باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>تىلچىلار

[تىلچىلار] نىجات سوپىنىڭ تەرجىمىھالى

2015.02.10 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىجات سوپىنىڭ تەرجىمىھالى

  پوستدوكتور، دوتسېنت نىجات سوپى 1968-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىلىنىڭ تېكەس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 3-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تاماملىغاندىن كېيىن 1985-يىلى شىنجاڭ بويىچە مىللى تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، سىنىپ مەسئۇلى، تىل-ئەدەبىيات گۇرۇپپا مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 1992-يىلى 3-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا يۆتكەلگەن. ھازىر بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ ئادەمىيات شۆبە ئىنىستىتىتىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي تىلى) ۋە قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

  نىجات سوپى خىزمەتكە چىققاندىن تارتىپ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز تەڭ تۇتۇپ كەلدى. 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئېنگلىز تىلى ئۆگەندى. 2001-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا تىلشۇناسلىق ۋە ئەمەلىي تىلشۇناسلىق كەسپى ئىستىلىستىكا يۆنۈلۈشى بويىچە ماگېستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 2007-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى يۆنۈلۈشى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، «ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرى بىلەن دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. بۇ مەزگىلدە 2009-يىل 10-ئايدىن 2010-يىلى 4-ئايغىچە يېرىم يىل تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى يۇلتۇز تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى تۈرك تىل-ئەدەبىياتى پاكۇلتېتىدا ئاتاقلىق تۈركولوگ مەھمەت ئۆلمەزنىڭ يېتەكلىشىدە يېرىم يىل بىلىم ئاشۇردى. 2010-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى جوڭگو تىل-ئەدەبىياتى كەسپى پوستدوكتور تەتقىقات ئورنىدا پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ «ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسى تىل مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ناملىق تەتقىقات دوكلادى بىلەن بۇ باسقۇچنىمۇ غەلىبىلىك تاماملىدى.

  نىجات سوپى ئىلگىرى شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، نۇرغۇن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 2003-يىلى ئۇنىڭ «سۆيگۈ» ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردا يەنە «ئىلى دەرياسى»، «قومۇل ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىلىدىكى بىر قىسىم ئاتاقلىق ئەدىب، سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ھاياتى ھەققىدە بىر قانچە پارچە زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىپ كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  نىجات سوپى خىزمەت، ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ھازىرغىچە بېيجىڭ ۋە ئاپتونۇم رايون ئىچىدىكى مۇھىم ئىلمىي ژۇرناللاردا 30 پارچە ئەتراپىدا ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پارچىسى دۆلەت دەرىجىلىك يادرولۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلدى. 2008-يىلى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىدى، بۇ كىتاب 2013-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 6-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا غۇلجا، ئۈرۈمچى، لەنجو، بېيجىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ پامۇككالە، ئادىيامان قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇدى.

  ئۇ ھازىرغىچە مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن تۆتنى غەلىبىلىك تاماملىدى. دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى تەتقىقات تېمىسى ۋە ئۆلكە-مىنىستېر دەرىجىلىك بىر قانچە تەتقىقات تېمىسىغا ئاساسىي ئەزا سۈپىتىدە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات فوندىدىن بېرىلگەن 2011-يىللىق پەن تەتقىقات تېمىسى «ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسى ھەققىدە تەتقىقات»غا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۇنى 2014-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئادەمىيات ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەرىپىدىن بېرىلگەن 2012-يىللىق تەتقىقات تېمىسى «‹تارانچى تېكىستلىرى›نىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات»قا رىياسەتچىلىك قىلىپ، يېقىندا تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بۇ تېمىغا ئالاقىدار بولغان «19-ئەسىردە خاتىرىلەنگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى» ناملىق ئەسىرى 2012-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ جەرياندا يەنە «ئىلى دەرياسى»، «مىراس»، «قومۇل ئەدەبىياتى»، «كرورەن» قاتارلىق ژۇرناللاردا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت 10 نەچچە پارچە كىلاسسىك ئەسەر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە يەنە دۆلەت ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەرىپىدىن بېرىلگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا رىياسەتچىلىكىدىكى «غەربىي شىمال ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تىل بىرلەشمىسى تەتقىقاتى» ناملىق ئالاھىدە زور دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىنىڭ تارماق تېمىسى «ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل ۋە رۇس تىللىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى ۋە تەسىرلىشىشى»غا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئىشلىمەكتە. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۇ 2006-يىلى دوتسېنتلىق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 2008-يىلى ئۇ ماگىستېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى بولۇپ بېكىتىلىپ، 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىل مەدەنىيىتى تەتقىقاتى يۆنۈلۈشى ۋە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئەمەلىيىتى يۆنۈلۈشى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانت تەربىيىلەشكە باشلاپ، ھازىرغىچە بىر قانچە قارار ماگىستېر ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەپ نەتىجىلىك ئوقۇش پۈتتۈرگۈزدى. نۆۋەتتە ئۇ يەنە يەتتە نەپەر ماگىستېر ئاسپىرانتنى داۋاملىق تەربىيەلىمەكتە.

  نۆۋەتتە ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلى شېۋىسى ھەققىدە تەتقىقات» (خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە)، «ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسى مەدەنىيەت تەتقىقاتى» (خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە)، «‹تارانچى ناخشىلىرى›نىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات»، «‹تارانچى دىيالېكتى›نىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات»، «‹تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر›نىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات»، «‹تارانچى تىلى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى›نىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئىلمىي ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ نەشرگە سۇنۇلماقتا.

  ئۇ جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر