باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ناخشا- ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى سەنئەتكە ئائىت مەلۇماتلار ھەققىدە

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2016.06.16 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ ماقالە «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1998-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

  مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مۆجىزىۋى شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك) ئۆز دەۋرىنىڭ تىل ئېلېمېنتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن نۇرغۇن شېئىر- قوشاقلار، ماقال- تەمسىللەر ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەر خىل جەۋھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ھەجىملىك قامۇس بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر- تۈركىي خەلقلەر تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەردە ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىيەسى، تىلى، ئۆرپ- ئادىتى ۋە مەدەنى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 ئەتراپىدىكى ئاتالغۇ ۋە سۆزلەملەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالاھىدە مۇھىم تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «تۈركىي تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «دىۋان» دەيمىز)دا 10- 11- ئەسىرلەردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ سەنئەتكە بولغان قارىشى، سەنئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە سەنئەتنىڭ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا تۇتقان ئورنىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. ئۇنىڭدا ناخشا- بېيىتلەر، سەيلە- مەشرەپ، بەزمە- باراۋەت ۋە نەغمە- ئۇسسۇل، چالغۇ ئەسۋابلار ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار بار. بۇلار ئارقىلىق بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل، ساز- مۇزىكا سەنئىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز ۋە تەتقىقاتتا بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشەلەيمىز. بۇ ماقالىدە «دىۋان»دىكى سەنئەتكە ئائىت مەلۇماتلار ئۈستىدە توختىلىش بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى سەنئەت ئىدىيەسى ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ دەسلەپكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇستازلار ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ماقالە ھەجىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، پەقەت ناخشا- ئۇسسۇل سەنئىتى ئۈستىدىلا توختىلىمەن.

  1

  ئەدەبىيات- سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مۇرەككەپ، نازۇك، تىپىك مىللىي خۇسۇسىيىتى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى، يەنى گۈزەللىك زەۋقىنى تىل ماتېرىيالى، ئۇسسۇل- نەغمىسى، ھۈنەر- سەنئىتى، رەسساملىق، نەققاشلىق ۋە ھەيكەلتىراشلىققا ئوخشاش بىر قاتار سەنئەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئادەت شەكلى. قەدىمدىن تارتىپ قۇرىغار (غەربىي يۇرت) «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»، «ساز- نەغمە يۇرتى»؛ ئۇيغۇرلار بولسا «ناخشا- ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن. بۇ ھەرگىزمۇ تەسادىپىيلا، ھازىرقى سەنىتىمىزگىلا ئېيتىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار داۋامىدا بارلىققا كەلگەن باھا.

  يىلتىزسىز دەرەخ بولمىغىنىدەك، ئەجدادسىز ئەۋلادمۇ، مىللەتمۇ بولمايدۇ ھەم مۇقەددىمىسىز تارىخمۇ بولمايدۇ. ئىپتىدائىي ئەمگەك بىلەن ئىپتىدائىي ئوبرازلىق تەسەۋۋۇر ئىپتىدائىي سەنئەتنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسىي ئامىل. دېمەك، ئەمگەك ۋە تەسەۋۋۇر بىزنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى سەنئىتىنى ئاپىرىدە قىلغان سۆيۈملۈك ئانا. ئەمگەك تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئېغىرلىقى ۋە زېرىكىشلىكلىكى، ئەمگەك جەريانىنىڭ رېتىمدارلىقى، ئىنسان تۇيغۇسىدىكى رېتىم ئېڭى سەنئەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى تەقەززا قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى توغرىدىن- توغرا ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغان. خىلمۇ خىل ئەمگەك، كۈرەش، سەپەر جەريانلىرى ۋە بۇ جەرياندىكى مۇۋەپپەقىيەت تەنتەنىلىرى، مەغلۇبىيەت قايغۇلىرىدىن ھەر خىل رېتىمدىكى مۇزىكا كۈيلىرى، ئۇسۇللۇق ھەرىكەتلەر كېلىپ چىقىشقا باشلىغان. كىشىلەر «بار نەرسە»، يەنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۆزلىرى كۆرگەن، بىلگەن ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ۋە «يوق نەرسە»، يەنى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان، ئىنتىلگەن ۋە خىيالىدا ئەكس ئەتكەن نەرسىلەرنى يەسەۋۋۇر قىلىشقا، ئۇنى بەدىئىي شەكىلدە ئىپادىلەشكە تىرىشقان. «سۇي سۇلالىسى ئومۇم نەزمىلىرى»دە كۆرسىتىلگەن «خوتەندە گۈل سەيلىسى»، «ئۇيغۇر نەغمىسى» قاتارلىق شېئىرلار بىلەن «شىمالىي چى سۇلالىسى ئومۇم نەزمىلىرى»دە كۆرسىتىلگەن قوغۇرسۇ ئالتۇننىڭ «تېلې قوشىقى» قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

  دىيارىمىزدا ئەنە شۇ ئىپتىدائىي سەنئەتنى مەنبە قىلغان رېئالىزملىق، رومانتىزملىق ۋە رىۋايەت- چۆچەكلەردە زىكرى قىلىنغان ئەپسانىۋى بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋە ئىزدىنىش شەكلىدىكى بەدىئىي سەنئەت راۋاجلىنىپ بارغان. «مۇكادىل نەغمىسى»نىڭ مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى 208- 206- يىللىرىدىلا قۇرىغاردا كەڭ تارقالغانلىقى تارىخىي كىتابلاردا قەيت قىلىنغان. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى جاڭ چيەن مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى 119- يىلى قۇرىغارغا ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىدە، بۇ ماكاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ «مۇكادىل نەغمىسى»نى ۋە بەرباب (پىپا~ باربىت)، داپ، دۇمباق، ناغرا، كارناي، بۇرغا، نەي قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چاڭئەنگە ئېلىپ بېرىپ تارقاتقان. شۇنىڭدەك، سۇي (مىلادىيە 581-681- يىللار)، تاڭ (مىلادىيە 618-907- يىللار) سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بۈيۈك سەنئەتكارلارنىڭ سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر. خۇددى ماۋ زېدۇڭ 1956- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى «مۇزىكا خادىملىرى بىلەن قىلغان سۆھبەت»تە «سۇي سۇلالىسى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ توققۇز ۋە ئون قىسىملىق مۇزىكىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي رايون مۇزىكىلىرى» دەپ كۆرسەتكىنىدەك، سۇي، تاڭ دەۋرى مەدەنىيىتى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل، مۇزىكا سەنئىتى ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىگەنىدى. مەسىلەن، بەرباب ئۇستازى، بۇخارالىق ئۇيغۇر سەنئەتكار ئەن مورو؛ كۇچالىق مەشھۇر مۇزىكا ئۇستازى سۇجۇپ؛ كۇچالىق مەشھۇر كۈيشۇناس ھەم مۇزىكا ئالىمى ئاقارى ماندا؛ خوتەنلىك مەشھۇر بالىمان ماھىرى ۋايجىراچىن... قاتارلىق «مۇزىكا پىرى»، «سەنئەت پېشىۋاسى» دەپ تەرىپلەنگەن زاتلار سۇي، تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ پايتەختى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن)دە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە سەنئەتكارلاردىن ئىكەنلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.

  دېمەك، يۇقىرىقى تارىخىي مەلۇماتلاردىن بىز شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئەت تارىخىنىڭ ناھايىتىمۇ قەدىمدىن باشلانغانلىقىنى ھەمدە باشقىلارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى جاھانغا پەخىرلىنىپ جاكارلىيالايمىز.

  2

  مۇزىكا، ئۇسسۇل – ئاغزاكى فولىكلور ئادەتلىرىگە ئوخشاشلا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان. ئىپتىدائىي دەۋرلەردىلا ئۇسسۇل، مۇزىكا ۋە قوشاقلار بىر گەۋدە بولۇپ مەيدانغا كەلگەن. ئىپتىدائىي ئىنسانلار ھەر قېتىم ھايۋانلارنى ئوۋلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، خۇشاللىقىدىن ناخشا- قوشاق ئېيتىپ، ئىختىيارسىز سەكرىشىپ كەتكەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچىلىق قوراللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئېلىشقان ۋاقتىدىكى پائالىيەتلىرىنى قايتا دوراپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئورۇندىلىشى ناخشا، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېلىپ بېرىلاتتى. شۇنىڭدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۇسسۇلنىڭ ناخشا- قوشاقلار بىلەن بولغان بۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى خەلق ئارىسىدا باشتىن- ئاخىر ساقلىنىپ كەلدى. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىدا روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكىتى ھەر ۋاقىت مۇزىكا تەلەپ قىلىدۇ؛ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغان (ماسلاشقان) مۇزىكىلىرى بولسا ھەر ۋاقىت تېكىست (قوشاق) تەلەپ قىلىدۇ.

  «دىۋان» 11- ئەسىرنىڭ بۈيۈك ئىنسىكلوپېدىك قامۇسى. ئۇنىڭدا جەمئىي 240 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي پارچە (شېئىر- قوشاق، بېيىت) بار بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ بىرەر شائىرنىڭ نامى بىلەن يېزىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «دىۋان» پۈتۈلۈشتىن خېلى بۇرۇنلا ئاۋام خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان جەڭ قىسسىلىرى، قەھرىمانلىق داستانلىرى، ئەمگەك ۋە ئوۋ قوشاقلىرى، شۇنداقلا تارىخىي شەخسلەرگە بېغىشلانغان مەرسىيەلەردۇر. مەسىلەن، ئالپ ئەر توڭا (ئاپراسىياپ) ھەققىدىكى مەرسىيەلەر مىلادىيەدىن بىرقانچە ئەسىر ئىلگىرىكى ۋەقەلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

  ئالپ ئەر توڭا ئۆلدىمۇ

  ئەنسىز ئاجۇن قالدىمۇ

  ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ

  ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر

  يەشمىسى:

  ئالپ ئەر توڭا ئۆلدىمۇ؟

  يامان (ۋاپاسىز) دۇنيا قالدىمۇ؟

  پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ؟

  ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.

  («دىۋان» 1- توم 59-بەت)

  ياغى ئوتىن ئۆچۈرگەن

  تويدىن ئانى كۆچۈرگەن

  ئىشلار ئۈزۈپ كەچۈرگەن

  تەگدى ئوقى ئۆلدۈرۈ

  يەشمىسى:

  (ئۇ) يېغا (دۈشمەن) ئوتىنى ئۆچۈرگەن،

  ئوردىسىدىن ئۇنى كۆچۈرگەن،

  كېسىپ ئىش قىلىدىغان (ئادەم ئىدى)،

  (ئۇنىڭغا ئۆلۈمنىڭ) ئۆلتۈرگۈچى ئوقى تەگدى.

  («دىۋان» 1- توم 677-بەت)

  ئوۋچىلىق ھەققىدىكى قوشاقلاردا كىشىلەرنىڭ ئوۋ جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى، ھېس- تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:

  يىگىتلەرىگ ئىشلەتۇ

  يىغاچ يەمىش ئىرغاتۇ

  قۇلان كەيىك ئاۋلاتۇ

  بەزرەم قىلىپ ئاۋنالىم

  يەشمىسى:

  يىگىتلەرنى ئىشلىتىپ،

  مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغىتىپ،

  قۇلان، كېيىك ئوۋلىتىپ،

  بايرام قىلىپ ئاۋۇنايلى.

  («دىۋان» 1- توم 348-بەت)

  چاغرى بەرىپ قۇشلاتۇ

  تايغان ئىزىپ تىشلاتۇ

  تىلكۈ توڭۇز تاشلاتۇ

  ئەردەم بىلە ئۆگلەلىم

  يەشمىسى:

  قارچۇغا بېرىپ قۇشلىتىپ،

  تايغان سېلىپ چىشلىتىپ،

  تۈلكە، توڭگۇزنى تاش بىلەن ئۇرۇپ،

  پەزىلەت بىلەن پەخىرلىنەيلى.

  («دىۋان» 3- توم 502-بەت)

  ئوۋچىلىق − ئىنسانىيەت ئەجدادىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تۇنجى تارىخىي پائالىيىتىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەب ئىگىلىك شەكلى. ئۇ قېلىن تاغ- ئورمانلاردا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشتىن تاشقىرى، دەريا- كۆللەردىن بېلىق، ئۇچار قاناتلارنى ئوۋلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى تۆتلىكلەر ئوۋچىلىق جەريانىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشا شەكلىدە ئوقۇلىدىغانلىقى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم. «دىۋان»دىكى كۆپلىگەن شېئىر- قوشاقلار تولاراق ئاھاڭلىق ناخشا- قوشاقلار (ئۆلەڭلەر) بولغان.

  11- ئەسىرلەردىكى قاراخانىيلار خانىدانلىقى ئىقتىسادى گۈللەنگەن، ھەربىي كۈچى قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي، مەدەنىي ھايات جەھەتتىمۇ ناھايىتى روناق تاپقانىدى. قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار تېررىتورىيەسىدە مەدداھلىق، غەزەلخانلىق تېخىمۇ ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇنى سەنئەتتە ۋايىغا يەتكەن دەۋر دېيىشكە بولىدۇ.

  مەدداھلىق- غەزەلخانلىق − نەزمىي تىل بىلەن نەسرىي تىل ئارىلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىدىغان، مەدداھلىق (ھېكايە، جەڭنامە، قىسسە سۆزلەش) بىلەن غەزەلخانلىق (ناخشا ئېيتىش) بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى. خەلق ئارىسىدىكى داستانچىلىق ئادىتى دەل مۇشۇنداق خاراكتېرگە ئىگە.

  قوشاقچىلىق ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتى خەلق داستانلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، قىسقا ھەجىملىك قوشاقلار كىشىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى ھېس- تۇيغۇسىنى ئىپادە قىلسا، خەلق داستانلىرى ئۇنى سيۇژىتلىق ھېكايىلەرنى قوشاققا قېتىپ كۈيلەش ئارقىلىق ئىپادە قىلىدۇ. ئۇ ئەكس ئەتتۈرگەن تۇرمۇش مەزمۇنىمۇ قىسقا ھەجىملىك قوشاقلارغا قارىغاندا كەڭ بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى يارالمىش قىسسەلىرى ۋە ھەر خىل ئەپسانىۋى داستانلار ئىپتىدائىي جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ تەبىئەت ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئەينى دەۋردىكى مەلۇم مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىنىمۇ بايان قىلىپ بېرىدۇ. «دىۋان»دا بېرىلگەن «قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى» ھەققىدىكى قوشاقمۇ قىش بىلەن يازنىڭ تىلى ئارقىلىق بېرىلگەن سيۇژىتلىق شېئىر بولۇپ، ئۇنى بىر تەرەپتىن داستانچىلىق ۋە بېيىت ئېيتىشىشنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۈلگىسى دېيىشكە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەسەلچىلىكنىڭ دەسلەپكى شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن:

  سەندىن قاچار سۇندىلاچ

  مەندە تىنار قارغىلاچ

  تاتلىغ ئۆتەر ساندۇۋاچ

  ئەركەك تىشى ئۇچراشۇر

  يەشمىسى:

  سەندىن قاچار سۈڭگۈلۈگۈچ،

  مەندە تىنار قارلىغاچ،

  نەغمە قىلار بۇلبۇل (قۇش)،

  ئەركەك- چىشى ئۇچرىشار.

  («دىۋان» 1- توم 685، 3- توم 246-بەت)

  3

  ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل بولۇپ، بەزمە- مەشرەپ، سەيلى- باراۋەت ۋە ھەر خىل ئويۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە مەشرەپ − تارىخى ئۇزۇن، قويۇق مىللىيلىققا، كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگىدۇر. «دىۋان»دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش شەكىللىرىدىن بولغان سەيلى- مەشرەپ، بەزمە- باراۋەت، ھەر خىل ئويۇن ۋە تۈنەكلەر ھەققىدىمۇ ئالاھىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بەزمە- مەشرەپ دېمەك دەل ھازىرقى سەنئەت كېچىلىكلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى شەكلى، ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەر خىل قىزىقارلىق ئويۇنلار، كۈلدۈرگىلەر، ناخشا- ئۇسۇللار ۋە بېيىت ئېيتىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى بەزىدە مەشرەپلەردىلا ئوينىلىپ قالماستىن، بەلكى توي- تۆكۈن، ھېيت- بايرام مۇراسىملىرىدىمۇ داۋاملىق ئوينىلىدۇ. مەسىلەن، «دىۋان»دا بەزمە- مەشرەپ، بايرام- مۇراسىم سورۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئاتالغۇلار بېرىلگەن:

  بەيرەم ~ بەزرەم بايرام- خۇشاللىق كۈنىدۇر (3- توم 242- بەت).

  كەنچلىيۈ بايراملاردا ياكى خانلارنىڭ زىياپەتلىرىدە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇز گەز ئېگىزلىكتە مۇنار شەكلىدە راسلانغان دەستۇرخان (3- توم 594- بەت).

  كەستەم كېچىسى ئۆزى كېلىپ قالغان مېھمانلارغا بېرىلىدىغان زىياپەت (1- توم 632- بەت).

  مۇندۇرى كۈيئوغۇل بىلەن كېلىننىڭ باشلىرىدىن چاچقۇ چېچىلىدىغان كىچىك بەزمە (1- 641- بەت).

  سۇغدىچ قاتار بەزمە. قىش كۈنلىرى دوستلار ئارا نۆۋەت بىلەن بولىدىغان مەشرەپ (1- توم 593- بەت).

  ئۇۋۇت زىياپەتكە ياكى بەگ ھوزۇرىغا چاقىرىش (1- توم 71- بەت).

  پىچىش يىرتىش. چوڭلارنىڭ زىياپىتىگە ياكى بۆشۈك تويغا كەلگەنلەرگە تارتۇق قىلىش ئۈچۈن يىرتىلغان يىپەك رەخت (1- توم 475- بەت).

  بۇ مەلۇماتلاردىن مەشرەپ- بەزمىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادىتى شەكلىدە ئومۇملاشقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. گەرچە بۇ سۆزلەملەر ئۇيغۇر بەزمە- مەشرەپلىرىنىڭ پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىلا كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، لېكىن تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولغاندەك، بۇ مەلۇماتلاردىنمۇ ئەينى دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەر خىل كۆلەم ۋە مەزمۇندىكى توي- تۆكۈن، بەزمە- مەشرەپلىرىنىڭ نامايەندىلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  ئاۋام خەلققە ئايان بولغىنىدەك، بەزمە- مەشرەپ، توي- تۆكۈن قاتارلىق شادلىق مەرىكىلىرى جىمجىت، سۈكۈت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، بەلكى ئويۇن- تاماشا، ھەزىل- چاقچاق، ناخشا- ئۇسسۇل، مۇزىكا- مۇقاملار ئارقىلىق ئۇنىڭ جەلپكارلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، قىزغىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ھەرىكەت سەنئىتى ياكى ھەرىكەت تىلى دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسسۇل ۋە ئاۋاز سەنئىتى ياكى مۇزىكىلىق تىل دەپ ئاتىلىدىغان مۇزىكا ئۇيغۇر سەنئىتى بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان، ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان سەنئەت ژانىرىدۇر. شۇ سەۋەبتىن «دىۋان»دا يەنە ناخشا- ئۇسسۇل، ھەزىل- چاقچاق، ئويۇن- تاماشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق مەلۇماتلارمۇ بېرىلگەن:

  بۇدىك ~ بۇزىك ئۇسسۇل، ئوينايدىغان ئۇسسۇل (1- توم 537- بەت).

  قوشۇغ قوشاق، شېئىر، قەسىدە (1- توم 487- بەت).

  يىراغۇ چالغۇچى، سازەندە؛ ناخشىچى (3- توم 46- بەت).

  يىرلادى ئىرلىدى ~ جىرلىدى، ناخشا ئېيتتى (3- توم 422- بەت).

  ئۆتكۈنچ ھېكايە، ئۆتكەن- كەچكەن ئىشلار (1- توم 218- بەت).

  كۆچۈرمە ئويۇن «ئون تۆت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئويۇن (1- توم 638- بەت).

  كۆزۈنچ تاماشىبىن. بىر نەرسىنى كۆرۈۋاتقان ئادەملەر (3- توم 509- بەت).

  كۈلۈت كۈلكە، خەلق ئارىسىدا كۈلكە بولغان نەرسە (1- توم 463- بەت).

  بۇ مەلۇماتلاردىن بىز بەزمە- مەشرەپلەرنىڭ گۈلتاجىسى بولغان ناخشا- قوشاق، ھەزىل- قىزىقچىلىق، ئۇسسۇل قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

  4

  ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ موللۇقى، كۆپ خىللىقىغا مۇناسىپ، ئۇنىڭغا تىل، جان كىرگۈزىدىغان چالغۇلىرىمىزمۇ ھەر خىل. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاقتىن بۇيان مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىپ كەلگەن، ھەتتا يېزىلاردا دېھقانلار گېزى كەلسە چالغۇ ئەسۋابلىرى يوق بولغان شارائىتتا لېگەن، پەتنۇس، داس قاتارلىقلارنى ساز ئورنىدا چېلىپمۇ كۆڭۈل ئاچقان. قەدىمدىن ھازىرغىچە تاش، قوشۇق قاتارلىقلارنى بىر- بىرىگە ئۇرۇش ۋە بەدەنگە تەگكۈزۈش ئارقىلىق ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىپ، بەلگىلىك مۇزىكا رېتىمىنى ۋە ھېس- تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ئەھۋاللارمۇ بار. دېمەك، ئۇيغۇرلار مۇزىكا چېلىشقا ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەزى چالغۇ ئەسۋابلارنى ئۆزلىرى ياساپ ۋە ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تىلغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. «دىۋان»دا چالغۇ ئەسۋابلىرىغا ئائىت تۆۋەندىكىدەك سۆزلەملەر ئۇچرايدۇ:

  بۇچى ئاۋازى مۇڭلۇق بىر خىل ئۇد (3- توم 302- بەت).

  بۇرغۇي بۇرغا. پۈۋلەپ چېلىنىدىغان بۇرغا (3- توم 331- بەت).

  ئىگەمە ~ ئىكەمە ئۇد تىپىغا كىرىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى (3- توم 240 بەت).

  كۈۋرۈك ناغرا، دۇمباق (1- توم 625- بەت).

  قوبۇز ~ قۇبۇز ئۇد (باربىت)قا ئوخشايدىغان تارلىق چالغۇ ئەسۋابى (1- توم 473- بەت).

  چاڭ چاڭ. چالغۇ ئەسۋابى (3- توم 487- بەت).

  سىبىزغۇ سىبىزغا، نەي (1- توم 636- بەت).

  توۋىل تېبىلجاڭ (تېبىلۋاز)، كىچىك دۇمباق. ئوۋدا لاچىن ئۈچۈن چېلىنىدىغان دۇمباق (3- توم 226- بەت).

  تۇغ دۇمباق. خاننىڭ ھوزۇرىدا چېلىنىدىغان دۇمباق (3- توم 175- بەت)

  تۈمرۈك داپ (1- توم 624- بەت).

  مانا بۇ مەلۇماتلاردىن بىز ئەينى دەۋردىكى بىر قىسىم چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ ئىندېكسىغا ئېرىشىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مۇزىكا سەنئىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان بەزى چالغۇلار، يەنى ناغرا، داپ، نەي، چاڭ، ئۇد (بۇ چالغۇ ئەسۋابى يەنە باربىت، بەرباب، پىپا دەپمۇ ئاتالغان. تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر مۇزىكا سورۇنىغا قايتىدىن يېنىپ كەلدى) قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان ھەم مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. قوبۇز، بۇرغا قاتارلىق بەزى چالغۇلار گەرچە ئەينى دەۋردە مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن ھازىر ئۇنتۇلغان ياكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ساز تۈركۈملىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئەنە شۇ قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابلىرى ئاساسىدا ھازىر دۇتار، ساتار، راۋاب قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساز- چالغۇلار مەيدانغا كەلدى. تەمبۈر، بالىمان، تاش، ساپايە، قالۇن قاتارلىق چالغۇلار گەرچە بۇرۇنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاپىرىدە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن «دىۋان»دىن ئۇلار توغرىلىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەيمىز. بەلكىم ئاپتور «دىۋان» سەھىپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمىغان بولۇشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ «دىۋان» مەخسۇس بىرەر كەسىپكە بېغىشلانغان ئەسەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چەكلىك سەھىپىسىدە ھەممە كەسىپتىكى سۆز- ئاتالغۇلارنى تولۇقى بىلەن بايان قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي مەزكۇر «دىۋان»نى قانداق يازغانلىقى، يېزىشتا قانداق ئۇسۇل قوللانغانلىقى ۋە نېمىلەرگە دىققەت قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، كىرىش سۆزىدە مۇنداق ئىزاھ بېرىدۇ: «بۇ كىتابنى ھېكمەت، قاپىيە، ماقال- تەمسىل، شېئىر- قوشاق، رەجەز، نەسىر كەبىي نەرسىلەر بىلەن بېزەپ، بوغۇم ھەرپ تەرتىپى بىلەن تۈزدۈم...»، «كىتابتا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قاراشلىرىنى، بىلىملىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، سۆزلىگەن شېئىر ئۆرنەكلىرىنى توپلىدىم. قايغۇلۇق، خۇشاللىق كۈنلىرىدە يۈكسەك چۈشەنچىلەر بىلەن سۆزلەنگەن ماقال- تەمسىللەرنىمۇ ئالدىم، ئۇلارنى دەسلەپ سۆزلىگەنلەر كېيىنكىلەرگە، بۇلار تېخىمۇ كېيىنكىلەرگە بىلدۈرۈشكەنىدى، بۇلار بىلەن بىرلىكتە كىتابقا نۇرغۇن مۇھىم سۆزلەرنى توپلىدىم»، «يېزىلغان تاغلار، چۆللەر، جىلغىلار، دەريالار، كۆللەر مۇسۇلمان تۈركىي ئەللىرىدە بولغانلىرىدۇر. چۈنكى تىللاردا سۆزلەنگەنلىرى مۇشۇلار. بۇلار تونۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن يازدىم، تونۇلمىغانلارنىڭ كۆپچىلىكىنى قالدۇردۇم. مۇسۇلمان بولمىغان تۈركىي ئەللىرىدىن بىر قىسمىنىمۇ يازدىم، ئۇ تەرىپىنى يازمىدىم. چۈنكى ئۇلارنى يېزىش ھاجەتسىز ئىدى»، «تۈركىي تىلغا كېيىن كىرگەن سۆزلەرنى يازمىدىم، ئەر ۋە خوتۇن ئاتلىرى يېزىلمىدى، بۇلاردىن توغرا قوللىنىش ئۈچۈن كۆپ قوللىنىلغان، ھەممە كىشى تەرىپىدىن تونۇلغان ئاتلارنى يازدىم» («دىۋان» 1- توم، كىرىش سۆز).

  بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئاپتور پەقەت مۇسۇلمان تۈركىي قوۋملەر قوللانغان قەدىمكى ساپ تۈركىي تىلدىن ئۆرنەك ئېلىشنى ئاساس قىلغان. شۇڭا، «دىۋان»دا بېرىلگەن سەنئەتكە ئائىت ئاتالغۇ- سۆزلەملەر ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر- تۈركىي مىللەتلىرى قوللانغان سەنئەت ئاتالغۇلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىغىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەمما بۇلار بىزنىڭ ئەينى دەۋر سەنئەت بايلىقىمىزنى قېزىشتا، تەتقىق قىلىشتا، شۇنداقلا ئۇنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا، جاھانغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر