باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار>>شېئىرلار

ھىجران چۆلىدە تەنھا مەن ___ غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.16 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


باھارنىڭ كەلمىكى مۈشكۈل، زىمىستان زۇلمىدا بۇ جان،
ئەجەپ كۈلمەس چېچەكلەر ھەم يۈرەكلەرگە ئويۇلغان قان...
سەھەردە قۇش پىچىرلايدۇ، قېنى ئەركىن سامايىم دەپ،
شىۋىرغان دەشتىدە تەنھا، تېنەپ يۈرمەكتە بىر جانان...
زىمىستان دەھشىتى ئۆتتى يۈرەكلەرنى قىلىپ پارە،
سېنىڭ ۋەسلىڭگە يەتمەككە بېرەرمۇ بۇ زامان ئىمكان؟!
دەرىخ دەيمەن، يۈرۈپ باقتىم دىلىم دەردكە تولۇپ كەتتى،
ئەجەپ قىلدىڭ مېنى بۇندا ۋىسال سەھراسىدا سەرسان.
سېنىڭ ۋەسلىڭ بولۇر زاھىر خىياللاردا، سامالاردا،
ئىشق سەۋداسى ھۇش ئالدى، دىلىمنى ئوۋلىدى ھىجران.
تۈمەن دەردكە داۋا دەيدۇ ۋىسال شەربىتى لىق جامنى،
خىيال قىلسام شۇ دەملەرنى يۈرەكتە ئۇلغىيار گۈلخان.
يىرتقۇچ ئىلكىدە قوينىڭ بولۇر تەقدىرى نە يەڭلىغ؟
توپاندا بىر نەپەس ئالماق بەسى مۈشكۈل بولۇر نىمجان.
پۈتۈكلەردە قېلىپ تارىخ، گۇناھتىن بولمىدىم پارىغ،
پېقىرنىڭ چېھرىدە مىسكىن ھاقارەت قاتقىنى قاتقان...
خىيالچان كۆز كۈتەر كىمنى؟ كېچىلەر ئۇيقۇسىز زار-زار،
قۇرۇپ قالغان يىگانە چۈش، ئۇنى سەزمەس بىرەر ئىنسان.
ئازابنىڭ كۆپلىكى ھەق- راست، دېيەلمەيمەن گويا تىلسىز...
قۇياشقا ئولتۇرۇپ غەمكىن كېتەرمەن بىنىشان پىنھان.
ساداسىزمەن، يۈرەكسىزمەن، سېنى سۆيمەككە يوق جۈرئەت،
بولۇر مەۋھۇم چۈشۈڭ گويا ساڭا يەتمەك ئۈچۈن پەرمان.
قېنى تاھىر؟ قېنى پەرھاد؟ قېنىكىم مىڭلىغان ئاشىق؟!
قەيەرلەرگە كۆمۈلگەندۇر جاھانغا پاتمىغان ۋولقان؟!
ۋىسالنى كۆزلىسەڭ ئەي مەرد، نىشان ئۆزرە بېلىڭ باغلا،
ساڭا ھەمدەم تىلەكلەر ھەم تىلەكلەردە گۈزەل ئارمان.
ئاتا قىلغاي ساڭا ھەردەم ئوغۇز، سۇتۇق قۇۋۋەت- ماغدۇر،
يۈسۈپ، مەھمۇد شىۋىرلايدۇ، يۈرەكلەرگە تىلەپ ۋىجدان!
سەپەرگە چىقمىقى بەرھەق، ۋىسالنى كۆزلىگەن ئەركەك،
يۈرەككە پۈككۈلۈك ئارمان، بېلەككە يىغقۇلۇق دەرمان!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر