئىجرا قىلىش ئورگىنى بولۇپ، ئۇ زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلى، دۆلەت كومىسسارى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن . گوۋۈيۈەندە باش مىنىستىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

گوۋۈيۈەننىڭ باش كاتىپىزۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە،گوۋۈيۈەننىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۈيۈەننىڭ ئىشخانىسىغا باش كاتىپ رەھبەرلىك قىلىدۇ .

گوۋۈيۈەننىڭ ئورگانلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

گوۋۈيۈەن تارقاتقان (2013) 14-نومۇرلۇق

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرىغا :

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قارار قىلىپ تەستىقلانغان ‹‹دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فونكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى ›› ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 1-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە ئورگانلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنى تەسىس قىلىش لايىھەسىگە ئاساسەن، ھازىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ :

1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى
2. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاپپاراتلار:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەپتىش مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مالىيە مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇچىلىق مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى
جۇڭگو خەلق بانكىسى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇپەتتىشلىك مەھكىمىسى
(بۇنىڭ ئىچىدە تەپتىش مىنىستىرلىقى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرىدۇ، ئورگان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئىشتاتى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ . مائارىپ مىنىستىرلىقىدا سىرتقا قارىتا دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ۋىۋىسكىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ . سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدا سىرتقا قارىتا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ۋىۋىسىكىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ . مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدا سىرتقا قارىتا دۆلەتلىك ئاتوم بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ )

3. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە ئورگان:
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى

4. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاموژنا باش مەھكىمىسى
دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى
دۆلەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى
دۆلەتلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى
دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى
دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى
دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى
دۆلەتلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى
دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى
دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى
دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى

(بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ۋىۋىسكىسى تەپتىش مىنىستىرلىقىغا قوشۇمچە ئېسىلىدۇ . دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىغا دۆلەتلىك نەشر ھوقۇقى ئىدارىنىڭ ۋىۋىسكىسى قوشۇمچە ئېسىلىدۇ ).

5. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى :
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇھاجىرلار ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسى

(دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىغا مەركىزىي كومىتېت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىغا مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى بىلەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىدئەدچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسىغا مەركىزىي كومىتېت بىدئەدچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە بىر ئورگاندا ئىككى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ ).

6. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار:
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى
جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى
دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى
جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى
جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى
جۇڭگو ئاكسىيەنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى
جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى
مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتى
دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندى كومىتېتى


مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە