باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار>>شېئىرلار

ۋىسال دېگەن يىلدا بىر پورەكلىگەن قىزىل گۈل

2015.06.26 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ۋىسال دېگەن يىلدا بىر پورەكلىگەن قىزىل گۈل

1
ئۇلۇغلايمىز ۋىسالنى، ۋىسال شېرىن نېمىشقا؟
چۈنكى ۋىسال يىلدا بىر پورەكلىگەن قىزىل گۈل.
ۋىسالىڭسىز جانانىم ئىمكانمۇ يوق تىنىشقا،
يۈرىكىمنى كۆيدۈرەر ھىجران دېگەن ھازازۇل.

كۆپ تەلمۈردۈم ۋەسلىڭگە كېچىلىرى ھىجراندا،
قەپەستىكى بۇلبۇلدەك لېۋىم چاك- چاك يېرىلدى.
تەشنالىقتا چاڭقىدىم ھەسرەت يۇتتۇم تۇماندا،
ئارقىمىزدىن ئىغۋالار تېرىق كەبىي تېرىلدى.

2
ۋىسال ئىزدەپ گاھىدا ئاشىقلارنى دورىدىم،
ھىجرانىستان چۆلىنى كەزدىم يەككە- يىگانە.
جاھان كەزدى ھاياتنى دەرۋىشلەرگە جورىدىم،
ۋىسال كەبىي شادلىنار ئوتتا كۆيسە پەرۋانە.

ۋىسالىڭغا يېتىشتىم شاد سەكرىدى يۈرىكىم،
دەشتى چۆلدە چاڭقىغان، بىر يۇتۇم سۇ تاپقاندەك.
سېنىڭ بىلەن ھاياتنى گۈلگە پۈركەش تىلىكىم،
تەڭ كۈلەيلى ۋىسالدا شېرىن شاراب يۇتقاندەك.
3
ئۈستىمىزگە چېچىلدى بىزنى قۇتلاپ چاچقۇلار،
ۋىسال پەيتى شېرىن دەم، شادلىق ھاكىم ھاياتقا.
ئىغۋالارنى چەيلىدۇق، قالدى ئارتتا قى- چۇلار،
دوستلىرىمىز كۈلدى شاد، يەتتۇق ئاخىر مۇرادقا.

تۇرمۇش ئاتلىق نوتىنىڭ ئاتالدۇق بىز باغۋىنى،
سۇغۇرايلى سۆيگۈدە ئۆمۈر بېغى گۈللىسۇن.
ۋىسال دېمەك دەرد تارتقان ئاشىقلارنىڭ ئارمىنى،
جاھان قۇچسۇن كۈلكىمىز تۈمەن شائىر كۈيلىسۇن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر