«ۋەزىپىنى ئادا قىلىش پارتىيە ۋەكىللىرىگە يېقىنلىشىش» دېگەن كىتاب نەشىر قىلىندى
2012.11.10 08:38
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابر بېيجىڭ خەۋىرى:پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى غەلبىلىك ئېچىلغان پەيتتە، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى يىپ ئۇچى قىلىنغان، پارتىيە ئىچى دېموكراتىيە جانلىق ئەمەلىيىتى نامايان قىلىنغان «ۋەزىپىنى ئادا قىلىش پارتىيە ۋەكىللىرىگە يېقىنلىشىش» دېگەن كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى. پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش يولى ۋە شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش پارتىيە ئىچى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى.
«ۋەزىپىنى ئادا قىلىش پارتىيە ۋەكىللىرىگە يېقىنلىشىش» دېگەن كىتابتا ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سەپتىن كەلگەن بەش پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، تاشقى ساھە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئالايلۇق، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ھۇجۇتقا كەلتۈرۈش جەريانى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھوقۇقى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىيە ئىچى دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەبەدىي ھاياتى كۈچى نامايان قىلىندى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە