باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>> تەرجىمىھالى

سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتى ئەزاسى ليۇ يۈنشەننىڭ تەرجىمىھالى

2012.11.16 14:20        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ يۈنشەن، ئەر، خەنزۇ، 1947-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشىنىڭ يىنخۇۋدىن. 1966-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

  1964-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جىنىڭ پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1968-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇمېد سول خوشۇنى باش مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، تۇمېد ئوڭ خوشۇنى سۇبۇرغا گۇڭشىسىدا ئەمگەك بىلەن چېنىققان. 1969-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇمېد ئوڭ خوشۇنلۇق پارتكوم تەۋىقات بۆلىمىدە ئىشلىگەن. 1975-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىچكى موڭغۇل شۆبىسىنىڭ تارمىقىنىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق گۇرۇپپىسىدا مۇخبىر، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، شۆبە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. بۇ مەزگىلدە 1981-يىلى 3-ئايدىن 1981-يىلى 8-ئايغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتپىدە ئوقۇغان. 1982-يىلدىن 1984-يىلىغىچە كوممىنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 1984-يىلدىن 1986-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1986-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پاتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى قوشۇمچە ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1991-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە ئولانخاد شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قوشۇمچە ئولانخاد شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. بۇ مەزگىلدە 1989-يىلدىن 1992-يىلىغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىۋى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتى پارتىيە مەمۇرىيەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. 1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1997-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (1997-يىلى 10-ئايدا مىنىستىر دەرىجىسى بېكىتىلگەن)، مەركىزى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2002-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2012-يىلىدىن باشلاپ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى. ئۇ 12-14-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15-16-17-18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 16-17-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە