باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(1)

2012.11.16 09:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى:

  (2012-يىلى 15-نويابىر جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان)

  جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 2012-يىلى 15-نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەركىزى كومىتېتنىڭ 205 ئەزاسى، مەركىزى كومىتېتنىڭ 171 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى سايلاپ چىقىلدى؛ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ ئەزالىرى قاراپ چىقىلدى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بېكىتىلدى؛ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن سېكرېتار، مۇئاۋىن سېكرېتار ۋە دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى نامزاتلىرى تەستىقلاندى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى:

  شى جىنپىڭ، ما كەي، ۋاڭ چىشەن، ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يۈنشەن، ليۇ يەندوڭ (ئايال)، ليۇ چىباۋ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن (ئايال)، سۈن جېڭسەي، لى كېچياڭ، لى جيەنگو، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جياڭ چۈنشەن، جاڭ گاۋلى، جاڭ دېجياڭ، فەن چاڭلوڭ، مېڭ جيەنجۇ، جاۋ لېجى، خۇ چۈنخۇا، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، گو جىنلوڭ، خەن جېڭ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە