باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار>>شېئىرلار

قىش لىرىكىسى- غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.12 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قىش لىرىكىسى

1
نازۇك- نازۇك بارماقلىرىدا،
يۈزلىرىنى ئېتىدۇ تېرەك.
كىيىملىرى سېلىپ تاشلىنىپ،
ئاياغ ئاستى قىلىنغان قىزدەك.
2
چۈشىنىكسىز غەيرى بىر تىلدا،
باشلىۋېتەر مىسكىن پاراڭلار.
ياشلىقىنى ئەسلەپ، سېغىنىپ،
چۈشەكىگەن نىمجان غازاڭلار.
3
ياتلىق بولۇپ كەتكەن قىزلىرى،
خىيالىدىن كەچكەندە ھامان.
سېغىنىشتا ياش تۆكەر يۇم- يۇم،
يۆلەنچۈكى قالمىغان ئورمان.
4
ئەسلىگەندە ئامراق ئۆيىنى،
ئىزتىراپتا بولىدۇ بىھوش.
بارماق ئۈچۈن قايتا سالامغا،
ئاۋارىدۇر پەرداز ئىزدەپ قۇش.



مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر