- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىرىنچى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
2012.11.16 09:30
جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى.
(2012-يىلى 15-نويابىر جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان)
جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2012-يىلى 15-نويابىر بېيجىڭدا بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يولداش ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 130 ئەزاسىنىڭ 129 ئى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى. مۇئاۋىن سېكرېتارلىرى ۋە دائىمىي ئىشلار كومىتېتنىڭ ئەزالىرى مەركىزى كومىتېتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە