باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار>>شېئىرلار

ئىككىنچى يول ئاپتوبۇسى ___ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.16 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


1
تونۇمايسەن ھېچكىمنى بۇندا،
تونۇمايمەن مەنمۇ ھەم شۇنداق.
شۇنچە تىنجىق ئاپتوبۇس ئىچى
تەر ھىدىگە قوشۇلغان سامساق.

يوقلاپ تۇرار دىماقنى ئەركىن
ئەتىر،
ھاراق،
غەلىتە پۇراق.
بىلەلمەيسەن يۈزلەپ دەسسەشتىن
قايسى پۇتۇڭ ناكار، قايسى ساق...
ئازاب،
ئازاب،
تۈگىمەس ئازاب،
چىدالايسەن بۇڭا سەن قانداق!؟
2
ئىنسانلىقنى ئۇنتۇيدۇ ھەممە
ئاپتوبۇستا قىستالغانسېرى.
بىكار بولغان ئورۇندۇق ئۆزرە،
موكلا چۈشتى ئۆز يۇرتتىن بىرى.

خاپا بولماڭ ئاق باشلىق موما
سىزگە نېمە سەيلە قىلماققا.
بولماسمىدى چىقسا ئوغلىڭىز،
سېۋەتتىكى ئاشۇ كۆكتاتقا.

ئالايمىغىن قىرقىم چاچ قىزچاق،
تېگىپ كەتكەن بولسا شىلەپەم.
كۆپەيتسىمۇ بەرىبىر ئوخشاش،
ئاپتوبۇسقا سىغمايدۇ ئادەم...
3
ۋارقىرىما تويماس بېلەتچى
پۇت قويغۇدەك نەدە ئورۇن بار؟!
يېڭى ئاياغ كەيگىنىم قېنى!
ئاھ،
«ئۇچرىشىش» بولدىغۇ بىكار.

ھەممە ئادەم ماڭار ئالدىراپ
بوش ئاپتوبۇس تۇرغاندەك ساقلاپ.
بېلەتچى خوش ئايلىق كىرىمدىن،
بېكەتلەرنى قوشۇپ ھېسابلاپ.

بىز يۈك ئەمەس چىڭداپ بېسىشقا،
ئاپتوبۇسمۇ يىغلار،
ماڭايلى!
تۆت كۈنلۈك بۇ پانىي ئالەمدە
ئادەملەردەك ئەركىن ياشايلى...
4
قالدى ئارتتا «قىزىلتاغ»، «نۇرباغ»،
«تۆمۈر يول»دا بوشارمۇ ئورۇن؟
ئاپتوبۇستا جاپا تارتقىچە
بولماسمىدى ماڭسام مەن ھورۇن!

ئىككى ئېغىز ئاددىيلا كەپەم،
سەن مەن ئۈچۈن دەرياسەن، دەريا!
ئەجەبمۇ بەك سېغىندىم سېنى
كارۋان سۇغا بولغاندەك تەشنا.

كىچىك دېگەن ئاغزىم قۇرىسۇن،
جاھان ئۆيسەن ھازىردىن باشلاپ.
ئاپتوبۇس، ھەي...
قالدىم ئەنسىرەپ،
ئۆيۈم ئاڭا قالارمۇ ئوخشاپ؟!...

1992- يىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر