باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى(1)

(2012-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى)

2012.11.15 11:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى تەستىقلىدى. دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، »ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش« مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى تەھلىل قىلىنىپ، ئۆتكەنكى بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىسى، شۇنداقلا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلىرى يەكۈنلەندى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئورنى بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى بېكىتىلدى، يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش بايان قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئۇ پۈتكۈل پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، شۇنداقلا ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: دوكلاتتا شەرھلەنگەن قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي تېمىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدە ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتكۈل پارتىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، كۈچنى ئويۇشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە