باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>لېي فېڭ

ئۈرۈمچى مەھەللىلىرىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى باشلاندى

2013.02.28 13:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەھەللە خىزمەتچى خادىمى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئەتراپىدىكى قار دۆۋىسىنى تازىلىماقتا

  ‹‹يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ ، شەخسىي ئىنتىلىشىمىزنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرەيلى. يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ ، ئۆتكۈر ئىدىيەدە ئالغا بېسىش ، ھە دەپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرايلى... ›› 27-فېۋرال سائەت 11:30 دە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي شىنخۇا يولى كوچا ئىش باشقارمىسى غەربىي ئىتتىپاق يولى مەھەللىسىنىڭ پارتىيە ئەزاسى چېن دېفۇ 30 نەچچە نەپەر خىزمەتچى خادىمنىڭ ئالدىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش تەشەببۇسنامىسىنى ئوقىدى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ مەھەللىنىڭ لېي فېڭ ئېيىدا قانات يايدۇرىدىغان لېي فېڭدىن ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى رەسمىي باشلاندى.

  باشلاش مۇراسىمى كۈنى ، قىسمەن مەھەللىلەرنىڭ پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ، مەھەللىلەرنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى، ئاھالە ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى يېغىۋاتقان قارغا قارىماي ، قوللىرىغا گۈرجەك ئېلىپ ، خاتىرە مۇنارى ئەتراپىدىكى دۆۋىلەنگەن قارلارنى تازىلىدى .

  ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىشتە چوقۇم ئالاھىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىش شەرت ئەمەس ، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلىساقمۇ بولىۋېرىدۇ ، ھەممىسى لېي فېڭ روھىنى نامايان قىلىدىغان بىر خىل ئىپادە›› دېدى چېن دېفۇ.

  ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش›› شۇ كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە