باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىدىن قىسقىچە بايان

2015.05.22 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى زاماندىكى مىللىي ئەدەبىي تىل بولۇپ رەسمىي شەكىللىنىپ چىققانغا قەدەر ئۆزىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتتى.
ھەرقانداق بىر تىل ئۆزىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا داۋاملىق تەتقىق قىلىنىپ، رەتكە سېلىنىپ تۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق تىلنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرى نەزەرىيىلەشتۈرۈلىدۇ، تاشقى تەسىر ئامىللىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلىدۇ، يەنى چەت تىللارنىڭ تەسىرىنى قايسى دەرىجىدە ۋە قايسى دائىرىدە قوبۇل قىلىش ۋە كونترول قىلىشقا بولىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئاخىرى تىلنىڭ ئىلمىيلىك سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ. ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان ئەنە شۇنداق ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىنىپ ۋە رەتكە سېلىنىپ كەلدى. تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا، يۈزەكى تەكشۈرۈشلەردىن سىستېمىلىق ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيىسىگە قاراپ راۋاجلاندى.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە ساھەلەر بويىچە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
1. قەدىمكى تىل- يېزىقلار ۋە ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى
2. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى
3. دىئالېكت- شېۋىلەر تەتقىقاتى
4. لۇغەتشۇناسلىق تەتقىقاتى
5. تەرجىمە تەتقىقاتى
6. قوش تىل تەتقىقاتى
تۆۋەندە يۇقىرىقى ساھەلەر بويىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

1. قەدىمكى تىل- يېزىق ۋە ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى جەھەتتە
مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئەڭ بالدۇرقى تارىخىي پاكىتلار ئورقۇن– يېنىسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا خاتىرىلەنگەن يېزىقلار بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ يېزىقتىكى ھەرپ شەكىللىرى قەدىمكى گېرمان قەبىلىلىرى قوللانغان «رونا يېزىقى»غا بىر قەدەر ئوخشايدىغان بولغاچقا، ياۋروپا ئالىملىرى ئۇنى «ئورقۇن– يېنىسەي يېزىقى» «تۈرك رونىك (رۇنا) يېزىقى» دەپ ئاتىغان.
18- ئەسىردىن ئېتىبارەن ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈركىي تىل- يېزىقلارنى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىلدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەر 19- ئەسىرگە كەلگەندە مۇنتىزملاشقان ھالدا كەڭ قانات يايدى ۋە ئالەمشۇمۇل تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. 18- 19- ئەسىرلەردە ياۋروپا ئالىملىرىدىن ۋامبىرى، ۋ. ۋ. رادلوۋ، گ. رامستېد قاتارلىقلار تۈركىي تىللار تەتقىقاتىنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى پېشىۋالىرىدىن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازدى، شۇنداقلا ئالتاي ۋە ئۇرال- ئالتاي نەزەرىيىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان تىل- يېزىقلار ۋە بۇ تىل- يېزىقلار بىلەن يېزىپ قالدۇرۇلغان مول يازما يادىكارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. 19- ئەسرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات خېلى ئىشلەندى. روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە، شۋېتسىيە، فېنلاندىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى شىنجاڭ (دۇنخۇاڭمۇ بار)دىن قەدىمكى تىل- يېزىقتا يېزىلغان نۇرغۇن قىممەتلىك يازما ماتېرىياللارنى ئېلىپ كېتىپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى باشلىغان. گېرمانىيە ئالىملىرىدىن ۋىللى باڭ بىلەن ف. ۋ. ك. مۈللېر تۇرپاندىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى ۋە مانى، سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ئوقۇپ ئىزاھلىغاندىن كېيىن، ئا. ۋون. گابائىن، پېتېر زېممې، كلائۇس رۆھربورىن، پېتر لائۇت قاتارلىق ئالىملار قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى، تۈركچە تۇرپان تېكستلىرى، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر، شۈەنزاڭنىڭ ئۆمۈر تارىخى قاتارلىقلار ھەققىدە تەتقىقاتلارنى قىلدى. روسىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن ۋ.ۋ. رادلوۋ، س. ئې. مالوۋ، ئە. تېنېشېۋ، ئا. م. شېرباك، ۋ. م. ناسىلوۋ، د. تىخونوۋ، ل. يۇ. تۇگۇشىۋا قاتارلىق ئالىملارمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى يورۇقلۇققا چىقاردى. ياپونىيە ئالىملىرىدىن يۈ تيەنخېڭ، مورى ماساۋ، يامادا نوبو، ئودا جۇتېن، كۇدارا كوگى، شوگايتو ماساخىرو، مورىياسو تاكاۋ، ئۇمىمورا خىروشى، مانو ئېيجى قاتارلىقلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلدى. فرانسىيىلىك پائۇل پېللىئوت، جامىس خامىلتون قاتارلىقلارمۇ دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن قوليازمىلارنى تەتقىق قىلدى. شۋېتسىيە ئالىملىرىدىن گۇستاف راكۋېتتې، گۇننار ياررىڭ، سۋېن ھېدىن قاتارلىقلار ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى ئېلىپ كەتكەن يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇردى. ۋېنگىرىيىلىك ئا ۋامبىرى، تۈركىيىلىك رېشاد رەھمەتى ئارات، ئەھمەت جەفەر ئوغلۇ، تالات تېكىن، ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن، ئەنگىلىيىلىك گ. كلاۋسۇن، مارسېل ئېردال، ئامېرىكىلىق سىناشى تېكىن، روبېرت دانكوۋ، فېنلاندىيىلىك گوستاف ماننېرخېم، گ. ج. رامىستېد قاتارلىقلارمۇ ئورقۇن- يېنىسەي يېزىقلىرى، مانى ۋەسىقىلىرى، تۇرپان تېكستلىرى، خاقانىيە يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىقلار ھەققىدە تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزدى. 20- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن تۈركىي تىل- يېزىقلىرى ۋە ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى ۋە دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى. ئالىملار كەڭ كۆلەملىك ئەمگەكلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلى، يېزىقى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئا. ۋون. گابائىن تىل يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن «قەدىمكى تۈركىي تىل گرامماتىكىسى»نى ئىشلەپ چىقتى، تۇرپان، كۇچا مىڭ ئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىگە قاراتقان ئەمگەكلىرىنى ئېلان قىلدى ۋە يەنە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى ياراتتى. گېرمانىيىلىك ك. بروككېلمان، تۈركىيىلىك كىلىسلى رىفات، بېسىم ئاتالاي قاتارلىقلار ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نادىر ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. يەنە نۇرغۇن چەت ئەل ئالىملىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىقى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئېلىمىز ئالىملىرىدىن بۇ ساھەگە دەسلەپ كىرىشكىنى فېڭ جياشېڭ ئەپەندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىبراھىم مۇتىئىي، گېڭ شىمىن، خۇ جېنخۇا، خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمان، تۇرسۇن ئايۇپ، قۇربان ۋەلى، ئىسراپىل يۈسۈپ، ئابدۇقېييۇم خوجا، لى جىڭۋېي، ئابدۇرەئۇپ پولات، جاڭ تيېشەن، ياڭ فۇشۆ، نيۇ رۇجى، ئابدۇرېشىت ياقۇپ... قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ۋە ۋەسىقىلىرىنىڭ تارىخى، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئەھۋالى ۋە بۇ تىل- يېزىقلار بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ ساھىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا ھەسسە قوشتى. بۇ جەھەتتە پېشقەدەم تىلشۇناس گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە تونۇشتۇرغانلىقىنى ئاۋۋال تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، پېشقەدەم تىلشۇناس، ئالىم ئىبراھىم مۇتىئىينىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا دائىر يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىمۇ ئازادلىقنىڭ ھارپىسى ۋە دەسلىپىدە ئېلىمىزدە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەمدە قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈركىي تىللىرىنى جامائەتكە تونۇشتۇرغان ئەسەرلەر دېيىشكە بولىدۇ. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە قەدىمكى تىللارنى تەتقىق قىلىشمۇ باشقا ئىلىم ساھەلىرىگە ئوخشاشلا ئارقىغا نەچچە ھەسسە چېكىندى، بەلكى ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات قايتىدىن قولغا ئېلىنىپ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى قېزىش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجاندى. «ئوغۇزنامە»، مەڭگۈتاش تېكستلىرىنىڭ تەرجىمىسى (ئايرىملىرى)، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك»، «مائىترى سىمىت»، «تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»، شۇنداقلا ئوتتۇرا- يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشرگە تەييارلىنىشى ۋە مۇشۇ دەۋر تىل- يېزىقىغا دائىر مەخسۇس ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ يېزىلىشى قاتارلىقلارنى بۇ جەھەتتىكى دەسلەپكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىلمىي ئەمگەكلەر دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ 11- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىشى قەدىمكى تىللار تەتقىقاتىدىكى نۇرغۇن مۇجىمەل قاراشلارنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ ئەسەرنىڭ تۇنجى نەشرى ئاساسىدا 2008- يىلى تۈزىتىلىپ، فاكسىمىل، ئىندېكسلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قايتىدىن نەشر قىلىنىشى، ئورقۇن ئابىدىلىرى تىلى لۇغىتىنىڭ قولغا ئېلىنىشى قاتارلىقلار قەدىمكى تىللار تەتقىقاتىنىڭ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ يۈكسەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ۋە ۋەسىقىلىرى ھەققىدە كۆپلەپ ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە قەدىمكى ۋەسىقىلەر تارىخى ھەققىدە سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەسەر تېخى ئۆز تىلىمىزدا يورۇقلۇققا چىقمىدى. بۇ ساھەمۇ كەڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزەرىنى تارتىشى كېرەك.
گەرچە بۇ جەھەتتە بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نەتىجىلەر مۇشۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى، ئاۋامغا تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغاچقا، چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدى. بۇ جەھەتتە بىز دۇنيانىڭ سەۋىيىسىدىن خېلىلا يىراقتا. بۇ ساھەدىكى پېشقەدەملەرنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ كەملىكى ھەمدە بۇ ساھەگە چوڭقۇرلاپ كىرەلمەسلىكى، مەبلەغ جەھەتتىكى قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىقلار بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىمىزنى ئاقسىتىپ قويۇۋاتقان ئاساسىي سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ.
2. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى جەھەتتە
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېگىنىمىزدە 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 20 ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن ئەمىر نەجىپ، ئە. تېنېشېۋ، ئا. قايداروۋ، غوجائەھمەد سەدۋاققاسوۋ، ئايشەم شەمىيېۋا، ر، رەھىموۋ، ت. تالىپوۋ، ئىمساخان جەلىلوۋا قاتارلىقلار ئايرىم تۈزگەن ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىلىرى شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە تاكى 1954- يىلىغىچە دەرسلىك قىلىپ قوللىنىلغان.
ئېلىمىزدە ئازادلىقنىڭ ئالدى- كەينىدە ئىبراھىم مۇتىئى، لى سېن قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى دەرسلىكلرى ۋە ماقالىلىرى، شۇنداقلا شۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەنگەن ئىملا قائىدىلىرى ۋە تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى 1955- يىلىدىن كېيىنكى مەملىكەت خاراكتېرلىك تىل تەكشۈرۈش پائالىيىتى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 50- يىللارنىڭ باشلىرىدا ساۋات چىقىرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن «ئېلىپبە»دىن تارتىپ، 60- يىللاردىكى يېزىق ئۆزگەرتىش جەريانىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى، لېكسىكىسى ۋە گرامماتىكىسى (سىنتاكسىس)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى ئەسەرلەر ۋە دەرسلىكلەر بارلىققا كەلدى. بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلەرنىڭ ئاساسلىقى يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى دېيىشكە بولىدۇ. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە زەربىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم پېشقەدەم تىلشۇناسلار ئىلىم- پەن باھارىدىن كېيىن قايتىدىن ماغدۇرغا كېلىپ، بۇ ساھەدە ئەسەرلەرنى يېزىشقا، سەل قارالغان بەزى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەندىزىدىن گۇمانلىنىشقا ۋە بۇ جەھەتتە ئۆز تىلىمىزنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن فورما بېكىتىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ ساھەدە پىشقەدەم ئۇستازلاردىن خەمىت تۆمۈر، ئابدۇكېرىم باقى، ئەنسەرىدىن مۇسا، نەسرۇللا يولبولدى، تۇردى ئەھمەد ۋە باشقا ئۇستازلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 1954-، 1963-، 1973-، 1983- يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۆت قېتىم ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئۆز دەۋرى ۋە شارائىتىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قېلىپلىشىشىدا، ئىملانىڭ بىر ئىزغا چۈشۈشىدە، تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ۋە نوپۇزىنىڭ ئېشىشىدا خېلى ئىجابىي رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن ۋە ئېھتىياجدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ سىستېمىلىق ھەل قىلىنمىغانلىقى مەلۇم بولدى. 1980- يىللاردىن كېيىن تىلشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بۇ جەھەتتە ئەڭ تالاش- تارتىش قوزغىغىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسىنى فونېتىكىلىق پرىنسىپتا ھەل قىلىش كېرەكمۇ ياكى مورفولوگىيىلىك پرىسنىپتا ھەل قىلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە بولدى. 1985- يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بىر قۇر تۈزەتكەن بولدى.
بىر تىلدىكى ئىملا مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل- كېسىل ۋە مەڭگۈلۈك ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى جانلىق تىل دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە مۇنداق ئۆزگىرىش يېزىق تىلىغا قارىغاندا تېز بولىدۇ ھەم يېزىق تىلىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەلۇم بىر دەۋردە يېزىق تىلى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن قائىدە- ئۆلچەملەر يەنە بىر دەۋردىكى تىل ئەمەلىيىتىگە توغرا كەلمەي قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن 1997- يىلى ئىملا قائىدىسى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىلىپ تولۇقلاندى. بۇ قېتىم 2008- يىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىلىپ، بەزى مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان ئاساستا پات ئارىدا جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر تىل تەتقىقاتىنىڭ باشقا ساھەلىرىگە قارىغاندا كۆپرەك سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى تەتقىقاتى جەھەتتە يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بىزنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلى» ياكى «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» نامىدىكى ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئوبيېكتلىرى مەلۇم بىر توپنى، ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەچكە، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ كەسىپ تۈرىنى ئاساس قىلغان دەرسلىكلەر بولۇپ كەلدى. شۇڭا ھازىرغىچە پۈتكۈل ئاۋامنى نەزەرگە ئالغان، ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ھەم قېلىپلاشقان، سىستېمىلىق بىرەر «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسۋىرى گرامماتىكىسى» تېخى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشمىدى. ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرىمىز تېخىمۇ گاڭگىراش ئىچىدە قالدى. بۇمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى بىر بوشلۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتالغۇلار مەسىلىسى، سۆز قوبۇل قىلىش مەسىلىسى قاتارلىقلاردا ھازىرغىچە سىستېمىلاشقان بىر نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.
3. دىئالېكت- شېۋىلەر تەتقىقاتى جەھەتتە
ئۇيغۇر تىلىدىكى دىئالېكت- شېۋىلەرنىڭ شەكىللىنىشى تىل تەرەققىياتى جەريانىدىكى تارىخىي ھادىسە بولۇپ، ئەقدادلىرىمىز قەدىمكى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ توپلىشىپ ياشاش ئادىتىنى تاشلاپ، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى شەھەرلىشىش دەۋرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت- شېۋىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى مەھمۇد كاشغەرىدىن كېيىن، 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ياۋروپا ئالىملىرى دەسلەپ قولغا ئالدى. بۇلاردىن شۋېتسىيە ئالىملىرى گۇننار ياررىڭ، گوستاف راكۋېتتى، سىۋېن ھېدىن، روسىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى س. ي. مالوۋ، كاتانوۋ، ئە. تېنېشېۋ، ئەنگىلىيە ئالىمى روبېرت شاۋ، گېرمانىيە ئالىمى ئا. ۋون. لېكوك قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئېلىمىزدە 1955- يىلى ۋە 1956-1957- يىللىرىدىكى تىل تەكشۈرۈش ئاساسىدا 1980- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت- شېۋىلىرى رەسمىي سىستېمىلىق ئايرىلىپ، بۇ ساھەدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يەنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكت، خوتەن دىئالېكتى ۋە لوپنۇر دىئالېكتىدىن ئىبارەت ئۈچ دىئالېكت رايونىغا بۆلۈنىدىغانلىقى، مەركىزىي دىئالېكتقا تەۋە ئۈرۈمچى شېۋىسىنىڭ يېتەكچى ئەدەبىي تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ساھەدىكى تالاش- تارتىشقا خاتىمە بېرىلدى. بۇ ساھەدە «ئۇيغۇر تىلى شېۋىلىرى سۆزلۈكى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېئالېكتلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر تەلەپپۇزى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسى ھەققىدە تەتقىقات»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت- شېۋىلىرى تەتقىقاتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت- شېۋىلىرى لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، تىلشۇناسلار ۋە ئاۋام خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت- شېۋىلىرىنى تەتقىق قىلغان ئېلىمىز ئالىملىرىدىن لى سېن، مىرسۇلتان ئوسمان، ئامىنە غاپپار، چېن زۇڭجېن، غۇلام غوپۇرى، لى جىڭۋېي، گاۋ شىجيې، مۇھەببەت قاسىم، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەمگەك نەتىجىلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.
دىئالېكت ــــ 1، مەلۇم بىر رايوندىكى ئاھالىنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان يەرلىك دىئالېكت؛ 2، جەمئىيەتتىكى ئوخشىمىغان تەبىقىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي توپ دىئالېكتى؛ 3، ھەر قايسى ھۈنەر- كەسىپلەر دائىرىسىنى شەرت قىلغان كەسىپ دىئالېكتى دېگەن ئۈچ تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە بىز مەلۇم بىر رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان يەرلىك دىئالېكت ھەققىدە بەزى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي توپ دىئالېكتى ۋە ھۈنەر- كەسىپ دىئالېكتى ھەققىدە ھېچقانداق نەتىجىمىز چىقمىدى ياكى ناھايىتى ئاز بولدى. بۇ ساھە تېخىچە ئېچىلمىغان بوز پېتى تۇرماقتا. بۇ ساھەمۇ تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىشى كېرەك. چۈنكى پەن- تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇچۇرنىڭ يەر شارىلىشىشى بىلەن بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس بەزى ئەنئەنىۋى ھۈنەر- كەسىپلىرىمىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئەجدادلىرىمىزدىن ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان «72 خىل ھۈنەر»دىن ھازىر قانچىلىكىنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىنى ھېچكىم تەكشۈرۈپ كۆرگىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا ئائىت ئاتالغۇ- سۆزلەملەرمۇ شۇ كەسىپنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىشى مۇمكىن. بۇ سۆز- ئاتالغۇلارنى قۇتقۇزۇپ، ھازىرقى بەزى كېلەڭسىز، سۈنئىي ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشمۇ بىز تىلشۇناسلارنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە.
4. لۇغەتشۇناسلىق تەتقىقاتى جەھەتتە
لۇغەتشۇناسلىق ــــ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بىرى. بىزدە تۈزۈلگەن لۇغەتلەر تىل ئايرىمىسى جەھەتتىن بىر تىللىق، قوش تىللىق ھەم كۆپ تىللىق لۇغەتلەر، مەزمۇنى جەھەتتىن ئىزاھلىق ۋە سېلىشتۇرما لۇغەتلەر دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت لۇغەتشۇناسلىق مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان»ىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» قاتارلىقلارنىمۇ سېلىشتۇرما لۇغەتچىلىكنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن لۇغەتچىلىك ئىشلىرىمىز تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 1990- يىللاردىن كېيىن نەشر قىلىنىشقا باشلىغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» بۇ جەھەتتە ئۇزۇندىن بۇيان ئاق قالغان بوشلۇقنى تولدۇردى. «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك»، «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»، «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە لۇغەت»، «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى» «مەنىداش سۆزلەر لۇغىتى» قاتارلىقلار ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقى، پايدىلىنىشچانلىقى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالغۇ- سۆزلەملەرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن بۇرۇنقى لۇغەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئۇندىن باشقا، ھەرقايسىي كەسىپلەرگە بېغىشلانغان كەسپىي لۇغەتلەر، ئەپلىكلىكى ۋە سىغىمىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
گەرچە بىزدە لۇغەتلەر خېلى كۆپ ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن لۇغەتشۇناسلىق تەتقىقاتى مۇكەممەللىشىپ كەتتى دېگىلى بولمايدۇ. لۇغەتچىلىكنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى، قائىدە- پرىنسىپلىرىغا تېخىچە سەل قاراپ كېلىنمەكتە. شۇڭا، ھەممە لۇغەتلىرىمىزدە دېگۈدەك يا ئۇنداق، يا مۇنداق سەۋەنلىكلەر ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. سۆزلەرنى ئىزاھلاش جەھەتتە مەسىلە خېلىلا ئېغىر، سۆز قوبۇل قىلىش پرىنسىپى ئىزچىل ئەمەس. بۇلارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر.
5. تەرجىمە تەتقىقاتى جەھەتتە
تەرجىمىچىلىك بىزگە سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، ئاپرىنچۇر تېكىن... قاتارلىق ئەجداد تەرجىمانلاردىن ئۇدۇم قالغان. ھازىرغىچە بولغان ھەرقايسى دەۋرلەردە بىز ئېھتىياجىمىز بويىچە ھەر خىل ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ، باشقىلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ كەلدۇق. مەيلى چەت ئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بولسۇن ياكى خەنزۇ كلاسسىك ئەسەرلىرى بولسۇن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزگە ھەممە قايىل. يېقىنقى دەۋردىكى ۋە دەۋرىمىزدىكى ئاتاقلىق تەرجىمانلاردىن مەھمۇدجان ئىلھامجانوۋ، ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇكېرىم خوجا، ئۇيغۇر سايرانى، توختى باقى ئارتىشى، ئىبراھىم ئەھمىدى، رەھمىتۇللا جارىي، ئېزىز يۈسۈپ، روزى تۇردى، جۈمەخۇن، تۇرسۇنئاي ساقىم، مۇساجان ئەزىزى، ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ، پېڭ زۇڭلۇ، گوجىگاڭ، خاۋ گۇەنجۇڭ، جاڭ خۇڭچاۋ... قاتارلىقلار تەرجىمە ئەمەلىيىتى ۋە تەرجىمە نەزەرىيىسىدە ئۈلگە بولۇشقا مۇناسىپ ئۇستازلاردۇر.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ھۆججەت- ماتېرىياللار ئالدى بىلەن خەنزۇچە يېزىلىپ، ئاندىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرى بىر تۇتاش تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە كىتاب چىقىرىدىغان 10 نەچچە نەشرىيات نەشر قىلغان كىتابنىڭ %70 ئەتراپىدىكىسى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار. گېزىت- ژۇرناللاردىكى ماقالە- خەۋەرلەرنىڭمۇ تەڭدىن تولىسى تەرجىمە، كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى تەرجىمە، رادىئو- تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىنىڭمۇ تەڭدىن تولىسى تەرجىمە. دېمەك، بىزنىڭ تەرجىمە دائىرىمىز شۇنداق كەڭ. بىز ئوقۇۋاتقان كىتاب، ئاڭلىغان خەۋەر، لېكسىيە، دوكلاتنىڭ تەخمىنەن %70- %80 ى تەرجىمە قىلىنغان. ئۆزىمىزنىڭ ئاپتورلىرى ئانا تىلىمىزدا يازغان ئەسەرلىرىدە تەرجىمە ئەسەرلەردىن ئالغان ئىلھام، ئوزۇق بار، بۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. شۇڭا، تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئوخشاشلا تىلىمىزنىڭ گرامماتىكا، لېكسىكا جەھەتتىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، بوشىشىپ كېتىش، ئۆزىنى قويۇۋېتىش ھادىسىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توسۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىزدە ئانا تىلغا پىششىق، تەرجىمانلىق كەسپىدە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن تەرجىمانلار قوشۇنى بولۇشى كېرەك. لېكىن، بىزدە ھازىر تېخى بۇنداق تەرجىمانلار قوشۇنى شەكىللەنمىدى، بەلكى تەرجىمانلىقنى كەسىپ قىلغانلار بارغانسېرى ئازىيىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە بەزى كىشىلەر تەرجىمانلىقنى ئىككىنچى بىر تىلنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن بىردەملىك ئىش دەپ قارايدۇ. مانا بۇ تەرجىمە ئىلمىدىن خەۋەرسىزلىك، ساۋاتسىزلىق سەۋەبىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم. تەرجىمان بولغان كىشى ھەر ئىككى تىلغا مەسئۇل بولۇشى، ھەر ئىككى تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلىرى، جۈملە تۈزۈش شەكىللىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى بىلەن بىللە، ھەر ئىككى تىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك. شىنجاڭدەك مىللەت كۆپ، نەچچە خىل تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان، يەنە كېلىپ بۇ مىللەت ۋە تىللارنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مول بولغان مۇشۇنداق بىر چوڭ رايوندا تەرجىمانلىق كەسپى ئۆزىنىڭ تارىخى ۋەزىپىسىنى تېخى ئاتقۇرۇپ بولالمىدى ھەم مەڭگۈ ئاتقۇرۇپ بولالمايدۇ. شۇڭا، تەرجىمانلارنى تەربىيىلەش باشقا مىللەتنىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكىسى بىلەن ئانا تىلدا ئۇچرىشىش ۋە ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ھازىر تەرجىمە ساھەيىمىزدە ئۆزگە تىللارنى ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلار دەماللىققا ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرسىمۇ، ئۆز تىلىمىزدىكىسىنى ئۆزگە تىللارغا تەرجىمە قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك. شۇڭا بۇ ساھەگە كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئۆزىمىزنى باشقىلارغا، شۇنداقلا دۇنياغا تونۇتۇشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
تەرجىمە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىزدە يوق دېيەرلىك، چۈنكى بىزنىڭ تەرجىمە نەزەرىيىسى تەتقىقاتچىلىرىمىز قوشۇنىنى ئاساسەن ئۇزۇن يىل تەرجىمە ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان پېشقەدەم تەرجىمانلار تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭمۇ سانى ئىنتايىن ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قالدى. بۇ ساھەگە ئىچكىرىلەپ كىرىش ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ جۈرئىتىگە باغلىق.
6. قوش تىل تەتقىقاتى جەھەتتە
مەملىكىتىمىز مىقياسىدا «قوش تىللىق» بولۇش چاقىرىقى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلار ئۆز يېرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق چارە- تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويدى. جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزمۇ بەزى چارە- تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. «قوش تىللىق» بولۇشنىڭ مەقسىتى ۋە غايىسى ھەققىدە مىللەتلەر مائارىپى نەزەرىيىچىسى، قوش تىللىق ئوقۇش- ئوقۇتۇش ئەمەلىيەتچىسى، پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ۋاڭ يۈەنشىىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىۋاتقان قوش تىللىق بولۇش تۈزۈمى بولسا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان، كۆز ئالدىدىكى نەق مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەئەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان تۈزۈمدۇر»، «قوش تىللىق بولۇش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىلىۋاتقان تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئۇسلۇبلىرى شەكىل، جەريان ۋە دەرس سائەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىق بولسىمۇ، ئاخىرقى غايە بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىرىنچىدىن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ئوخشاش دەرىجىدە پىششىق بىلىدىغان قوش تىللىق خادىملارنى تەربىيىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر». دېمەك، «قوش تىللىق» بولۇش ھەرگىزمۇ مىللىي تىل- يېزىقنىڭ ئورنىغا باشقا بىر خىل تىل- يېزىقنى دەسسىتىش ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككىسىگە پىششىق خادىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. قوش تىلغا بېرىلگەن تەبىر ئىنتايىن توغرا. لېكىن قوش تىل مائارىپى، قوش تىل شارائىتى، رايون شارائىتى دېگەنلەرنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە بەزى سەل قارالغان مەسىلىلەر ھېلىمۇ مەۋجۇت. قوش تىللىقلىشىش ھادىسىسىنى ئازادلىقتىن ئىلگىرىكىگە ياكى ئازادلىقنىڭ دەسلىپىگە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئىلمىيلىك ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ھازىر دەۋر ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇنقى ئەمەس، ھەتتا بەش يىل بۇرۇنقى مائارىپ ئەندىزىسىمۇ كۈنسايىن ئۆزگىرىۋاتىدۇ. شۇڭا قوش تىللىقلىشىش ياكى قوش تىل ئوقۇتۇشى ھەققىدە تۆۋەنگە تەكشۈرۈشكە بارغاندا، ھۆكۈمەت تەرەپ ياكى ئاساسىي قاتلام ئورگانلىرى تەمىنلىگەن ماتېرىيالغىلا تايىنىۋېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر خىل نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ تەييارلانغاچقا، بۇنىڭ تەتقىقاتچىلارغا پايدىلىقلىرىمۇ، قايمۇقتۇرىدىغانلىرىمۇ بار، ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ئىگىلەشكە، شۇ ئاساستا بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىشەنچلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي، قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق تەتقىقات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى: «قوش تىللىقلىشىشنى 10 يىلدا، 20 يىلدا، ياكى 50 يىلدا تاماملايمىز دەپ چەك بەلگىلىگىلى بولمايدۇ، ئۇ ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغان نىشان» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. بەزى مەكتەپ ۋە جايلار ئۆزىگە مانچە يىلدا ئوقۇتقۇچىلارنى قوش تىلدا دەرس ئۆتەلەيدىغان، مانچە يىلدا ئوقۇغۇچىلارنى قوش تىلدا دەرس ئاڭلىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزىمىز دەپ غايىۋى نىشان بېكىتىۋاتىدۇ. لېكىن تىل مەسىلىسى ئىجتىمائىلىققا، ئاممىۋىلىققا ئىگە مەسىلە، ئۇنى چوقۇم ئىلمىي قائىدە بويىچە يۈرگۈزۈش لازىم. بۇ ساھەدە بىزدە قارىماققا خېلى تەتقىقاتلار قىلىنغاندەك تۇرسىمۇ، لېكىن خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىن سېلىشتۇرىدىغان ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك بولغاچقا، شۇنداقلا ئەمەلىي تەكشۈرۈش، ئامما ئارىسىدىكى ئىنكاسلارغا قۇلاق سېلىش يەنىلا سەل قارىلىۋاتقاچقا، شىنجاڭدەك پسىخىكا، مەدەنىيەت، تارىخ، دىن، تىل سىستېمىسى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچىلىك بولغان رايوندا قوش تىللىق بولۇشنى بىر يولىلا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇ چوقۇم ئېھتىيات بىلەن قەدەم- باسقۇچلۇق بولۇشى كېرەك. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ھازىرقى مائارىپ ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش، بولۇپمۇ ئىدىيىۋى تونۇش، پىكىر يوللىرى جەھەتتىكى قاراشنى يېڭىلاپ، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت ھەل قىلىش پرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ تىللار مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشتىكى نازۇك، ئىنچىكە مەسىلە بولغاچقا، ھېسسىياتقا، قىزىققانلىققا تايىنىشقا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشتەك باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ.
※ ※ ※
ئۇستازلار، كەسىپداشلار!
تىل تەتقىقاتى باشقا پەنلەرگە قارىغاندا، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئاسان نەتىجە قازانغىلى بولمايدىغان، مۇرەككەپ، نازۇك، ئىنچىكە ھەم سەزگۈر كەسىپ. شۇڭا بۇ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغانلار ناھايىتى ئاز چىقىدۇ. تىلشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ چىققانلاردىن ئۈزۈپ چىقىدىغانلىرى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياش تىل تەتقىقاتچىلىرىنى تەربىيىلەشكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، كەسپىي جەھەتتىكى ئۈزۈكچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەخىرسىز مەسىلە. بۇ جەھەتتە ئالدىنقىلارنىڭ تىرىشچانلىق روھى، جاپاغا چىداش روھى ۋە مىننەت قىلماسلىق روھىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلىش بىلەن بىللە، بۇ ساھەگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، بىز تىل تەتقىقاتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

كۆپچىلىككە رەھمەت!

2008- يىلى 5- دېكابىر، ئۈرۈمچى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر