باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

مەھمۇد كاشغەرىي، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ئىندېكسى» ھەققىدە

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.02.16 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى، دۇنيادا ھازىرغىچە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىندېكسلار ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ يېڭىدىن نەشردىن چىققان مۇكەممەل نۇسخىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل نۇسخىسى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىندېكس ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىىپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى شەرھلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مەھمۇد كاشغەرىي، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ئىندېكسى»

ئەمگەكچان ۋە ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى تەرەققىياتى داۋامىدا ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى. 11- ئەسىردە قاراخانىيلار خانىدانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، ئالىم ۋە تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۆجىزىۋى شاھ ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «دىۋان» دەيمىز) ئەنە شۇ تۆھپىلەرنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە يىگانە چولپاندەك چاقنىماقتا. بۇ ئەسەر 10- 12- ئەسىرلەردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ گۈللەنگەن ئىقتىسادى ۋە يۈكسەك مەدەنىي ھاياتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئۆز تەرجىمەھالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن، ئۇنىڭ زامانداشلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە بىر نەرسە يازغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. ئالىمنىڭ ئۆز كىتابىدا بەرگەن بەزى مەلۇماتلىرىدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن بارسغاندىن قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەن. مەھمۇد ئۆزى قەشقەردە تۇغۇلغان. تەتقىقاتچى ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانلار 1982- يىلى 12- ئايدىن 1983- يىلى 3- ئايغىچە قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئالىمنىڭ يۇرتىنىڭ قەشقەر شەھىرى كونىشەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىق كەنتى، ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام» مازىرىنىڭ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، خەلقئارا تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئۇزۇندىن بۇيان تالاش- تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان ئالىمنىڭ يۇرتى، مىللىتى، مازىرى ھەققىدىكى مەسىلىگە خاتىمە بەردى. بۇ قاراش خەلقئارا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

1. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى ھەققىدە

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تولۇق ئىسمى مەھمۇد ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد يۈسۈپ بولۇپ، ئاتا تەرەپتىن ئالغاندا، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان خانى سۇلتان ساتۇقنىڭ نەۋرىسى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەدنىڭ نەۋرىسى. ئانا تەرەپتىن ئالغاندا، ئوپال ئازىقتىكى ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىسى خوجا سەيپىدىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى بۈبى رابىيەنىڭ ئوغلى. ئۇ تەخمىنەن مىلادىيە 1005 ـــ 1008- يىللىرى ئارىلىقىدا تۇغۇلغان. ئالىم باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئوپال ئازىقتا، يۇقىرى مەلۇماتنى قەشقەرنىڭ داڭلىق مەدرىسلىرىدە ئالغان. ئالىمنىڭ قەشقەردىن ئايرىلغان ۋاقتى ھىجىرىيە 450- يىللىرى (مىلادىيە 1058- 1059- يىللىرى)غا توغرا كېلىدۇ. ئالىم يۇرتىدىن ئايرىلىپ 10 نەچچە يىل تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ ماتېرىيال توپلىغان. ئاندىن بۇ ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشكەن. «دىۋان»دىكى بايانلاردىن مەلۇمكى، ئالىم ئالدى بىلەن «كتاب جۋاھر النوحى لغات الترك» («تۈركىي تىللار نەھۋىسىنىڭ جەۋھەرلىرى») ناملىق مەخسۇس گىرامماتىكا (سىنتاكسىس) كىتابنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، «دىۋان »نى يازغان. ئالىم باغدادتا 89 يېشىغىچە تۇرۇپ، ئۆز يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئوپالدا «مەدرىسى مەھمۇدىيە» نامىدىكى مەدرىسىدە سەككىز يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ، ئەتراپقا ئىلىم- مەرىپەت تارقىتىپ، مىلادىيە 1102 ــ 1105- يىللىرى ئەتراپىدا 97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان.
مەھمۇد كاشغەرىي تۈركىي تىلنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە باي تىل ئىكەنلىكىنى، بۇ تىل ئىگىلىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيەتتە ئۆز زامانىدا يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىش بىلەن بىللە، مەنىۋى قۇرۇلۇش جەھەتتىمۇ ئىسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىپتىخارى بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق بۈيۈك قامۇسنى تۈزۈپ چىققان. شۇڭا، «دىۋان» ئەرەبلەرنىڭ پەقەت تۈركىي تىلنى ئۆگىنىشى ئۈچۈنلا تۈزۈلگەن ئاددىي لۇغەت كىتابى ئەمەس، بەلكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى ۋە قاراخانىيلار ھامىي بولغان پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىنى، جۈملىدىن ئىلىم- پەن، سەنئەت ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ھاكىمىيەت- سىياسەت تەدبىرلىرىنى، پەلسەپە- ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرىنى، ئۆرپ- ئادەتلىرىنى باي تىل ماتېرىياللىرى ئارقىلىق تونۇشتۇرىدىغان مۇكەممەل قامۇستۇر. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا خەلق تىلى، قەدىمكى تىل ۋە باشقا تىل ئامىللىرىنى بىر مەنبە سۈپىتىدە يۇغۇرۇپ بەرگەن. ئالىم تىلشۇناسلىق ساھەسىدە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلاش ئارقىلىق لۇغەت تۈزگۈچىلەرگە ئۈلگە بولغان تۇنجى ئۆلىما. مەرىپەتپەرۋەر ئالىمدا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقلەش، ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئېنىقلاش، تىل بايلىقىنى ھەر جەھەتتىن قېزىپ كۆرۈش، گىرامماتىكىلىق قۇرۇلۇشنى ئىلمىي يول بىلەن ئىزاھلاش، شۇ ئارقىلىق تۈركىي تىلنىڭ شۇ زاماندا كەڭ قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئەرەب تىلى بىلەن «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان» باي تىل، شۇنىڭدەك ئىلىم- مەدەنىيەت تىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئىستىكىدە لۇغەتنى روياپقا چىقارغان. مەھمۇد كاشغەرىي لۇغەتنى قانداق تۈزۈش توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ھىجىرىيە 464- يىلى جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا (مىلادىيە 1072- يىلى 5- ئايدا) ئالىمنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئۆزىدىن «بۇرۇن ھېچكىم ئىشلىمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپ بىلەن تۈزۈشكە» كىرىشكەن. تۈزۈش جەريانىدا تۆت قېتىم تۈزىتىپ، تەھرىرلەپ چىققان ۋە ئۇنى ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى باغدادتا ھىجىرىيە 467- يىلى (مىلادىيە 1075- يىلى) ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلغان.

2. «دىۋان» ھەققىدە

مەھمۇد كاشغەرىي تۈركولوگىيە ساھەسىدە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاتىسىدۇر. ياۋروپا تىلشۇناسلىرى ئارىسىدا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق سانسىكرېت تىلى (قەدىمكى ھىند يېزىق تىلى)نى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 18- ئەسىردە باشلانغان بولسا، مەھمۇد كاشغەرىي 11- ئەسىردىلا تۈركىي تىللارنى ئۆزئارا ۋە ئەرەب تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. ئۇ ئۆزى توغرىلىق مۇنداق دەپ يازىدۇ: «... مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەك، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ (تۈركىي خەلقلەرنىڭ) شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن- ئاياغ كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيەلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»① دېمەك، ئالىم خانزادە، شۇنداقلا ئۆز دەۋرىدە يېتىشكەن ئۆلىما ۋە ھەر تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە كىشى بولۇشىغا قارىماي، يەنە ئۆزى بىۋاسىتە بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلاشتا چىڭ تۇرغان.
«دىۋان» ئىككى تىلنىڭ، يەنى تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئاددىيلا سېلىشتۇرما لۇغىتى ئەمەس، شۇنداقلا ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي تىلنى ئۆگىنىشى ئۈچۈنلا تۈزۈلگەن ئاددىي سۆزلۈكمۇ ئەمەس، بەلكى 11- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدىكى خاتىرىلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەسەر، شۇنداقلا تۈركىي تىللار ھەققىدىكى ئىنسىكلوپېدىك لۇغەتتۇر. «دىۋان» ئۈچ توم، ئەرەب تىلى قائىدىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «ھەمزە، سالىم، مۇزائەف، مىسال، ئۈچ ھەرپلىكلەر، تۆت ھەرپلىكلەر، غۇننە، ئىككى ھەرىكىسىز ھەرپتىن تۈزۈلگەن سۆزلەر» دېگەندەك سەككىز بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان. ئۇلار «مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىپى» بويىچە تۈزۈلگەن. سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى ھەرىكىلەر (توغرا ئوقۇش بەلگىلىرى) ۋە ھەرپلەرنىڭمۇ ئىلگىرى-
_____
① «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1- توم 3- بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى
كېيىنلىك تەرتىپى نەزەردە تۇتۇلغان. بۇ، لۇغەتشۇناسلىقتىكى ناھايىتى ئىنچىكە مەسىلىدۇر.
«دىۋان»غا كىرگۈزۈلگەن سۆزلەر مەزمۇن جەھەتتىن تۆۋەندىكى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ قەبىلە- ئايماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشقان ماكانلىرى؛ تارىخىي- ئېتنىكىلىق مەلۇماتلار؛ مەشھۇر يەر- جاي ناملىرى؛ سىياسىي، ھەربىي ئاتالغۇلار؛ تۈركىي تىللىق خەلقلەردە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئادەم ئىسىملىرى؛ ئاسترونومىيە ۋە كالېندارچىلىققا ئائىت مەۋسۇم، پەسىل، مۆچەل ناملىرى؛ ھايۋانات، جان- جانىۋارلار ۋە ئۆسۈملۈك- زىرائەت ناملىرى؛ تېبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىككە دائىر سۆزلەر؛ تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتى ۋە يېمەك- ئىچمەكلىرىگە دائىر مەلۇماتلار، جۈملىدىن فولىكلور ماتېرىياللىرى ۋە باشقىلار. بولۇپمۇ تۈركولوگىيىنى مەزمۇندار قىلغىنى فولىكلورغا تەئەللۇق ئەدەبىي پارچىلار ۋە ماقال- تەمسىللەردۇر. مەھمۇد كاشغەرىي ئەڭ زۆرۈر بولغان گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرنىمۇ ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرگەن. توغرا تەلەپپۇز ۋە ئىبارە يۇسۇنلىرىنى كۆرسەتكەن.
«دىۋان» ئوتتۇرا شەرقتە تىلشۇناسلىق ساھەسىدە خېلى ئۇزاققىچە ئۆز نامىنى يوقاتمىغان (ئەرەبچە تارىخلاردا بۇ كىتابنىڭ نامى ئانچە- مۇنچە ئۇچراپ تۇرغان) بولسىمۇ، كەڭ تارقىلالمىغان. پەقەت 20- ئەسىرنىڭ 10- يىللىرىدىن تارتىپ، دۇنيا ئىلىم- پەن جامائەتچىلىكى «دىۋان»دىن بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە خەۋەر تېپىشقا باشلىغان.
ھازىر تۈركىيەنىڭ «فاتىھ مىللەت كۇتۇپخانىسى» (ئەلى ئەمىر ئەپەندى كۇتۇپخانىسى ــ ئىستانبۇل كۇتۇپخانىسى)دا ساقلىنىۋاتقان «دىۋان»نىڭ بىردىنبىر قوليازما نۇسخىسى ئەسلىدە ئىراننىڭ ساۋە ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ، كېيىنچە شام (دەمەشىق)دا ئولتۇراقلاشقان مۇھەممەد ئىبنى ئەبى بەكرى ئىبنى ئەبىلفەتھى ئۇس ساۋە سۇم ئەد دەمەشىقى دېگەن كىشى تەرىپىدىن مىلادىيە 1266- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى (كارل بروككېلماننىڭ قارىشىچە، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى) مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىنى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مالىيە نازىرى بولغان نازىف پاشانىڭ ئايالى ساقلىغان ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن كىتابپۇرۇش ئارقىلىق مىلادىيە 1914- يىلى (بەزى مەنبەلەردە 1916- يىلى دېيىلىدۇ) دىيار بەكرىلىك ئەلى ئەمىرگە 30 لىرا (تىللا) غا ساتقان. تۇنجى قېتىم كىلىسلىق ئوقۇتقۇچى رىفات بىلگە مىلادىيە 1914 – 1917- يىللىرى (بەزى مەنبەلەردە 1917- يىلىدىن 1919- يىلىغىچە دېيىلىدۇ) ئەتراپىدا ئۆز ئەينى بويىچە (ئەرەب تىلىدا) كۆچۈرۈپ، مىخ مەتبەئەدە تىزدۇرۇپ باستۇرغان. ئالدى بىلەن بىرىنچى بولۇپ 1928- يىلى سام تىللىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور كارل بروككېلمان «دىۋان»دىكى سۆزلەرنى بىر توپلامغا توپلاپ، ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن تىزىپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇ «دىۋان»نىڭ يازما نۇسخىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغاچقا، ئەرەبچە باسما نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ تۇنجى تەرجىمىسى «دىۋان»نى ياۋروپاغا تونۇشتۇرۇشتا ئەھمىيەتلىك رول ئوينىغان. بىراق بروككېلمان بۇ ئەسىرىنى نېمىسچە نەشر قىلدۇرغاچقا، ياۋروپادىكى كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمىغان. كېيىنچە بېسىم ئاتالاي تەرجىمە قىلغان نۇسخا ئىلىم ساھەسىدە خېلى ئېتىراپقا ئېرىشكەن بولۇپ، 1939- يىلى 1- تومى، 1940- يىلى 2- تومى، 1941- يىلى 3- تومى، 1941- يىلى بىر توملۇق قوليازما فاكسېمىلى (فوتو نۇسخا) ۋە 1943- يىلى بىر توملۇق ئىندېكسى نەشر قىلىنغان. بېسىم ئاتالاي ئۆزى تەرجىمە قىلغان «دىۋان»دا كۆرۈلگەن بەزى خاتالىقلارنى ئىندېكستا تۈزەتكەنلىكىنى ھەمدە تەرجىمە توملىرىدىكى بىر قىسىم سۆزلەردە پەرقلەر كۆرۈلسە، ئىندېكستىكى شەكلىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن. تۈرك تىلى جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن دەھرى دىلچىن تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1957- يىلى ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان «دىۋان»نىڭ ئەرەب ئېلىپبەسىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن ئىندېكسى بېسىم ئاتالاينىڭ ئەمگىكىگە تولۇقلىما بولغان. ئۇنىڭ بۇ ئىندېكسى 448 بەتلىك بولۇپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن تەركىب تاپقان. 1960- 1963- يىللاردا سالىھ مۇتەللىپوۋ «دىۋان»نىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان. 1967- يىلى تاشكەنتتە غ. ئابدۇراخمانوف ۋە سالىھ مۇتەللىپوۋلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە تەھرىرلىكىدە «دىۋان»نىڭ ئۆزبېك سىلاۋيان يېزىقى ئېلىپبەسى بويىچە تىزىلغان ئۆزبېكچە ئىندېكسى تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان. بۇ نۇسخىمۇ كىلىسلىق رىفات بىلگە تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان ئەرەبچە باسما نۇسخىسىنى ئاساس قىلغان. 1972- يىلى ئەنقەرەدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان»نى يېزىشقا باشلىغانلىقىنىڭ 900 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «دىۋان»نىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ ئىندېكسى قايتا ئىشلەنگەن. بۇ ئىندېكسقا سەككىز مىڭدىن ئارتۇق سۆز كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان ئىككىنچى ئىندېكس ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا روبېرت دانكوف ۋە جامېس كېللېيلەر «دىۋان»نى ئىنگلىز تىلىغا ئىككى توم قىلىپ تەرجىمە قىلغان ۋە 1982- يىلى بىرىنچى تومىنى، 1984- يىلى ئىككىنچى تومىنى. 1985- يىلى ئەرەب ئېلىپبەسى بويىچە تىزىلغان ئىندېكسىنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ نادىر ئەسەرگە بولغان قىزىقىش ۋە تەتقىقات دۇنيا مىقياسىدا تەسىر قوزغىغان.
«دىۋان»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى نۇسخىسى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل- يېزىقى خىزمىتى كومىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن تەركىب تاپقان «دىۋان»نى نەشرگە تەييارلاش تېما گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن 1980- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە (1980- يىلى 1- توم، 1983- يىلى 2- توم، 1984- يىلى 3- توم) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەقلىق ۋارىسلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 2002- يىلى 2- ئايدا خەنزۇچە نەشرى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
ۋاھالەنكى، ئالىم «دىۋان»نى «بۇرۇن ھېچكىم ئىشلىمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپ بىلەن تۈزگەچكە»، ئۇنىڭدىن لازىملىق بىرەر سۆزنى تېپىش قىيىن ئىدى. مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا بۇ تېمىنى ئىشلەش تەييارلىقىغا كىرىشكەن، 1991- يىلى مەخسۇس تېما گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›ئىندېكسى»نى تۈزۈشكە كىرىشتى ھەم 1997- يىلى بۇ تېما پۈتۈپ قولدىن چىقتى. ئەپسۇسكى، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەك تا ھازىرغىچە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەنىدى.
2005- يىلى ئۆكتەبىردە قەشقەردە «مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىلدى. يىغىندا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى، نەسەبى ۋە «دىۋان» ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلدى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى «دىۋان» تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا شۇ ۋاقىتتىكى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇر بەكرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن ئاپتونوم رايون «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى قايتا نەشر قىلىش، بۇ قېتىمقى نەشرىگە ئىندېكىس، فاكسىمېل (فوتو نۇسخا) قاتارلىقلارنى قوشۇش ھەققىدە يوليورۇق بەردى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006- يىلىنىڭ بېشىدا بۇ خىزمەتنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق قايتا نەشر قىلىش خىزمىتىگە كىرىشتى ھەمدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى خەلقئارالىق 16 فورمات بويىچە بىر توملۇق مۇكەممەل نۇسخا قىلىپ نەشر قىلىش، تۈركىيەدە 1990- يىللاردا نەشر قىلىنغان فاكسىمېل نۇسخىسىنى سىكاننېرلاش، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈزگەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ئىندېكسى»نى تۇنجى نۇسخىغىمۇ، يېڭى مۇكەممەل نۇسخىسىغىمۇ ماس كېلىدىغان قىلىپ تولۇقلاپ، ئۇنى فاكسىمېلغا قوشۇش ئارقىلىق دىۋان تېكىستى بىر توم، فاكسىمېل ۋە ئىندېكس بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر توم قىلىنغان، جەمئىي ئىككى توملۇق رەڭلىك نۇسخا قىلىپ نەشر قىلىشنى پىلانلىدى ھەم بۇ ئىشقا جىددىي تۇتۇش قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال كۈچ قوشۇشى، جىددىي تۇتۇپ ئىشلىشى بىلەن بۇ بۈيۈك ئەمگەك 2008- يىلى مەھمۇد كاشغەرىيي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۈلگۈرۈپ نەشردىن چىقتى.
يېڭى نۇسخىدىكى «دىۋان»دىكى ھەر خىل خەت نۇسخىلىرى بىر- بىرىدىن ئوخشىمىغان رەڭلەر ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلگەن بولۇپ، لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن ترانسىلىتىراتسىيەسى يېشىل رەڭ بىلەن، خاقانىيە يېزىقىدىكى شەكلى قىزىل رەڭ بىلەن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قارا رەڭ بىلەن ئىپادىلەندى. يېڭى «دىۋان»نىڭ يان تەرىپىگە «دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىنىڭ توم، بەت نومۇرلىرى يېشىل رەڭ بىلەن، فاكسىمىلنىڭ بەت نومۇرى قىزىل رەڭ بىلەن بېرىلىپ، تەتقىقاتچىلار ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى. تېكىست (ئۈچ توم بىرلەشتۈرۈلگەن، قىستۇرما بەت، تېتوللار قوشۇلۇپ، جەمئىي 1136 بەت)، فاكسىمىل (تېتول، قىستۇرما بەت قوشۇلۇپ، جەمئىي 650 بەت) ۋە ئىندېكس (تېتول، قىستۇرما بەت، كىرىش سۆز، مۇندەرىجە قوشۇلۇپ، جەمئىي 664 بەت)تىن تەركىب تاپقان بۇ ئىككى توملۇق ئەسەر ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدا رەڭلىك چىققان تۇنجى كلاسسىك باسما بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ، بەت لايىھەلەشتە ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلار ۋە كۆركەم نەقىش، ھۆسنخەتلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
«دىۋان»نىڭ يېڭى مۇكەممەل نۇسخىسىدا تۇنجى نەشرىدە سادىر بولغان بەزى سەۋەنلىكلەر تۈزىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچى، تۇنجى نەشرىدە ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش دەپ قارىلىپ، ئايرىم بېرىلگەن سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، چىقىرىۋېتىلدى ھەم قىسقا سوزۇق تاۋۇش تەرىقىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى؛
ئىككىنچى، كىرىش سۆز قىسمى قىسمەن ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭدا كىرىش سۆزىدە ئەينى ۋاقىتتا نائېنىق، مۈجىمەل بولغان ياكى خاتا كەتكەن بەزى بۆلەكلەر تۈزىتىلدى ۋە تولۇقلاندى؛
ئۈچىنچى، سۆزلەرنىڭ ترانسىلىتىراتسىيەسىدە كۆرۈلگەن بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى بەزى ئىككى خىل ترانسىلىتىراتسىيە قىلىنىپ قالغان ياكى خاتا ترانسىلىتىراتسىيە قىلىنىپ قالغان سۆزلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ توغرىلاندى؛
تۆتىنچى، سۆزلەملەرنىڭ مەنىسىدە سادىر بولغان بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى. بۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا كەتكەن خاتالىقلار ۋە ئىككى خىللىقلار بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تۈزىتىلدى؛
بەشىنچى، ئىزاھلار تۈزىتىلدى. بۇنىڭدا تۇنجى نەشرىدىكى پىرىنسىپ جەھەتتىكى بەزى تۈزىتىشلەر كىرىش سۆز قىسمىدا چۈشەندۈرۈلۈپ، سۆزلەمدە كەلگەن بەزى ئىزاھلار ئېلىۋېتىلدى، بەزى ئىزاھلار ئىخچاملاندى ياكى تولۇقلاندى، يەنە بەزىلىرى قوشۇلدى.
يۇقىرىقى تۈزىتىشلەر ئارقىلىق «دىۋان»نىڭ يېڭى مۇكەممەل نۇسخىسى ئاخىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

3. «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›ئىندېكسى» ھەققىدە

«ئىندېكىس» ئاتالغۇسى ئاۋام كىشىلىرىمىزگە ناتونۇش، ئۇ رۇس تىلى ئارقىلىق لاتىن تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز بولۇپ، لۇغەت مەنىسى: «1. بىرەر نەرسىنىڭ نام، باھا ۋە شەكلەن كۆرسەتكۈچى، رويخېتى. م: چىقىرىلىۋاتقان كىتابلار ئىندېكسى، تاۋارلار ئىندېكىسى؛ 2. ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشلىرىنى پىرسەنتلەر ھېسابىدا ئىپادىلىگۈچى رەقەم كۆرسەتكۈچلىرى. م: ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ئىندېكىسى؛ 3. ‹مات› ئاساسىي بەلگە ئۈستىگە قويۇلىدىغان ھەرپ ياكى سان كۆرسەتكۈچى» («ئۆزبېك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 1-توم، 327- بەت). دېمەك، چۈشەنچىمىز بويىچە، «ئىندېكىس ـــ كۆرسەتكۈچ، مۇندەرىجە» دېگەنلىك بولىدۇ.
«‹دىۋان›ئىندېكىسى» خەلقئارادا نۇرغۇن تىللاردا، جۈملىدىن ئۇنىڭ تۈركچە، نېمىسچە، ئۆزبېكچە، ئىنگلىزچە، ئەزەربەيجانچە نۇسخىلىرى ئاللىقاچان تۈزۈلۈپ، شۇ تىلدىكى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ «دىۋان»دىن پايدىلىنىشتىكى زۆرۈر قوللانمىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئىشلەش «دىۋان» تۇنجى قېتىم نەشردىن چىقىپ 15 يىلدىن كېيىن ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن تېخىچە يۈز كۆرۈشەلمىگەنىدى. مانا ئەمدى بۇ بوشلۇقمۇ تولدۇرۇلدى.
ھازىرغىچە دۇنيادىكى «دىۋان» تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «دىۋان»غا تەخمىنەن 7500 دىن كۆپرەك سۆزلەم (سۆز ۋە سۆز ئىبارىلەر)كىرگۈزۈلگەن دەپ ھېسابلاپ كەلگەن، چۈنكى ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلاردا كۆپ پەرق بولمىسىمۇ، لېكىن سۆزلەملەرنى ئايرىش پرىنسىپى ئوخشىمىغانلىقتىن، ھەرقايسى نۇسخىدىكى سۆزلەم سانىدا ئازدۇر- كۆپتۇر پەرقلەر بولغان. بىز «دىۋان»نىڭ يېڭى، مۇكەممەل نۇسخىسىنى بېكىتىش ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئۈچۈن ئىندېكس ئىشلەش جەريانىدا «دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا جەمئىي 1074 سۆزلەم كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق، بۇ ئاساسلىقى «دىۋان ئىندېكسى»دا سۆزلەمدە كەلگەن سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى ھەرپلەر بىلەن باشلانغان سۆزلەملەرنىڭ ئىستاتىستىكىسى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى.

جەدۋەل: ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›ئىندېكسى»غا
كىرگۈزۈلگەن سۆزلەملەر ئىستاتىستىكىسى

سۆزلەم سانى ئۇيغۇرچە تەڭداش ھەرپلەر باشلانما ھەرپلەر № سۆزلەم سانى ئۇيغۇرچە تەڭداش ھەرپلەر باشلانما
ھەرپلەر №
21 ن n 17 525 ئا a 1
190 ئو o 18 298 ئە ә 2
206 ئۆ ө 19 52 ئە (چېكىتلىك) ә 3
87 پ p 20 600 ب b 4
393 چ q 21 15 د d 5
1 ر r 22 1 ف f 6
724 س s 23 1 غ ƣ 7
1097 ت t 24 15 خ h 8
222 ئۇ u 25 3 ھ h 9
155 ئۈ ü 26 163 ئى (يۇمشاق) i 10
2 ۋ w 27 63 ئى (قاتتىق) ї 11
37 ش x 28 1 ج j 12
911 ي y 29 572 ك k 13
7 ز z 30 936 ق k 14
1 ژ ȥ 31 11 ل l 15
7410 جەمئىي سۆزلەم 100 م m 16

يۇقىرىقى ئىستاتىستىكىدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، «ت، ق، ي، س، ب، ك، ئا» ھەرپلىرىدىن باشلانغان سۆزلەر «دىۋان»دا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن.
ئۇيغۇرچە «ئىندېكس» «دىۋان»دا ئىشلىتىلگەن ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكى «سۆزلۈك» قىسمى، يەنى لۇغەت قىسمى. بۇنىڭدا «دىۋان»نىڭ سۆزلەم قىسمىدا ئۇچرايدىغان ۋە سۆزلەمدە كەلمىسىمۇ، مىساللاردا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم سۆزلەر بېرىلگەن. ئىككىنچى بۆلىكى «قوشۇمچە» قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا «دىۋان»دىكى خاس ئىسىملار (ئادەم ئىسىملىرى؛ قەبىلە، ئۇرۇق، خەلق، مىللەت ئىسىملىرى؛ شەھەر، يۇرت، قەلئە ئىسىملىرى؛ ئۇنۋان، نام- ئاتاقلار؛ تاغ، دەريا، دېڭىز، كۆل ئىسىملىرى؛ يېزا- قىشلاق، يايلاق، داۋان، چۆل ئىسىملىرى) ماقال- تەمسىللەر ۋە ئەدەبىي پارچىلار بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا «ئىندېكس»نىڭ باش قىسمىغا كىرىش سۆز ۋە «ئىندېكس» تۈزۈشتىكى پىرىنسىپلار، ئاخىرىغا تەقلىدىي بەت قوشۇلغان بولۇپ، بىر توملۇق پايدىلىنىش قوللانمىسى ھېسابلىنىدۇ.
«ئىندېكس»نىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، سۆزلەملەر دىۋاندا قوللىنىلغان ھەرپ تەرتىپىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن تىزىلغان بولۇپ، ترانسلىتىراتىسىيەسى، «خاقانىيە يېزىقى» بىلەن خاتىرىلەنگەن ئەسلى يېزىلىشى ۋە ئۇيغۇرچە مەنىسى بېرىلىپ، ئاخىرىغا «دىۋان»دا ئۇچرايدىغان بەت، قۇر نومۇرلىرى («دىۋان»نىڭ يېڭى نەشرىنىڭ بەت، قۇر نومۇرلىرى ھەمدە «دىۋان»نىڭ تۇنجى نەشرىنىڭ توم، بەت، قۇر نومۇرلىرى) قوشۇلغان.
«دىۋان»دا ئۇچرايدىغان مەلۇم بىر سۆزنى (ياكى 10- 11- ئەسىرلەردە قوللىنىلغان مەلۇم بىر سۆزنى) «دىۋان»دىن ئىزدىمەكچى بولساق، «دىۋان»نىڭ ئۈچ تومىنى (ياكى يېڭى نۇسخىسىنى) باشتىن- ئاخىرىغىچە بىرمۇ- بىر ۋاراقلاپ، قۇرمۇ- قۇر ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەم زېھنىي كۈچ، ھەم ۋاقىت كۆپ سەرپ بولىدۇ. ئەمما «ئىندېكس»قا مۇراجىئەت قىلساق، ئۇنچىۋالا كۈچ سەرپ قىلىش ھاجەتسىز. «ئىندېكىس»تىن پايدىلىنىپ، ئۇ سۆزنىڭ يېڭى نەشرىنىڭ قايسى بەت، قايسى قۇرىدا، تۇنجى نەشرىنىڭ قانچىنچى توم، قانچىنچى بەت، قانچىنچى قۇرىدا ئۇچرايدىغانلىقىنى قىينالمايلا تاپالايمىز. ئالايلۇق، «بالق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ۋە قەيەردە ئۇچرايدىغانلىقىنى، مىسالدا قانداق كېلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق، «ئىندېكىس»تىكى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە «ب» ھەرپىنى تېپىپ كۆز يۈگۈرتسەكلا كۇپايە. مەسىلەن:
«balik 1 (بلق) بېلىق. 287-15، 66- 16، 567- 6، 580- 4، 581- 7، 675- 19 ؛Ⅰ. 491- 7، 100- 7 Ⅱ. 331- 11، 335- 11، 337- 13، 511- 8.
balik 2 (بلق) لاي. ئارغۇچە. (قىسمەن) ئوغۇزچە. 287- 23، 194- 16؛Ⅰ. 491- 11، 329- 13؛
balik 3 (بلق) ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا شەھەر، قەلئە. 287- 26؛ Ⅰ. 491- 16.»
مانا بۇنىڭغا قاراپ بىز «دىۋان»دا قانچە خىل « balik(بلق)» بارلىقىنى، بىزگە كېرەكلىك «بلق» يېڭى نۇسخىنىڭ قانچىنچى بەت، قانچىنچى قۇرلىرىدا، كونا نۇسخىنىڭ قانچىنچى توم، قانچىنچى بەت، قانچىنچى قۇرلىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. يۇقىرىقى مىسالدىكى ئالدىنقى رەتتە ئۇچرايدىغىنى (قارا خەت) «دىۋان»نىڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى بەت، قۇر نومۇرىنى، چېكىتلىك پەشتىن كېيىنكىسى (ئاق خەت) «دىۋان»نىڭ تۇنجى نەشرىنىڭ توم، بەت، قۇر نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ (بۇلار ئىندېكستا رەڭلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈلدى، يەنى يېڭى نەشرىنىڭ بەت، قۇر نومۇرلىرى كۆك رەڭدە، تۇنجى نەشرىنىڭ توم، بەت، قۇر نومۇرلىرى قارا رەڭدە بېرىلدى). «دىۋان»نىڭ توم، بەت، قۇر نومۇرلىرىنىڭ دەسلەپتىكىسى شۇ سۆز ئۇچرايدىغان سۆزلەمنىڭ ئورنىنى كۆرسەتسە، كەينىدىكىلىرى شۇ سۆز ئۇچرايدىغان مىساللارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. قۇر نومۇرلىرىنى ساناشتا «دىۋان»نىڭ تۇنجى نەشرى بىلەن يېڭى نەشرىدە سەل پەرق كۆرۈلدى، يەنى تۇنجى نەشرىدىكى قۇر نومۇرى ئەمەلىي خەت بار قۇر نومۇرىنى كۆرسەتتى، يېڭى نەشرى كومپيۇتېر ئارقىلىق سانالغاچقا، چوڭ ماۋزۇنىڭ ئۈستىدىن ئۈچ قۇر، ئاستىدىن ئىككى قۇر، كىچىك ماۋزۇلارنىڭ ئۇستى ۋە ئاستىدىن ئىككى قۇر، شېئىر، ماقال- تەمسىللەرنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدىن بىر قۇردىن بوشلۇق قالدۇرۇلدى. پايدىلانغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەر «ئىندېكس» كىرىش سۆزىدىكى پىرىنسىپلاردىن ھەمدە ئاخىرىدىكى تەقلىدىي بەتتىن بۇنى پەرقلەندۈرۈۋالسا بولىدۇ.
دېمەك، «دىۋان»دا ئۇچرايدىغان سۆزلەم ياكى خاس ئىسىم، ئەدەبىي پارچىلار ياكى ماقال- تەمسىللەر بولسۇن، «ئىندېكس»تا «دىۋان»نىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، قايسىسى لازىم بولسا، «ئىندېكس»تا كۆرسىتىلگەن ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئاسانلا تاپالايمىز.
«ئىندېكس»نىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭدا بېرىلگەن سۆزلەم، ماقال- تەمسىل، ئەدەبىي پارچىلار ۋە خاس ئىسىملارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى (تەرجىمىسى) بېرىلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى سۆزلەرنىڭ ياكى قوشۇمچە قىسىملارنىڭ مەنبەسى ۋە قىسقىچە مەنىسىگە ئېھتىياجلىق بولغانلارنىڭ قايتا «دىۋان»نى ئاختۇرۇشى ھاجەتسىز. چۈنكى «ئىندېكس»تا بېرىلگەن قىسقىچە مەنە ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ ياكى مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «دىۋان»نىڭ قايتا نەشر قىلىنىشى ۋە ئىندېكسنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن «دىۋان»نى تۇنجى قېتىم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن بەزى نۇقسانلار تۈزىتىلدى.
«دىۋان» ۋە «‹دىۋان›ئىندېكسى» تىل، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنى مول بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ستۇدېنتلارنى ئەجدادلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى بۈيۈك مەدەنىيەت تارىخى بىلەن تونۇشۇش، تىلىمىزدا قوللىنىلىۋاتقان ھەر خىل سۆز- ئاتالغۇلارنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى ۋە ئەينى دەۋردىكى قوللىنىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىنسكلوپېدىك قامۇس، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ھەر خىل كەسىپلەرگە ئائىت مەلۇماتلارنى قېزىپ، بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالىدىن ئىبارەت.
بەزى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىگە بېغىشلانغان ئىندېكسى ئۆز ۋاقتىدا نەشر قىلىنالمىدى، ئەمدىلىكتە بازار ئىگىلىكىنىڭ مەنپەئەت شامىلى نەشرىياتلارنىڭ بۇنداق ئىلمىي ئەسەرلەرگە بولغان مايىللىقىنى قوزغىيالماي كېلىۋاتقان شارائىتتا. ئاپتونوم رايون ۋە ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇنى ھەر ئىككى نۇسخىغا ماس كېلىدىغان قىلىپ، يېڭى قىياپەتتە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى ھەقىقەتەنمۇ ھەر بىر ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن زور خۇشاللىق ۋە شەرەپ. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ئالىم- مۇتەخەسسىسلەر، ئىلمىي جەمئىيەتلەر، ئالىي مەكتەپلەر، مەتبۇئات- نەشرىيات ئورۇنلىرى، شۇنداقلا بارلىق ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلار «دىۋان»نىڭ «تېكىست»، «فاكسېمىل ۋە ئىندېكس» بىلەن قاتارلىشىپ يېڭى قىياپەت، زامانىۋى ئۇسلۇبتا نەشر قىلىنغانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن. ئۇنىڭ نەشر قىلىنىشى «دىۋان» تەتقىقاتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، تىل- يېزىق تەتقىقاتىنىڭ يېڭىچە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولغۇسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر