باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>تىلچىلار

ئىلى چاقچاقلىرى ھەققىدە تەتقىقات

نىجات سوپى

2015.02.10 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىلى چاقچاقلىرى ھەققىدە تەتقىقات

نىجات سوپى

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «چاقچاق» دەپ ئاتىلىۋاتقان قىززىقچىلىق تۈرىنىڭ ئۇقۇمى، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش، راۋاجلىنىش ئاساسلىرى، چاقچاقلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى، تۈرلىرى، چاقچاقلار بىلەن كىرىشتۈرۈپ قوللىنىلىدىغان باشقا قىززىقچىلىق شەكىللىرى، چاقچاقلاردا قوللىنىلىدىغان مۇھىم ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر، ھەمدە چاقچاقلارنىڭ تىلىدا ئىپادىلىنىدىغان بىر قىسىم مەدەنىيەت ئامىللىرى ھەققىدىكى ئاپتورنىڭ كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق چاقچاقتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تۈرنىڭ سېھرى كۈچى نامايەن قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: چاقچاق، ئالاھىدىلىك، تۈر، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە، مەدەنىيەت ئامىللىرى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئارىسىدا ئوخشىمىغان قىززىقچىلىق شەكىللىرى بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان، ھەمدە خەلق ئاغزاكى تىل مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم قىسمى بولۇپ كەلگەن. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا نەسىردىن ئەپەندىدىن باشلانغان قىززىقچىلىق ئەنئەنىسى شۇندىن كېيىنكى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆز ئالدىغا ھەر خىل شەكىللەردە راۋاجلىنىپ كەلدى. جۈملىدىن، بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن سەلەي چاققان (1790 - 1850)، تۇرپاندا ياشاپ ئۆتكەن موللا زەيدىن (1815-1881) قاتارلىق ۋەكىللىك شەخسلەردىن كېيىن 20-ئەسىردە ئىلىدا يەنە بىر ئاتاقلىق خەلق قىززىقچىسى- «زامانىمىزنىڭ نەسىردىن ئەپەندىسى» ھېسام قۇربان (1930-2013) مەيدانغا چىقتى، ھەمدە ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۈگۈنكى كۈندە ئىلى رايونىدا ھېسام قۇرباننى مەركەز قىلغان بىر توپ كەسپىي چاقچاقچىلار قوشۇنى رەسمىي شەكىللەندى.
كۈلكە- ئىنسان روھىنىڭ ئوزۇقى، جىسمانىي ساغلاملىقنىڭ ئاساسى. ئىنسانلار كۈلكە ئارقىلىق خۇشاللىقلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، ئازابلىرىنى ئۇنتۇيدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئىش-ئەمگەكتىن بوشىغان چاغلىرىدا ساز چېلىش، ناخشا ئېيتىش، مۇڭدىشىش ۋە چاقچاقلىشىشقا ئامراق. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قىززىقچىلىق ژانىرى شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. چاقچاق، يومۇر، لاپ، دوراش سەنئىتى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىنىڭ يەرلىك تىل مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ يارقىن نامايەندىسى ئىلى چاقچاقلىرى ھېسابلىنىدۇ.
1. ئىلى چاقچاقلىرى ھەققىدە ئومومىي چۈشەنچە
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «چاقچاق» سۆزى «چاق» (چېقىۋالماق) سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىستىمال مەنىسى «چېقىشىپ قويماق، ئويناشماق، ئويۇن بولسۇن ئۈچۈن سۆزلىمەك» دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر. چاقچاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن- خەلق قىززىقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئىجاد قىلىنىدىغان، كۈلكە ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارغا كۈچلۈك بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدىغان قىززىقچىلىق سەنئىتىدۇر.
چاقچاقنىڭ باشقا قىززىقچىلىق شەكىللىرىگە قارىغاندا تىل ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار. مۇھىمى چاقچاقلار ئالدىن تەييارلىۋېلىنمايدۇ، بەلكى چاقچاقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئىجاد قىلىنىدۇ، قايتا تەكرارلانمايدۇ. تىلى ئىخچام، ئۆتكۈر، يومۇرلۇق، چوڭقۇر مەنىلىك بولىدۇ.
ئادەتتە، چاقچاق سورۇنى بىر ياكى بىرقانچە نەپەر چاقچاقچى، بىر توپ سورۇن ئەھلى (تاماشىبىن) ۋە مۇناسىپ چاقچاق مۇھىتى قاتارلىق ئۈچ ئامىلدىن تەشكىل تاپىدۇ، بۇ ئۈچ تەرەپ بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئالدى بىلەن بىر نەپەر چاقچاقچى ياكى بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلاشقۇچى ۋەياكى رىقابەتلەشكۈچى بىر قانچە چاقچاقچى بولىدۇ. چاقچاقچىنىڭ تىل ماھارىتى ئۈستۈن، ئىنكاسى تېز، تەپەككۇرى ئۆتكۈر، تەسەۋۋۇرى مول، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئىنچىكە بولۇشى، ھازىرجاۋابلىق بىلەن نەق مەيداندا قىززىقچىلىق قىلىپ تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرەلەيدىغان، ھەر خىل سورۇنلاردا قىلچە قورۇنماي، يۈرەكلىك ھالدا سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشى، ھەمدە ئۇنۋېرسال سەنئەت قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، چاقچاقنى ئاڭلاپ چۈشىنىپ، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بىر توپ سورۇن ئەھلى بولۇشى كېرەك. ئادەتتە، ھەر بىر چاقچاقنىڭ مەلۇم مەدەنىيەت، مۇھىت ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ، ئەنە شۇ ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن باغلىيالىغاندىلا چاقچاقنىڭ ھەقىقىي مەنىسى تولۇق چۈشىنىلىدۇ. چاقچاق سۆزلەنگەندە سورۇن ئەھلى ھەر بىر چاقچاقنىڭ مەنىسىنى دەرھال چۈشىنىپ يېتىپ، شۇ ئاساستا كۈلكە ئارقىلىق مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرىشى كېرەك. سورۇن ئەھلى چاقچاقچىنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ «چاقچاق» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كۆپچىلىك ئارىسىدا خۇشاللىق كۈلكىسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن سۆزلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بىر ياخشى چاقچاق مۇھىتى ھازىرلىنىشى كېرەك. چاقچاقچى بىلەن سورۇن ئەھلى بىرلىشىپ، بىر پۈتۈن چاقچاق مۇھىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. چاقچاق قىلىنىدىغان سورۇن چاقچاقچىنىڭ ئاۋازىنى ھەممەيلەن تەڭ ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىدە تېنچ، ئازادە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چاقچاقچىلار بىلەن سورۇن ئەھلى ئوتتۇرىسىدا سۆزلەش، چۈشىنىش، ئىنكاس قايتۇرۇش ھالقىلىرى ئۆزئارا مۇناسىپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان بولىدۇ. سورۇننىڭ كەيپىياتى قانچە قىزغىن بولسا، چاقچاقچىلار ئىلھامى شۇنچە ئۇرغۇيدۇ. سورۇننىڭ كەيپىياتى سۇس بولسا، چاقچاقچىلارنىڭمۇ چاقچاقلىشىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ، ئىلھامى قاچىدۇ.
ئىلىنىڭ چاقچاق سورۇنى ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە چاقچاقچى بىلەن سورۇن ئەھلى بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان، بىر-بىرى بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىدىغان يۇقىرى سەۋىيىدىكى چاقچاق سورۇنى مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
2. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش ئاساسى
ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن. يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىلىدا ئۆتكەن داڭلىق چاقچاقچىلاردىن باۋۇخان كور (1895-1956)، زوردۇن نۇسرەت (لەقىمى شىبە، 1904-1975)، غوپۇر دېڭخۇلۇ (1916-1992)، موللا مەتيار خەلپىتىم (19-ئەسىردە ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن)، ياقۇپبەگ پوچى (19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكەن)، ئىشقىيار نامەت (1891-1981)، بەرىز ناسىروپ (1883-1958) قاتارلىقلارنى ئاتاپ ئۆتۈش مۇمكىن . بۈگۈنكى دەۋر ئىلى چاقچاقچىلىرى ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن ھېسام قۇرباندىن باشقا يەنە روزى ئابدۇۋەلى، ئىبراھىم ئابلاخان، ئەبەيخان چوقۇر، بولۇس نىزامىدىن، ساتتار باقى، دىلمۇرات سابىر (1957-1986)، سالى ساۋۇت، لەتى ئىمىن، رېشىت مۇھەممەت، كامىل خوجائەخمەت، مىجىت ئابدۇراخمان، شەۋكەت جۇماش، ھىبى (ھەبىدۇللا) ئابدۇرېھىم، تۇداخۇن روزەم (1969-2012)، ماھىبەدەر ئىبراھىم، خالمۇرات ئۆمەر، ياقۇپ ھاجى، ئابابەكرى ئوبۇل، سابىرجان سادىق، پەرھات ماخمۇت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكەن ناخشىچى ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپ، شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپلارمۇ ئۆز زامانىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە چاقچاقچىلاردىن بولغان. ھازىرقى زامان ئىلى يازغۇچىلىرىدىن ئىساق باسىتى، سىدىق تۇرسۇن قاتارلىقلارمۇ ئۆز تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە قىززىقچىلار ھېسابلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن چاقچاقلار ئىلىدا شۇنچە يۈكسىلەلىدى ۋە كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولالىدى؟ مېنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن ئىزدەش مۇمكىن.
1) گۈزەل تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەسىرى. ئىلىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى گۈزەل، بۇ يەر شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان دەريالار، ياپ-يېشىل تاغلار، كەڭرى كەتكەن بوستانلىقلار بىلەن تولغان. مۇشۇنداق گۈزەل تەبىئىي مۇھىت بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىغا ھەر دائىم چەكسىز ئۈمىد، كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى قىزغىنلىق بىلەن خۇشال-خۇرام ياشاشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبى ھاياتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان. ھەرقانداق ئىشقا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان، ئازابقىمۇ، خۇشاللىققىمۇ كۈلكە بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان جۇشقۇن، مەردانە خاراكتېر ئۇلاردا يېتىلگەن. مانا بۇلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى چاقچاقتىن ئىبارەت مۇشۇنداق جەڭگىۋار ژانىرنىڭ ئىلىدا مەيدانغا كېلىشى ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىشىنىڭ تەبىئىي ئاساسىدۇر.
2) پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرى. چاقچاقلارنىڭ ئىلىدا راۋاجلىنىپ، بۈگۈنكى ھالەتكە يېتىشىنىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخىي ئىجتىمائىي ئاساسى بار. بىر تەرەپتىن 17-ئەسىردىن كېيىن جۇڭغار موڭغۇللىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى مانجۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى يۇرتلاردىن ئىلىغا تۈركۈملەپ كۆچۈرۈپ چىقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان دىئالېكت، شېۋىلىرى بۇ رايوندا ئۆزئارا ئۇچرىشىپ مۇرەككەپ، ئارىلاشما ھالەتتىكى يېڭى بىر يەرلىك شېۋىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەر قايسى يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل سەنئىتى شەكىللىرى بۇ يۇرتتا ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، تەسىرلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا چاقچاققا ئوخشاش تېخىمۇ يۈكسەك، يېڭىچە تىل سەنئىتى شەكلىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى تىكلىگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن تارتىپ رۇس مەدەنىيىتى ۋە رۇس مەدەنىيىتى ئارقىلىق كىرگەن غەرب مەدەنىيىتى شىنجاڭدا ئالدى بىلەن ئىلىغا تەسىر كۆرسەتتى، زامانىۋىي مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە مائارىپ بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا بالدۇر راۋاجلاندى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئۆسۈپ، فىئوداللىق جەمئىيەتتىن قالغان سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ئىجتىمائىي ئورۇن پەرقى كىچىكلەپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باراۋەرلىك ئېڭى كۈچەيدى. بۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى سورۇنلاردىلا ئەمەس، بەلكى ھاكىمبەگ، مىڭ بېشى، باي-غوجاملارنىڭ ئالدىدىمۇ يۈرەكلىك ھالدا چاقچاق قىلىپ، كۆپچىلىكنى كۈلدۈرىدىغان جاسارەت چاقچاقچىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئورۇن ئالدى. سورۇن ئەھلىنىڭ ھوقۇق-ئەمەلىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، بايلىقىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بۇ يەردە چاقچاق سورۇنىدىكى سالاھىيەت ئاساسى بولالمىدى. بۇنداق ئەۋزەل ئىجتىمائىي شارائىت چاقچاق ژانىرىنىڭ توسقۇنسىز، بىمالال، ئەركىن تەرەققىي قىلىشىنىڭ يەنە بىر ئىجتىمائىي ئاساسى بولۇپ قالدى.
3) باي مىللىي، يەرلىك مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ تەسىرى. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ باي خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل قىززىقچىلىق ژانىرلىرى چاقچاقنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن مەدەنىي مۇھىت ئاساسىنى تىكلىگەن. ئىلىدا چاقچاقدىن باشقا يەنە ئىلى خەلق ناخشىلىرى، ئىلى 30 ئوغۇل مەشرىپى، 12 مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى قاتارلىق كۈچلۈك يەرلىك پۇراققا ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بار. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ يىلتىزىنى ئىلى مەشرەپلىرىدە ئويلىنىدىغان «سامسا يېقىش، ئۆپكە قۇيۇش، تامغا سۈرىتىنى تارتىش، جۇۋازغا قېتىش، كاككۇك سايرىتىش، كۆتەك باستى قىلىش، كۆل سۇيى ئىچۈرۈش، ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش، مونەك تۈگۈش» قاتارلىق قىززىق ئويۇنلار، ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان چۈن-چۈن سالاۋات، جان بۈرگەم قاتارلىق ھەجۋىي قوشاقلار، رامىزان قوشاقلىرى، ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان قاتارلىق ھەجۋى ھېكايىلەر، لاپلارغا باغلاشقا بولىدۇ. يەنە كېلىپ نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك، جۈملىدىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىمۇ شۇنداق. مانا مۇشۇنداق كۈلكىگە باي خەلق ئەدەبىياتى ژانىرلىرى ئاخىرىدا بۇ زېمىندا چاقچاقتىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر ژانىرنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس بولغان.
دېمەك، ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ يۈكسىلىشىنى يۇقىرىقىدەك بىرقانچە تەرەپتىكى ئامىللارغا باغلاشقا بولىدۇ.
3. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
چاقچاقلار قىززىقچىلىق سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. لېكىن ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شەكىللەنگەن باشقا رايون ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىززىقچىلىق شەكىللىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بار. بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىش مۇمكىن:
1) ئىلى چاقچاقلىرى كۈچلۈك ئىجادچانلىققا ۋە ھازىرجاۋابلىققا ئىگە. چاقچاق نەق مەيداندا ئىجاد قىلىنىدىغان سۆز سەنئىتىدۇر. ئۇ چاقچاقچى تەرىپىدىن ئالدىن تەييارلىۋېلىنمايدۇ، بەلكى سورۇننىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا قاراپ نەق مەيداندا ئارقا-ئارقىىلا يومۇرغا ئايلىنىپ قالىدۇ. نەق مەيداندا ئىجاد قىلىنىدىغانلىقى ۋە تەكرارلانمايدىغانلىقى- ئۇنىڭ يومۇر ۋە باشقا قىززىقچىلىق شەكىللىرىدىن پەرقلىنىدىغان تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر.
2) ئىلى چاقچاقلىرى كۈچلۈك كەسپچانلىققا ئىگە. ئىلىدا چاقچاقچىلىق تەرەققىي قىلىپ سەنئەتنىڭ بىر مۇھىم تۈرىگە ئايلانغان. ئىلىدا ھېسام قۇربانغا ئوخشاش بىر يۈرۈش كەسپىي چاقچاقچىلار بار، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇپ چاقچاق قىلىدۇ، يومۇر سۆزلەيدۇ، كۈلكە ئارقىلىق سورۇن ئەھلىگە مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەر بىر شەھەر، ناھىيە، يېزا، بازارنىڭ شۇ دائىرە ئىچىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە چاقچاقچىلىرى بولىدۇ. چوڭراق سورۇنلاردا يۇرت ئاتلاپ داڭلىق چاقچاقچىلار تەكلىپ قىلىنىپ، قىززىقچىلىققا سېلىنىدۇ. ھىسام قۇربان ئاكىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ كىشى 83 يىللىق ھاياتىنىڭ 65 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتىنى چاقچاق سورۇنلىرىدا ئۆتكۈزدى. ئادەتتە، چاقچاقچىلارغا تەكلىپ قىلغۇچى تەرىپىدىن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ، ئۇندىن باشقا چاقچاق قىززىغاندا سورۇن ئەھلى تەسىرلەنگىنىدىن چاقچاقچىلارغا پۇل ئۆرۈمە قىلىپ تۇرىدۇ. چاقچاقچىلار مانا مۇشۇ ئىش ھەققى ۋە ئۆرۈمە پۇللىرىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.
3) ئىلى چاقچاقلىرى كۈچلۈك ئاممىۋىيلىققا ئىگە. ئىلىدا چاقچاق سۆزلەشنىڭ ئاممىۋىلىقى كۈچلۈك بولۇپ، توي-تۆكۈن، مەشرەپ ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى چاقچاق بىلەن ئۆتكەندىن سىرت، ھەر بىر كىشى ھەر قاچان ئۆز نۇتقىدا چاقچاق ئارىلاش سۆز قىلىشقا تىرىشىدۇ، چاقچاق بىلەن ئۆزئارا كۆڭۈل ئاۋۇندۇرىدۇ، تۇرمۇش ئېغىرچىلىقلىرى، ئىش-ئەمگەكتىن كېيىنكى چارچاشلارنى تۈگىتىدۇ. بىر كىشى سۆزلىسە بۇ يەردە تىڭشىغۇچى ئۇنى «راست گەپ قىلىۋاتقانمىدۇر، چاقچاق قىلىۋاتقانمىدۇر؟» دېگەن گۇمانىي تۇيغۇدا تۇرۇپ كۆزىتىدۇ. ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئۆز تەڭتۇشلىرى، دوستلىرى ئارىسىدا، ئائىلىدە، ئىش ئورنىدا بولسۇن، ھەر دائىم قىززىقچىلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن:
مېنىڭ ئوغلۇم يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن چاغلىرىدا بىر كۈنى مەندىن: «دادا، رادىئودا سىبىرىيەدىن سوغۇق ئېقىم كىرىدۇ دەيدۇ، سىبىرىيەدىن سوغۇق ئېقىم كىرسە قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. «قاتتىق بوران چىقىدۇ، كۈن سوغۇق بولىدۇ» دىدىم مەن. «قاتتىق بوران چىقسا سېنى ئۇچۇرىۋېتەلەمدۇ؟» دەپ سورىدى ئۇ يەنە. «ئۇچۇرىۋېتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردىم مەن. «بىراق، مېنى ئۇچۇرىۋېتەلمەيدۇ-دە!» دېدى ئۇ يەنە. «مېنى ئۇچۇرىۋېتەلىگەن بوران نېمىشقا سېنى ئۇچۇرىۋېتەلمەيدۇ؟» دەپ، سورىدىم مەن ھەيران بولۇپ. «چۈنكى، مېنىڭ سومكام ئېغىر-دە!» دەپ جاۋاپ بەردى ئوغلۇم ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىدىن دېرەك بېرىپ.
يەتتە-سەككىز ياش چاغلىرىدا يەنە بىر كۈنى بىز ئاپتوبۇس بىلەن تېكەس ناھىيىسىدىن غۇلجا شەھرىگە كىردۇق. قارىساق، شەھەرنىڭ ئىچىنى قويۇق تۇمان قاپلاپ كېتىپتۇ: «پاھ،- دېدى، ئوغلۇم بۇنى كۆرۈپ قىززىقچىلىق قىلىپ،- بۈگۈن غۇلجىدا بىرسى مونچىغا چۈشۈپتۇ-دە!»
4) چاقچاقلارنىڭ تىلى ئۆتكۈر، ئىخچام، چۈشىنىشلىك، ھەجۋى تۈسى كۈچلۈك بولىدۇ. چاقچاقنىڭ تىلى چۈشىنىشلىك، ئىخچام بولىدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭ تىلى چۈشىنىكسىز ياكى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، سورۇن ئەھلى ئارىسىدا دەرھال كۈلكە پەيدا قىلالمايدۇ. چاقچاقچىلار ئۆتكۈر، ھەجۋىي تىلى ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى سەلبىي ئىش-ھەرىكەتلەرنى تەنقىد ئاستىغا ئالىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى كۈچلۈك تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ.
5) ئىلى چاقچاقلىرى شادلىق كۈلكىسى ئاتا قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. ئىلىدا چاقچاق قىلىشتىكى مۇددىئا كىشىلەرگە كۈلكە، خۇشاللىق ئاتا قىلىش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش، كۆپچىلىككە مەنىۋىي ئوزۇق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. چاقچاقچى دوستانە، قىزغىن پوزىتسىيەدە تۇرۇپ، ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا سەمىمىي كۈلكە پەيدا قىلىشنى مەقسەد قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئاچچىق تەنە ئارقىلىق قارشى تەرەپنى گەپتە ئۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايدۇ. بەزىدە تەنقىدىي يول ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى كەمچىللىكلەر ھەجۋىي قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سالمىقى يېنىك بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قوبۇل قىلىشچانلىقىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلىدە ئازاب، ئۆچلۈك تۇيغۇسى پەيدا قىلمايدۇ.
6) ئىلى چاقچاقلىرىدا لەقەملەر چاقچاقنىڭ مۇھىم خۇرۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئىلىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ لەقىمى بار. چاقچاقچىلار كىشىلەرنىڭ لەقىمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ چاقچاق قىلىدۇ. ئەمما، لەقەملەر چاقچاق داۋامىدا ئۇدۇل ئېيتىلماستىن، بەلكى ۋاستىلىق ھالدا يوشۇرۇن، سىلىق ئىپادىلىنىدۇ. سۆزلىگۈچى گەپ ئارىسىدا ماھىرلىق بىلەن سىلىق تۈستە قارشى تەرەپنىڭ لەقىمىدىن بىشارەت بېرەلىسە، بۇنىڭ ئۆزى بىر قىززىقچىلىق سانىلىپ، سورۇن ئەھلىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ.
4. چاقچاقنىڭ تۈرلىرى
يېقىنقى بىر قانچە ئەسىر داۋامىدا ئىلى چاقچاقلىرى تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىرمۇنچە شەكىل ۋە تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ ژانىر ھېسام قۇرباننى مەركەز قىلغان ھالدا تېخىمۇ يۈكسەلدى، ياش چاقچاقچىلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقتى، چاقچاقلار شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ بېيىدى، يېڭى تۈرلەر پەيدا بولدى.
نۆۋەتتە، ئىلى چاقچاقلىرىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تۈرلەر- چاچما چاقچاق بىلەن روبىرو چاقچاقتىن ئىبارەتتۇر.
1) چاچما چاقچاق: بۇ خىل چاقچاقتا چاقچاقچى سورۇندىكى ھەر قايسى ئوبېكتلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى، تۇرمۇش ئادەتلىرى، تەرقى-تۇرقى، كىيىنىشى، سۆزلەش شەكلى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئۇلاردىكى مەلۇم تەرەپنى تۇتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى باشقا بىر شەيئىگە قىززىقارلىق قىلىپ ئوخشىتىش ياكى مۇبالىغە قىلىش يولى بىلەن كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. چاچما چاقچاقنىڭ بىر شەكلىدە سورۇن ئەھلى چاقچاقچى تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ چاقچاق ئوبېكتى قىلىنىپ، ھەر بىر كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاقچاق ئاستىغا ئېلىنىدۇ. يەنە بىر شەكلىدە چاقچاقچى تاماشىبىنلار ئارىسىدىن بىر ياكى بىرقانچە كىشىنى نۇقتا قىلىپ مەركەزلىك ھالدا چاقچاق قىلىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا چاچما چاقچاقنىڭ «تەرجىمە چاقچاق» دەيدىغان يېڭى بىر شەكلى مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدا ئىككى چاقچاقچى ھەمكارلىشىپ، بىرى چەتئەلچە سۆزلىگەن بولۇپ، يەنە بىرى ئۇنىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلغان بولۇپ، سورۇن ئەھلى ئۈستىدىن ئايلاندۇرۇپ چاقچاق قىلىدۇ. تەرجىمە چاقچاقنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى پەرھات ماخمۇت ۋە سالى ساۋۇتلاردۇر.
2) روبىرو چاقچاق: روبىرو چاقچاقتا، ئىككى چاقچاقچى ياكى ئىككى گۇرۇپپا چاقچاقچى بىر-بىرىگە قارشى يۈزلىنىپ، گەپ ئارقىلىق قارشى تەرەپنى يېڭىشقا تىرىشىدۇ. يەنى ئىككى چاقچاقچى بىرى-بىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتىۋېلىپ، قارشى تەرەپ بىلەن ئېلىشىدۇ، چاقچاق سۆز سەنئىتىدىكى بىر مەيدان جەڭگە ئايلىنىدۇ.
يۇقىرىقى ئىككى تۈردىن باشقا، چاقچاقلاردا قوللىنىلغان بەدىئىي شەكىلنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئادەتتىكى نەسرىي چاقچاقتىن سىرت يەنە شېئىرىي چاقچاق تۈرىمۇ بار. بۇنىڭدا چاقچاقچى نەق مەيداندا شېئىر، قوشاق توقۇش ياكى قاپىيىلىك جۈملىلەرنى تۈزۈش يولى بىلەن قارشى تەرەپكە قارىتىپ چاقچاق قىلىدۇ.
چاقچاقنىڭ نەق مەيداندا جايىدا تۇرۇپ قىلىنىدىغان ئادەتتىكى شەكلىدىن باشقا يەنە لەقەملەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارنى ئالداپ ھەركەتكە سالىدىغان لەقەملىك ھەرىكەتلىك چاقچاق تۈرىمۇ بار. لېكىن، بۇنىڭ سالمىقى بىر ئاز ئېغىر بولۇپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان، بىر-بىرىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتىرەلەيدىغان يېقىن دوستلار ئارىسىدىلا ئېلىپ بېرىشقىلا بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئەكسىچە بىھۇدە جىدەل-ماجراغا سەۋەبچى بولۇپمۇ قالىدۇ. مەسىلەن:
بىر كۈنى بىر دېھقان بىر مۇنچە قاپاقنى ئارتىپ: «قاپاق ئالامسىلەر؟» دەپ دۇكانمۇ-دۇكان ئارىلاپ كەپتۇ. بىر كىشى: «مەن ئالمايمەن، ئاۋۇ قورۇدىكى كىشى ئالىدۇ، شۇنىڭغا بېرىڭ» دەپ بىرسىنىڭ ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. دېھقان بېرىپ، دەرۋازىسىنى قېقىپ ئۆي ئىگىسىنى چاقىرىپ چىقىپ: «سىزنى قاپاق ئالىدۇ دېگەنتى، شۇڭا كەلدىم» دەپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كېلىپ يېرىلغۇدەك بولۇپ، قاپاق ساتىمەن دەپ كەلگەن بۇ دېھقاننى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىپتۇ. ئەسلىدە ئۇ كىشىنىڭ لەقىمى «قاپاق» ئىكەن.
5. چاقچاق بىلەن كىرىشتۈرۈلىدىغان باشقا قىززىقچىلىق شەكىللىرى
بىر سورۇندا نەچچە سائەتلەپ باشتىن-ئاخىر توختىماي چاقچاق قىلىش قىيىن. چۈنكى، چاقچاقنىڭ مەيدانغا كېلىشى سورۇننىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى، چاقچاقچىنىڭ ئىلھامى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق. شۇڭا، سورۇن كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتىرىش يۈزىسىدىن چاقچاق كۆپىنچە ناخشا، مۇزىكا ۋە قىززىقچىلىق سەنئىتىنىڭ باشقا بىر قاتار تۈرلىرى بىلەن كىرىشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى ئاۋۋال ساز چېلىنىپ، ناخشا ئېيتىلىدۇ، ياكى باشقا بەزى قىززىقچىلىق شەكىللىرى قوللىنىلىپ، مۇۋاپىق پۇرسەتتە رەسمىي ھالدا چاقچاققا ئۆتىلىدۇ ياكى چاقچاق بىر ئاز بوشاپ قالغان چاغلاردا دەرھال ناخشا، ساز، ياكى باشقا قىززىقچىلىق شەكىللىرى ئارقىلىق سورۇن قىززىتىلىپ يەنە مۇۋاپىق پۇرسەتتە قايتىدىن چاقچاققا ئۆتىلىدۇ. ئادەتتە، ئىلىدا چاقچاقلار بىلەن كىرىشتۈرۈلىدىغان قىززىقچىلىق شەكىللىرىنىڭ مۇھىملىرى تۆەندىكىچە:
1) يومۇر سۆزلەش: بۇرۇنقى سورۇنلاردا بولغان قىززىقچىلىق ياكى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن يومۇرلار سورۇن ئەھلىگە چاقچاقچى تەرىپىدىن قىززىقارلىق ھالدا يەتكۈزىلىدۇ. ئادەتتە، چاقچاقچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر قانچە يۈز يومۇرنى يادقا بىلىدۇ، مۇناسىپ پەيتتە يومۇر سۆزلەش ئارقىلىق سورۇننى قىزىتىدۇ.
2) دوراش ماھارىتى كۆرسىتىش: چاقچاق باشقىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى ئەينەن دورايدىغان دوراش سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈرىلىدۇ. يەنى كۆپچىلىككە تونۇش بىرەر شەخسنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ياكى باشقا بىر جانلىقنىڭ قىياپىتى سورۇن ئىچىدە چاقچاقچى تەرىپىدىن ئەينەن دورىلىپ، مۇشۇ ئارقىلىق كۆپچىلىك ئارىسىدا كۈلكە پەيدا قىلىنىدۇ.
3) لاپ سۆزلەش: لاپ- يۈكسەك دەرىجىدە مۇبالىغە قىلىش ئارقىلىق سۆزلىنىدىغان قىززىقارلىق ھېكايە بولۇپ، ئىلىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قىززىقچىلىق تۈرىنىڭ بىر شەكلى ھېسابلىنىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا بىر قىسىم قىززىقچىلار ئاۋۋال لاپ سۆزلەيدۇ ياكى ئۇنى ئىجادىي چاقچاقنىڭ مەزمۇنى ئىچىگە قېتىۋېتىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ سىدىق تۇرسۇن، توختاش بەكرى قاتارلىق ئەدىبلەر تەرىپىدىن ئىلىدىكى بىر قىسىم لاپلار رەتلىنىپ «ئابدۇلكامنىڭ لاپلىرى» نامىدا «ئىلى دەرياسى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.
4) تاقا-تۇقا سۆزلەش: ئىلىدا خەلق قىززىقچىلىقىنىڭ «تاقا-تۇقا سۆزلەش» دەيدىغان يەنە بىر شەكلى بار. بۇ مۇكەممەل لوگىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان دېتاللار توپىدىن تۈزۈلگەن قىززىقارلىق ھېكايە شەكلىدىن ئىبارەت بولغان سەنئەت شەكلىدۇر، ئۇ يەنە «يەكپاي پاراڭ»مۇ دېيىلىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا بەزى قىززىقچىلار بۇ ئارقىلىقمۇ سورۇن ئەھلىنى كۈلدۈرىدۇ. قورغاسلىق رېشىت مۇھەممەت بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. تۆۋەندە بۇنىڭ بىر مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى:
قارىساق، بىر مۇنچە بۇغداينى ئۈگۈت ئېتىپ قويۇپتۇ، تۈگمەنگە ئاپىرىمەن دەيدۇ، ئۇ يەرگە بارغان بىلەن ئېتىزدا قونىقى بارمۇ-يوق؟ ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭ كۆرۈپ، موزىيىنى بولسىمۇ سويۇپ سېتىپ، ئانىسىغا ھالقا، دادىسىغا موخۇركا خالتىسى ئېلىپ بېرەمسەن، نېمە قىلساڭ قىل دېدىم. مەن باشتىلا دېگەن «خوتۇن كىشى دېگەن بىلىمسىز كېلىدۇ، يوتقان شېرىيمەن دەپ بىر غېرىچ يىڭنىنى قولىغا سانچىۋالىدىغانلار كۆپ» دەپ. بەشىنچى قەۋەتكە چىقتىم، چىقسام بىر موماي زا تاسقاپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر تەشتەك گۈلنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، ساقچىنىڭ بېشىنى يېرىۋېتىدىغىنىنى مەن نەدىن بىلەي. ئۇنى دېدۇق، بۇنى دېدۇق، ئاخىر بولماي خوتۇن ئالماشتۇرۇپ باقاي قېنى، يەنىلا مېڭىشى ئاستا بولسا، ئورنىغا باشقا ئاتنى سالارمىز دەپ قارىساق، ئارانلا ئۈچكە كىرگەن بالىكەن. خامانغا ئوت قويىۋەتكىنى ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەس-دە، بېنزىن چېچىۋىدۇق، لاپلا قىلىپ ئوت ئۆچتى. تۇرە تۇر، تۇرە تۇر، ساقىلىغا مازغاپ سۈركىۋېلىپ، رېستۇراندا خاتىرجەم تانسىغا تېگىپتۇ. يا ئۈچلۈك ئارىدا ئالغان بىلەن قولغا تۈزۈككىنە چىقمىغان، تاشلاۋاتىمىز توشمايدۇ، تاشلاۋاتىمىز توشمايدۇ. ئاخىرى بولماي ئۇنىڭغا: «ساڭا بۇنى جىڭلاپلا ئۆتكۈزەيلى، سېسىقلىرى بولسا ئىلغىۋېتەرسەن» دېگەن يەرگىلا كەلدۇق. شۇ ئەمەسمۇ، بىر بالا بولغاندىكىن زەنجىرنى ئۈزۈپ نەگە باراتتى. بۆرە ئىت، قازاق ئىتى دەيسەن، ھېچقايسىسى ئەسمەتخاننىڭ ئاپشاركىلىرىغا يەتمەيدۇ-دە...
6. چاقچاقلاردا قوللىنىلىدىغان بەدىئىي ۋاستىلەر
ئىلى چاقچاقلىرىدا نۇرغۇن بەدىئىي ۋاستىلەر قوللىنىلىدۇ، بۇلارنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ئوخشىتىش: چاقچاقچى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق مەلۇم كىشىنىڭ خاراكتېرى، مىجەز-خۇلقى، تەرقى-تۇرقى، كىيىنىشى ياكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدىكى مەلۇم ئالاھىدىلىكنى تۇتىۋېلىپ، ئۇنى قىززىقارلىق قىلىپ باشقا بىر شەيئىگە ئوخشىتىدۇ. ئوخشىتىش چاقچاق قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
باشقىلارنى كەمسىتىشنىلا ياخشى كۆرىدىغان بىر مەنمەنچى كىشى ھېسام بىلەن كوچىدا بىللە كېتىۋېتىپ ئۇنى زاڭلىق قىلماقچى بوپتۇ:
-ھېسامىدىن، تەخەيدەك ماڭماي تۈز ماڭساڭلار بولمامدۇ؟
ھېسام دەررۇ جاۋاب بېرىپتۇ:
-سىزگە ئەگىشىپ ماڭغاندىن كېيىن تەخەيدەك ماڭماي نېمە ئىلاجىم بار؟
بۇ چاقچاقتا ھېسام ئۆزىنى تەخەيگە ئوخشاتقان مەنمەنچى كىشىنى ئېشەكنىڭ كەينىدىن تەخەي ئەگىشىپ مېڭىدىغانلىقىدەك ھەركەت شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ماھىرلىق بىلەن يوشۇرۇن ھالدا ئېشەككە ئوخشىتىدۇ.
2) مۇبالىغە: چاقچاق جەريانىدا چاقچاق ئوبيېكىتلىرىنىڭ گەپ-سۆز، ھەرىكەت، قىياپەتلىرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر ئادەتتىكىگە قارىغاندا ئاشۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىقمۇ قىزىقارلىق، ھەجۋى تۈس يارىتىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىككى ئارتىست پو ئېتىشىپ قاپتۇ. بىرى يەنە بىرىگە دەپتۇ: «مەن سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىۋىدىم، تاماشىبىنلار سوغا قىلغان گۈل بىلەن ئايالىمغا بىر گۈل دۇكىنى ئېچىپ بەردىم. يەنە بىرى قوپۇپ پو ئېتىپتۇ: «مەن سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىۋىدىم، تاماشىبىنلار ئاتقان كېسەك بىلەن ئايالىمغا دۇكان سېلىپ بەردىم.
بۇ چاقچاقتا بىرىنچى ئارتىسنىڭ سوغا قىلىنغان گۈللەرنىڭ كۆپلىكىدىن گۈل دۇكىنى ئېچىۋالغانلىقى، كېيىنكى ناخشىچىنىڭ تاماشىبىنلار لەنەت ئوقۇپ ئاتقان كېسەنىڭ كۆپلىكىدىن بىر دۇكان سېلىۋالغانلىقىنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك مۇبالىغىدۇر.
3) جانلاندۇرۇش: چاقچاقلاردا بەزىدە ئادەمدىن باشقا جانلىقلاردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە جانسىز شەيئىلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئادەملەرگە يۈكلەش ياكى ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىنى باشقا جانلىق، جانسىز شەيئىلەر گە يۈكلەش يولى ئارقىلىقمۇ قىززىقچىلىق قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
لەتىنىڭ بىر سېمىز سېغىن كالىسى بار ئىدى. بىر مالچى ئۇنى بېقىپ بېرىمەن دەپ 2-ئايدا تاغقا ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، ھەپتە ئۆتمەيلا تېرىسىنى ياندۇرۇپ كەلدى، بۇ ئىشتىن ھەيران بولغان لەتى مالچىدىن سورىدى:
- نېمە ئىش بولدى؟
- يىلان چېقىۋالدى.
- ئاق قار، كۆك مۇزدا نەنىڭ يىلىنىكەن ئۇ؟
- سەن ئۇقمايسەن ھازىر يىلان تىرىلدى.
- مۇنداق دە،- دېدى لەتى كۈلۈپ كېتىپ،- قىشتا كۆمۈر چۈشۈرىۋالغان يىلان بار دېگىنە.
بۇ چاقچاقتا چاقچاقچى مالچىنىڭ كالىنى «يىلان چېقىۋالدى» دەپ يالغان سۆزلەپ سويۇپ يەۋالغانلىقىدىن ئىبارەت نەپسانىيەتچىلىكىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن قىش پەسلىدە ئۈچەككە كىرمەي ئۇگىسىغا كىرىپ-چىقىپ يۈرگىنىدىن قارىغاندا ئۇۋىسىغا كۆمۈر چۈشۈرىۋالدىمۇ-قانداق، دېيىش ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ قىشتا كۆمۈر قالاپ ئۆي ئىسسىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەرىكىتىنى يىلانغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن. مانا بۇ جانلاندۇرۇشتىكى ئادەملەشتۈرۈش شەكلىدۇر.
4) سىلىقلاشتۇرۇش: چاقچاقنىڭ تىلى ناھايىتى سىلىق بولىدۇ، ئۇنىڭدا قوپال، ئەپسانىۋىي سۆزلەرنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەيىپىنى تىلغا ئېلىش يولى بىلەن قارشى تەرەپكە روھىي زەربە بېرىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن:
بىر كىشى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە يىغىنغا بارماقچى بوپتۇ، مېڭىش ئالدىدا يەنە بىر كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ. «نەگە ماڭدىڭ؟»، «ئۈرۈمچىگە»، «بىزنىڭ بالىلارمۇ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتاتتى»، «خاتىرجەم بولۇڭ، بالىڭىزنى كۆرۈپلا قالسام چوقۇم سالىمىڭىزنى يەتكۈزىمەن» دەپتۇ، ئۇ كىشى «كۆرۈپلا قالسام» سۆزىنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىپ (بۇ يەردە قارشى تەرەپنىڭ «قارىغۇ» لەقىمىدىن بىشارەت بېرىدۇ). «سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى ئۇقسا بىزنىڭ بالىلار ئالدىڭىزغا ئۇچۇپلا بارىد » دەپتۇ، بۇ كىشىمۇ «ئۇچۇپلا» دېگەن سۆزنى ئۇرۇلۇق ئېيتىپ (بۇ يەردە قارشى تەرەپنىڭ «ھۆپۈپ» لەقىمىدىن بىشارەت بېرىدۇ).
بىر كۈنى بىر كىشى باغقا قارائۈرۈك تىكتۈرىۋاتسا بىر ئاغىنىسى كېلىپ: «ئوھۇ، پۈتۈنلەيلا قارائۈرۈكلۈك بولۇپ كېتىپتۇغۇ-بۇ» دەپتۇ ئەتەي، ئۇنىڭ «قارا» لەقىمىدىن بىشارەت بېرىپ. «ھە، قىش-قىرودا سوغۇقلۇق بولامدىكىن دەپ تىكتۈرىۋاتىمەن» دەپتۇ، ئۇ كىشىمۇ قارشى تەرەپنىڭ «سوغۇق» لەقىمىدىن بىشارەت بېرىپ.
يۇقىرىقى ئىككى چاقچاقتا لەقەملەر چاقچاق جەريانىدا بىۋاستە ئاتالماستىن، بەلكى شۇ شەيئىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر بەلگە ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ناھايىتى سىلىق، ئەپچىللىك بىلەن يوشۇرۇن بىشارەت بېرىلگەن.
5) سېلىشتۇرۇش: چاقچاقلاردا بەزىدە ياخشى-يامان، ئۇنداق ياكى بۇنداق شەيئىلەر مەلۇم نۇقتىدىن بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئوي-پىكىر تېخىمۇ ئوچۇق، ئوبرازلار تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:
بولۇس شۇنداق دەيدۇ: يىراق يېزىدىكى بىر ئاغىنەم شەھەرگە كىرىپتۇ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ سوراپ قالدىم: «يېزىلاردىن شەھەرگە كىرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئادەملەردىن قانچىسى باردۇر؟» ئاغىنەم سوئالىمنى ئاڭلاپ ياندۇرۇپ مەندىن سورىدى: «مۇشۇ شەھەردە ئۈستىنى قاڭالتىرلىق قىلىپ يېپىپ، ئون ئېغىزلاپ ئۆي سېلىپ، بىر ئېغىزىدا ئۆزى يېتىپ، قالغان توققۇزىنى كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغانلاردىن قانچىسى باردۇر؟»
بۇ چاقچاقتا، يېزىلىقلارنى «شەھەر كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ» دەپ تۆۋەن كۆرىۋاتقان كىشىگە قارشى تەرەپ بوش كەلمەستىن «شەھەرلىكلەر ئۆيلىرىنى ھەيۋەت سېلىپ قويغان بىلەن ئۇنىڭدىن تۈزۈك بەھرلىنەلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېيىش بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. بۇ يەردە يېزىلىقلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن شەھەرلىكلەرنىڭ ئەھۋالى سېلىشتۇرۇلۇش بىلەن ھەر قايسىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق ئىپادە قىلىنىدۇ.
بىر كۈنى بىر ئاغىنەم بىلەن يېزىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ مومىسىنى يوقلاپ كىرىپ قالدۇق. قۇرۇق كىرىشكە كۆڭلۈم ئۇنىماي خالتىلىق كەمپۈتتىن ئېلىۋالغان ئىدىم. موماي بىر تال كەمپۈتنىڭ ئاغزىنى خېلىغىچە ئېتىشىپ ئاچالمىدى-دە، ئاچچىقىدا تىللاپ سالدى:
- بېشىنى يەيدىغانلار، كەمپۈتنىڭ ئاغزىنى چاپلىغان مۇشۇ يىلىمدا ئايىقىنىڭ تېگىنى چاپلىۋالسىچۇ.
بۇ چاقچاقتا ئاغزىنى ئېچىش قىيىن بولغان كەمپۈت بىلەن نەچچە كۈن كىيە-كىيمەيلا چاپلىقى ئاجراپ يىرتىلىپ كېتىدىغان ناچار ئاياقنىڭ ئەھۋالى سېلىشتۇرۇلۇش بىلەن سودا ساھەسىدىكى ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىكلەر تەنقىدلىنىدۇ.
6) تەنە قىلىش: چاقچاقلارنىڭ تىلىدا بەزى تەنە مەنىسىدىكى سۆزلەر قوللىنىلىدۇ. سۆزنىڭ يۈزەكى قاتلىمىدا مەلۇم بىر مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەنىسى كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە سۆزنىڭ تېگىدە دەل ئۇنىڭ ئەكسى بولغان باشقا بىر مەنا ياتىدۇ. بۇ ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى سەلبىي ئىش-ھەرىكەتلەر قامچىلىنىدۇ. مەسىلەن:
بىر كۈنى كەچتە چاچلىرىنى پاخپايتىپ، غەلىتە كىيىنىپ يۈرىدىغان بىر ئايال ھېسامغا دەپتۇ:
-ھىسامكا، ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويۇڭە، يولدا قورقىمەن.
-نېمىدىن قورقىسىز؟
-جىندىن قورقىمەن.
ھېسام جاۋاب بېرىپتۇ:
-ھېچقىسى يوق سىڭلىم، قورقماي ماڭىۋېرىڭ، مۇشۇ تۇرقىڭىزدا جىنلارمۇ سىزدىن قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ.
بۇ چاقچاقتا، ھېسامنىڭ سۆزىدىن قارىماققا «سىز قورقماڭ، سىز قورققىدەك ئىش يوق» دېگەندەك مەنا چىقىپ تۇرغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە تەنە ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ تاشقى قىياپىتىدىكى كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان تەرەپلەر كۆرسىتىلىدۇ.
7) قوش بىسلىق سۆزلەش: بەزى چاقچاقلاردا سۆزنىڭ كۆپ مەنا بېرىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئىككى خىل مەنا تەڭ ئىپادىلىنىدۇ. بىر قارىماققا بۇ خىل مەنا ئىپادىلەنگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە يەنە بىر خىل مەنىسىدىن دېرەك بېرىلىدۇ. بۇ تەنىگە ئوخشىمايدۇ، تەنىدە سۆ قىلىشنىڭ مۇددىئاسى تەنە قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا مەناغا مەركەزلىشىدۇ. قوش بىسلىق سۆزلەشتە بۇ خىل مەنىنىمۇ، ئۇ خىل مەنىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئىككى خىل مەنا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىلىدۇ. مەسىلەن:
ئەبەيخان چوقۇر ئوغلىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە تىزىملىتىشقا ئېلىپ بېرىپتۇ.
- بەدەل پۇلى ئۈچۈن 500 سوم تاپشۇرۇڭ،- دەپتۇ مۇئەللىم.
ئەبەيخان چوقۇرغا ئوخشاش بالىسىنى ئېلىپ كەلگەن يەنە بىر دېھقان ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆرىلىكىدىن غودۇڭشۇپتۇ:
-نېمەنچە ئېشىۋالغۇلۇق ئۇكامۇي، بىز دېھقان خەق ئۇنچىلىك پۇلغا ياراق ئېشەكتىن بىرنى سېتىۋالىمىز.
مۇئەللىم بىر نەرسە دېگۈچە ئەبەيخان چوقۇر قوپۇپ ھېلىقى دېھقانغا دەپتۇ:
-تەقسىر، سىزنىڭمۇ گېپىڭىز خاتا ئەمەس، لېكىن كېلەچەكتە ئېشەكنى ئىككى قىلىۋالماي دېسىڭىز بەش يۈز سومنىڭ مېھرىدىن كېچىڭ.
بۇ چاقچاقتا «ئېشەك» سۆزى ئىككى مەنىدە قوللىنىلغان بىرى ئەسلى مەنىدىكى ھايۋان «ئېشەك»، يەنە بىرى ئوخشىتىش مەنىسىدىكى «ئېشەك»، يەنى مەكتەپتە ئوقۇماي، يارامسىز ئادەم بولۇپ قالىدىغان بالىدىن ئىبارەت.
8) يۇقىرى كۆتىرىپ تاشلىۋېتىش ئۇسۇلى: چاقچاقلاردا بەزىدە كۆرۈنۈشتە مەلۇم ئوبيېكىتنى ماختاپ ئۇچۇرغاندەك قىلىپ، مەلۇم نۇقتىغا يەتكەندە بىراقلا تاشلىۋېتىدۇ. بۇ دولقۇنسىمان سۆزلەش ئۇسۇلى بولۇپ، سۆزنىڭ باشلىنىش قىسمىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ مەلۇم ئىش-ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كېيىنكى قىسمىدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شۇ خىل ئىش-ھەرىكىتىنى تەنقىدلەيدۇ ياكى مەسخىرە قىلىدۇ. مەسىلەن:
ئۆزىنى سالاپەتلىك كۆرسىتىپ يۈرىدىغان بىر كىشى توغرىسىدا بىرى ھېسامكامدىن سوراپتۇ:
- يۈرۈش-تۇرۇشىدىن قارىغاندا مۇشۇ ئادەم يازامدۇ-قانداق؟
- يازىدۇ،- دەپتۇ ھېسامكام،- پات-پات جىدەل چىقىرىپ ئىدارىسىدە تەكشۈرۈش يازىدۇ.
بۇ چاقچاقتا ھىسام قارشى تەرەپنىڭ «يازامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا ئاۋۋال «يازىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇنى ئوقۇغان ئادەم: «بۇ كىشى يازغۇچى ئىكەن» دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ، ئەمما كەينىدىنلا «جىدەل قىلىپ ئىدارىدا تەكشۈرۈش يازىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بايىقى تەسەۋۋۇر بىراقلا يوققا چىقىپ، بۇ ئادەمنىڭ خارەكتېرى بىراقلا ئېچىپ بېرىلىدۇ.
ھېسامكام ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئاتمىش ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئايال ئۇنىڭدىن:
-قېنى دەپ بېقىڭە ھېسامكا، مەن نەچچىلەرگە كىرگەندىمەن؟- دەپ سوراپتۇ.
-كۆپ بولسا ئوتتۇزلاردا بار، ئىشقىلىپ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمىدىڭىز.
ھېلىقى ئايالنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ.
-ۋىييەي، ھېسامكا، راستىنلا ئەۋلىيادەك ئادەمكەنسىز، قانداق قىلىپ تېپىۋالدىڭىز؟
-يېشىڭىزنى،- دەپتۇ ھېسامكام،- ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە بۆلدۈم.
بۇ چاقچاقتا ھېسام ئۇ ئايالنىڭ سوئالىغا «ئوتتۇز ياشقا كىردىڭىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياش كۆرۈنگەنلىكىدىن كۆرەڭلەپ كېتىدۇ، بولدى قىلماستىن يەنە «يېشىمنى قانداق تېپىۋالدىڭىز؟» دەپ سورايدۇ، ئايالنىڭ بۇ سوئالىغا ھېسام «ئەسلى يېشىڭىزنى ئىككىگە بۆلدۈم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئاتمىش ياشقا كىرگەنلىكى بىراقلا ئاشكارىلىنىدۇ.
ئومۇمەن، ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ تىلىدا ھەر خىل بەدىئىي ۋاستىلىق ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلىش بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ زوق ئېلىش دەرىجىسى ئاشۇرۇلىدۇ.
7. ئىلى چاقچاقلىرىدا ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئامىللىرى
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىل- ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەتنى زاماندىن زامانغا، ماكاندىن ماكانغا توشۇغۇچى مۇھىم ۋاستە. ئىلى چاقچاقلىرى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل قوللىنىشتىكى ماھىرلىقىنىڭ، ئۆتكۈر تەپەككۇرىنىڭ مول تەسەۋۋۇرىنىڭ ئىپادىسى، ئىلى چاقچاقلىرىدا بۇ رايوننىڭ مىللىي، يەرلىك مەدەنىيىتىدىكى خاس ئالاھىدىلىكلەر ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ئىلى چاقچاقلىرى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتېرىنى كۈچلۈك نامايەندىسى. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق قىززىقچىلىق سەنئىتىدە ئىلى چاقچاقلىرىدىن باشقا يەنە قەشقەرنىڭ ئاچچىق گەپلىرى، تۇرپان يالقۇنتاغنىڭ قىزىق گەپلىرى دەيدىغان يەرلىك قىززىقچىلىق شەكىللىرىمۇ بار. قەشقەرنىڭ ئاچچىق گەپلىرىدە كۈچلۈك مەسخىرە، قاتتىق قامچىلاش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشىنىڭ زىتىغا ياقمايدىغان ناچار قىلىقلارغا بىر ئېغىز گەپ ئارقىلىقلا ئەجەللىك زەربە بېرىلىدۇ، شۇ گەپنى قىلىشتا قىززىقچىلىق قىلىپ ئادەم كۈلدۈرۈپ، بەدىئىي زوق بېرىشتىن كۆرە، ئاچچىق گەپ ئارقىلىق قارشى تەرەپتە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى كەمچىللىكلەرنى نەق مەيداندا تۈزىتىش ئاساسىي مەقسەد قىلىنىدۇ. تۇرپان يالقۇنتاغنىڭ قىززىقچىلىقىدا دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ساددا كۆزقاراشلىرى بىلەن زامانىۋىي شەھەر تۇرمۇشى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تەبىئىي كۆرۈنۈشى ئاساسىي تېما قىلىنىش ئارقىلىق تۇرپان دېھقانلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي خاراكتېرى يورۇتىلىدۇ. ئىلى چاقچاقلىرى بولسا، كۈلكە ئارقىلىق بەدىئىي زوق پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىدۇ. چاقچاقلار جەريانىدىن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئويۇن-تاماشىغا بولغان كۈچلۈك ھېرىسمەنلىكى، ماددىي بايلىقتىن مەنىۋىي بايلىقنى ئۈستۈن كۆرىدىغان، شۇنىڭدەك كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان، ھەممىنى ئويۇن بىلەن ئاىىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغان ئوچۇق-يورۇق، كەڭ قورساق خاراكتېرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
2) ئىلى چاقچاقلىرى بۇ رايوندا يۈكسەلگەن ئاممىۋىي سورۇن مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك نامايەندىسى. ئىلى چاقچاقلىرىدا تۇرمۇشتىكى سەلبىي ئىش-ھەرىكەتلەر تەنقىدلەنسىمۇ، لېكىن گەپ ناھايىتى چىرايلىق، سىلىق، مەدەنىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قوپاللىق، مەدەنىيەتسىزلىككە يول قويۇلمايدۇ. ئىلىدا چاقچاق سورۇنىدا بەزىدە سائەتلەپ چاقچاق قىلىنىپ، چاقچاق بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىپ، ئۇنىڭ كەمچىللىكلىرى چاقچاق ئارقىلىق نەق مەيداندا ئېچىپ بېرىلىدۇ. لېكىن، چاقچاق ئوبېكتى بولغان كىشى بۇ چاقچاقلارنى ئېغىر ئالمايدۇ، چاقچاقچىدىن رەنجىمەيدۇ، ئۇنىڭغا قارىتا كەك ساقلىمايدۇ، ئۆزىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق گەپنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى، ئاساسىي مۇددىئا قىززىقچىلىق بىلەن سورۇن ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى كۆتىرىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ تۇرىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، باشقا رايونلاردا بىر كىشى ئۈستىگە چاقچاق قىلىپ بۇنداق يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش قىيىن.
3) ئىلى چاقچاقلىرى بۇ رايون كىشىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى يۈكسەك باراۋەرلىك ئېڭىنىڭ ئىپادىسى. ئىلى چاقچاقلىرى چاقچاقچىنىڭ گەپ قىلىشتا قورقماس، مەردانە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چاقچاقچى سورۇن ئەھلىنىڭ بايلىقىنىڭ قانچىلىك كۆپلىكى، مەنسىپى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىدىن قەتئىنەزەر، چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا قىلچە تارتىنماستىن پاراڭ قىلالايدىغان جاسارەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ دەل مۇشۇ رايون كىشىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى باراۋەرلىك ئېڭى بىلەن مەھكەم باغلانغاندۇر.
4) ئىلى چاقچاقلىرى ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى لەقەم مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسى. مەلۇمكى، لەقەملەر كىشى ئىسىملىرىغا باغلىنىپ كېلىدىغان ئالاھىدە بىر تىل ھادىسىسى. ئىلى چاقچاقلىرىدا لەقەملەر مۇھىم ماتېرىيال قىلىنىدۇ، نۇرغۇن چاقچاقلاردا ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ لەقىمىدىن دېرەك بېرىلىدۇ. لەقەم ئارقىلىق كىشىلەرنى كەمسىتمەستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش ئارقىلىق قىززىقچىلىق پەيدا قىلىنىدۇ. ئىلىدا «لەقەمنى خىزىر قويىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، بەزى لەقەملەر گەرچە ئاڭلىماقتا قوپال بىلىنسىمۇ، لېكىن لەقەم ئىگىسى ئۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، چاقچاقلاردا گەپ ئارىسىدا ماھىرلىق بىلەن لەقەمدىن دېرەك بېرىلگەندە لەقەم ئىگىسى ئۇنىڭغا تېرىكمەيدۇ، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ تىل ئىشلىتىشتىكى ماھىرلىقىغا قايىل بولىدۇ. بۇ دەل بۇ رايون كىشىلىرىنىڭ قاملاشتۇرۇپ لەقەم قويۇش، كىشى ئىسىملىرىنى لەقەم بىلەن قوشۇپ ئاتاش، لەقەملەدىن يوشۇرۇن دېرەك بېرىش، لەقەملەرگە توغرا قاراشتەك ئۆزىگە خاس يەرلىك لەقەم مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
دېمەك، ئىلى چاقچاقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيىتىدىكى بىر ئەڭگۈشتەر. ئۇ تىلىنىڭ گۈزەللىكى، ئۆتكۈرلىكى، چاقچاقچىنىڭ تىل ئىشلىتىشتىكى ماھىرلىقى، ھازىرجاۋابلىقى بىلەن كىشىنى چوڭقۇر قايىل قىلىدۇ. ئاڭلىغۇچىلارغا كۈچلۈك بەدىئىي زوق بېرىش بىلەن ئۇلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ھارغىنلىقىلىرىنى تۈگىتىپ، ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئىلى چاقچاقلىرى بۇ رايون تىلىنىڭ ئىپادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەرلىك، مىللىي مەدەنىيەتنى كۈچلۈك نامايەن قىلىدۇ.
يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىمىز ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئۇقۇمى، مەنبەسى، ئالاھىدىلىكى، تۈرلىرى، چاقچاقلار بىلەن بىللە قوللىنىلىدىغان قىززىقچىلىق تۈرلىرى، چاقچاقلارنىڭ تىلىدا قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى قاتارلىق نۇقتىلار بولۇپ، چاقچاق ھەققىدىكى مەزمۇنلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئىلى چاقچاقلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىش ۋە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق بۇ جەڭگىۋار ژانىرنى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان خىزمەت قىلدۇرۇش بىزگە ئوخشاش تىل مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. شۇڭا، بۇندىن كېيىن بىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىمىزغا، ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى دۇنياغا يەنىمۇ كۈچلۈك نامايەن قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

پايدىلانمىلار:
1. «ھېسام چاقچاقلىرى» (كوللىكتىپ تۈزگەن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006-يىل 2-ئاي نەشرى، ئۈرۈمچى.
2. ئابدۇرۇسۇل سېيىت: «چاقچاقچىلار چايخانىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1-كىتاب 2008-يىل 9-ئاي نەشرى، 2-كىتاب 2011-يىل 5-ئاي نەشرى، ئۈرۈمچى.
3. ئابدۇرۇسۇل سېيىت: «ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن چاقچاقچىلار»، مىراس ژۇرنىلى، 2008-يىل 2-، 3-، 4-سانلار، ئۈرۈمچى.
4. ئابدۇساتتار ناسىرى: «ھېسام چاقچاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى»، ئىلى گېزىتى، 1985-يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، غۇلجا.
5. ئەكبەر قادىر: «ھېسام چاقچاقلىرى ھەققىدە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىل 1-ئاي نەشرى، بېيجىڭ.
6. شىرمۇھەممەت جارۇللا: «ھېسام چاقچاقلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە»، ئىلى گېزىتى، 1990-5-ئاينىڭ 29-كۈنى، غۇلجا.
7. ليۇ يىنلىئاڭ: «ھېسام لەتىپىلىرىدىكى كۈلكىنىڭ سىرى»، ئىلى گېزىتى، 1994-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، غۇلجا.
8. مەمتىمىن ھوشۇر: «سالام ھېسام ئاكا»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2008-يىل 2-ئاي نەشرى، ئۈرۈمچى.
9. ئوسمان سېلىم: «ھېسام چاقچاقلىرى قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىق»، ئىلى گېزىتى، 1998-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، غۇلجا.

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئادەمىيات شۆبە ئىنىستىتۇتى، دوتسېنت، پوستدوكتور؛ ماگىستېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر