- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۈرگۈنۈم ___ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
2015.02.16 17:21 مەنبە: خەلق تورى
تۈرگۈنۈم ___ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
1
چىرايىڭدىن بالقىپ تۇرار نۇر- زىيا،
بىر جۈپ كۆزۈڭ كېلەچەككە تىكىلگەن.
تىنىقلىرىڭ ئائىلەمگە ئاب- ھاۋا،
سەن كەلگۈسۈم ۋۇجۇدۇمدىن ئېكىلگەن.
يايلىۋالغىن قۇچاق ئاچاي قوزام دەپ،
زىمىستاندا باھارىڭمەن، ئەركىلە.
ھىدلىرىڭغا قېنىۋالاي بالام دەپ،
چاڭقىغاندا شەربەت بولاي، مەكىلە.
2
مەپتۇن قىلار يېزا- سەھرا تۇرمۇشى،
ھەيران قىلار غەمسىز يۈرگەن بالىلار.
تاپشۇرۇقلار خۇددى جاھان ئۇرۇشى
رىۋايەتتەك بىلىنىدۇ دالىلار.
سوئاللىرىڭ گويا قۇمنىڭ دانىسى
تۆكۈلىدۇ تىللىرىڭدىن تورۇكلاپ.
ھەيرانلىقىڭ تەسەۋۋۇرنىڭ ئانىسى
سوئاللىرىڭ قالمىسىكەن بىجاۋاب.
3
ئادىمىيلىك مىزانىڭدۇر ھەقىقەت،
بېسىپ چۈشسەم دەيسەن ھەردەم ھەممىنى.
شۇ ئىرادەڭ ھەمراھ بولسۇن تا ئەبەت،
تېتىمىدىڭ ئاچچىق- چۈچۈك تەمىنى.
قۇت تىلەيمەن مېنىڭ بەختىم — كۈلگىنىڭ،
غۇرۇر- ۋىجدان ئوتى پەسلەپ قالمىسۇن!
يۈرەك پارەم، ئىزباسارىم تۈرگۈنۈم،
ئىنتىلىشىڭ قاناتلانسۇن، ھارمىسۇن!
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر