باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>تىلچىلار

رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىلىدىن توپلانغان بىر قىسىم خەلق ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ھەققىدە

نىجات سوپى

2015.02.10 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىلىدىن توپلانغان بىر قىسىم خەلق ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ھەققىدە

نىجات سوپى

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەتراپىدىكى ھەر قايسى تۈركىي قوۋملارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، تىلى ۋە خەلق ئەدەبىياتى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ قوۋملارنىڭ مىللىي ئېتنىك تەركىبىنى ئېنىق ئايرىپ، ھازىرقى زامان مىللەتلىرى سۈپىتىدە توغرا بېكىتىش خىزمىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان ئىدى. شۇ قاتاردا بارتولد، رادلوف، پانتۇسوف، كاتانوف، چۇقان ۋەلىخانوۋ قاتارلىق بىر قاتار ئالىملار باشقا تۈركىي قوۋملار قاتارىدا ئۇيغۇرلار ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ تەكشۈرۈش تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئاز بولمىغان ئىلمىي ئەسەرلەر ۋە خەلق ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلى ۋە يەتتە سۇ رايونىدىكى «تارانچى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يىغىلغان بىر يۈرۈش ماتېرىياللارمۇ بار.
بۇ كىتابلاردا قوللىنىلغان «تارانچى» ئاتالغۇسى قەدىمكى تۈركچە سۆز بولۇپ، ئەسلى شەكلى «تارىغچى» ئىدى. بۇ سۆزنىڭ يىلتىزى «تارىغ»، يەنى تېرىقدۇر، بۇ يەردىكى «چى» ياسىغۇچى قوشۇمچىدۇر. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تېرىق» سۆزىنىڭ مەنە دائىرىسى بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە دائىرىسىدىن كەڭ بولۇپ، ئۇ قەدىمدە بارلىق زىرائەتلەرنى كۆرسەتكەن. «تارىغچى» سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تېرىقچى، دېھقان» مەنىلىرىنى بىلدۈرگەن . كېيىن بۇ ئاتالغۇ قەدىمكى تۈرك تىلىدىن قەدىمكى موڭغۇل تىلىغا كىرگەن. بۇ ھەقتە تەتقىقاتچى لىن گەن تۈزگەن «سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى مەدەنىيەت» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «تۈرك تىلىدىكى <تارىغچى> (دېھقان) ئاتالغۇسى جۇرجىت ۋە قىتان تىللىرىدىكى <دابۇي> (دېھقان) سۆزىنىڭ ئورنىنى ئالدى، موڭغۇل تىلىدا <تارىياچىن> شەكلىدە قوللىنىلدى». 16-ئەسىردىن كېيىن بۇ ئاتالغۇ «تارانچى» شەكلىگە كېلىپ، جۇڭغار موڭغۇللىرى تەرىپىدىن قايتا قوللىنىلىپ، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى خەلقلەرنى، جۈملىدىن ئىلىدا ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ تېرىقچىلىققا سېلىنغان ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىغان مەخسۇس ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.
رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىلىدىن يىغىپ خاتىرىلەنگەن بۇ ماتېرىياللار بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى بۇ رايوندا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتقا دائىر بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە شۇ زامان ئېغىز ئەدەبىياتى، يازما ئەدەبىياتىنى مەزمۇن ۋە تىل نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تارىخى ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ ئەسەرلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن ھازىر قولىمىزدا بار بولغان بىر قانچىسىنى كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. «تارانچى دىئالېكتى»: بۇ كىتاب ئاتاقلىق تۈركولوگ رادلوف ۋاسىلىي ۋاسىلېۋىچ (1918-1837) نىڭ «شىمالدىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىڭ 6-تومى سۈپىتىدە 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان. ئەسەر ئۇيغۇرچە تېكىست قىسىم ۋە نېمىسچە تەرجىمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇيغۇرچە تېكىست قىسمى 211 بەت، نېمىسچە تەرجىمىسى 272 بەت.
رادلوف تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئۆزىگە خاس بىر دەۋر، يەنى ئەڭ گۈللەنگەن «رادلوف دەۋرى»نى ياراتقان شەخس. ئۇ بۇ ساھەدە 138 پارچە ئەسەر ئېلان قىلغان. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «شىمالدىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» (1866-1907)، «تۈركىي تىللار دىئالېكتلىرى لۇغىتى. سىناق نۇسخىسى» (24 قىسىم) قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ھەققىدىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.
رادلوفنىڭ «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق بۇ كىتابىدىكى ئەسەرلەر يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن. 1-بۆلەك ماقال-تەمسىللەر بولۇپ، 52 پارچە ماقال-تەمسىل كىرگۈزۈلگەن. 2-بۆلەك پەندى نەسىھەتلەر بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئائىت يەتتە پارچە پەندى نەسىھەت كىرگۈزۈلگەن. 3-بۆلەك «ئىلىنى مەلۇم قىلغان بىر قىسىم خەۋەرلەر» بولۇپ، بۇ بۆلەكتە شۇ دەۋردىكى ھاكىمبەگ خوجىنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان ھەمەر باقى ئىسىملىك شەخسنىڭ نامىدا يېزىلغان 20 پارچە تارىخىي خاتىرە بېرىلگەن. بۇ خاتىرىلەر بىزنى ئىلىدىكى گېنىرال مەھكىمىسى ۋە يەرلىك ھاكىمبەگ خوجا ھاكىمىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن تارىخىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. 4-بۆلەك مەسەللەر بولۇپ تۆت پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن، 5-بۆلەك خەلق ئارىسىدىكى ھېكايەتلەر بولۇپ 10 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن، 6-بۆلەك چۆچەكلەر بولۇپ 12 پارچە چۆچەك كىرگۈزۈلگەن، 7-قىسمى بېيىتلار بولۇپ 15 يۈرۈش بېيىتلار كىرگۈزۈلگەن.
بۇ كىتابتىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەينى دەۋردە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاغزىدىن خاتىرىلەنگەن، يەنە بىر قىسمى خەلق ئارىسىدىكى بەزى يازمىلاردىن ئېلىنغان. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىست قىسمى سىلاۋيان يېزىقى بىلەن لاتىن يېزىقىنىڭ بىرلەشمىسىدىن تۈزۈلگەن بەلگىلەر بىلەن خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تاۋۇشلارنىڭ يېزىقتىكى ئىپادىسى تاۋۇش ئېلېمېنىتلىرىغىچە بىر قەدەر ئىنچىكە خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، سەككىز سوزۇق فونېمىنىڭ ھەر بىرى تاۋۇش ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىككى، ئۈچ، ھەتتا تۆت خىل تاۋۇش ئېلېمېنتى شەكىلدە خاتىرىلەنگەن. «شۈكرى، مەكرى، يۈك، ھىكمەت، ھۆكمە، ئىكرام، يۈكلەدى، مەكتەپ، مۈكچەيىپ، مۆكتۈرۈپ» قاتارلىق بىر قىسىم سۆزلەردىكى بىز «ك» ھەرپى بىلەن يازغان تاۋۇش ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسىدە «ك» تاۋۇشىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن ھاسىل بولىدىغان سېرىلاڭغۇ، تىل تۈۋى، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، بۇ كىتابتا ئۇ ئايرىم ھەرپ بىلەن (x) ئىپادىلەنگەن.
كىتاب نەشر قىلىنغا ۋاقىت 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بولۇپ، بۇ دەل ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاغاتاي تىلى دەۋرىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە قاراپ قەدەم قويۇۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋرى بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇ دەۋردە تىلىمىزدا فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردە بەزى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىۋاتاتتى. بۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى زامان خەلق ئېغىز تىلىدىن خاتىرىلەنگەن بولغاچقا تېكىستلەردە ئەينى دەۋر ئېغىز تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش، قوشۇلۇپ قېلىش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قاتارلىق فونېتىكىلىق ھادىسىلەر بىر قەدەر ئېنىق ئەكس ئەتكەن.
2. «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر»: بۇ ئەسەر نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف (1849-1909) تەرىپىدىن يىغىپ خاتىرىلىنىپ، 1909-يىلى قازان شەھىرى دارىلئۇلۇم ۋە ئەلفۇنۇن بەتبەئەسىدە بېسىلغان. كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىست قىسمىغا «يەتتە سۇ ۋىلايىتىدىكى تارانچىلارنىڭ ئارىسىدا نىكولاي پانتۇسوف يېزىپ ئالغان چۆچەكلەر، ماقاللار، تېپىشماق-جۇمباق سۆزلىرى، بېيىت، مۇخەممەس، ئاغرىققا ۋە جىن-پەرىگە قارشى ئېيتىدىغان سۆزلەر، كونا-يېڭى ئۆتكەن ئىشلار توغرىسىدىكى بېيىتلار» دەپ نام بېرىلگەن.
پانتۇسوف 1883-يىلىدىن 1908-يىلىغىچە چار رۇسىيە يەتتە سۇ ۋىلايىتى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئىلىغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئەمەلدارى بولۇپ خىزمەت قىلغان. پانتۇسوف يەتتە سۇ ۋە ئىلىدا تۇرغان مەزگىلدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ۋە يازما ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن پائال شۇغۇللانغان ھەمدە بۇ توپلاش، تەتقىق قىلىش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى رۇسىيەنىڭ سانكتپېتېربۇرگ، قازان، تاشكەنت قاتارلىق جايلىرىدىكى مەتبۇئاتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلدۇرغان ئىدى. پانتۇسوف يەنە بىر قىسىم ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى نوتىغا ئالدۇرغان، ئۇيغۇر مۇزىكا ئەسۋاپلىرىدىن 62 خىلنى سىزما رەسىمى بىلەن تونۇشتۇرغان. «مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكى (ئىلى سەككاكى) مازىرى» ناملىق ماقالىسىمۇ مەخسۇس كىتابچە شەكلىدە 1906-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا بېسىلغان.
پانتۇسوف شۇ دەۋردە ئىلىدا ياشىغان رىئالىست شائىر موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ بىلەن يۈز كۆرۈشكەن، ھەمدە يۇقىرىقى ئەسەرلەرنى توپلاش ۋە رەتلەشتە ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان. پانتۇسوف موللا بىلالنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن» داستانىنى 1880-يىل قازان شەھرىدە نەشر قىلدۇرغان. كېيىنكى يىلى يەنە مەزكۇر كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى سۈپىتىدە بۇ ئەسەرگە ئائىت سۆزلۈك، ئىزاھات ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. بەزى ئۇچۇرلاردا «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابنىڭ «تارانچىلارنىڭ چۆچەكلىرى» قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن «چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قىسسەسى»، «تەبىب پادەشاھ بىرلە زۇھرەخاننىڭ ۋەقەلىرىنى بايان قىلۇر» قاتارلىق ئەسەرلەرنىمۇ موللا بىلال خاتىرىلىگەن دېيىلىدۇ.
«تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىست قىسمى 165 بەت بولۇپ، تارانچىلارنىڭ چۆچەكلىرى، ماقاللار، تېپىشماق-جۇمباق سۆزلىرى، بېيىت-مۇخەممەس، ئاغرىق ۋە جىن-پەرىلەرگە قارشى ئېيتىدىغان سۆزلەر، كونا-يېڭى ئۆتكەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى بېيىتلار قاتارلىق ئالتە بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. چۆچەكلەر قىسمىغا كىرگۈزۈلگىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قىسسىسى، ھېكايەت چاڭموزا يۈسۈفخان، تەبىب پادىشاھ بىرلە زوھرەخاننىڭ ۋەقەلىرى، نۇزۇكۇمنىڭ قىسسىسى قاتارلىق تۆت پارچە ئەسەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى پارچىسى موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ (1823-1900) نىڭ يازما ئەسىرىدۇر. ماقاللار قىسمىغا 494 پارچە ماقال-تەمسىل كىرگۈزۈلگەن، ماقال-تەمسىللەر مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە ماۋزۇلارغا ئايرىلىپ كۆرسىتىلگەن، ھەمدە ھەر بىر ماقال-تەمسىلنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلگەن، ھەتتا بەزى ماقال-تەمسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت تارىخىي ۋەقەلەرمۇ تەپسىلىي يېزىلغان. تېپىشماق-جۇمباق سۆزلىرى قىسمىغا 122 پارچە تېپىشماق ۋە ئۇنىڭ جاۋابى كىرگۈزۈلگەن. بېيىت-مۇخەممەس قىسمىغا ئىككى پارچە شېئىرىي پارچە كىرگۈزۈلگەن. ئاغرىق ۋە جىن-پەرىلەرگە قارشى ئېيتىدىغان سۆزلەر بۆلىكىگە ئاغرىق يوقلىغاندا ئېيتىدىغان تەسەللى سۆزلىرى ۋە ئاغرىققا دەم سېلىپ ئوقۇتقاندا ئېيتىدىغان دۇئا سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن. كونا-يېڭى ئۆتكەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى بېيىتلار بۆلىكىدە بېرىلگىنى ئەمەلىيەتتە ئىلىدا ئۆتكەن شائىر سېيىت مۇھەممەت قاشىنىڭ «شېكەستىنامە» داستانى بولۇپ بەش باب، 132 كۇبلېتتىن تەشكىل تاپىدۇ.
3. «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»: بۇ توققۇز پارچە كىچىك كىتابچىدىن تەركىب تاپقان بىر يۈرۈش كىتابلار بولۇپ، پانتۇسوف تەرىپىدىن توپلىنىپ 1897-يىلىدىن 1907-يىلىغىچە قازان نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان. بۇ توققۇز كىتابنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى كىتاب، «بەختلىك ۋە بەختسىز كۈنلەر ھەققىدە كىتاب» (سائەتنامە) بولۇپ، 1897-يىل نەشر قىلىنغان، 23 بەت. چاغاتاي يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچىسى ۋە رۇسچە تەرجىمىسى بېرىلگەن.
ئىككىنچى كىتاب، «تارانچى تېپىشماقلىرى» بولۇپ، 1898-يىلى نەشر قىلىنغان، 44 بەت. بۇ كىتابچىغا 177 پارچە تېپىشماق كىرگۈزۈلگەن. چاغاتاي يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچىسى ۋە رۇسچە تەرجىمە، ئىزاھات بېرىلگەن.
ئۈچىنچى كىتاب، «بەختلىك ۋە بەختسىز يىل ھەققىدە كىتاب» بولۇپ، 1901-يىلى نەشر قىلىنغان، 28 بەت. بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار ئۈچ بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، چاغاتاي يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچىسى ۋە رۇسچە تەرجىمە، ئىزاھات بېرىلگەن.
تۆتىنچى كىتاب، «تارانچى خەلق بىلىملىرى»، 1900-يىلى نەشر قىلىنغان، 22 بەت.
بەشىنچى كىتاب، «تارانچى باخشىلىرىنىڭ دۇئا ۋە قەستلىرى»، 1900-يىل نەشر قىلىنغان، 21 بەت. كىتابتا ئىككى يۈرۈش دۇئا قوشاقلىرى بار بولۇپ، چاغاتاي ۋە سىلاۋيان يېزىقلىرىدىكى ئۇيغۇرچىسى ۋە رۇسچە تەرجىمىسى، ھەمدە بىر قىسىم دۇئا قوشاقلىرىنىڭ مۇزىكا نوتىسى بېرىلگەن.
ئالتىنچى كىتاب، «قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى ھۆكۆمرانى ياقۇپبەگ ھەققىدە قوشاق»، 1901-يىل نەشر قىلىنغان، 41 بەت. بۇ كىتابچىدىكى قوشاقلار بەش بابقا بۆلۈنگەن، جەمئى 66 كۇبلېت، ھەمدە بىر قىسىم نەسرىي ئىزاھاتلارمۇ بار. ئەسەرنىڭ چاغاتاي ۋە سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچىسى ۋە رۇسچە تەرجىمىسى، ھەمدە مۇزىكا نوتىسى بېرىلگەن. ئەمما، بۇ كىتابچىدىكى بىر قىسىم قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىغا بۈگۈنكى كۈندە تەنقىدىي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يەتتىنچى كىتاب، «تارانچىلارنىڭ چۈش تەبىرى»، 1901-يىل نەشر قىلىنغان، 40 بەت.
سەككىزىنچى كىتاب، «ياشلارنىڭ پوتا ئويۇنى ئوينىغاندا ئېيتقان بېيىتلىرى»، 1907-يىلى نەشر قىلىنغان. چاغاتاي يېزىقى ۋە سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە قىسىملار ۋە رۇسچە تەرجىمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، جەمئى 44 بەت. بۇنىڭدا 43 كۇبلېت بېيىت بار بولۇپ، چاغاتاي ۋە سىلاۋيان يېزىقىىكى ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە تەرجىمىسى، ئىزاھات بېرىلگەن.
توققۇزىنچى كىتاب، «تارانچىلارنىڭ بالىلار ۋە چوڭلار ئويۇنلىرى»، 1907-يىل نەشر قىلىنغان، 18 بەت. بۇنىڭدا بابابۇت، ئالا-ئالا قۇشلاردۇر، مۆكۈ-مۆكۈلەڭ، مەشرەب قاتارلىق تۆت ئويۇننىڭ شەكلى تونۇشتۇرۇلغان. چاغاتاي ۋە سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچىسى ۋە رۇسچە تەرجىمىسى بېرىلگەن.
4. «تارانچى ناخشىلىرى»: بۇ كىتاب پانتۇسوف تەرىپىدىن 1890-يىلى رۇسىيە سانكتپېتېربۇرگ ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەشرىياتىدا چاغاتاي يېزىقىدا نەشر قىلىنغان.
بۇ كىتابقا 54 پارچە ناخشا ۋە بىر قىسىم ئۆرپ-ئادەت بېيىتلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ناخشىلارنىڭ ئىچىدە «يا ئاللا، ئىنشائاللا ناخشىسى»دا بايانداي ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن، «نازۇكۇم ناخشىسى»، «مايىمخاننىڭ ناخشىسى»، «گۈلەمخان ناخشىسى» قاتارلىقلار تارىخىي شەخسلەرگە بېغىشلانغان، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ناخشىلىرى بولۇپ، بۇلار ھەممىسى ھازىرقى ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
كىتابتا «ئاللا ئۆرگۈلىمەن»، «دانە-دانە خاللىرىڭدىن»، «ئوتۇڭ يامان ناخشىسى»، «غېرىبىڭمەن»، «نەغمىدە ئېيتىلىدىغان ناخشا»، «يا ھۇ يارەي يا مەۋلانەي ناخشىسى»، «شەھلا كۆزى مەستانە»، «يۇمۇلاق چوكان ناخشىسى»، «ئۆرگىلىمەن ئاللا ناخشىسى»، «گۈل يارەي دادەي ناخشىسى»، «ھەمدەم يارەي ناخشىسى»، «مەن ھەيران ئارسلانخان ناخشىسى» قاتارلىق 12 ناخشىنىڭ ئاخىرقى بېيىتىدا موللا بىلالنىڭ «نازىمى» تەخەللۇسى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدىن بىلىمىزكى، بۇ 12 ناخشىنىمۇ موللا بىلالنىڭ يازغانلىقى ئېنىق.
ئۆرپ-ئادەت بېيىتلىرى قىسمى «A,B,C,D» ناملىرى بويىچە تۆت چوڭ بۆلەك، سەككىز بابقا ئايرىلغان. يەنى I- بابتىن V- بابقىچە بولغان توي تارتىپ ماڭغاندا ئېيتىدىغان ئۆلەڭ، قىز كۆچۈرگەندە ئېيتىلىدىغان چىن قىچقىرىش بېيىتلىرى، قىز ئانىسىنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرى، چۈ-چۈ سالاۋات، كۈيئوغۇلنى سالامغا ئېلىپ بارغاندا ئېيتىلىدىغان سۆزلەر قاتارلىقلار «A» بۆلەككە، VI- باب بارات ئېيىدا ئېيتىلىدىغان دۇئا بېيىتلىرى «B» بۆلەككە، VII- باب رامىزان قوشاقلىرى «C» بۆلەككە، VIII- باب بارات كۆتەرگەندە ئېيتىدىغان بېيىتلار، نورۇز ئېشىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى، ئىككى ھېيتتا قەلەندەرلەرنىڭ گۈلخان سالغاندا ئېيتىدىغان بېيىتلىرى، قارىغۇ تىلەمچىلەرنىڭ نەرسە تىلىگەندە ئېيتىدىغان سۆزلىرى قاتارلىقلار «D» بۆلەككە تەۋە قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاخىرىغا يەنە I (يائاللا، ئىنشائاللا ناخشىسى)، III (خان لەيلۇن ناخشىسى)، V (مەستانە يارەي ناخشىسى) قاتارلىق ئۈچ پارچە خەلق ناخشىسى ۋە A.I. (ھاي-ھاي ئۆلەڭ)، A.II. (يىغلىما قىز)، A.III. (قىز ئانىسىنىڭ يىغلاپ ئېيتقان سۆزى)، C.VII.1 (رامىزان چىرلاسى)، D.VIII.1 (بارات كەلدى) قاتارلىق بەش پارچە ئۆرپ-ئادەت بېيىتىنىڭ مۇزىكا نوتىسى بېرىلگەن.
بۇ كىتاب تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ ھازىرغىچە ئارىدىن 120 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئىلى خەلق ناخشىلىرى تېخىمۇ بېيىدى، بارغانسېرى سېستىمىلاشتى. بۈگۈن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى بۇ نۇسخىسىغا باققىنىمىزدا ئۇنىڭ كونا شەكلىدىن يەنە يېڭىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرەلەيمىز.
تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «تارانچى ناخشىلىرى» ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش ھارپىسىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزىدە بىر قەدەر روشەن ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى بىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا تىلىمىزدا يېقىنقى يۈز نەچچە يىلدا بارلىققا كەلگەن بەزى فونېتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېس قىلىمىز.
فونېتىكا جەھەتتە، تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ۋە بىر قىسىم تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش ھادىسىلىرى بۇ تېكىستلەردە بىر قەدەر ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەردىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې، ئى» تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلىشىش ھادىسىنىڭ بۇ دەۋردە كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك كەڭ ئومۇملىشىپ كەتمىگەنلىكى، بەلكى نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بۇ تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلەشمەستىن، ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغانلىقى بىزگە ئايان بولىدۇ. ئەسلى تېكىستتە ئەرەب، پارس تىللىرىدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەردە كەلگەن «ف» تاۋۇشى يېزىقتا ئەينەن ئېلىنغان. لېكىن كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى مۇزىكا نوتىسى بىلەن بىللە بېرىلگەن ناخشا تېكىستىنىڭ تىلىدىن قارىغاندا بۇ سۆزلەردىكى «ف» تاۋۇشىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان «پ» تاۋۇشى بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغان. بۇ جەھەتتىن ئەسەر تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تېخىمۇ يېقىن تۇرىدۇ.
لېكسىكا جەھەتتە، بۇ دەۋر تىلىدا ئەرەبچە، پارسچە تەركىبلەرنىڭ نىسبىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە نىسبەتەن بىر ئاز يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن چاغاتاي تىلى دەۋرىدىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئازىيىپ، يېزىق تىلىنىڭ خەلقنىڭ ئاغزاكى تىلىغا بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ناخشىلار ئىچىدە «جانىما ناخشىسى»دا خەنزۇچە تەركىبلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئارقىلىق تېكىستتە بىر خىل قىزىقارلىق، جانلىق شېئىرىي كەيپىيات يارىتىلغان. بۇنىڭدىن يەنە ئەينى دەۋر ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدىكى خەنزۇ تىلىنىڭ بەلگىلىك تەسىرىنىمۇ كۆرەلەيمىز. «بايانداي، چولۇقاي، خونىخاي، جىرغىلاڭ، كۈرە» قاتارلىق بىر قىسىم موڭغۇلچە يەر ناملىرىنىڭ قوللىنىلغانلىقىدىن يەن موڭغۇل تىلىنىڭمۇ بۇ رايون ئۇيغۇر شېۋىسىدىكى بەلگىلىك تەسىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. قەشقەر شېۋىسىدىكى «قايداق»، تۇرپان شېۋىسىدىكى «ئايلا» دېگەندەك بىر قىسىم سۆزلەردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى دىئالېكت-شىۋىلىرىنىڭ ئىلىدا ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، يېڭى بىر ئارىلاشما تىل شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقانلىقىمۇ ئايان بولىدۇ.
ناخشىلارنىڭ تىلى ۋە مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ ناخشىلارنىڭ ھەممىسىلا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەرلىك ناخشىلىرى بولماستىن، بەلكى بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر قايسى رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان ناخشىلارنىڭ بارلىقىمۇ مەلۇم بولىدۇ. مەسىلەن، «مايىمخاننىڭ ناخشىسى»دىكى قەشقەرلىق ئىسيانكار يىگىت مايىمخاننىڭ تەسۋىرى، «قومۇل ناخشىسى يار سەنەم»دىكى مەزكۇر ناخشىنىڭ نامى ۋە ناخشا مەزمۇنى قاتارلىقلار، ھەمدە قەشقەر، تۇرپان، قومۇل شېۋىسىگە ئائىت يۇقىرىقىدەك بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ناخشا تېكىستلىرىدە قوللىنىلىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئۆرپ-ئادەت بېيىتلىرىدىن، بىز يەنە خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئۆلەڭ ئېيتىش، چىن قىچقىرىش، قىز ئۇزاتقاندا ئانىسىنىڭ قوشاق ئېيتىشى، چۈ-چۈ سالاۋات، يىگىتنى سالامغا ئېلىپ بېرىش، رامىزان قوشاقلىرى، بارات قوشاقلىرى، نورۇز ئېشى ئېتىش، نورۇز بېيىتلىرى ۋە ئىككى ھېيتتىكى پائالىيەتلەرگە ئائىت بەزى ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپىمىز. بۇ ئەسەرلەر بۈگۈنكى كۈندە فولكلورشۇناسلىق نۇقتىسىدىنمۇ بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە.
5. «تارانچى باخشىنىڭ پىرى ئوينىتىشى». بۇ كىتاب پانتۇسوف تەرىپىدىن 1907-يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى چاغاتاي يېزىقىدا بولۇپ، باخشىلارنىڭ پىرى ئويناتقاندا ئېيتىدىغان بىر قانچە يۈرۈش پىرى قوشاقلىرى، ھەمدە ئۇنىڭ مۇزىكا نوتىسى بېرىلگەن، ئۇندىن سىرت قوشاقلارنىڭ رۇسچە تەرجىمە ۋە ئىزاھاتى بېرىلگەن.
6. «ئۆسەك توغرىسىدا يېڭى چىقارغان ناخشىلار». بۇ كىتاب پانتۇسۇف تەرىپىدىن 1907-يىلى قازاندا نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابچىغا 26 كۇبلېت قوشاق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئۇيغۇرچىسى چاغاتاي يېزىقى ۋە سىلاۋيان يېزىقىدا بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا رۇسچە تەرجىمە ۋە ئىزاھاتى بار.
ئومۇمەن، رادلوف، پانتۇسوف قاتارلىق رۇس ئالىملىرى ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن خاتىرىلىگەن بۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە بىر قىسىم يازما ئەدەبىياتقا، تارىخقا ئائىت ماتېرىياللار بۈگۈنكى كۈندە ئالدى بىلەن بىزنى ئەينى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ كونكرېت ئەھۋالغا ئائىت بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن بىز چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش دەۋرىدە تۇرغان ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلىيەلەيمىز، ھەمدە بۇ ماتېرىياللارنىڭ تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تىلىمىزنىڭ يېقىنقى 100 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىنى مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار بولالايمىز. فولكلور نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەينى دەۋر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ماقال-تەمسىل، قوشاق، بېيىت، تېپىشماق قاتارلىق تۈرلىرىگە ئائىت بىر قىسىم ئەسەرلەر ۋە خەلق ئويۇنلىرى، نورۇز، بارات، رامازان ئېيتىش قاتارلىق خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن، شۇنداقلا ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، جۈملىدىن ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى ۋە يەرلىك ھاكىمبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى، تارىخىي ئەھۋالىغا ئائىت بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللاردىن خەۋەر تاپالايمىز. بۇ ئەسەرلەر بۈگۈنكى كۈندە تىلشۇناسلىق، فولكلور ۋە تارىخىي نۇقتىلاردىن ئوخشاشلا چوڭقۇر تەتقىقات قىممىتىگە ئىگىدۇر.

پايدىلانمىلار:
1. رادلوف ۋاسىلىي ۋاسىلېۋىچ: «شىمالدىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىڭ 6-تومى «تارانچى دىئالېكتى»، 1886-يىل، سانكتپېتېربۇرگ.
2. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر»، قازان شەھىرى دارىلئۇلۇم ۋە ئەلفۇنۇن بەتبەئەسى، 1909-يىلى.
3. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، بىرىنچى كىتاب «بەختلىك ۋە بەختسىز كۈنلەر ھەققىدە كىتاب»، 1897-يىل، قازان.
4. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، ئىككىنچى كىتاب «تارانچى تېپىشماقلىرى» بولۇپ، 1898-يىل، قازان.
5. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، ئۈچىنچى كىتاب «بەختلىك ۋە بەختسىز يىل ھەققىدە كىتاب»، 1901-يىل، قازان.
6. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، بەشىنچى كىتاب «تارانچى باخشىلىرىنىڭ دۇئا ۋە قەستلىرى»، 1900-يىل، قازان.
7. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، ئالتىنچى كىتاب «قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى ھۆكۆمرانى ياقۇپبەگ ھەققىدە قوشاق»، 1901-يىل، قازان.
8. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، سەككىزىنچى كىتاب «ياشلارنىڭ پوتا ئويۇنى ئوينىغاندا ئېيتقان بېيىتلىرى»، 1907-يىلى، قازان.
9. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، توققۇزىنچى كىتاب «تارانچىلارنىڭ بالىلار ۋە چوڭلار ئويۇنلىرى»، 1907-يىل، قازان.
10. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «تارانچى ناخشىلىرى»، رۇسىيە ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى، 1890-يىل، سانكتپېتېربۇرگ.
11. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «تارانچى باخشىنىڭ پىرى ئوينىتىشى»، 1907-يىل، تاشكەنت.
12. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «ئۆسەك توغرىسىدا يېڭى چىقارغان ناخشىلار» 1907-يىل، قازان.
13. نىكولاي نىكولايىۋىچ پانتۇسوف: «مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكى (ئىلى سەككاكى) مازىرى»، 1906-يىل، سانكتپېتېربۇرگ.
14. ئاخمەت جافەرئوغلۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆزلۈك»، تۈركىيە ئەندەرۇن كىتابخانىسى، 1993-يىل تۈركچە نەشرى، 148-بەت.
15. 林干:《塞北文化》,内蒙古教育出版社,第564页,2006年12月,呼和浩特。

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئادەمىيات شۆبە ئىنىستىتۇتى، دوتسېنت، پوستدوكتور؛ ماگىستېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر