باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار>>شېئىرلار

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى ___ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.16 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


1

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
قار گۈلىگە ئورالغان ئارمان...
كۆز ياشلارغا چىلىنىپ بەلكىم،
پىنھانلاردا يۈرگەنسەن سەرسان.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
ئۇچۇپ يۈرەر ئەتىرگۈل بەرگى.
ئۇچۇپ يۈرەر تىنىمسىز خىيال،
كەچمىشلەردىن ئۈزۈلمەي مەيلى.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
ئۆتمۈشۈمگە قارىدىم بىر رەت.
يېڭى ئۈمىد بېرەر كالېندار،
يىرتىلغاندا ئەڭ ئاخىرقى بەت.

2

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
بىر يېشىمنى ئۇزاتتىم ئۈنسىز.
كونا ئارمان، كونا كەچمىشلەر.
تىكىلىدۇ كۆزلىرى گۈنسىز.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
ئالتۇن ھەللىك يېڭى يىل چۈشى.
كىملەر يانار ئۈمىدسىز، پىنھان؟
كىملەر كىمنىڭ سىرلىق ئۆتمۈشى...

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
ئاشىقلارغا يېڭى بىر ئۈمىد.
مىسكىن شائىر نىشانسىز شۇ دەم
چۇقانلارغا بېرىدۇ سۈكۈت...

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
رومانتىكا گوياكى كۆپۈك.
يېڭى بىر ھېس يانار قەلبىمدە،
يېڭى ئارمان سۇنماقتا ئۆپۈك.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
يېڭى كۈندىن بېرەر بىشارەت.
يېڭى كۈندە يېڭى تىلەكلەر،
يېڭىلىققا قىلار ئىشارەت.

3

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
قار چۈشمەكتە تىۋىشسىز لەپ- لەپ.
تۇمان باسقان شەھەر ئاسمىنى،
يېڭى يىلغا باقار ئەنسىرەپ.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى
قېنى جانان تۇتمامسەن شاراب؟!
بەخت تىلەپ يۈردۈم ئېھتىمال،
ئىلتىجادا دوستلارغا قاراپ.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
قاخشال دەرەخ شىۋىرلار ھەسرەت.
ئاق تىلەكلەر ئۈنسىز نىدادا،
كۆمۈلمەكتە ئاخىرى رەت- رەت.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
قار پومزىكى بولغۇم كېلىدۇ.
يۈرەكلەرگە تېگىپ بىمالال،
گۈزەل ئىزنا سالغۇم كېلىدۇ.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
تۇمان بولسام دەيمەن ھاۋادا.
قانات قېقىپ نىشانىم تامان،
پەرۋاز قىلسام دەيمەن سامادا.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
يىراقلارغا ئۇچماقتا قەلبىم.
سەبىي چاغلار، بىغۇبار كەچمىش،
كۆز يېشىمدا يۇيۇلار بەلكىم...

4

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
مەن ئىزدىگەن رىۋايەت قېنى؟!
كۆزلىرىمگە ئىز سالغان قورۇق،
بۈگۈنۈمنىڭ ئاسىي مېھمىنى.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
سانجىماقتا چاچلىرىمغا ئاق.
ئارمانلىرىم يانار يېلىنجاپ،
لېكىن بۇندا ئويچان جۈپ قاراق...

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
مەن ئېھتىمال ئەمەس ھېچنەرسە.
غايىب بولسام بىر كۈن مەن ئۈچۈن
ھېچكىم ئازاب چەكمەس بىر لەھزە.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
ئۇنتۇلىمەن مەن بۇندا بەلكىم.
ئارمانلىرىم ئارمان پېتىچە —
قار مەڭزىگە ئويۇلار ئەھدىم.

5

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
يوقالماقتا ۋاقىت ئۇقۇمى.
ئىرا ئاۋۋال، مەن بىر مەۋھۇم چۈش
قېپ قالغىنى ئازاب تۈگۈنى...

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
ئۇچۇپ چۈشتۈم ئەرىشتىن پەسكە.
يېڭى يىلغا توقۇسام كەچمىش،
مەۋھۇم چۆچەك چۈشمەكتە ئەسكە.

كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى
توقۇلماقتا قىرىق بىر يالغان.
مەن ئۆلۈشتىن مىڭ يىل مۇقەددەم،
ئويۇلغاندەك ئاداققى ئارمان...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر