باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
پولات-تۆمۈر پادىشاھى-لىيۇكسېمبۇرگ
2011.04.18 14:35    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  لىيۇكسېمبۇرگ-ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقتە گېرمانىيە، جەنۇبتا فىرانسىيە بىلەن قوشنا كېلىدۇ، غەربى ۋە شىمالى بېلگىيە بىلەن تۇتىشىدۇ.

  يەر مەيدانى 25 مىڭ 863 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 441 مىڭ 300 بولۇپ، لىيۇكسېمبۇرگلىقلار %64.4نى، باشقىلار %35.6نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى گېرمانىيە، ئامېرىكا، بېلگىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيەلىك مۇھاجىرلار. ھۆكۈمەت تىلى فىرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى، لىيۇكسېمبۇرگ تىلى. فىرانسۇز تىلى مەمۇرىيەت، ئەدلىيە ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. نېمىس تىلى گېزىت–ژۇرنال، نەشرىيات ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. لىيۇكسېمبۇرگ تىلى ئەل ئىچىدىكى ئېغىز تىلى.%97 ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى-لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى. ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت بايرىمى. كىنەز ھىنرى 2000-يىلى 10-ئايدا قەسەم بېرىپ، رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ لىيۇكسېمبۇرگ، دېكىرش، گرېۋنېماخېردىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىسى بار، ئۆلكە قارمىقىدا 12 مەخسۇس رايون ۋە 118 شەھەر-بازار بار. ئۆلكە، شەھەر، بازار باشلىقلىرىنى كېنەز تەيىنلەيدۇ.لىيۇكسېمبۇرگنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سۆزلىسەك، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 50-يىلى بۇ يەر گېملارنىڭ ئولتۇراق جايى ئىدى. مىلادى 400-يىلىدىن كېيىن، ئىريان قەبىلىسى بۇ يەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، بۇ يەر ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ فرانىك پادىشاھلىقى ۋە چارمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى 963-يىلى ئورتاق گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن. 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1815-يىلى ياۋروپادا ئېچىلغان ۋىنا يىغىنى لىيۇكسېمبۇرگنى «لىيۇكسېمبۇرگ كېنەزلىكى» قىلىپ بېكىتكەن ۋە گوللاندىيە پادىشاھى كېنەزلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدىغان بولغان. لىيۇكسېمبۇرگ كېنەزلىكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1839-يىلى لوندون كېلىشىمىدە لىيۇكسېمبۇرگنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. 1866-يىلى گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1867-يىلى بىتەرەپ دۆلەت بولغان. 1868-يىلى پادىشاھ قانۇن تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1890-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلغان. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان. 1948-يىلى بىتەرەپلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەن.

  سىياسىي جەھەتتە:لىيۇكسېمبۇرگدا كېنەز دۆلەت باشلىقى، قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ۋە مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە. ئەمەلىيەتتە پارلامېنت قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، ھۆكۈمەت مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ ھەمدە پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ. پارلامېنت بىر پالاتا تۈزۈملۈك بولۇپ، ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. 60 پارلامېنت ئەزاسى بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. 2005-يىلى 7-ئايدا لىيۇكسېمبۇرگ ئومۇم خەلق ئاۋازغا قويۇپ «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاساسى قانۇن شەرتنامىسى»نى ماقۇللىدى.

  ئىقتىسادىي جەھەتتە:لىيۇكسېمبۇرگ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ تەبىئىىي بايلىقى كەمچىل، بازىرى كىچىك. ئىقتىسادىنىڭ سىرتقا تايىنىشچانلىقى زور. پولات-تۆمۈر سانائىتى، پۇل–مۇئامىلە كەسپى ۋە رادىيو-تېلېۋىزىيە ليۇكسېمبۇرگ ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان كۆلىمى 90 مىڭ گىكتار بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. لىيۇكسېمبۇرگ پولات-تۆمۈرنى ئاساس قىلغان، خىمىيە-سانائەت، ماشىنىسازلىق، كاۋچۇك، يېمەكلىك سانائىتىمۇ بىر قەدەر زور تەرەققىي قىلغان. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مەملىكەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ %40نى ئىگىلەيدۇ. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ ئەزەلدىن «پولات-تۆمۈر پادىشاھى» دېگەن نامى بار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 5.8 توننا بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان. ئاشلىقتا ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %1نى ئىگىلەيدۇ. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 125 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. دېھقانلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %4نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئارپا، قارا بۇغداي ۋە بۇغداي، كۆممىقوناق بار.لىيۇكسېمبۇرگنىڭ ئاخبارات–نەشرىيات ئىشلىرىغا كەلسەك، كۈندىلىك گېزىتتىن ئالتىسى بار بولۇپ، بەشى نېمىس يېزىقىدىكى گېزىت. كۈندىلىك تارقىتىلىش مىقدارى جەمئىي تەخمىنەن 130 مىڭ پارچە. ئۇنىڭ ئىچىدە «لىيۇكسېمبۇرگ گېزىتى» نېمىس يېزىقىدا كۈنىگە 75 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك تارقىتىلىدۇ. نېمىس يېزىقىدىكى «كۈندىلىك گېزىت»نىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 25 مىڭدىن كۆپرەك. «گرىن جۇمھۇرىيەت گېزىتى» فىرانسۇز يېزىقىدا كۈنىگە 20 مىڭدىن كۆپرەك تارقىتىلىدۇ. لىيۇكسېمبۇرگ تېلېۋىزىيە ئستانسىسى فىرانسۇز، نېمىس، لىيۇكسېمبۇرگ تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ ھەمدە ھەر يەكشەنبە كۈنلىرى ئىتالىيان تىلىدا پىروگراممىلىرى بار. لىيۇكسېمبۇرگ رادىيو ئستانسىسى فىرانسۇز، ئىنگلىز، لىيۇكسېمبۇرگ تىلى، پورتۇگال تىلى قاتارلىق كۆپ خىل تىللاردا ئاڭلىتىش بىرىدۇ.

  لىيۇكسېمبۇرگنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكى شۇكى، شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس. شىمالىدىكى ئادىن ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 400-500 مېتىر كىلىدۇ. بورگپۇلاز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 550 مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىدا گۈتلان تۈزلەڭلىكى بار.

  دىپلوماتىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لىيۇكسېمبۇرگنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە رىئايە قىلىدىغان پىرىنسىپى: باراۋەر بولۇش، قورال كۈچى ۋە قورال تەھدىتى ئىشلەتمەسلىك، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇش، خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنۇش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت. لىيۇكسېمبۇرگ 1972-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2004-يىلى باش ۋەزىر رۇڭك ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىدىكى «ئەڭ بىخەتەر شەھەرلەر» تىزىملىكىدە لىيۇكسېمبۇرگ كىنەزلىكىنىڭ پايتەختى لىيۇكسېمبۇرگ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، پايتەختتە 80 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس بار.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved