باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىملەش ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدا قارار

2012.10.09 14:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   (2012–يىل9–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38–يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىملەش ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە قارار چىقاردى:

  1. ئاپتونوم ايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى 550 بولىدۇ.

  2. ئاپتونوم ئوبلاست، رايون بار شەھەر ۋە ئالاقىدار ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونسىز شەھەرلەر سايلاشقا تېگىشلىك ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ شۇنىڭدەك ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە تەقسىم قىلىندى.

  ئاھالىسى ئىنتايىن ئاز بولغان ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سانى ئىككىدىن ئاز بولمايدۇ.

  3. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمى سايلاشقا تېگىشلىك ئاپتونوم رايونلۇق 1–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى 25 بولىدۇ.

  4. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سايلاشقا تېگىشلىك ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى 55 بولىدۇ، ئۇلار بىڭتۈەننىڭ شىلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ئاپتونوم ئوبلاست، رايون بار شەھەر ۋە ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

  5. ئاھالىسى ئىنتايىن ئاز ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيەلەر، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىسى ئىنتايىن ئاز مىللەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان زاتلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم سايلاشقا تېگىشلىك ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سايلام ئىشخانىسى ئاپتونوم ئوبلاست، رايون بار شەھەر ۋە ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ سايلىشى ئۈچۈن تەقسىملەپ بېرىدۇ.

  6. ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي سانىدا ئۇيغۇرلار %43.64نى، خەنزۇلار %34نى ئىگىلەيدۇ؛ قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە، تاجىك، ئۆزبېك، رۇس، تاتار، مانجۇ، داغۇر، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى %22.36نى ئىگىلەيدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان مىللەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

  7. ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە ئايال ۋەكىللەر %25 ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ئىشچى، دېھقان–چارۋىچى ۋە كەسپىي تېخنىك خادىملار ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ئۇدا سايلىنىدىغان ۋەكىللەر مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

  8. ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى 2013–يىل 1–ئاينىڭ 12–كۈنىدىن بۇرۇن سايلاپ چىقىلىدۇ.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە