نىدا
2015.06.26 15:58 مەنبە: خەلق تورى
نىدا
1
كاچكۇللاردىن چىقىپ شۇم بوران،
سالغىنىدا قەلبىمگە تەھدىت.
بىلەلمىدىم نىشانىم قايان،
ئابىدەمنى يوقاتتىم ئېسىت!
2
شەلپەر يۈزلۈك كېلىنچەك قۇياش،
نۇر سېپىدۇ زېمىنگە تەكشى.
گۈل بەرگىگە ئېسىلغان كۆز ياش،
بۇ باغ ئىچى زېمىننىڭ ئەكسى.
3
ۋارقىرايمەن زېمىنگە قاراپ:
«بۇ باغقىمۇ قىلغىنا ئامال؟»
زېمىن تۇرار ئۈنسىز، بىجاۋاب،
ئاھ! بۇ گۈلگە بولماسمۇ ئۇۋال...
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر