باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار>>شېئىرلار

ياش زىيالىي خاتىرىسى ___ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.16 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



سوراپ قالدى بىر دوستۇم مەندىن
تۇرمۇش قانداق،
ھالىڭ نېچۈك؟ دەپ
بايان قىلاي،
مەن ياش زىيالىي،
تېتىپ كۆرۈڭ ئاچچىق- چۈچۈك يەپ.
1
ئۈرۈمچىدە ئىشلەپمۇ غەيرەت
يېڭى كىيىم كىيمەپتۇ دېمە.
دېڭىزغىمۇ چۈشمىدىم،
چۈنكى ـــ
غەرق بولىدۇ تەكتى دەز كېمە.

مەن بىلمەيمەن قويمىچىلىقنى،
قويىلىمەن كۈندە نەچچە رەت.
تىجارەتنى چاقچاقمىكىن دەپ،
قوشۇۋالدىم دەرد ئۈستىگە دەرد.

سايە قىلما سودىنى ماڭا،
قىلماي تۇرۇپ دېدىم پەندىيات!
مىڭ بالادا بىر كىتاب يازسام
تىراژ دەيدۇ ئۆلگۈر نەشرىيات.

ياتالمايمەن بولساممۇ كېسەل
دوختۇرخانا گادايلارغا جۇت.
يېڭى ئىسلاھ كەتتى باشلىنىپ،
بالنىستنىمۇ قىلمايدۇ ئاتچوت.

ئوقۇشلارغا ئىمكان بەكمۇ ئاز،
ئىش ئورنىدىن قالىسەن كەتسەڭ.
قايتىپ كەلسەڭ ئىش تاپالمايسەن
بارماق چىشلەپ،
دەيسەنغۇ ئەتتەڭ!

ئۆسۈپ كەتتى گۆشنىڭ باھاسى،
كۆكتاتلىرىڭ نېمانچە قىممەت؟!
قالدى پەقەت ئۆسمىگەن مائاش
ئاھ، زىيالىي...
بۇ قانداق قىسمەت!
2
گەپ ئاچمىغىن يانچۇقتىن،
پۇلدىن،
دوللارنىغۇ كۆرمىدىم تېخى.
يۆتكەپ كەلسەم خوتۇننى تەستە
يېتىپ كەپتۇ ئۆي سېتىش چېغى.

كۈنلەر ئۆتەر ھېساب- چوت بىلەن،
ئۇنتۇپ كەتتىم،
نېمە نەغمە- كۈي؟
ئەجەبلەنمە،
نەق- نېسى قىلىپ،
سېتىۋالدىم مەنمۇ بىنا ئۆي.

سۇ چىقمايدۇ تومۇز ئىسسىقتا،
مېنىڭ كۆلبەم بەشىنچى قەۋەت.
شامالداشقا سوزىمەن باشنى
بالكۇنۇم بار،
ھويلام شۇ پەقەت.

ئىزدەي دېسەڭ «چاقىرغۇ»ممۇ يوق،
تاپالمايسەن تېلېفۇن ئۇرۇپ.
ئەگەر بارساڭ تاپىسەن ئۆيدىن
ئاپتوبۇستا قىستىلىپ يۈرۈپ.
3
دوللارچىلار پۇل تېگىشكەندەك،
پارچىلايمەن «تىيىن»نى «لى»غا.
دوستلار بىلەن قول ئېلىشقاندا
چاندۇرغۇم يوق،
كۈلىمەن زورغا.

كۆپ ئاڭلىدىم ھەشەم نامىنى
قانداق ئىكىن رېستۇران دېگەن؟
چولپانلارمۇ ناخشا ئېيتارمىش
سويلار ئىمىش رەققاسلار لېۋەن.

ئۇزۇن بولدى،
(بەلكىم بەك ئۇزۇن،)
ئاشپۇزۇلدىن يېمىدىم تاماق.
تارىۋالدىم چېچىمنى پۇزۇر،
(خەققە تىنما، پايپىقىم ياماق.)
4
گاداي دېگۈم كەلمەس ئۆزۈمنى،
جاۋىنىمدا لىققىدە كىتاب.
بولمىسىمۇ تىتولدا ئىسمىم،
ماڭا تەۋە ئەڭ ئاخىرقى باب.

كىتابلاردىن تالغاندا كۆزۈم،
تۈركەن ئاتلىق ئوماق قىزىم بار.
چارشەنبىدە كۆڭۈلگە تەسكىن
ئوقۇيدىغان ماركسىزم بار.

زېرىككەندە ئۈلپەتلەر بىلەن
ئىككى- تۆت سەر قېقىۋالىمەن.
شۇندا بولۇپ ئالەم خوجىسى
كۆڭلۈمنى شاد ئېتىۋالىمەن.

ئەمىلى يوق چاغلىما مېنى
ئۆز ئۆيۈمدە ھەممىنىڭ چوڭى.
ساق، خاتىرجەم يېسەم بۇردا نان
پېشانامنىڭ دەل ئاشۇ ئوڭى.

چۈشەندىڭمۇ پېقىرنى دوستۇم
چۈنكى مېنىڭ نامىم زىيالىي.
شۇنداق باي مەن،
شۇنداق ئىنسان مەن،
ئەمەل،
بايلىق،
تامادىن خالىي.
1995- يىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر