- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەڭگۈتاش كۈيى
غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
2015.06.26 15:51 مەنبە: خەلق تورى
مەڭگۈتاش — ئۇيۇلتاش، ئەجدادتىن سوۋغا،
تۇنيۇقۇق، مويۇنچۇر، بىلگە قاغاننىڭ.
بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تالايلاپ غەۋغا،
چاقناتتى كۆزىنى ئەھلى جاھاننىڭ.
مەڭگۈتاش ئۈنلەيدۇ: ھەردەم بول ئاگاھ،
كەلگۈسۈڭ ئۈستىدە ئويلانغىن ئۇزاق!
بولدۇممەن مىڭ يىللاپ تارىخقا گۇۋاھ،
تۇنيۇقۇق نامىدا بېرەي مەن ساۋاق!
مەڭگۈتاش ئۈنلەيدۇ: باتۇر قىز- ئوغلان،
ھەقىقەت تۇغىنى كۆتۈرگىن، ياقلا!
ئىلىم- پەن ئىشقىدا يالقۇنلا، چوغلان،
ئەجدادىڭ سۆزىنى ئېسىڭدە ساقلا!
مەڭگۈتاش ئۈنلەيدۇ: ئىجىل- ئىناقلىق —
ئەجدادتىن ئەۋلادقا بولغۇسى ئۇدۇم!
باشلايدۇ خارلىققا نىزا- يىراقلىق،
زەھەردۇر ھەسەتتىن ھەتتا بىر يۇتۇم.
مەڭگۈتاش ئۈنلەيدۇ: باتۇر تەڭرىقۇت ـــ
ئوغۇزدەك شىر يۈرەك ئوغلان بوپ يېتىل!
تۇمارىس مىسالى تىك تۇرۇپ مەزمۇت،
تارىخنىڭ بېتىگە رەڭ بېرىپ قېتىل!
مەڭگۈتاش ئۈنلەيدۇ: يۈسۈپ، مەھمۇدتەك،
جاھانغا مىللىتىڭ نامىنى تارات!
ئەجدادىڭ روھىنى پاكلىغىن ئوتتەك،
ئۆرتەلسۇن غاپىللىق، يېڭىلىق يارات!
مەڭگۈتاش ئۈنلەيدۇ: ئەجداد ئۈگۈتى
بېرىدۇ ئەۋلادقا ئۆتمۈشتىن دېرەك.
ئاقلىنار ۋىجداندا ئانىنىڭ سۈتى،
ھەر ۋاقىت ۋىجداننى ساقلىماق كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر